باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1849 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 2/3     Go
تېما: قاسىم سىدىق:«نۆلىنجى ئېلمىنېت»تىن تۇغۇلغان ئويلار
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6610 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-06-30
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 13:10

ياراتقۇچىمىزنى تونۇش ئۇچۇن  قارۇغلارچە تونىغاندىن  مۇشۇنداق  تەتقىقات ئارقىلىق تونىسا  ئالامەت  شەكسىز  تونىيالايدۇ . ئاللاھ  ھەممىمزگە  ئاللاھنى ھەقىقى تونىدىغان چۇشەنچە ۋە ئىلىم بەرگەي
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
ئۆسۈش: 1490 %
مۇنبەر پۇلى: 7302 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-09-07
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 13:58

قاسىمجان ئاۋال ئايەتكە قارايلى:


مانا بۇ قۇرئاندىكى بىر قىسىم كۈچ قۇۋۋەتكە ئائىت ئايەتلەردۇر.
ئاتوم يادروسىدىكى  پېتروننىڭ يەتتە قات ئاسمىنى بارلىقىنى يېقىندىلا بىلدۇق. نېتروندىنلا تۇزۇلگەن يۇلتۇزلارنىمۇ يېقىندىلا بىلدۇق.


داۋامىنى سەل تۇرۇپ يازاي
[ بۇ يازمىنىnewruz 2012-03-30 14:11قايتا تەھرىرلىدى ]
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 14:08

مانا بۇ قۇرئاندىكى بىر قىسىم كۈچ قۇۋۋەتكە ئائىت ئايەتلەردۇر.
ئاتوم يادروسىدىكى  پېتروننىڭ يەتتە قات ئاسمىنى بارلىقىنى يېقىندىلا بىلدۇق. نېتروندىنلا تۇزۇلگەن يۇلتۇزلارنىمۇ يېقىندىلا بىلدۇق.
ــــــــــــــــــــــــ
رەھمەت،يىقىندىلا بىلگىنىمىز،تىخى بىلمىگەنلىرىمىزنىڭ كۆپلىگى،ئاللا خالىسا يەنە يىڭىدىن يىڭىلىرىنى بىلىدىغانلىغىمىز ماڭىمۇ ئايان.بۇ نۇقتىدا پىكرىمىز ئورتاقتەك تۇرىدۇ.
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
ئۆسۈش: 1490 %
مۇنبەر پۇلى: 7302 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-09-07
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 19:31

قاسىمجان ئاۋال ئايەتكە قارايلى:

ئايەتتە؛

 بەزى ئادەملەر ﷲ تىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ﷲ قا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ﷲ نى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ﷲ نى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ﷲ قا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ﷲ نىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا ﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى) [165]. [2 - سۈرە بەقەر ]

 قۇرئاندىكى كۈچ _قۇۋۋەتكە ئائىت  ئايەتلەردىن مەلۇمكى كۇچ _ قۇۋۋەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاسلىقى قانداقتۇر مەلۇم بىر نەزىريەگە خاس بولماسلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتى. ئىنسانلار نەزىرىيە دەپ ئوتتۇرىغا قويغان باتىل ھۆكۈملەرنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ مات بولىۋاتقانلىقى بىزگە تولىمۇ يىتەرلىك.

ئاتوم يادروسىدىكى  پېتروننىڭ يەتتە قات ئاسمىنى بارلىقىنى يېقىندىلا بىلدۇق. نېتروندىنلا تۇزۇلگەن يۇلتۇزلارنىمۇ يېقىندىلا بىلدۇق.

ئايەتتە؛ «سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ﷲ ئاسماننى ياراتتى [27]. [79 - سۈرە نازىئات]» ئاسمان بىلەن ئىنسان مۇھىتىنىڭ يارىتىلىشىدا پەرق بولغانلىقىنىڭ دەلىلى!

ئايەتتە؛

ﷲ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى [31]. پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى [32]. ﷲ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ﷲ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى [33]. ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى [34]. [2 - سۈرە بەقەر]

ئېيتىلغاندەك بىزگە ئاللاھ ھەممىنى بىلدۇرۇپ كەلدى. بىلدۇرگەننىلا بىلىمىز. مانا بۇ ئىقرار بىزنىڭ كافىردىن(جاھىل، تۈزكۆردىن) پەرقىمىز.

جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم [56]. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن [57]. ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر [58]. [51 - سۈرە زارىيات]

مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ﷲ دۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن [14]. [20 - سۈرە تاھا]

تەۋھىد ئىنساننى ئىبادەت ئۈچۈنلا ياراتقىنىنى بىلىشتۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ھېكمەتلىك(ياخشى بىلەن ياماننى پەرقىنى دەلىللەش) ئۇسۇلدا تەۋھىدنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن تەبلىخ قىلىشتۇر.

ئىسلام ___ ئەمىلىيەتتۇركى نەزىرىيە ئەمەس. تەقۋادارلىق تەرجىمانلىق ئەمەس ئەستايىدىللىق، تىرىشىش.

-تاغسۈيى نەدىن كەلدى؟

-قارلىق تاغدىن!

-قارلىق تاغ نەدىن كەلدى؟

-قار ياققان بۇلۇتتىن!

-بۇلۇت نەدىن كەلدى؟

- دېڭىزدىن!

-دېڭىز نەدىن كەلدى؟

-قۇرۇقلىقتىكى دەريالاردىن!

-دەريالار نەدىن كەلدى؟

-قارلىق تاغدىن.

