باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 631 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى ۋە ھوقۇق
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 311
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە311دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3731 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 16:39

بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى ۋە ھوقۇق

               
当代中国知识分子与权力
«سۇمۇرغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى»2012-يىل11-سانىدىن


تىرىشچان تەرجىمىسى

جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى بىلەن ھوقۇق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇزاكىرە قىلغاندا،كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى،ئەنئەنىنىڭ يىلتىزى ئىنتايىن چۇڭقۇر ۋە كۈچلۈك. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قوزغىغان شىنخەي ئىنقىلابىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت بولدى،زىيالىيلار بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتىدە تۈپ ماھىيتىدىن ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.
ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا ھازىرقى زىيالىيلارنىمۇ تۈزۈلمە ئىچىدە ۋە تۈزۈلمە سىرتىدادەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلار يەنىلا جۇڭگوزىيالىيلار تۈركۈمىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.بۇ تۈركۈم ئەنئەنە جەھەتتىن كۇڭزى ئېقىمى تەرەپدارلىرى،ئەمما ھازىر نىسبەتەن مۇرەككەپ. بۇيەردە بىرقانچەئۆزگىرىش بار. بىرىنچى چوڭ ئۆزگىرىش—ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلار ئېقىمىدىكى«ئۆلچەم»،«ھەقىقەتچى»مەزھەپلىرى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى.چىن شىخۇاڭنىڭ«كىتاب كۆيدۈرۈپ كۇڭزىچىلارنى بابلاش»ىدىن،ماۋزېدوڭنىڭ «ئوڭچىللىققا قارشى»غىچە نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپمۇ كوڭزىچىلارنىڭ ھەقىقەتكە سادىق بولۇش روھى يوقالمىغان ئىدى.ئەمما،بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى سىرتقى دۇنيانىڭ مىسلىسىز بېسىمى ۋە ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىماقتا.جۇڭگونىڭ زىيالىيلىرى نەچچە مىڭ يىللىق يېزا ئىگىلىك جەمئىيتىدە ئەخلاق-پەزىلەت روھىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنىدى،سودا ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىدە ناھايىتى تېزلا پارچىلاندى.ھەقىقەتكەسادىق توپ يوقىلىپ،تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلارلا ئېشىپ قالدى.ئۇلار ياكى ھوقۇققا بېقىندار ياكى مەنپەئەتكە!
تۈزۈلمە ئىچىدىكى بېقىندى زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالىمۇمۇرەككەپ.ئەنئەنىدە كوڭزىچىلار ئېقىمىلا ئىدى.ھازىر بولسا ئېقىملار بەك تولا.بېقىندى تىپنىڭ كۆپ خىللىشىدا كەم دېگەندىمۇ مۇنداق ئىككى شەرت بار: ئالدى بىلەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتىكى مەنپەئەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى.ھوقۇقدارلار مۇناسىپ ھالداكۆپ خىللاشقان قوللىغۇچىلار ۋە بېقىندارلارغا ئېھتىياجلىق.ئۇنىڭدىن باشقا،ھوقۇق جەھەتتىن ئادەتلەنگەن ئاڭ فورماتسىيسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى چۈشەندۈرىدۇ. كوڭزىچىلىق ئېقىمى ئەنئەنىۋى خانلىق ھوقۇقنىڭ ئاڭ فورماتسىيسى،بۇنەچچە مىڭ يىل ئۆزگەرمەي كەلگەن. ئەمما،بۈگۈنكى ھوقۇقنىڭ ئۇنىڭدەك كۈچلۈك ئاڭ فورماتسىيسى بولمىدى. بۇخىل ئەھۋالدا،ھەرتەرەپتىن كۆپ خىللاشقان بىلىمنىڭ قوللىشىنى ئىزدەيدۇ.نېمىدىن پايدىلانغىلى بولسا شۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.شۇڭا،بېقىندى زىيالىيلار تۈركۈمى ئىچىدە ۋە ئۇنىڭ ئىككىلەمچى تۈركۈملىرى ئىچىدە،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز-ئارا زىددىيەت ھەم تۇقۇنۇش بار.
ھەرقايسى ئىككىلەمچى تۈركۈم ھوقۇققا نېمىگە تاينىپ بېقىنىدۇ ھەم ھىمايە قىلىدۇ؟ ئاددىي ئېيتقاندا،مۇنداق ئىككى خىل: بىرى،غەربتىن كىرگۈزۈلگەن بىلىم.ئىككىنچىسى،جۇڭگو ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق ئاساسىدا ئېرىشكەن بىلىم. كىرگۈزۈلگەن بىلىم—ماركىسىزم ۋە ھەرخىل يېڭى نۇسخىدىكى ماركىسىزم،لېنىنىزىم،ناتسىئونالىزم(مىللەتچىلىك)قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
تۈزۈلمە سىرتىدىكى ھوقۇققا قارشىلار نېمە دەيدۇ؟شۇنى قايتا تەكىتلەش زۆرۈركى،ھوقۇققا قارشىلارنىڭ قارشىلىقىمۇ ھوقۇق ئۈچۈن. مەسىلە شۇ يەردىكى،بۇ تۈركۈم ھوقۇققا
