باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 837 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: پەزرەنتىمگە ئىسىم تاللىشىپ بەرسەڭلار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1515
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 995 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-04
ئاخىرقى: 2012-05-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 15:39

پەزرەنتىمگە ئىسىم تاللىشىپ بەرسەڭلار

پەزرەنتىمگە ئىسىم تاللىشىپ بەرسەڭلار
     ھۆرمەتلىك ئاكا-ئېنىلەر،ھەدە-سېڭىللار،پۈتۈن كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە بارلىق سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى بولغان جانابى ئاللانىڭ شاپائىتى بىلەن دادا بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن.
   پەرزەنتىمگە(تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتىمنىڭ ئوغۇل ياكى قىزلىقى بىرلا ياراتقۇچى ئاللاغا ئايان)ئىسىم تاللاش ئۈچۈن خىلى كۆپ كىتاپلارنى كۆرگەن بولساممۇ،مۇۋاپىقراق ئىسىم تاللىيالمىدىم،شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى مەنىلىك ئىسىملىرى بولسا بەك ياخشى
بولمىسا ئەرەپچە ئىسىم بولسىمۇ ماڭا قالدۇرۇپ قويساڭلار،
ئىسىمنى قالدۇرۇش بىلەن بىرۋاقىتتا مەنىسىنىمۇ ئېزاھلاپ قويغايسىلەر! مىنىڭ ئىسمىم مەمەتئىمىن.
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمامنى تەستىقلاپ قويساڭلار بوپتىكەن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2242
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 183
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە183دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 1107 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-23
ئاخىرقى: 2012-05-05

ۋەلەيكۇم ئەسسالام!ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۈرۈدىغان ئىسىم ئابدۇللاھ.ئابدۇررەھمان
دوستلىشىش
نۇرچىن
ئاللاھ كۇپايە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8284
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 40 %
مۇنبەر پۇلى: 590 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 19:03