مانا مۇشۇنداق تەۋھىدسىزلىكتىن كەلگەن تېتىقسىز ئوزۇقلۇق زەنجىرى ۋە سۇ ئايلانما ئىسخىمىسى بىزنى كولتۇرلىتىدىغان باتىل ئۇقۇم ئىدى ناسارائىزم دېگەن دەل مۇشۇ شۇ.

ئاللاھتائاللاھ قۇرئاندا ؛

ﷲ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئەمدى ﷲ قا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ﷲ نىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر [22]. [2-سۈرە بەقەر]

دىيىش بىلەن بارلىق زەنجىرسىمان مەنبەلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ پەقەتلا ئاللاھلىقىنى ئاشكارلاپ. سۈرە ئىخلاستا قۇلھۈۋەللاھۇ ئەھەت. [ئاللاھلا بىر مەنبە(بىر تەگ)] دەپ بارلىق مەنبەلەر ۋە ئوزۇقلۇق زەنجىرلىرىنىڭ پەقەت بىر ئاللاھنىڭ تىزگىنلەيدىغىنىنى يازىدۇ. ئايەتەلكۇرسى ئايىتىدە؛

بىر ﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ ﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (ﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر [255]. [2-سۈرە بەقەرە]

مانا بۇ بارلىق سىرلارنى ئاچىدىغان سۆزدۇر.  كىشىلەرگە ئەررەخمان سۈپىتى بىلەن  تەقدىر قىلىپ كۆيۈنگەچكە بىرىمىزگە موللىلىق، بىرىمىزگە پۇل-دۇنيا، ھوقۇق، تەرجىمانلىق، قارىلىق، بىلىم بېرىدۇ. شۇنىسى ھىدايەتنى پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن تەقۋادار بەندىلىرىگىلا بېرىدۇ.

ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى[41 - سۈرە فۇسسىلەت]

ﷲ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، ﷲ نىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ﷲ نىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ﷲ نىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر [12]. [65 - سۈرە تەلاق]

 ﷲ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ﷲ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن [3]. ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ [4]. (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق[67 - سۈرە مۇلك]

بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق [16]. ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق [17]. لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ) [18]. يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق [19]. يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز) [20]. قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز [21]. بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر [22]. بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز [23]. بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز [24]. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ﷲ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر [25]. [15 - سۈرە ھىجر]

 

مانا ئايەتلەردىن ئايانكى دۇنيادا نۇرغۇن ئالىم ئوتتى كۆرگەنلىرىنى قانۇن دەپ ئاتاشتى. لېكىن ئىنسان قانۇن دەپ ئېيتقانلىرى ئەسىر سۈرىسىدە «زامان بىلەن قەسەمكى» دىيىلگەندەك ئوخشىمىغان ۋاقنىڭ ئوخشىمىغان قانۇنى بولۇپ ئىلگىرى چوقۇم شۇنداق دىيىلگەن تىئورمىلالارنى مات قىلىپ پەقەت قىيامەتكىچە ئاللانىڭ ھەقىقىتىنى يەنى زېمىننى خالىغىنىچە تەسەرۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇردى. ئەنە شۇ ئالىملارغا بېرىلگەن ئىلىمنى ئالغان ئالىملارنىڭ بەزىلىرى غەيىپنى داۋا قىلىپ، بەزىلىرى قانۇنىيەتلەرنى مۇتلەقلەشتۇرۋېتىپ، بەزىلىرى ئىجاتچى، ئالىم سانىلىش بىلەن تەقۋادار بولالمىدى. بولسا قېرىندىشىم قاسىمجان ئەپەندى بايا جۈمە بولۇپ قېلىپ يازمامنى تولۇق يازالماي قالدىم. ئاللاھ بەرگەن ئىلىمنى بىلەن ھېكمەتلىك ئۇسلۇپتا ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى بايان قىلىڭ ناسارا ئالىملاردەك بايقۇغۇچى ئەمەس ئىتائەت قىلغۇچى ۋە تەۋھىدتە تۇرۇپ بىلگىنىڭىزنى ئاللاھنىڭ ھەممىنىڭ بىرلا مەنبەدىن تىزگىنلىنىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ رەبلىك ئوبرازىنى مەدھىيلەڭ. ھەممە (ناسارامۇ، مۇشرىكمۇ يەھۇدىيمۇ ئاللاھنى مەدھىيلەيدۇ، بار دەيدۇ. شۇنىسى تەۋھىدى ۋە تەقۋادارلىقىدا ئېغىر مەسىلە بار.) بىزمۇ قانۇن تىئورمىلارنى ئىسپاتلاشقا ۋە ئوتتۇرغا قويغان تېئورمىڭىزنى مەدھىيلەشكە ئەمەس تەقۋالىققا ۋە تەۋھىدكە ئالدىراپ ياراتقۇچىنىڭ سىزگە بىلدۇرگىنىگە ئەستايىدىل پىكىر يۇرگۇزۇپ باققايسىز. قېنى ئاخىرىدا توۋبە قىل دىيىلگەن بۇ نەسر ئايىتىگە قاراڭ.

 

110 ـ سۈرە نەسر مەدىنىدە نازىل بولغان، 3 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

 ﷲ نىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ﷲ نىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ - توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە [1ـ2]، رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ﷲ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر [3].

 

 

توۋەندە پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ئايەتلەر رەتلەپ تىزىلدى. ئاللاھقا ئامانەت!

