باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1433 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: ئىسلام بىلەن دىنسىز پەلسەپىنىڭ پەرقى
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 10:10

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.  بىز دېيەلەيمىزكى، «ياۋرۇپادا قانچىلىك تەرەققىيات بولسا، ئۇلار ئىسلامغا شۇنچىلىك قەرزداردۇر»    تۈركچە بىلسىڭىز بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ: 
 http://www.izafet.com/soru-cevap-bolumu/612035-islam-uygarliginin-dunya-uygarligina-katkilari-nelerdir.html

   بۇنىڭدىن بىر نەمۇنىسىنىڭ قىسقا تەرجىمىسى: ئەبۇ  يۇسۇف ياقۇب ئىسھاق ئەلكىندى مىلادى 800-يىللىرىدا ياشىغان بولۇپ، ئېينىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزرىيىسىنى ئىپتىدائىيراق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن ئىكەن: «زامان جىسىمنىڭ بارلىق دەۋرىدۇر. زامان ئارقىلىق بىلگىلى ۋە ئۆلچىگىلى بولىدىغان سۈرەت ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. زامان، ماكان، ھەرىكەت بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ئەمەس، خۇددى ئاسمانغا ئۆرلىگەن كىشىگە جىسىملەر كىچىك كۆرۈنۈپ، چۈشكەنسىرى چوڭ كۆرۈنگىنىدەك.» ...


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-
تەشەككۈر،بۇ ئۈچۈر بەك مۇھىمكەن.(مەن تۆرىكچە بىلمەيمەن.)شەرىقنىڭ تەبىئى پەن ئىدىيىلىرىنىڭ تارىخى مەلۆم ساھەلەردە غەرىپنىڭكىدىمۇ قەدىمى ئىكەنلىگىدە گەپ يۇق.ھالبۇكى،ھازىرقى زامان زىيالىلىرى بۇ نۇقتىغا سەل قارىدى ۋە چوڭقۇر ئىزدەنمىدى.بۇنىڭ سەۋەپلىرىمۇ ئەلۋەتتە ئاز ئەمەس.تىل ۋە مائارىپ سەۋەپلەر ئىچىدىكى ئىككى سەۋەپ بولسا كىرەك.
ئەمدى يۇقۇرقى بايانلار بىلەن شەكىل نەزەريىسىنىڭ مەۋقەسىىدىكى كىچىككىنەپەرىق«زامان سۇبىكتىپ كاتىگۇرىيە،ئۇ،دەۋرى ھەركەت كەلتۆرۆپ چىقارغان خاتا سەزگۇ ۋە نەتىجە،ھەركەتلا ئەڭ چىن،ۋاقىت پەقەت ھەركەتنى تەسۋىرلەشنىڭ سۇبىكتىپ قورالى»دىگەن نۇقتىدا ئىپادىلىندۇ.كىراك كالىندىر ئېينىشتىيېن  1915-يىلىلا زاماننىڭ ئوبىكتىلىغىدىدىن ۋاز كەچكەن دىگەن پىكىرىنى ئىلگىرى سۆرۆدۇ.زاماننىڭ ئوبىكتىپلىغى ياكى سۇبىكتىپلىغى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كىلىۋاتىدۇ.يىقىندىن بۇيان مەيلى چەتئەل ياكى جۇڭگۇدا بولسۇن زامان سۇبىكتىپ دەپ قارىغۇچىلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.مۇشۇنداق كۆزقاراش بىلەن ئىسلامىيەت زادىلا كىلىشەلمەمدۇ ياكى مۇۋاپىق شەرىتلەر ئاستىدا كىلىشتۈرگىلى بولامدۇ؟.ئەگەر پەن« زامان سوبىكتىپ»دىگەن بۇ نۇقتىنى ئۆزۆل-كىسىل تاللىسا دىن ئۇنىڭغا ۋە مۇشۇنداق ئىدىيىگەئىگە زىيالىلارغا قانداق پۇزىتسىيە تۇتىدۇ؟ياكى قانداق پۇزىتسىيە تۆتىشى مۇمكىن؟..
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-03-30 10:16قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 1690 %
مۇنبەر پۇلى: 3267 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-09-10
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 11:34