نېمىگەتاينىپ قارشى تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە،بېقىندى تۈركۈمگە ئوخشاشلا، بۇ تۈركۈم ئىچىدىمۇ ئىككى ئىككىلەمچى تۈركۈم بار: بىرى،غەربنىڭ بىلىملىرىگە تاينىپ ھوقۇققاقارشى تۇرىدۇ.جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى ئارقىلىق،ئاساسلىقى كوڭچىزىلىق ئەنئەنىسى بويىچەھازىرقى ھوقۇققا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىككىلەمچى تۈركۈم ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېنىقكى،بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا ھوقۇققاقارشى زىيالىيلارنىڭمۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنچى،يۇقىرىداتەكىتلىگەندەك ھەر ئىككىلىسىلا ھوقۇق ئۈچۈن. بۇ تەرىپى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەبىلەن ئۆكتىچى پارتىيگە ئوخشاپ قالىدۇ.ھوقۇققا قارشى نىشان ئاخىرقى ھېسابتا ھامان بىر كۈنى ئۆزى ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن.ئىككىنچى،قارشى تۇرغۇچىلار ئوخشاشلا شەيئىنىڭ بىلىم سېستىمىسىنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ.ئۇلار دۇنيانى ئىزاھلاشقاقىزىقمايدۇ،ئۇلارنىڭ قىزىقىدىغىنى دۇنيانى ئۆزگەرتىش.بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،ئۇلاربىلىم ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئەمەس،بىلىمگە خوجايىن بولۇشنى كۆزلىگەنلەر،شۇنداقلابىلىمنى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە قوللانغۇچىلاردۇر.ئۈچىنچى،ئادىللىق بىلەن ئېيتقاندا،بېقىندى زىيالىيلارغا ئوخشاشلا، قارشى تۇرغۇچىلارمۇ غايىپەرەسلەردۇر.ئۇلارنىڭ نىشانىمۇ ئۆزلىرىنىڭ غايىسىدىكى دۆلەتنى قۇرۇش. ئەمما،ئۇلارنىڭ بىلىم-تەسەۋۋۇرى ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىققا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى ئاساسىدابولماستىن،بولۇپ ئۆتكەن بىلىم-تەسەۋۋۇرلاردۇر.تۆتىنچىدىن،بېقىندى زىيالىيلارغائوخشاشلا قارشى تۇرغۇچىلار ئىچىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. ئۇلار غەربنىڭ ھەرخىل قىممەت قارىشى،ئېتىكا چۈشەنچىسى بويىچە شەخىسنى،تۈزۈمنى،مەدەنىيەتنى تەنقىدلەيدۇ.ئۇلار «ئۇلۇغ» غەرەزلەر بىلەن رېئاللىقنى سۆكۈشكە قادىركى، دۇنيانى ماھىيتىدىن چىقىپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشقا قابىل ئەمەس!
يۇقىرىقى مۇنازىرە بۈگۈنكى جۇڭگو زىيالىيلىرىغا نېمەدېمەكچى؟
بىرىنچى،رېئال ئېيتقاندا،كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى يەنە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئەنئەنىنىڭ چۇڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇپلا قالماي،يەنە ئۇنىڭ تېخىمۇ چۇڭقورقاتلامدىكى بىرخىل مەدەنىيەتكە ئايلانغانلىقىدىن،شۇنداقلا بېقىندى زىيالىيلارتۈركۈمىنىڭ ۋازكەچكىلى بولمايدىغان مەنپەئەت ئارقا كۆرۈنۈشى بولغانلىقىدىندۇر. بېقىندى زىيالىيلارلا بولىدىكەن،قارشى تۇرغۇچى زىيالىيلارمۇبولىدۇ.ئۇلارئورگانىك بىرگەۋدە.بىرى كەم بولسا بولمايدۇ،مۇشۇنداق بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئىككىنچى،زىيالىيلار مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرلىشىگەمەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك.جۇڭگو مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ چوڭ سىنىقى سودا ئىنقىلابى.ھازىرقىدەك سودا مەدەنىيتى ئالدىدا جۇڭگو مەدەنىيتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كىشىلەرئويلىنىشقا تېگىشلىك چوڭ مەسىلە.مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىيالىيلارمۇ سودامەدەنىيتىنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
ئۈچىنچى،بىلىم ئەسلىدىنمۇ كۈچ ۋە ھوقۇق. كىم يېڭى بىلىمنى بارلىققا كەلتۈرسە شۇنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولىدۇ.
تۆتىنچى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مۇستەقىل بولغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، جۇڭگوجەمئىيتىگە چۇڭقور چۆكەلەيدىغان،ھوقۇق مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ جۇڭگو جەمئىيتىن ىچۈشىنىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ زىيالىيلارغا مۆھتاج.
بەشىنچى،ھەرقانداق بىر زىيالىي ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ چەكسىزلىكىنى،بىلىم سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشتا ھەممىلانورمال ئادەمدە يۇشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىشى زۆرۈر.ناۋادا،تەپەككۇر ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ بۇغۇچلىشىغا ئۇچرىسا،ئۇ ھالدا تەپەككۇرنىڭ چېكىمۇ شۇ بولىدۇ،بىلىم تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ئايرىلىدۇ. جۇڭگو جەمئىيتىنىڭ ئالغابېسىشى مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان زىيالىيلار سېستىمىسىنىڭ بارلىققاكېلىش-كەلمەسلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ سىرتىغا ھالقىش—جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىلىم قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ تۆۋەن شەرت.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-24 23:10قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 311
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە311دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3731 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-03