 

كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقىلا مەنسۇپلىقى ئېيتىلغان ئايەتلەر:

بەزى ئادەملەر ﷲ تىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ﷲ قا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ﷲ نى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ﷲ نى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ﷲ قا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ﷲ نىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (دۇنيادا ﷲ قا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىگە ھەددىدىن زىيادە پۇشايمان قىلاتتى) [165]. [2 - سۈرە بەقەر ]

 

 (ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ - قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال - مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر [69]. [9 - سۈرە تەۋبە ]

 

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ (ساڭا سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن دېگەن) سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەت ﷲ قا مەنسۈپ (ﷲ ساڭا مەدەتكاردۇر). ﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [65]. راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ﷲ نىڭدۇر (يەنى ﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ﷲ نى قويۇپ، بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ [66]. ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ﷲ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار [67]. [10 - سۈرە يۇنۇس ]

ئاد بولسا زېمىندا (ﷲ نىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ - قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ﷲ نىڭ كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى [15]. [55 - سۈرە رەھمان ]

 

ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سىلەر(ﷲ تىن غەيرىيگە چوقۇنۇش بىلەن) پەقەت (ﷲ قا) يالغاننى توقۇغۇچىلارسىلەر» [50]. «ئى قەۋمىم!مەن تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر سورىمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت مېنى ياراتقان ﷲ ئۈستىگە ئالغان، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» [51]. «ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ - قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار» [52]. ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد!سەن بىزگە (ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىڭنى كۆرسىتىدىغان) ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە سېنىڭ(پەيغەمبەرلىكىڭگە) ئىشەنمەيمىز [53]. بىز پەقەت سېنى بەزى ئىلاھلىرىمىز ساراڭ قىلىپ قويۇپتۇ دەيمىز» ھۇد ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ﷲ نى گۇۋاھ قىلىمەن، سىلەرمۇ گۇۋاھ بولۇڭلاركى ، مەن سىلەرنىڭ ﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن، ھەممىڭلار ماڭا سۇيىقەست قىلىڭلار، ماڭا مۆھلەت بەرمەڭلار [54 - 55]. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ﷲ قا مەن تەۋەككۈل قىلدىم، ﷲ نىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ مەخلۇق يوقتۇر؛ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇر (يەنى ئادىل بولۇپ، ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ) [56]. ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار(يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ﷲ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر» [57]. بىزنىڭ (ئازابلاش) بۇيرۇقىمىز كەلگەندە، ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى مەرھەمەت قىلىپ قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى قاتتىق ئازابتىن خالاس قىلدۇق [58]. ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جېدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى [59]. ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت قىلىندى، قىيامەت كۈنىمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاد قەۋمى ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى ، ھۇد قەۋمى بولغان ئاد ھالاك بولسۇن [60]. [11 - سۈرە ھۇد ]

«پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن [80]. «ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۈفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن [81]. بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ) [82]. ئىنسانغا(تۈرلۈك نېمەتلەرنى) بەرسەك (پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (چوڭچىلىق قىلىپ) پەرۋەردىگارىدىن يىراقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، (ﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ [83]. [17 - سۈرە بەنى ئىسرائىل (ئىسرا)  ]

بىز (مىسىر) زېمىنىدا بوزەك قىلىنغانلارغا مەرھەمەت قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز، ئۇلارنى يولباشچىلاردىن قىلىشنى، ئۇلارنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ (مۈلكىگە) ۋارىس قىلىشنى ئىرادە قىلىمىز [5]. ئۇلارنى مىسىر زېمىنىد اكۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى مىسىرغا ھۆكۈمران قىلىشنى) كۆرسىتىمىز [6]. [28 - سۈرە قەسەس ]

ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئۇلار (يەنى ئىلگىرىكىلەر) ئېرىشكەن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىگەن، ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟ [45] [34 - سۈرە سەبەئ]

ئاد بولسا زېمىندا (ﷲ نىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ - قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ﷲ نىڭ كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى [15].[41 - سۈرە فۇسسىلەت ]

«پەرۋەردىگارىمىز ﷲ دۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر [13]. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر [14]. بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ [15]. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يامان ئىشلىرىنى كەچۈرۈم قىلىمىز، ئۇلار (ﷲ يامان ئىشلىرىنى كەچۈرگەنلەر بىلەن) جەننەتتە بولىدۇ، (بۇ) ئۇلارغا قىلىنغان راست ۋەدىدۇر [16]. [46 - سۈرە ئەھقاف ]

(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ [32] ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر (ﷲ نىڭ قازاسىدىن قېچىپ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر (لېكىن سىلەرگە مۇنداق قۇۋۋەت قەيەردىن كەلسۇن) [33]. [55 - سۈرە رەھمان]

بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ - قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ﷲ ﷲ نى كۆرمەي تۇرۇپ (قوراللارنى ئىشلىتىپ) ﷲ قا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش (مەلۇم قىلىش) ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى)، ﷲ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر [25].[ 57 - سۈرە ھەدىد]

 

ئاسمان –زېمىن يارىتىلىشىدىكى ئايەت

ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ [15] ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى: [16] «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى [17]. ئۇنىڭغا: (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى خالامسەن [18]. سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن - دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن» [19]. مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى [20]. پىرئەۋن (ﷲ نىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (ﷲ نىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى [21]. ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى [22]. (ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ [23] دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن» [24]. ﷲ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى [25]. شەك - شۈبھىسىزكى، ﷲ تىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ [26]. سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ﷲ ئاسماننى ياراتتى [27]. ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم - كۈتىسىز قىلدى [28]. ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى [29]. شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى [30]. زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى [31]. تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى [32]. ﷲ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى) [33]. قىيامەت كەلگەندە [34]، (شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى - يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ [35]. قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ [36]. كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن [37]، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن [38]، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ [39]. پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك [40]، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ [41]. ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ [42]. سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟ [43] ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر [44]. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر [45]. ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ) [46]. [79 - سۈرە نازىئات]

 

يارىتىلىشىمىزدىنلا ئاللاھ ھەممىنى بىزگە بىلدۇرۇپ كەلگەندۇر.