10-قەۋەت (ق.سىدىق) نىڭ يازمىسىغا

رەسىم:
   زامان ئۇقۇمى، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان تەقدىر مەسىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.  كۆچىنچە كىشىلەر ئاللاھمۇ  زاماننىڭ ئىچىدە دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىپ، تەقدىر مەسىلىسىنى چۈشىنەلمەي قىينىلىدۇ. زاماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىدە ھەرخىل قاراشلار بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ خالىق-مەخلۇق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىغاندىن كېيىن بەزى خاتالىقلاردىن خالىي بولالامىز دەپ قارايمەن. يەنى، فىزىكا ئىلمىدىكى ۋەياكى ھەرقانداق بىر تەبئىي پەندىكى بىز بىلگەن قانۇنىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مەخلۇقات دائىرىسىنىڭ مۇشۇ ئالەمگە خاستۇر. بۇ قانۇنىيەتلەر بارلىق ئالەملەرگە ئورتاق ئەمەس. بۇنىڭ بىر مىسالى زەررىلەر ئالىمىدىكى قانۇنىيەت بۇ ماكرو ئالەمدىكىگە ئوخشىمايدۇ. يەنى زىررىلەر ھەرىكىتىگە نىيوتۇننىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرى ماس كەلمىگەندەك. ۋاقىتمۇ شۇنداق. يەنى ۋاقىت ماددىي ئالەملەردىكى بىر قانۇندۇر.  بۇنى پۈتۈن بارلىقلارغا ئورتاقلاشتۇرۇش خاتالىق. بۇنى، يەنى تار دائىرىدىكى قانۇنىيەتنى ئۇمۇمغا تەدبىقلاشنى تەبىئەت پەنلىرىدىكى ئەجەللىك بىر خاتالىق دېيىشكە بولىدۇ. «شەكىل نەزىرىيىسى»مۇ (مېنىڭ چۈشىنىشىمدە) «جىمى بارلىقلار ۋاقىتنىڭ ئىچىدە» دەپ قارايدىكەن.    ئىسلامدا مەخلۇقاتلارنىڭمۇ ھېچ ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بىر نوتىنىڭ بارلىقى قۇبۇل قىلىنىدۇ. يەنى، روھلار ئالىمىدە ۋاقىتنىڭ تەسىرى بولمايدۇ. ئىنسان روھانىي ئالەمگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى، بۇ ماددى ئالەمدىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭ تەمسىللىرى قۇرئاندا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەللەم باشلىق پەيغەمبەرلەردە كۆرۈلگەن. شۇنداقلا ئەۋلىيالاردىمۇ كۆرۈلگەنلىكى كۆپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. قۇرئاندىكى ئەسھابۇل كەھف يىگىتلىرىنىڭ 309 يىل بىر غاردا ئۇخلىتىلىشى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مىئراج كېچىسىدە ئۇچۇپ مەسجىدىل ئەقساغا بېرىشى، چەكسىز مۇساپىلەرنى بېسىپ ئاللاھ بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئۇ كېچىدە غەيپ ئالىمىدە ساياھەت قىلىشى، بۇ ئىشلارنىڭ ناھايىتى قىسقا بىر زاماندا بولغانلىقى (بەزى رىۋايەتلەردە پەيغەمبىرىمىز مىراجدىن قايتقىنىدا تېخى يوتقىنىنىڭ ئىسسىقى كەتمىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ)، يەنە ئەتىسى ئەتىگىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەدىسىنىڭ يالغان بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كارۋانلار كەلگۈچە ۋاقىتنىڭ توختىشى... دېگەندەك مۆجىزىلەر بۇنى ئىسپات قىلىدۇ. شۇنداقلا يەنە يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، بەزى ئەۋلىيالارنىڭ ناھايىتى ئاز ۋاقىتتا نورمال ئەھۋالدا قىلىپ بولۇش مۇمكىن بولمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىدەك كارامەتلەرمۇ بۇنىڭ بىر تەسدىقى بولالايدۇ.  يەنى زامان پەقەت ماددى دۇنيادىكى قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.  ئۇ ئۇمۇمى بارلىقلارغا ئىشلىمەيدۇ. بۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ بولسا، ۋاقىتنىڭمۇ ياراتقۇچىسىدۇر. مەيلى ۋاقىتنى ئوبىكتىپ دەمدۇق ياكى سۇبىكتىپ دەمدۇق، ئاللاھ ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنى ئاللاھ ئەزەلىيدۇر. ئەزەلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ باقسىڭىز، زامان ھەققىدىمۇ بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز دەپ ئويلايمەن:



زامان ۋە ئەزەلىيلىك

تەقدىر مەسىلىسىنىڭ چۈشىنىلمەسلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى زامان ۋە ئەزەل ئۇقۇمېنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىلىۋېتىلىشى ۋە خاتا چۈشىنىلىشىدۇر.
ئىنسان زامان ۋە ماكان ئىچىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن ھەر ھادىسىنى ۋە ھەقىقەتنى زامان ئۆلچىمىگە قارىتا چۈشىنىدۇ ۋە ئۆلچەيدۇ. ۋە «ئەزەل» زاماننىڭ باشلانغۇچى دەپ قاراش بىلەن خاتالىشىپ قالىدۇ. دېمەك تەقدىرنى چۈشەنمەسلىك بۇنىڭغا ئوخشاش خاتا قىياسنىڭ نەتىجىسىدۇر.
زامان كائىناتنىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلانغان ۋە ئىچىدە ھادىسىلەر جەريان قىلغان ئابىستىراكىت ئۇقۇمدۇر. بۇ زامان ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلەچەكتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ تەقسىمات مەخلۇقاتقا قارىتادۇر. يەنى ئەسىر، يىل، ئاي، كۈن، تۈنۈگۈن، بۈگۈن، ئەتىگە ئوخشاش پۈتۈن ئۇقۇملار پەقەت يارىتىلغانلار ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆز تېمىسىدۇر.
«ئەزەل» بولسا زاماننىڭ باشلانغۇچىنىڭ ئەۋۋەلى دېگەنلىك ئەمەستۇر. ئەزەلدە ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلەچەك يوقتۇر. ئەزەل پۈتۈن بۇ زامانلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىدىغان ۋە بىلىنىدىغان بىر ئورۇندۇر. ئەگەر خالىسىڭىز ئاللاھنىڭ ئەزەلىيەت سۈپىتىنى مىساللار بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشايلى.
بىر سىزىقنى تەسەۋۋۇر قىلايلى. شۇ سىزىق زامان سىزىقى بولسۇن. سىزىقنىڭ ئوتتۇرىسى ھازىر بولسۇن. يەنى شۇ دەقىقىدە ئىچىدە تۇرىۋاتقان ۋاقىتىمىز بولسۇن. زامان سىزىقىنىڭ سول تەرىپىدىكى نۇقتىلار ئۆتكەن زامان بولسۇن. دېمەك بۇ نۇقتىدا كائىنات يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۇنجى ئىنسان ھەزرىتى ئادەم(ئە.س) ۋە ئۇ زاماندىن بۈگۈنگە قەدەر يارىتىلغان ھەرنەسە ھازىر بىلەن ئۆتمۈش زامانى دەپ ئىپادە قىلىنغان بۇ ئىككى نۇقتا ئوتتۇرىسىدا بولدى.
بۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپدىكى نۇقتىلار كېلەچەك زامانىدۇر. بۇ نۇقتىلار قىيامەتنىڭمۇ ئۇ تەرىپىدىكى جەننەت ۋە جەھەننەم ھاياتىنى ئىچىگە ئالغان چەكسىز ھاياتتۇر. شۇ دەقىقىدە بىز ئىچىدە تۇرىۋاتقان ھازىر نۇقتىسى بىلەن كېلەچەك نۇقتىسى ئوتتۇرىسىدا بولسا، نەۋرىلىرىمىز، ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرى ۋە قىيامەتكىچە يارىتىلغان ھەرنەرسە ۋە ھەتتا بۇنىڭمۇ ئارقىسىدا ئۆلگەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىش، ھېسابقا تارتىلىش، ئەمەللەرنىڭ تارازىغا سېلىنىشى ۋە سىراتتىن ئۆتۈشكە ئوخشاش ھادىسىلەر بار.
«ئەزەل» بولسا بۇ زامان سىزىقىنىڭ ئۆتمۈش نۇقتىسىنىڭ سول تەرىپى ئەمەستۇر. دېمەك تەقدىرنى چۇشەنمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى ئەزەلنى بۇ يەر دەپ قارىغانلىقىمىز ۋە ئەزەلنى زامان سىزىقىنىڭ بىر تەرىپىگە قويۇشىمىزدۇر. چۇنكى ئەزەلنى  ئۆتمۈش نۇقتىسىنىڭ سول تەرىپى دەپ قارىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئەتىنى بىلىشى ئۈچۈن ئەتە كېلىشى كېرەك بولىدۇ. دېمەك بۇ قاراش ۋە ئەزەلىيەت ئۇقۇمىنى خاتا چۈشۈنىشىمىز شۇ سوئالنى سوراشقا سەۋەب بولىدۇ. «ئاللاھ گۇناھكار بولۇشۇمنى يازغان بولسا مېنىڭ خاتالىقىم نەدە؟» ئەمدى زامان سىزىقى ئارقىلىق ئەزەل ئۇقۇمىنى ئپادىلىگەن ۋاقتىمىزدا بۇ سوئالنىڭ نەقەدەر مەنىسىز ئىكەنلىكىنى چۇشىنىمىز. دېمەك ئەزەل بۇدۇر. ئۆتكەن زاماننىڭ سول تەرىپى ئەمەس بەلكى بىر زامانسىزلىقتۇر. ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلەچەكنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتىدىغان ۋە كۆرىدىغان ماقامدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بۈگۈننى كۆرگەن ۋە بىلگەنگە ئوخشاشلا ئەتىنىمۇ، ئۆگۈننىمۇ، جەننەت ۋە جەھەننەم ھاياتىنى ياشايدىغان چەكسىزلىك ھاياتقا قەدەر ھەر نەسىنى بۈگۈن بىلەن بىللە كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلەچەك دېگەن ئۇقۇم يوقتۇر. بۇ ئۇقۇملار زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بىزلەر ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