  • 2012-03-24
    ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى - [ئىسلام]
    ئوغۇل ئىسىملىرىئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.
    ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ.
    ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.
    ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.
    ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.
    ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
    ئەدھەم : قارا، ئىشكەل.
    ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق.
    ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق.
    ئۇسامە : يولۋاس.
    ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.
    ئەسەد : قەھرىمان.
    ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك.
    ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، اللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ.
    ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق.
    ئەكرەم : مەرد، سېخى.
    ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
    ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول.
    ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس.
    ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى.
    ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.
    ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق.
    ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى
    باسىت : مۇلايم.
    باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن.
    بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى.
    سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان.
    ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى.
    ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، اللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى.
    ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق.
    ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى.
    ھەمزە : يولۋاس.
    ھەيدەر : يولۋاس.
    خالىد : باقىي، مەڭگۈ.
    خەلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر.
    داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ.
    زاكىر : اللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك.
    زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى.
    رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى.
    رۇستەم : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ.
    رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك.
    زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق.
    سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم.
    سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال.
    سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق.
    سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت.
    سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام.
    سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن.
    سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ.
    شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى.
    شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي.
    شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى.
    شەئبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى.
    شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت.
    سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك.
    سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە.
    سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل.
    سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز.
    تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى.
    تالىب : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.
    تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.
    تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس).
    تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت.
    ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى.
    ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق.
    ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى.
    ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى.
    ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى.
    ئابباس : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان.
    ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا.
    ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى.
    ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت،
    ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان.
    ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ.
    ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش.
    ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ.
    ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى
    غازىي غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى.
    غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى.
    فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك.
    فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى.
    فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى.
    فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى.
    قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى.
    كەرەم : سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان.
    كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك.
    كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت.
    مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات.
    مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى.
    مۇختار : تاللانغان.
    مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.
    مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال.
    مەئسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.
    مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى.
    مۇئمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، اللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
    ناسىر : ياردەم بەرگۈچى.
    نايىف : ئىگىز.
    نەزىر : ئوخشىغۇچى.
    نىئمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات.
    نىيازىي : پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ.
    ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى.
    ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ.
    ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى.
    يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
    يۇسۇف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
    يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
    يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
    جامال : گۈزەللىك.
    قىز ئىسىملىرىئەبرار : ساداقەتمەن، كۆيۈمچان،
    ئەمان : ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.
    ئامىنە : خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.
    ئەمىينە : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.
    ئەنۋار : نۇرلار، يورۇقلۇقلار.
    ئەنىيسە : كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت.
    ئىمان : ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ.
    بۇشرا : خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال.
    بىلقىيس : سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.
    گۈلنار : ئانار گۈلى.
    جەمىيلە : چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.
    ھەبىيبە : سۆيۈملۈك.
    ھەفىيزە : مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.
    ھەلىيمە : ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.
    ھەمىيدە : شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.
    ھەنىيفە : ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.
    ھەۋۋا : ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.
    ھۇرىيە : پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.
    خالىدە : مەڭگۈ، دائىم.
    خالىسە : ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.
    خەدىيجە : ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.
    زاكىرە : ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.
    زاكىيە : پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.
    زەكىيە : ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.
    رەشىيدە : ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.
    رەنا : بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.
    زاكىيە : ياخشى ئۆسكۈچى.
    زاھىدە : ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.
    زاھىرە : گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.
    زۆھرە : چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.
    زەكىيە : پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.
    زەھرا : رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.
    زەينەب : كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.
    زىينەت : گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.
    ساجىدە : سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.
    سارا : ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل.
    سالىمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.
    سەداد : توغرىلىق، راستچىللىق.
    سەئدە : بەختلىق، بەرىكەتلىك.
    سەئىدە : بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.
    سالامەت : بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.
    سالام : سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،
    سەلما : ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.
    سەلىيمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.
    سەمرا : بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.
    سەمىيھە : مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.
    سەمىيرە : كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال.
    سۇمەييە : ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(اللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).
    سەييىدە : خانىم، خېنىم، خانزادە.
    سىيما : ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.
    شادىيە : ناخشىچى ئايال.
    شەرىيفە : شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال.
    شەفىيقە : شەپقەتلىك ئايال.
    شەمس : قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
    شەھىدە : اللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال.
    شېرىن : تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.
    سادىقە : راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.
    سالىھە : ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.
    سەبىيھە : گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.
    سەدىيقە : راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.
    سەفىيە : ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.
    تالىبە : ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال.
    تاھىرە : پاك ئايال، پاكىز ئايال.
    تەييىبە : ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن.
    زەرىيفە : ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.
    ئائىشە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.
    ئاتىكە : قىپقىزىل ۋە ئېسىل.
    ئارىفە : ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال.
    ئالىيە : ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب.
    ئىبادەت : تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.
    ئەزىيزە : سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك.
    ئەتىيە : سوۋغا- سالام، ھەدىيە.
    ئەفىيفە : ئىپپەتلىك، پاك.
    ئەلىيە : شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك.
    ئىنايەت : كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.
    فائىزە : غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.
    فائىقە : ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن.
    فاتىمە : بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.
    فىردەۋس : باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.
    فەرىيدە : يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.
    قەمەر : ئاي.
    كۇلسۇم : ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.
    كەۋسەر : تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.
    لامىئە : نۇر چاچقۇچى، داڭلىق.
    لەتىيفە : مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.
    لەيلا : بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى.
    مارىيە : ئاقپىشماق ئايال.
    مەريەم : سۇرىيانىيچىدە ئىگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى.
    مەلىيكە : مۈلۈكدار ئايال.
    مۇنىيرە : نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.
    نائىلە : ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام.
    ناجىيە : قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.
    نادىرە : ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.
    نادىيە : جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.
    نارىمان : پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.
    نەجات : قۇتۇلماق، خالاس تاپماق.
    نەجىيبە : تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.
    نەجىيە : سىر، سىرداش دوست.
    نەرگىس : تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.
    نەزىيھە : ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.
    نەسرىن : ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل.
    نەسىيمە : مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.
    نۇسرەت : غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.
    نەزىيرە : ئوخشىغۇچى.
    نەئىيمە : تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.
    نۇر جاھان : جاھاننىڭ نۇرى.
    ھاجەر : ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى.
    ھادىيە : يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.
    ياسەمىن : خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك.

http://pak-islam.blogbus.com/
دوستلىشىش
ئوۋبۈركۈتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11363
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-18
ئاخىرقى: 2012-05-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 19:10

مىنىڭچە يەھيا دەپ قويۇڭ چۈنكى بۇئىسىمنى ئاللاھ سۇبھانە ۋەتالا ئۆزى تاللاپ بەرگەن ئىسىم  .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9016
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-20
ئاخىرقى: 2012-04-18
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 19:16

مەن يەنىلا تۈركچە ئىسىم قويۇشنى تەشەببۇس قىلىمەن ، شەخسى پىكىر، ئەيىپلىمەڭلا
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-05-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 19:43

ئوغۇل بولسا مۇستاپا قويۇڭ.تاللانغان دېگەن مەنىسى بار.
قىز بولسا شەھىدە ،مۇسلىمە،سەبىرە،قويۇڭ.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2471
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2471دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30391 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-10
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 20:05

ئاللاھ خالىسا ئىككى ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى خالىد ۋە سۇتۇق، ئىككى قىزىمنىڭ ئىسمىنى سۈمەييە ۋە يۇلتۇز قويىمەن. خۇدايىم بەسە جۇمۇ راس...  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1910
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ئۆسۈش: 540 %
مۇنبەر پۇلى: 780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 21:49

ئوغۇل قىز ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى

http://www.sheriq.cn/maqale/Readarticle.asp?M_id=341
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 22:19

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2012-04-18 20:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللاھ خالىسا ئىككى ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى خالىد ۋە سۇتۇق، ئىككى قىزىمنىڭ ئىسمىنى سۈمەييە ۋە يۇلتۇز قويىمەن. خۇدايىم بەسە جۇمۇ راس...  