 

ﷲ نى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنىي ئىدىڭلار)، كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ﷲ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ﷲ نىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر [28]. ﷲ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر (نىڭ پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ﷲ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر [29]. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز» دېدى. ﷲ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى [30]. ﷲ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى [31]. پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى [32]. ﷲ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ﷲ: «مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى [33]. ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى [34]. [2 - سۈرە بەقەر]

ئىبادەتنىڭ مەقسىدى

مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا! [11] مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى بولغان تۇۋادا سەن [12]. مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن [13]. مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ﷲ دۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن [14]. قىيامەتنىڭ بولۇشى ھەقىقەتتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى) مەخپىي تۇتتۇم [15]. قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەستىق قىلىشتىن) توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن (چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇش، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ [16]. [20 - سۈرە تاھا]

 

ئېيتقىنكى: «ﷲ قا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ﷲ قا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار» [54]. ﷲ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر [55]. ﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار [56]. كاپىرلارنى زېمىنىدا ﷲ نىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! [57]. [24 - سۈرە نۇر]

 

ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى [52]. ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر - بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر [53]. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن [54]. ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ۋەز - نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق [55]. جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم [56]. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن [57]. ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر [58]. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن [59]. كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي! [60]. [51 - سۈرە زارىيات]

ئاسماننى يارىتىش

ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار [21]. ﷲ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا (يەنى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىقىدا بىناغا ئوخشاش) قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئەمدى ﷲ قا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ﷲ نىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر [22]. بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) ﷲ تىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار [23]. ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار [24]. [2-سۈرە بەقەر]

 

بىر ﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ ﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (ﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان - زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر [255]. [2-سۈرە بەقەرە]

 

ئاسماننى يارىتىش

(سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ﷲ نى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن [9]. ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم - زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر) [10]. ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى [11]. ﷲ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ﷲ نىڭ تەقدىرىدۇر [12]. ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن [13].  [41 - سۈرە فۇسسىلەت]

ﷲ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، ﷲ نىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ﷲ نىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ﷲ نىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر [12]. [65 - سۈرە تەلاق]

ﷲ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ﷲ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن [3]. ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ [4]. (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئورۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان شولا بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق [5]. [67 - سۈرە مۇلك]

 
[ بۇ يازمىنىnewruz 2012-03-30 19:43قايتا تەھرىرلىدى ]
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 19:57

قۇرئاندىكى كۈچ _قۇۋۋەتكە ئائىت  ئايەتلەردىن مەلۇمكى كۇچ _ قۇۋۋەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاسلىقى قانداقتۇر مەلۇم بىر نەزىريەگە خاس بولماسلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتى. ئىنسانلار نەزىرىيە دەپ ئوتتۇرىغا قويغان باتىل ھۆكۈملەرنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ مات بولىۋاتقانلىقى بىزگە تولىمۇ يىتەرلىك.

ـــــــــــــــــــــــــ-
سىزگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت.
فىزىكىدىكى«كۆچ»ئۇقۇمى فىزىكىغا خاس ئۇقۇم.ئۇ سىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان «كۆچ»بىلەن بىرمەنىدىكى گەپ ئەمەس.ئەگەر بىر مەنىدە دەپ چۈشىنىۋالساق ئېغىر مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.مىنىڭچە پەننى ئۇقۇملار بىلەن دىنى ئۇقۇملارنىڭ پەرقىنى ئېنىق بىلىۋىلىش كىرەك.بۇ ئۇقۇملارنى قارا-قۇيۇق ئارىلاشتۇرىۋەتسەك قەتئى بولمايدۇ.ئاددى بىرمىسال :فىزىكىدا كۆچنىڭ بىرلگى،چامىسى بولىدۇ.چەكسىز كۆچ مەۋجۇت ئەمەس.ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ بىرلىكلەرنى غەرىپلىكلەر،خىرىستىيان دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان ئالىملار تۇرغۇزۇپ چىققان. شۇڭا بىز فىزىكىلىق كۆچ ئۇلچىمى بىلەن ئىلاھى كۆچنى ئۆلچىمەكچى بولساق «ئىلاھنىڭ كۆچى چەكلىك»دىگەن گۇناھقا پاتىمىز.ئەكسىچە بولغاندا ئىلاھى كۆچ ئۆلچىمى بىلەن بىلەن فىزىكىلىق رىياللىقلارنى ئۆلچىسەك فىزىكىنى ۋەيران قىلىمىز ۋە يەنە پۆتۇنلەي خاتاغا پاتىمىز......

يوللىغان ئايەتلەرئۆچۆن سىزگە يەنە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت.پەنگە ئالاقىدار ئايەتلەردىن مۆمكىن بولسا يەنىمۇ كۆپلەپ يوللاپ تۇرارسىز.
 