ئەمدى بۇ مەسىلىنى باشقا بىر مىسال بىلەن تەتقىق قىلايلى. شۇ رەسىم بىزنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمىمىز بولسۇن. ئوتتۇرىسى ھازىرقى زامان، سول تەرىپى ئۆتكەن زامان، ئوڭ تەرىپى كىلەچەك زامان. ۋاقىت ئۇقىمىمىزنىڭ ئۇستىگە بىر ئەينەك تۇتساق، ئەينەك زامانغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەتلا ھازىرقى زاماننى ئەكس ئەتتۈردى. ئۆتكەن زامان ۋە كېلەچەكتىن ئەينەك ئىچىگە ھېچبىر نەرسە كىرمىدى. ئەينەكنى بىرئاز ئىگىزلەتسەك شۇ ئورۇندا ئەينىكىمىزدە ھازىرقى زامان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكەن زامان ۋە كېلەچەكنىڭمۇ بىر بۆلۈمى ئەكس ئەتتى. ئەينەكنى يەنىمۇ بىر ئاز ئىگىزلەتسەك، ئاۋۋالقى ئورۇندا ئەينەكتە كۆرۈنمىگەن ئۆتكەن زامان ۋە كېلەچەكنىڭ بىر بۆلۈمى ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتى. دېمەك ئەينەكنى ئىگىزلەتكەنسېرى ئەينەكتە كۆرۈنگەن زامان پارچىسى كېڭىيىدۇ. ئەينەكنى ئەڭ ئېگىز نۇقتىغا قويساق، بۇ نۇقتىدا ئەينەك ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلەچەكنىڭ پۇتۇنلەي ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. دېمەك بۇ نۇقتا ئەزەلىيەت نۇقتىسى دېيىلىدۇكى، ئۇچ زاماننىڭ ھەممىسىنى كۆرمەكتۇر. دېمەك ئاللاھ ئەزەلىيدۇر، دېگىنىمىزدە ئاللاھنىڭ پۈتۈن زامان ۋە ماكانلارنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا كۆرگەن، بىلگەن ۋە زامان چەكلىمىسىدىن پاك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمدى ئەزەلىيەت ئۇقۇمىنى باشقا بىر مىسال بىلەن كۆرەيلى. ئەرزۇرۇمدىن ئستانبۇلغا قاراپ ئۈچ قاتناش ۋاستىسىنىڭ يولغا چىققانلىقىنى پەرەز قىلىمىز. بۇ ۋاستىلاردىن بىرىسى ئىستانبۇلغا(ئۈرۈمچىگە) كىرىش ئۈچۈن ئىزمىتتە(كورلىدا)، يەنە بىرىسى كورلىدىكىگە نىسبەتەن بىرئاز ئارقىدا يەنى ئەسكىشەھىردە(ئاقسۇدا) ۋە ئۈچىنچى ۋاستە ئىككىلىسىنىڭ ئارلىقىسىدا ئەنقەرەدە(قەشقەردە) بولسۇن. بۇ ئۈچ ۋاستىغا دىققەت قىلغان ۋاقتىمىزدا بۇلارنى كۆرىمىز. كورلىدا بولغان ماشىنا ئاقسۇدا ۋە قەشقەردە بولغان ماشىنىلارغا نىسبەتەن ئالدىدا يەنى كېلەچەكتىدۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەندۇر. ئاقسۇدا بولغان ماشىنا كورلىدا بولغانغا نىسبەتەن ئۆتكەن زاماندۇر. چۈنكى ئالدىدىكى ماشىنا ئاقسۇدىن بۇرۇنلا ئۆتۈپ بولغان. لېكىن قەشقەردىكى ماشىنىغا نىسبەتەن كېلەچەكدۇر. چۈنكى بۇ ماشىنا ئۇنىڭ ئورنىغا يېتىپ بارمىغان. قەشقەردىكى ماشىنا باشقا ئىككىسىگە نىسبەتەن ئۆتكەن زاماندىدۇر، چۈنكى بۇ ئىككىسى قەشقەردىن بۇرۇنلا ئۆتۈپ بولغان. ماشىنىلار ئارىسىدا ئۆتكەن زامان ۋە كېلەچەككە ئوخشاش تەبىرلەر قوللىنىلىدۇ. ئەمما يۇقۇرىدىكى ئۈچ ماشىنىنى بىرلا ۋاقىتتا يورۇتقان قۇياش ئۈچۈن زاماننى ئىپادىلىگەن بۇ تەبىرلەر قوللىنىلمايدۇ. يەنى قۇياش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆتكەن زاماندا، بۇنىڭغا نىسبەتەن كېلەچەكتە دېيىلمەيدۇ. چۇنكى قۇياش بۇ ئۈچ ۋاستىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يورۇتماقتا، نۇرى بىلەن ئۈچىلىسىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قورشىغاندۇر. دېمەك قۇياشنىڭ بۇ ئەھۋالى، يەنى يەردىكى ۋاستىلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان زامان چەكلىمىسى بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى ۋە ئۈچ زاماننى دەل بىرلا ۋاقىتتا قورشىشى(ئۆز ئىچىگە ئېلىشى) ئەزەلىيەتكە مىسالدۇر.
ئەينەن بۇنىڭغا ئوخشاش، بىزلەرمۇ كائىناتنىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلانغان زامان يولىنىڭ بىر نۇقتىسىدىمىز. بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن ھەر نەرسە بىزگە نىسبەتەن ئۆتكەن زاماندا قالغاندۇر. بۈگۈندىن ھەتتا بۇ مىنۇتتىن كېيىنكى زامانلار ۋە ئۇ زامانلاردا يارىتىلغان مەخلۇقاتلار بولسا بىزگە نىسبەتەن كېلەچەكتىدۇر. شۇنداق، شۇ مىنۇتتا بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز ئۆتكەن زاماندا. ھالبۇكى بىر زامانلاردا ئۇلارمۇ كېلەچەكتىن نەۋرە كۈتۈۋاتاتتى. دېمەك بوۋېلىرىمىز ئۆز بوۋىلىرىغا نىسبەتەن كېلەچەك بولغان زامان بۆلىكىدە بۇدۇنياغا كېلىپ تەنەپپۇس قىلىپ ئۆتكەن زامانغا ئۆتكەنگە ئوخشاش، بوۋىلىرىمىزغا نىسبەتەن كېلەچەكتە بولغان بىزلەرمۇ بىر كۇنى ئۆتكەن زامانغا ئۆتىمىز. ۋە بىزگە قارىتا كېلەچەكتە بولغان نەۋرىلىرىمىز ھازىرقى زامانغا چىقىدۇ.
