ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم
جاپا تارتىپ ئۆتەركەن ئادەم،
قىلىشپ ھەم ئۆزئارا ياردەم،
باشقىلارغا قەستىنى ئويلىما،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
بىر ياخشلىق مەڭگۈ تۈگىمەس،
يامانلىققا لەنەت تۈگىمەس.
بىراۋلارغا ئورا كولىما،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
پۇل دۇنياسىز ئۆتمەيدۇ ھىچكىم،
ئازدىن كۆپرەك بولىدۇ بەلكىم.
ئەيىش - ئىشرەت قىلما پۇل چىچىپ،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
ئەخلاق دىگەن ئادەم زىننىتى،
ئادەم شۇندىن تاپار ھۆرمىتى.
ئادەمگە خاس ئىززەتلىك ياشا،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
ئۆزەڭ ئەمەس،باشقىلارنى سۆي،
خەلقىڭنى سۆي،ئەل- ۋەتەننى سۆي.
ھۆرمەت تاپقىن خەلقىڭ قەلبىدە،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
ئالەم ساڭا كەڭرى جاھاندۇر،
ئۇ بىر ساڭا ئىللىق ماكاندۇر.
گۈللەت ئۇنى تارتىساڭ جاپامۇ،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم .
توغرا دەيسىەن ئازىدۇ ئادەم.
ئىزىش ساڭا سىناق ۋە ياردەم.
ياشا سەن بىر ئادەمدەك مەغرۇر،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
ئاپتۇرى :ئەرەفات خەمىت (مېلودىيە)
-2007يىلى 6-ئاي