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-03-31 01:09قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 22:31

مىنىڭ سۇرايدىغان بىرقانچە سۇئالىم بار:
1.ئسلام ئالىملىرى فىزىكا دەرىسلىكلىرىنى قانداق يىزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟.ھازىر ئىسلام ئەللىرىدە ئۇتۇلىۋاتقان فىزىكا دەرىسلىكلىرىنىڭ خالىغان قىسىملىرىدىن بىر- ئىككى بەت ئۇرنەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلار بارمۇ؟.
2.ھازىرتەبىئى پەنگە ئائىت ئىلمى ماقالىلەر قانداق باشلىنىشى كىرەك.بىر بەت ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلار بارمۇ؟.
3.ئىلاھى كىتاپ بىلەن كونكىرىت تەبىئى پەن كىتاپلىرىنىڭ پەرقى قەيەردە؟.
ھازىرچە مۇشۇ ئۆچ سۇئالنى سۇراپ تۇراي.
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 23:10

مانا ئايەتلەردىن ئايانكى دۇنيادا نۇرغۇن ئالىم ئوتتى كۆرگەنلىرىنى قانۇن دەپ ئاتاشتى. لېكىن ئىنسان قانۇن دەپ ئېيتقانلىرى ئەسىر سۈرىسىدە «زامان بىلەن قەسەمكى» دىيىلگەندەك ئوخشىمىغان ۋاقنىڭ ئوخشىمىغان قانۇنى بولۇپ ئىلگىرى چوقۇم شۇنداق دىيىلگەن تىئورمىلالارنى مات قىلىپ پەقەت قىيامەتكىچە ئاللانىڭ ھەقىقىتىنى يەنى زېمىننى خالىغىنىچە تەسەرۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇردى.

...................
ئاللاھ بەرگەن ئىلىمنى بىلەن ھېكمەتلىك ئۇسلۇپتا ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى بايان قىلىڭ ناسارا ئالىملاردەك بايقۇغۇچى ئەمەس
ــــــــــــــــــــــــــــ
«قانۇن» دىگەن مۇشۇ ئۇقۇممۇ نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ،سىز بۇئىلاھى قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارھاجەتسىز،تىئورما،ئاكسىيومىلار ھاجەتسىز ،ئىجادى تەپەككۆر ھاجەتسىز،مۇسۇلمانچىلىق پەقەت ۋە پەقەت ئىبادەت قىلىش دىمەيدىغانسىز؟.

مۇسۇلمانلار بايقىغۇچى بولسا گۇناھ بۇلامدۇ؟.بۇ ھەقتە قايسى كىتاپنىڭ قايسى بىتىدە قانداق بايانلار بار؟.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-03-31 01:08قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 325
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە325دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3585 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-07-13
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 23:22

 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ق.سىدىق نىڭ 2012-03-30 02:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىم ئۇستاز تۈت پىراتوننىڭ ھىشقانداق كۈشنىڭ تەسىرىسىزلا بىريەرگە كېلىپ قېلىشى.ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىغىنى بىلدىرمىدىما.؟
ـــــــــــــــــــــــــــــ
ۋە ئەلەيكۆم ئەسسالام!
ئىتىقاتلىق ئادەم تۇت پىرۇتۇن بىر يەرگە كەلمىسىمۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى باردەپ قاراۋىرىدۇ.

رەھمەت قاسىم ئۇستاز .كۉڭىلدىكىدەك جاۋاپ بىرىپسىز،
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
ئۆسۈش: 1490 %
مۇنبەر پۇلى: 7302 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-09-07
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 04:28

…………………………………..

قۇرئاندىكى كۈچ _قۇۋۋەتكە ئائىت  ئايەتلەردىن مەلۇمكى كۇچ _ قۇۋۋەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا خاسلىقى قانداقتۇر مەلۇم بىر نەزىريەگە خاس بولماسلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتى. ئىنسانلار نەزىرىيە دەپ ئوتتۇرىغا قويغان باتىل ھۆكۈملەرنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ مات بولىۋاتقانلىقى بىزگە تولىمۇ يىتەرلىك.

 

ـــــــــــــــــــــــــ-

سىزگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت.

فىزىكىدىكى«كۆچ»ئۇقۇمى فىزىكىغا خاس ئۇقۇم.ئۇ سىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان «كۆچ»بىلەن بىرمەنىدىكى گەپ ئەمەس.ئەگەر بىر مەنىدە دەپ چۈشىنىۋالساق ئېغىر مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.مىنىڭچە پەننى ئۇقۇملار بىلەن دىنى ئۇقۇملارنىڭ پەرقىنى ئېنىق بىلىۋىلىش كىرەك.بۇ ئۇقۇملارنى قارا-قۇيۇق ئارىلاشتۇرىۋەتسەك قەتئى بولمايدۇ.ئاددى بىرمىسال :فىزىكىدا كۆچنىڭ بىرلگى،چامىسى بولىدۇ.چەكسىز كۆچ مەۋجۇت ئەمەس.ئۇنىڭ ئۆستىگە بۇ بىرلىكلەرنى غەرىپلىكلەر،خىرىستىيان دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان ئالىملار تۇرغۇزۇپ چىققان. شۇڭا بىز فىزىكىلىق كۆچ ئۇلچىمى بىلەن ئىلاھى كۆچنى ئۆلچىمەكچى بولساق «ئىلاھنىڭ كۆچى چەكلىك»دىگەن گۇناھقا پاتىمىز.ئەكسىچە بولغاندا ئىلاھى كۆچ ئۆلچىمى بىلەن بىلەن فىزىكىلىق رىياللىقلارنى ئۆلچىسەك فىزىكىنى ۋەيران قىلىمىز ۋە يەنە پۆتۇنلەي خاتاغا پاتىمىز......

 

يوللىغان ئايەتلەرئۆچۆن سىزگە يەنە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت.پەنگە ئالاقىدار ئايەتلەردىن مۆمكىن بولسا يەنىمۇ كۆپلەپ يوللاپ تۇرارسىز.

         

فىزىكىدىكى«كۆچ»ئۇقۇمى فىزىكىغا خاس ئۇقۇم.ئۇ سىز كۆزدە تۇتۇۋاتقان «كۆچ»بىلەن بىرمەنىدىكى گەپ ئەمەس.