ماڭا سۈمەييە دىگەن ئىسىم بەك چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىغا بىلال
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دوستلىشىش
ئەلتەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11106
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-12
ئاخىرقى: 2012-05-09
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 00:09

گۈلبەر-    گۈلدەك مەھلىيا قىلغۇچى
ئەلپەر-    باتۇر يىگىت
زۇلخەر-    ياخشىلىقى بىللە
ئەنزەر-    چىرايلىق
ئەنسەر-    ياردەم قىلغۇچى
ئايكەۋسەر-    ئاي+سۈزۈك(جەننەتتىكى بىر كۆل)
دىلاۋەر-    باتۇر
سەرۋەر-    يېتەكچى
زەبىرە-    چىرايلىق
زىبانە-    نازۇك
زىبانۇر-    نازۇك، كېلىشكەن+نۇر
راھىددىن-    دىن يولى
پەرۋىنە-    ئۈكەر يۇلدۇز
پىنارە-    چىراق
ئايچىۋەر-    چىۋەر قىز
سەرۋان-    ئەسكەر
ئەمىنە-    تىچ
راھىنە(رايىنە) رەھىنە-    ھازىرقى
سەبىيخە-    گۈزەل
زەرىيفە-    زېرەك، گۈزەل
زۇلالە-    پاك
شەرىپە-    شەرەپلىك
فىرۇزە-    ئېسىل بىرخىل تاش
ئابىدە-    ئىبادەت قىلغۇچى
ئەسما-    نام –شۆھرەت
ئەززام    ئىرادىلىك
ئەممار-    ئىمانى كۈچلۈك.سالماق،
نىھال-    ھال سورىغۇچى
سەمۇرە-    بەختلىك
فىكرەت-    ئوي
نائىلە-    نائىل بولغۇچى
ئەندەر-    ئەڭ ئەتىۋار
بەرنا+ئاي-    نەۋقىران، گۈزەل
سۇلكەت-    تەكەللۇپ
سەرۋىناز-    سەرۋىى سۈپەت قىز
زىبىرە(زەبىرە)-    چىرايلىق
ئارىفە-    بىلىملىك
سەبۇرە-    سەبرىلىك
نەرگىزە(نەرگىسە)-    ئۆسۈملۈك گۈلى
مەنزۇرە-    يېقىشلىق
نەسىيمە-    مەيىن شامال
ئىكرام-    ھۆرمەتلىك
نەجىبە-    ئۇلۇغ، پاك،ئېسىل
نەجىمە-    يۇلتۇز
دىلشىر-    
ئاينەزەر(نەزەرئاي)-    
ئەلدەر-     ئەل سۆيگۈچى
ھەقنەزەر-    ئاللانىڭ نەزىردىكى كىشى
نەسىيبە-    نىسىپ بولغۇچى
مۇھسىنە-    ياخشىلىق قىلغۇچى
سەكىنە-    ئستىقامەت قىلغۇچى
دىلناز-    كۆڭلى نازۇك
سەرىخە-    ۋاپادار
زىلالە-    سۈزۈك
زۇلپىنۇر-    چاچلىق
زۇلقەر-    باتۇر
لەزىزە-    شىرىن
سەرۋىنە-    كېلىشكەن ،سەۋرىچان
ئەپرۇزە-    كۆڭۈلگە ئوت ياققۇچى
زۇلپەر-    خۇشاللانغۇچى
مۇختەبەر-    پىشقان
ئىلتەبەر-    چېچىلغان خەلقنى توپلىغۇچى
نازىمە-    رەتلىگۈچى
مۇنزىرە-    ئاگاھلاندۇرغۇچى
تەھسىنئاي-    ماختاشقا لايىق ئايال
نىھات-    
فاتىھ (فاتىخ)-    غەلبە قىلغۇچى
شەھىدۇللا-    ئاللاغا ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى
پەرىقە-    نەسەبى ئۈستۈن
مەنۋەر-    نۇر چاچقۇچى
رۇفىنە-    

بۇ  مەن بىر ھەپتە ئىزدىنىپ تەييارلىغان يېڭى ئىسىملار.