تەئەججۇپ ئىچىدە ئويلىغانلىرىم
مەن غەرىپنىڭ نىمە ئۈچۈن تەبىئەت پەنلىرىدە ئىلگىرلەپ كەتكىنىنى ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىمە ئۈچۈن كىيىن قالغانلىغىنىڭ بەزى سەۋەپلىرىنى چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن.ۋاتىكان ياكى ئالى دىنى ئورگانلار ئەڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئۈز دىنى ئەقىدىلىرىگە ئاسېلىق قىلمىسىلا ياكى ئۈز ئىلاھلىرىنى ھاقارەتلىمىسىلا پەننى زىيالىلىرىنىڭ كونكىرىت ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان.ئەركىن تەپەككۆر قىلىشىغا يول قويغان.ئۇلار ھىچبولمىغاندا ئىلاھىيەت ئىلمى بىلەن تەبىئەت ئىلمىنىڭ پەرىقلىرىنى تونۇپ يىتەلىگەن.مەخسۇس ھوقۇق بىرىلگەن ئۇرۇنلارلا بىر ئادەمنىڭ ئېتىقادى ئۈستىدە ھۆكۆم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.
بىزدىچۇ،بىزدە يىتەرلىك دىنى بىلىم ۋە ئىقتىدار ھازىرلىماي تۇرۇپ،ئازىراق بىرنەرسە بىلىۋالغانلارمۇ ھەرقانداق ساھە ،ھەرقانداق بىر زىيالى ئۈستىدىن ھۆكۆم چىقىرىشقا ئالدىرايدۇ.ئاللاھقا شىرىك كەلتۆرۆشنىڭ ئەڭ ئىغىر گۇناھلىغىنى سۈزلەپ تۇرۇپ ،ئۈزىگە قاراڭغۇ بۇلغان ساھەلەرگىمۇ قول تىقىپ شىرىكلىك گۇناھىنى ئۈزلىرىگە ئارتىۋىلىشقانلىغىنى ھىس قىلىشالمايدۇ.بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە ئۆزى ئىتىقات قىلىۋاتقان دىننىڭ ئولۇق روھىنى ئىگەللىمىگەن بۇلىدۇ.
بىر مىللەتتىن ئۆزى ئىتىقات قىلىۋاتقان دىننىڭ ماھىيىتى،تۆپ پىرىنسىپلىرى چوڭقۇر ھىكمىتىنى چۈشىنىدىغان دىنى ئەرباپلار تۇلىمۇ ئاز چىقىدۇ.بۇنداق تۇلىمۇ ئاز ئەرباپلار ئۆزىگە قاراڭغۇ تەرەپلەرگە يولۇققاندا ھەرگىز ئالدىراپ پەتىۋا چىقارمايدۇ،باھا بەرمەيدۇ.ئۇلار قانچە كامالەتكە يەتكەنسىرى ئۈزلىرىنىڭ بىلىمىنىڭ شۈىچە يىتەرسىز ئىكەنلىگىنى بىلەلەيدىغان مۇنەۋۋەر زاتلاردۇر.ئۇلار گەپنى ئاز،لىكىن ئۇرۇنلۇق قىلىدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ نوپۇزى،قايىل قىلىش كۈچى بولىدۇ.ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئۈگۈت-نەسىھەت قىلغاندا گۇيا ژىڭنە ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئازاپلىنىدۇ.سەۋەبى ئۇلار،كۆپ سۈزلەپ قۇيۇپ ،خاتا سۈزلەپ قۇيۇپ مۇشرىك بولۇپ كىتىشتىن شۇنچىكى قورقىدۇ. ئۇلار ئادەملەر ئارىسىدىكى چاكنا شان-شۈھرەتكە شۈنچە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىلاھى ئالدىدىدىكى سەھۋە-خاتالاردىن شۆنچە قورقىدىغان كىشىلەردۇر.شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ناھايتى ئاز خاتالىشىدۇ.بىزدە مانا مۇشۇنداق ئەرباپلار كۆپەيگەن ۋە ئەتىۋالانغان بولسا تەبىئى پەن زىيالىلىرى بىلەن دىنى زىيالىلار ئۇتتۇرىسىدىكى ئارىلىق يوقالغان،ئىلىم-پەندە تەرەققى قىلغان بۇلار ئىدۇق.
ئەپسۇس،بىزدە ئۇنداق زاتلار يوق دىيەرلىك شۇنداقلا قەدىرسىز.