قېرىندىشىم قاسىمجان ئاللاھ باشقا فىزىكا باشقا دىسەك قاملاشماس. ئىسلام بىلىملىرى (文化) ، ئىسلام ياشامى(文明) 1000 يىل دۇنياغا خوجا بولغاندا ئالىملىرىمىز پەننى ئۇقۇم بىلەن دىننىي ئۇقۇمنى ئايرىۋەتمىگەن. پەن بىلەن دىننى، ھاكىمىيەت بىلەن دىن دەپ ئايرىش مۇسۇلمانلاردا سۇلتانلىق، خەلىپىلىكنىڭ يىمىرلىشى ناسارالاردا رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ يىمىرلىشى بىلەنلە ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك بولغان ئىدى. يېقىنقى زامان پاكىستانلىق مۇسۇلمان فىزىكا ئالىمى ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ ئايرىۋەتمىگەن. ھەممە ئالىم ئۆز ئېتىقادى دائىرىسىدە ئاللاھ ئاتا قىلغان نىمەتلەرنى شۈكرە يۇزىسىدىن خەلق ئالەمگە ئېلان قىلىدۇ. تېخى بۇگۇنگىچە ھىچبىركىم فىزىكىلىق كۈچ ۋە ئىلاھىي كۈچ دەپ كۈچنىمۇ بۆلمىگەن بولسا كېرەك. ئاللاھ بىلدۇرگەندىن باشقىنى بىلىشكە قادىر بولالمايمىز.

سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان - زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ﷲ نىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر [61]. [10-سۈرە يۇنۇس]

 راستلا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ﷲ نىڭدۇر (يەنى ﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، بەندىسىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ﷲ نى قويۇپ، بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەقەت يوقىلاڭ پەرەزگىلا تايىنىدۇ، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ [66]. ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ﷲ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار [67]. [10-سۈرە يۇنۇس]

ھىچكىمنىڭ ئىلاھىي كۈچ ۋە فىزىكىلىق كۈچنى ئايرىشقا بولىدۇ دەپ پەتىۋامۇ بەرمىگەن. بارلىق كۈچ ئاللاھقىلا مەنسۇپتۇر.

1.      ئېغىرلىقنى مىسالغا ئالايلى ئېغىرلىق ماكاننىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ. نىمە ئۈچۈن ئېغىرلىق مۇقۇم تۇرالمايدۇ؟ ئېغىرلىقتا خاتالىق بارمۇ ياكى ماكاندا خاتالىق بارمۇ؟ ئاللاھ دۇنيانى خالىغانچە تەسەۋۇپ قىلىدۇ.

2.      دادىمىزنى ئىللىق پۇرايمىز. ھەممە ئادەم ئۆز دادىسىنى ئىللىق پۇرايدۇ. نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ دادىسىنى ئىللىق پۇرىيالمايمىز؟ باشقىلار ئۆزىنىڭ دادىسىنىلا ئىللىق پۇراپ مېنىڭ دادامنى ئىللىق پۇرىيالمايدۇ؟ بىر مىللەتمۇ بىر مىللەتكە غەلىتە پۇرايدىغۇ؟ بۇرنىمىزدا چاتاق بارمۇ ياكى باشقا بۇرۇنلاردا چاتاق بارمۇ؟ يوقىرى قويۇقلۇقتىن تۆۋەن قويۇقلۇققا، ھاۋا زىچ جايدىن ھاۋا شالاڭ جايغا يۆتكىلىدۇ دەيدىغان پەرەزگە تايانساق. نىمىشقا ھەممە ئادەمگە ئۆزىنىڭ دادىسىلا ئىللىق پۇرايدۇ. ئاللاھ ئاتىنى بالىغا بالىنى ئاتىغا مانا مۇشۇنداق پۇرىتىدۇ. بۇنى فىزىكىلىق خىمىيەلىك دەلىل بىلەن ئاللاھنىڭ ھەر دەقىقە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئوبرازىنى ئىككى نەرسە دەپ قارايدۇ؟!

3.      ناندا كىراخمال بولغاچقا تاتلىق دىسە ۋە بىزدە توت تەمنى(ئاچچىق، تاتلىق، قىرتاق، چۈچىمەل) تېتىيدىغان ھۆجەيرىلەر بار شۇڭا ناننى تاتتىق تېتىيالايمىز دەپ ھۆكۈم قىلساق بۇنۇڭدىن گۇمانلىنىدىغان ئادەم بولمايدۇ. ياق ئىشلار ئۇنداق ئەمەس. ئايالىمىزدىن يوشۇرۇنچە پۇل خەچلەپ ئويگە كەلسەك ھەچەپ نان ئاچ قالغان ۋاقتىمىزدەك پۇراقلىق ۋە تاتلىق ھۆزۈرى بولماي تۇزلۇق، بەتتام تېتىيدىكىنا!

4.      تاتلىق دېڭىز بىلەن تۇزلۇق دېڭىز نىمىشقا بىر پەردە بىلەنلا ئايرىلىپ قوشۇلۇپ كەتمىدى. قېنى بىزمۇ بىر ئىستاكاندا مۇشۇنداق قىلالامدۇق؟ ئاتمۇسفىرا نىمە ئۈچۈن يەتتە قەۋەت؟  ئىنسانمۇ زەرىچىدىن تۇزۇلگەن ھاۋامۇ، سۇمۇ زەرىچىلەردىن تۇزۇلگەن. نىمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى بولىدۇ؟ قېنى ئاللاھنى كۈچىنى دەلىل قىلماي چۈشەندۇرۇپ باقالامسىز؟ ئاللاھنىڭ كۈچى جىسىمنىڭ كۈچى دەيدىغان ھادىسە ئىككى كۈچ سانالسا ھەممە كۈچ قۇۋۋەت ئاللاھقا مەنسۇپ دەيدىغان ئايەت ئىنكار بولۇپ كەتمەمدۇ.

