«پەلسەپە دىگەن نىمە؟» دىگەن سۇئالغا ئىخچام چۈشەندۈرۈش مىنىڭچە تۈۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن:
پەلسەپە - تەبىئەت،ئىجتىمائىيەت،روھىيەت،ئىلاھىيەت قاتارلىقلار ھەققىدىكى نەزەريە دەرىجىسىگە كۈتىرىلگەن، بىر قەدەر ئابىستىراكىتلاشتۇرۇلغان،ئومۇمىلاشتۇرۇلغان سىستىمىلىق كۆز قاراش(دۇنيا قاراش)لار دىن ئىبارەت.كونكىرىت مەزمۇنىغا ئاساسەن ھەرخىل تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.مەسلەن ماتىماتكا پەلسەپەسى،فىزىكا پەلسەپەسى،گۈزەللىك پەلسەپەسى(ئىستىتېكا)،تەبىئەت پەلسەپەسى قاتارلىقلار.
ھەر قايسى دىنلارنىڭمۇ ئۈز پەلسەپەسى ۋە پەيلاسۇپلىرى بولىدۇ.مەسىلەن خىرىستىيان پەيلاسۇپلىرى،ئىسلام پەيلا سۇپلىرى دىگەندەك.
پەلسەپەنى دىغا قارشى قويۇش دىننىمۇ ،پەلسەپەنىمۇ چۈشەنمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسى.باشقىچە ئىتقاندا دىنغا قارشى پەلسەپەمۇ،دىننى قوللايدىغان پەلسەپەمۇ بار.قايسىنى تاللاش،قايسى خىل پەلسەپەگە مايىل بولۇش بۇ باشقا ئىش.يىغىپ ئىتقاندا پەلسەپە بىزنىڭ بىلىش ۋە ئىپادىلەش ۋاستىمىلىرىمىزنىڭ بىرى ۋە يەنە بىلىشىمىزنىڭ ئەڭ يۈكسەك نەتىجىسى.ئۇ بىزنىڭ مەۋقەلىرىمىزنى بېۋاستە ئىپادىلەيدۇ.
«پەلسەپە» بەكمۇ چوڭ تېما.بىزنىڭ بارلىق بىلىشلىرىمىزيىغىنچاقلانسا«پەلسەپە»گە يىغىنچاقلىنىدۇ.«ئاللاھ»نى بىلىش ۋە تونۇشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.«ئاللاھ بار» دەيدىغانن پەلسەپە بىلەن«ئاللاھ يوق»دەيدىغان پەلسەپە پۈتكۈل پەلسەپە تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتۇپ كۈچ سىنىشىپ كەلدى. بۇخىل «كۈچ سىنىشىش» تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق.
شۇسى ئېنىقكى،«پەلسەپە ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ،پەلسەپە دىگەن سەپسەتە»دىگۆچىلەر نادان ئادەملەربولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق كۈز قاراشلىرىنىڭ ئۈزى سەپسەتەدۇر!.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-24 15:01قايتا تەھرىرلىدى ]