پەزرەنتىمگە ئىسىم تاللىشىپ بەرسەڭلار
ھۆرمەتلىك ئاكا-ئېنىلەر،ھەدە-سېڭىللار،پۈتۈن كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە بارلىق سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى بولغان جانابى ئاللانىڭ شاپائىتى بىلەن دادا بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن.
پەرزەنتىمگە(تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان پەرزەنتىمنىڭ ئوغۇل ياكى قىزلىقى بىرلا ياراتقۇچى ئاللاغا ئايان)ئىسىم تاللاش ئۈچۈن خىلى كۆپ كىتاپلارنى كۆرگەن بولساممۇ،مۇۋاپىقراق ئىسىم تاللىيالمىدىم،شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى مەنىلىك ئىسىملىرى بولسا بەك ياخشى
بولمىسا ئەرەپچە ئىسىم بولسىمۇ ماڭا قالدۇرۇپ قويساڭلار،
ئىسىمنى قالدۇرۇش بىلەن بىرۋاقىتتا مەنىسىنىمۇ ئېزاھلاپ قويغايسىلەر! مىنىڭ ئىسمىم مەمەتئىمىن.
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمامنى تەستىقلاپ قويساڭلار بوپتىكەن!