«ئىلاھنىڭ كۆچى چەكلىك»دىگەن گۇناھقا پاتىمىز. 

ئىلاھى كۆچ ئۆلچىمى بىلەن بىلەن فىزىكىلىق رىياللىقلارنى ئۆلچىسەك فىزىكىنى ۋەيران قىلىمىز ۋە يەنە پۆتۇنلەي خاتاغا پاتىمىز......

مانا بۇ ناساراچە پىكىر قىلىش دىيىلىدۇ. ئىسلام ئۇستىدە بولغان ئىنسان ئىلاھىي كۈچ ۋە فىزىلىكىلىق كۈچ دەپ ئايرىمايدۇ.  ئاللاھتىن قورۇقمىغاننى بىز ئىسلام ئالىمى سانىمايمىز. ئاللاھتىن قورۇقمىغان باينىمۇ باي سانىمايمىز. ئەرەبچە بىلىپ ئاللاھتىن قورقۇپ تەقۋالىق قىلمىسا يەنىلا تەرجىمان سانايمىز. بۇ خۇددى نۇردىن تېز سۇرئەت يوق دىسە نەچچە ۋاقتىن كېيىن ئاللاھ بۇ نەزىرىيەنى مات قىلغىنىدەك بىر ئىش. ئىنسان زىيىنىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.  

 

ئى ئىنسانلار! سىلەر اﷲ قا موھتاجسىلەر، اﷲ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر [15].[سۈرە فاتىر]

شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر [28].[سۈرە فاتىر]

 

ھەممە مەخلۇقات ئولچەم بىلەن يارىتىلغان، ئولچەمنى ئاللاھ بىكىتىدۇ ۋە ئاللاھ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. قۇرئان بويىچە ھۆكۈم قىلىش مۇسۇلمانلىقنىڭ شەرتى.

اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ھەممە نەرسە ئۆلچەملىكتۇر [8]. [سۈرە رەئد]

 

مىنىڭ سۇرايدىغان بىرقانچە سۇئالىم بار:

1.ئسلام ئالىملىرى فىزىكا دەرىسلىكلىرىنى قانداق يىزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟.ھازىر ئىسلام ئەللىرىدە ئۇتۇلىۋاتقان فىزىكا دەرىسلىكلىرىنىڭ خالىغان قىسىملىرىدىن بىر- ئىككى بەت ئۇرنەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلار بارمۇ؟.

2.ھازىرتەبىئى پەنگە ئائىت ئىلمى ماقالىلەر قانداق باشلىنىشى كىرەك.بىر بەت ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلار بارمۇ؟.

3.ئىلاھى كىتاپ بىلەن كونكىرىت تەبىئى پەن كىتاپلىرىنىڭ پەرقى قەيەردە؟.

ھازىرچە مۇشۇ ئۆچ سۇئالنى سۇراپ تۇراي.

 

ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ھەممە سىغىدۇ. ئىسلامنىڭ مىڭ يىلى ئىلىم-پەن يۇكسەك تەرەققىي قىلغان دەۋردە بولۇپ دۇنيادىكى ھەتتاكى قەدىمقى يۇنان ۋە مىسىر مەدىنيەت قول يازمىلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ئاللاھ كۈنلەرنى شۇنداق ئادىللىق بىلەن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. تىرىشىش(جىھات) ئىسلام ئۈممىتىگە پەرز قىلىنغان . بىرىنجى ۋە ئىكىنجى سۇئالىڭىزغا تىرىشىڭ دەيدىغان سۆزدىن باشقىنى ئېيتالمايمەن.

سىز دەۋاتقان تەبئىي پەن ئاللاھنىڭ كىتاۋىنىڭ تەپسىرىدۇر. ھەرگىزمۇ ئىككىسى ئىككى نەرسە ئەمەس.

 

مانا ئايەتلەردىن ئايانكى دۇنيادا نۇرغۇن ئالىم ئوتتى كۆرگەنلىرىنى قانۇن دەپ ئاتاشتى. لېكىن ئىنسان قانۇن دەپ ئېيتقانلىرى ئەسىر سۈرىسىدە «زامان بىلەن قەسەمكى» دىيىلگەندەك ئوخشىمىغان ۋاقنىڭ ئوخشىمىغان قانۇنى بولۇپ ئىلگىرى چوقۇم شۇنداق دىيىلگەن تىئورمىلالارنى مات قىلىپ پەقەت قىيامەتكىچە ئاللانىڭ ھەقىقىتىنى يەنى زېمىننى خالىغىنىچە تەسەرۇپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ تۇردى.

 

...................

ئاللاھ بەرگەن ئىلىمنى بىلەن ھېكمەتلىك ئۇسلۇپتا ئاللاھنىڭ تەۋھىدىنى بايان قىلىڭ ناسارا ئالىملاردەك بايقۇغۇچى ئەمەس

«قانۇن» دىگەن مۇشۇ ئۇقۇممۇ نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ،سىز بۇئىلاھى قانۇنلاردىن باشقا قانۇنلارھاجەتسىز،تىئورما،ئاكسىيومىلار ھاجەتسىز ،ئىجادى تەپەككۆر ھاجەتسىز،مۇسۇلمانچىلىق پەقەت ۋە پەقەت ئىبادەت قىلىش دىمەيدىغانسىز؟.