يوقۇرىقىلاردىن كۆرىۋالغىنىمىزدەك ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلەچەككە ئوخشاش تەبىرلەر بىز ئۈچۈن قوللىنىلماقتا. ھالبۇكى ھەر نەرسىنى ۋە زاماننى ياراتقان ئاللاھ ئۈچۈن ئۆتكەن زامان، ھازىرقى زامان ۋە كېلەچەككە ئوخشاش ئۇقۇملار يوقتۇر. يوقىرىقى مىسالىمىزدىكى قۇياشقا پۈتۈن زامانلارنى ئوخشاش بىر مىنۇتتا ئىلىمېنىڭ نۇرى بىلەن ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. ئۇنداقتا «ئاللاھ يازغاچقا بىز قىلىۋاتىمىز» دېيىلەمدۇ؟ چۈنكى ئاللاھ ئەزەلىيلىكى بىلەن پۈتۈن زامانلارنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قورشىغانلىقتىن بىزنىڭ ئەركىن ئىرادىمىز بىلەن نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن ۋە نېمە ئىش قىلماقچى بولساق تەقدىر دەپتىرىمىزگە ئۇنى يازغاندۇر. ئاللاھ تەقدىرىمىزگە يازغاچقا بىز قىلمىدۇق، ئەكسىچە بىز قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھ شۇنداق يازغاندۇر.
  شۇنداق، تەقدىر ئىلىمنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىلىم مەلۇمغا باغلىقتۇر، مەلۇم ئىلىمغا باغلىق ئەمەس. يەنى ئىلىم بىر نەرسىنىڭ سىرتقى بارلىققا چىقىشىدا ئاساس ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇ نەرسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئىلىمدىن كېيىن ئىرادىگە، ئاندىن قۇدرەتكە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا دەيمىزكى، ئىلىم بىزنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىمىزغا مەجبۇرلىمايدۇ.
"ئىلىم مەلۇمغا باغلىقتۇر" قائىدىسىگە مىڭلارچە مىساللاردىن بىر مىسال: تەجرىبىلىك بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ناچار ئەھۋاللىرىغا قاراپ، بىر دەپتىرىگە "بۇ بالا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ" دەپ يېزىپ قويسا، كېيىن ھەقىقەتەن ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولسا، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېزىپ قويغىنىدىن خەۋەر تاپقان ئۇ بالا مەسئۇلىيەتنى ئوقۇتقۇچىسىغا يۈكلىيەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ يېزىلىپ قويغانلىق سەۋەپتىن ئۆتەلمىدى ئەمەس، ئوقۇشىنىڭ ناچارلىقى ئۈچۈن ئۆتەلمىدى. ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزىرىدە ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى مەلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن بىلىپ يازغاندۇر.
شۇنىڭغا ئوخشاش جانابى ئاللاھ ئەزەلىي ئىلمى بىلەن بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى، نەتىجىدە جەننەتكە ياكى جەھەننەمگە لايىق بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تەقدىر لەۋھەسىدە يازغاندۇر.
بەزىلەرنىڭ شۇنداق سوئالى بولىدۇ: جانابى ئاللاھ بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى، نەتىجىدە جەننەتكە ياكى جەھەننەمگە لايىق بولىدىغانلىقىمىزنى بىلگەن تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟
جاۋاپ: ئۇ ئاقىۋەتلەرنىڭ بىلىنىشى ئاللاھنىڭ بىزنى ياراتمىسىمۇ بولىدىغانلىقىغا سەۋەپ ئەمەس. ئۇ سوئالدىن "ئاللاھ بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزنى بىلمىگەن بولسا يارىتىپ كۆرۈپ باقسا توغرا بولاتتى" دېگەن خاتا مەنە چىقىدۇ. بۇ سوئالنىڭ ئىگىسى ئىنساننىڭ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى بىلمەي قالغان. قۇرئاننىڭ ئىپادىلىرىدىن چۈشىنىمىزكى، ئاللاھ بىزنى ئۇنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ مۇھەببەت ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۇن ياراتقان. بۇ مەقسەت بىلەن ئۇ سوئالنىڭ ھېچبىر  مۇناسىۋىتى يوقتۇر.
[ بۇ يازمىنىosmanli 2012-03-30 11:54قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 11:46

