查看完整版本: [-- ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم-مېلودىيە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم-مېلودىيە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

melodeya 2010-06-04 21:56
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم
جاپا تارتىپ ئۆتەركەن ئادەم،

قىلىشپ ھەم ئۆزئارا ياردەم،

باشقىلارغا قەستىنى ئويلىما،

ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.

 

بىر ياخشلىق مەڭگۈ تۈگىمەس،
يامانلىققا لەنەت تۈگىمەس.
بىراۋلارغا ئورا كولىما،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
 

پۇل دۇنياسىز ئۆتمەيدۇ ھىچكىم،

ئازدىن كۆپرەك بولىدۇ بەلكىم.

ئەيىش - ئىشرەت قىلما پۇل چىچىپ،

ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.

 

ئەخلاق دىگەن ئادەم زىننىتى،
ئادەم شۇندىن تاپار ھۆرمىتى.
ئادەمگە خاس ئىززەتلىك ياشا،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.
 

ئۆزەڭ ئەمەس،باشقىلارنى سۆي،

خەلقىڭنى سۆي،ئەل- ۋەتەننى سۆي.

ھۆرمەت تاپقىن خەلقىڭ قەلبىدە،

ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.

 

ئالەم ساڭا كەڭرى جاھاندۇر،
ئۇ بىر ساڭا ئىللىق ماكاندۇر.
گۈللەت ئۇنى تارتىساڭ جاپامۇ،
ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم .
 

توغرا دەيسىەن ئازىدۇ ئادەم.

ئىزىش ساڭا سىناق ۋە ياردەم.

ياشا سەن بىر ئادەمدەك مەغرۇر،

ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم.

 

ئاپتۇرى :ئەرەفات خەمىت (مېلودىيە)
 -2007يىلى 6-ئاي
 


tvnlirikisi 2010-06-04 22:08
ياخشى يېزىپسىز! نادىر تېمىللىرىڭىز  دائىم ئۈزۈلمىگەي!

melodeya 2010-06-14 01:08
بولىدۇ @!!


查看完整版本: [-- ئازدۇرسىمۇ سىنى بۇ ئالەم-مېلودىيە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.122254 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us