 

ئىنسان ۋە جىننى ئىبادەت ئۈچۈنلا ياراتتى. ئاللاھنىڭ شۇ دەۋردىكى بىلدۇرگىنلىرىنى شۈكرى ئېيتىش يۇزىسىدىن بايقىغىنىمىزنى ئېلان قىلىمىز. ناسارا ئالىملىرىدەك مۇتلەقلەشتۇرىۋەتمەيمىز. ئىلىم-پەن، ئىلاھىي پەن دەپ ئايرىۋالمايمىز. غەيپنى دەۋا قىلمايمىز. ئاللاھ ياراتقان تەبىئەتتىن ھۆزۈرلىنىپ ياشايمىز.

ئاللاھنىلا سېغىنىپ ياشايمىز، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى ئۇستىدە پىكىر يۇرگىزىمىز، ئاللاھتىن ياردەم سورايمىز. نۇرغۇن تەجرىبە ۋە سىناقلاردىن ئاللاھنىڭ بىزگە بىلدۇرگەن ھەقىقەتلىرىنى ئېلان قىلىمىز. بىر ئادەمنىڭ بىلىملىك بولىشى ھىدايەتكە ئېرىشكەنلىكىنىڭ دەلىلى بولالمايدۇ. ئىجاد قىلىش دەيدىغان نەرسە يوق. ياغاچچى، تۆمۈرچىدەك ئاللاھ بىلدۇرگەن فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك بايقاشلارغا تايىنىپ بار مەخلۇقاتتىن پايدىلىنىپ قوراللار ياسايمىز. تۇرمىشىمىنى بېيىتىمىز. ئىبادەتسىز بولساق ئەلۋەتتە ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى مېنىڭكى ئەقلىم، ئاللاھ بەرگەن نەتىجىنى مېنىڭ ئىجادىيىتىم دەپ ئاتايدىغان تۇزكۆرلاردىن بولۇپ قالىمىز.

مۇسۇلمانلار بايقىغۇچى بولسا گۇناھ بۇلامدۇ؟.بۇ ھەقتە قايسى كىتاپنىڭ قايسى بىتىدە قانداق بايانلار بار؟.

مۇسۇلمانمەن دەيدىغان كىشى ئەڭ كاتتا بايقىغۇچى بولۇپ ئۆز ساھاسىدە(كەسپىدە، ئىزدىنىشىدە، ئۆگىنىشىدە) نادىر سانىلىدۇ. ناسارادەك بايقۇغۇچى بولسا كافىر سانىلىدۇ. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى قانداقدۇر ئىسلامنىڭ خاتالىقى بولماستىن تەۋھىدسىزلىكنىڭ ئالامىتىدىندۇر.  مانا ئايەتلەرگە قاراڭ بۇ ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر مېنىڭ سۆزۈم ئەمەس؛

جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم [56]. ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن [57]. ﷲ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ﷲ نىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر [58]. [51 - سۈرە زارىيات]

مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ﷲ دۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن [14]. [20 - سۈرە تاھا]

ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار [21]. [2-سۈرە بەقەر]

«پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن [80]. [28-سۈرە ئىسرا]

ئاللاھنى سېغىنىپ تاماق يىگۇچى بىلەن ئاللاھنى ئۇنتۇپ غىزالانغۇچى ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتى ئۇستىدە پىكىر يۇرگۇزگۇچى ئالىم بىلەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرگەن ئالىم ئوخشامدۇ؟ ئەرەپچە بىلىدىغان پۇلخۇمار داموللا بىلەن تەقۋادار ئەرەپچە بىلىدىغان داموللا ئوخشامدۇ؟ ئىككى نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئالىمدىن بىرى شۈكرى ئېيتسا بىرى ئىنسانغا شۈكرى ئېيتسا بۇ ئىككىسى ئوخشامدۇ. ئەنە ئاللاھدىن مەدەت تىلىگۇچى بىلەن ئەقلىگە مۇراجات قىلغۇچى ئوخشامدۇ.
يولنى ئۆزىڭىز تاللاڭ! ئىسلام چەكلىمەيدۇ؟ قىيامەتتە ئەخلاقىمىز ئېغىر توختايدۇ. ئەخلاقسىز ئالىملىقىمىز ھىچنىمىگە يارىمايدۇ. شۇڭا ئىسلامىي گۇزەل ئەخلاق بىلەن ياشاپ ئالىم بولسىڭىزمۇ، ئىزدەنسىڭىز راسەتلىككە ئېرىشىسىز! شۇ! ئۆزىڭىز بىلىڭ! ئاسان، راھەت، بىر يول بار. قىيىن، مەغرۇرلۇق يولى بار! ئۆزىڭىز تاللاڭ!

ئاللاھقا ئامانەت! توغرىسىنى بىلگۇچى ئاللاھتۇر!
[ بۇ يازمىنىnewruz 2012-03-31 04:40قايتا تەھرىرلىدى ]
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 481
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6034 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-08
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 10:55

سىزدىن بىر مەسىلىنى سۇراي،سىز ھازىرقى كۆندە بىر فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى بولۇپ دەرسكە كىرىپ «كۆچ»ھەققىدە دەرىس ئۇتتىڭىز دەيلى،سىز قانداق ئۆتىسىز؟.«كۆچ»نى قانداق چۈشەندۇرىسىز؟.

«ئىجاد قىلىش دەيدىغان نەرسە يوق»دەپ يىزىپسىز،قارىغاندا ئىجادى تەپەككۆر دىگەنمۇ يوق دەيدىغان ئوخشىمامسىز؟.
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-03-31 11:10قايتا تەھرىرلىدى ]