بىلەرمەنلىك،ئىختىلاپ،مەنپەئەت،شۈھرەتپەرەسلىك بىزنى كاردىن چىقارماقتا .
دىنى ساھەدە بىلىمىڭىز يىتەرلىك بولمىسا ئالدىراپ ۋەز نەسىھەت قىلماڭ. دىننىڭ ئادەتتىكى بىر دۈشمىنىمۇ سزنى ئۇڭايلا مات قىلىپ قۇيۇدۇ. سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىز سىز ئىتىقات قىلىۋاتقان دىنغا ھەرگىز شەرەپ ئىلىپ كەلمەيدۇ.سىز شۈھرەتپەرەسلىك ياكى ئاللىقانداقتۇر بىر مۇۋاپىق بولمىغان،ئىلمى بولمىغان غەرەز لىك ياكى غەرەزسىز قىلمىشلىرىڭىز ،گەپلىرىڭىز تۈپەيلى بىلىپ -بىلمەي ئۈزدىنىڭىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۆكلەشتۈرۈپ قويماڭ.دىن دۈشمەنلىرى سىزدىن دەل شۇنى كۈتىدۇ.دىنى مەسىلىلەردىكى ئەڭ ياخشى تاللاش كۆپ ئۈگۈنۈپ،ئازگەپ قىلىشتۇر.
پەننى مەسىلىلەرنىڭ خارەكتىرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.پەندە خاتالىققا يول قۇيۇدۇ.قايتا تەجىرىبەقىلىش،قايتا بايان قىلىش،بۇرۇنقىسىدىن ۋازكىچىپ يىڭىسىنى قوبۇل قىلىش ،گۇمانلىنىش قاتارلىقلار پەننىڭ تەتقىقات ۋە تەپەككۆر ئۇسۇلىدۇر.ھالبۇكى بىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغۇچى دىنى ئىتىقات مەسىلىلىرىدە ھەرگىز بۇنداق قىلسا بولمايدۇ.
بىز نىمە ئۈچۈن پەننى زىيالىلار ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن تەپەككۆر ئىقتىدارى بىلەن يىڭى نەرسىلەرنى بايقاۋاتىدۇ،ياساۋاتىدۇ،نەزەرىيە ۋە پەلسەپەلەرنى ئۇتتۇرىغا قۇيۇۋاتىدۇ دىيەلمەيمىز.ئاللاھ بۇ بەندىلىرىگە بىر نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ھوقۇقىنى مەلۆم چەك ئىچىدە بەرگەچكە بۇرۇن قىلغان،ھازىر قىلىۋاتقان،كىلەچەكتە قىلىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدۇرۋە ئاللاھنىڭ مۈلچەرلىگۈسىز ئىقتىدارلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر جىلۋىسىدۇر دىيەلمەيمىز؟.بىز نىمە ئۈچۈن ماشىنىغا چۈشكەندە،ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغاندا ،زامانىۋى ئائىلە بۇيۇملىرى،تۇرمۇش ۋاستىلىرىدىن بەھىرمەن بولغاندا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دىگۆدەكلا غەيرى ئىسلامى ئالىملار كەشىپ قىلغانلىغىنى ئۇيلاپ نۇمۇس قىلمايمىز؟.ئىسلامىيەت بىزنى تەپەككۆر نامراتلىغىغا ۋە دىۋانىلىققا دالالەت قىلمىغان بولغىيتى؟!.
دىمەكچى بولغۇنۇم،كۆپ ئۆگىنەيلى ئازگەپ قىلايلى ،ھەممەيلەن قازى بولىۋالمايلى،ئاللاھ ئادەمنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغاندا ئۈزىنىڭ ئادىل ۋەرەھمانلىغى ۋەجىدىن ئادەمگە بەرگەن ھۇقۇق ۋە ئىقتىدارلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى،ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن ھوقۇق ۋە ئىقتىدارلاردىن بىر-بىرىمىزنى مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئالدىراپ كەتمەيلى.قۇرۇق شۇئارنى ئاز توۋلاپ ئەمىلى ئەمەللەرنى كۆپ قىلايلى،ئادەم ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا مۈجىزىسىدۇر.ئادەمنىڭ قولىدىن كەلگەن ھەر بىر ئىزگۆ ئىش تىگى -تەكتىدىن ئالغاندا ئاللاھقا مەنسۈپتۇر!.
سەھۋە - خاتالىقلىرىمنى ئاللاھ كەچۈرگەي.
ــــــــــ قاسىم سىدىق
2012.3.31
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-04-23 22:36قايتا تەھرىرلىدى ]