زامان ئۇقۇمى، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان تەقدىر مەسىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.  كۆچىنچە كىشىلەر ئاللاھمۇ  زاماننىڭ ئىچىدە دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىپ، تەقدىر مەسىلىسىنى چۈشىنەلمەي قىينىلىدۇ. زاماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىدە ھەرخىل قاراشلار بولسىمۇ، بىز ئۇنىڭ خالىق-مەخلۇق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىغاندىن كېيىن بەزى خاتالىقلاردىن خالىي بولالامىز دەپ قارايمەن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــ
رەھمەت،كۆڭلۆم ئارامىغا چۈشتى.مەن پىرنسىپ جەھەتتىن خاتالاشمىغاندەك،يەنى خاتا ئىدىيەنى تاللىۋالمىغاندەك قىلىمەن.
قالغان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم بار.
ئەمدى قەپ قالغىنى يەنىلا «ئېن».لىكىن بۇمۇ چوڭ مەسىلە ئەمەستەك تورىدۇ.شۇنداقتىمۇ يەنە ئىزدىنىش كىرەك.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 852 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-08-23
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 11:53

زامان تۆت پەسىلدەك ماڭىدۇ. بۇنىڭدىمۇ قانۇنىيەت بار. ھەرقانداق ۋاقىتنىڭ ئۇزگە مۇناسىپ ھۆكۇمى بۇلىدۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 1690 %
مۇنبەر پۇلى: 3267 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-09-10
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 11:57

