مىنىڭ قارشىمچە ھازىرقى جوڭگو ئەمەلدارلىرى بەئەينى غەرىپكە ساياھەتتىكى تۆت راھىبقا ئوخشايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ قان قېنىغا، ھەتتا گىنلىرىغچە سىڭىپ كىرىپ كەتكەن. بۇ تۆت راھبنىڭ ئۇمۇمى خۇسۇسيتىنى روھىدا ، مەنۋىيتىدە ئىپادىليەلىگەن ھەرقانداق بىر جوڭگولۇق ئەمەلدارلىق تاجىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىسگە ئىرىشەلەيدۇ. ھازىرقى ئەمەلدارلار تاڭسىڭغا ئوخشاش قولدىن ئىش كەلمەيدىغان، پەقەت ئۇزىدىن بىر دەرىجە يۇقىردىكى باشلىقلارنى سېغىنپلا ئۈتىدغان، جۇباجىغا ئوخشاش پوچى ، يوغان قۇرساق، پارىخور، ياماندىن قورقىدغان ، ياخشنى بوزەك قىلدىغان ،ئۆزىچە ھەممگە قادىر ، لىكىن قولدىن ئىش كەلمەيدىغان، غەيۋەتخور، سۇن ۋۇكۇڭدەك ئەملىنى ھەيۋە قىلىپ ئۆزى ھۈكۈمرانلىق قىلۋاتقان ئۇرۇندىكى يۇرتنى ئەرىشنى مالمان قىلغاندەك مالمان قىلۋىتەلەيدىغان،ئەپسۇسكى يولدا ئۇچىرىغان ئالۋاسىتلارغا تەڭ كىلەلمىگەندەك ئۆزىنىڭمۇ چاغىلىق بىر مايمۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ،يۇقىردىكى باشلىقلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەرخىل كۆز بۇيامچىلىق بىلەن ئۆتەلەيدىغان شۇخىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە، شاسىڭدەك پەقەت غوجاملار ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلەشنى بىلدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.