بەشىنچى،ھەرقانداق بىر زىيالىي ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ چەكسىزلىكىنى،بىلىم سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشتا ھەممىلانورمال ئادەمدە يۇشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىشى زۆرۈر.ناۋادا،تەپەككۇر ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ بۇغۇچلىشىغا ئۇچرىسا،ئۇ ھالدا تەپەككۇرنىڭ چېكىمۇ شۇ بولىدۇ،بىلىم تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ئايرىلىدۇ. جۇڭگو جەمئىيتىنىڭ ئالغابېسىشى مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان زىيالىيلار سېستىمىسىنىڭ بارلىققاكېلىش-كەلمەسلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ سىرتىغا ھالقىش—جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىلىم قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ تۆۋەن شەرت.
ـــــــــــــــــــــــــــــ-
مېغىزى مەشەدىكەن.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 311
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە311دانە
ئۆسۈش: 1440 %
مۇنبەر پۇلى: 3731 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-05-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 15:55

دوستلىشىش
ark-zat618
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6942
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-07
ئاخىرقى: 2012-05-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

مىنىڭ قارشىمچە ھازىرقى جوڭگو ئەمەلدارلىرى بەئەينى غەرىپكە ساياھەتتىكى تۆت راھىبقا ئوخشايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ قان قېنىغا، ھەتتا گىنلىرىغچە سىڭىپ كىرىپ كەتكەن. بۇ تۆت راھبنىڭ ئۇمۇمى خۇسۇسيتىنى روھىدا ، مەنۋىيتىدە ئىپادىليەلىگەن ھەرقانداق بىر جوڭگولۇق ئەمەلدارلىق تاجىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىسگە ئىرىشەلەيدۇ.  ھازىرقى ئەمەلدارلار  تاڭسىڭغا ئوخشاش قولدىن ئىش كەلمەيدىغان، پەقەت ئۇزىدىن بىر دەرىجە يۇقىردىكى باشلىقلارنى سېغىنپلا ئۈتىدغان، جۇباجىغا ئوخشاش پوچى ، يوغان قۇرساق، پارىخور، ياماندىن قورقىدغان ، ياخشنى بوزەك قىلدىغان ،ئۆزىچە ھەممگە قادىر ، لىكىن قولدىن ئىش كەلمەيدىغان، غەيۋەتخور، سۇن ۋۇكۇڭدەك ئەملىنى ھەيۋە قىلىپ ئۆزى ھۈكۈمرانلىق قىلۋاتقان ئۇرۇندىكى يۇرتنى ئەرىشنى مالمان قىلغاندەك مالمان قىلۋىتەلەيدىغان،ئەپسۇسكى يولدا ئۇچىرىغان ئالۋاسىتلارغا تەڭ كىلەلمىگەندەك ئۆزىنىڭمۇ چاغىلىق بىر مايمۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ،يۇقىردىكى باشلىقلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەرخىل كۆز بۇيامچىلىق بىلەن ئۆتەلەيدىغان شۇخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە، شاسىڭدەك پەقەت غوجاملار ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلەشنى بىلدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.