12-قەۋەت (ق.سىدىق) نىڭ يازمىسىغا

ماقالىدە ئېيتىلغان رەسىمنى ئەمدى چىقىرىپ قويدۇم .  چۈشىنىشكە پايدىسى تېگەر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 1690 %
مۇنبەر پۇلى: 3267 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-09-10
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 14:56

12-قەۋەت (ق.سىدىق) نىڭ يازمىسىغا

مەنمۇ خاتالاشمىغان بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.  خالىق-مەخلۇق مۇناسىۋىتى توغرا ئىپادىلىيەلىگىنىڭىزدە ئىنشائاللاھ خاتالاشمايسىز
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 1690 %
مۇنبەر پۇلى: 3267 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-09-10
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 14:57

13-قەۋەت (تادۇ) نىڭ يازمىسىغا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىز ھەممە نەرسىنى تادۇغا چۈشۈرۈپ تەھلىل قىلامسىز ؟  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 852 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-08-23
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 16:29

ھەئە شۇنداق            چۇنكى مەن شۇلارنىڭ پۇشتى.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10262
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 1690 %
مۇنبەر پۇلى: 3267 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-09
ئاخىرقى: 2012-09-10
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-30 17:51

17-قەۋەت (تادۇ) نىڭ يازمىسىغا

«تادۇ» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى نېمە ؟ قايسى تىلدىن كىرگەن ؟   بۇ بويىچە ئىسلامغا قانداق قارايدۇ ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 852 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-08-23
19-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-31 21:07

18-قەۋەت (osmanli) نىڭ يازمىسىغا

تادۇ دىگەننى

بىلىش بۇيىچە، تۇمۇرنىڭ تىتى دەپمۇ قۇيىمىز. خۇددى تۇمۇرنىڭ تۇپراققا قايتىشىغا ئوخشاش ،ئەسلىيەتكە قايتىش دەيمىز.
ئادىللىق بۇيىچە، بىرچارەك قۇناق تارتىپ بەرسلە گە ئاساسەن، تارت تاد  ئۆلچەش مەناسى بار.
ياخشىلىق بۇيىچە، تاتىلاش تادلاش  مۇلاھىزە قىلىش، ھەقىقىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مەناسى بار،
تەقۋادارلىق بۇيىچە، تۇت  چىڭ تۇت ،  تاپ، تاد،تاتلىق قاتارلىق مەنالىرى بار. بۇ تادۇ دىگەن سۆز مەيلى كىم قانچىلىك پاكىت كۆرسەتسۇن، ئۇيغۇرلاردىن كىلىپ چىققان  ئاتالغۇ. باشقا قەۋىملەردىمۇ بار ، باشقىلاردىن كىلىپ چىققان دىگۇچىلەر  تارىخنى بىلەك ۋاراقلىشى كىرەك. ئۇيغۇرلار شۇلارغا بىلدۇرگەندە ، ئاندىن خاتىرلىۋىلىپ بىزنىڭ دىگەنگە بولمايدۇ.
ئىنسان يارتىلىشىدىن تۇپراققا سۇنى ئارلاشتۇرۇپ لاي بولغاندا، ئاندىن شەكىلگە كىرگۇزۇلۇپ، ھاۋادا قۇرتۇلۇپ، سۇس ئوتتا چەكسە جىرىڭلايدىغان ھالەتكە يەتكەندە، ئاندىن روھ پۇدەلگەن. ماۋۇ گەپ قۇرلاردا بار گەپ.بۇ جەھەتىن ھەممىنى سۆزلەشكە شارائىت يار بەرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ يۇقارقى گەپ تۆت تادۇنىڭ مەزمۇت تۆت پاچىقى بارلىقىنى دەلىللەيدۇ.
[ بۇ يازمىنىتادۇ 2012-03-31 21:23قايتا تەھرىرلىدى ]