ئېلېمېنتار ئالەم ۋە دەۋرى ئالەم
قاسىم سىدىق
ئاساسى مەزمۇنى:
مىكرو ۋە ماكرو ئالەم ئېلېمېنتار ئالەمدۇر.ھەرىكەت ئېلېمېنتار مىقدار، دەۋرلىك ئالەملىك تۈپ قانۇنىيەت، ئالەمنى بىلگىلى بولىدۇ، ئېلېمېنتارلىق ۋە دەۋرلىك ئالەمنى بىلىشنىڭ يېتەرلىك شەرتى.
ئاچقۇچ سۆزلەر:
ئېلېمېنتارلىق؛ دەۋرلىك؛ ئەگرىلىك؛ ئالەمنى بىلىش.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ1-2-ئاكسىئومىسى ۋە 1-،2- تېئورېمىلىرى، شۇنداقلا 10-،11-،12-،13-،14-،15-،16-تېئورېمىلىرىدىن بىر ئېلېمېنتار ماددىي دۇنيا كېلىپ چىقىدۇ.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ مەخسۇس ھەرىكەتنى تەسۋىرلىگەن 1-تەڭلىمە؛ 9-، 10- ئېنىقلىما؛ 21-، 22- تېئورېمىلىرىدىن ئوخشاشلا ماددىي دۇنيانىڭ ئېلېمېنتار مودېلىنى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.
بۇندىن باشقا «ھەرىكەت شەكلى» گە ئالاقىدار 25-تېئورېمىدىن 32-تىئورمىغىچە بولغان 8 تېئورېمىدىن يەنىلا ماددىي دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئېلېمېنتار رىياللىق سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ.
34-،35-تېئورېمىلار بۇنداق «ئېلېمېنتارلىق» نىڭ ئاساسىدىن ئىبارەت.
يۇقىرىلاردىن قارىغاندا «فىزىكىلىق شەكىلنەزەرىيىسى» ئەڭ چوڭ ئۆلچەمدە «ئېلمنتار فىزىكا» بولۇپ قالىدۇ.ئېھتىمال بەزىلەر ماددىي ئوبيېكتلار تىنچ ھالەتتە دەپ پەرەز قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا بۇنداق «ئېلمنتارلىق» ئورۇنلۇق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل قاراش ھەرىكەتكە نىسبەتەن ئورۇنسىز دېيىش مۇمكىن. ئەھۋال دەل ئەكسىچە.«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»دە ھەرىكەت كلاسسىك فىزىكىدىن پەرقلىق تەسۋىرلىنىدۇ. («فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» 8-ئېنىقلىمىغا قارالسۇن)، يەنى «ھەرىكەت – مۇئەييەن ماددىنىڭ مۇئەييەن ماكاندا ھەممەۋجۇد ھەم مەۋجۇد ئەمەسلىكىدە ئىپادىلىنىدىغان ئىككى ياقلىمىلىق رېئاللىق».
يۇقارقىچە ئېنىقلىمىدىن ھەرىكەت ئۆزىنىڭمۇئاق قەغەز مودېلىدىكى Aچەمبەرگە ۋە Bتەكشىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىگە يىغىنچاقلىنىدىغانلىقىنى، يەنى، ھەرىكەتنىڭ «كۋانتلىق»بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىلىشقا بولىدۇ. بۇ ھال دەۋرى ھەرىكەتكە نىسبەتەن ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنىدۇ. يەنى دەۋرى ھەرىكەت بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئېلمنتار بىرلىكى بولۇپ، دەۋرى ھەرىكەتلەر بىر خىل ئېلمنتار ھەرىكەتلەرنىڭ يىغىندىسى.ئۇنداقتا سىزىقلىق ھەرىكەتچۇ؟
سىزىقلىق ھەرىكەتلەرمۇ ئېلمنتار بىرلىكلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. بۇ تەشەببۇسنىڭ ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. سىزىقلىق ھەرىكەت ھەر بىر كونكرېتلىقتا ھەرىكەت سۇبيېكتىنىڭ ئۆز گەۋدىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ھەرىكەت سۇبيېكتى ماھىيەتتە بىرخىل ئېلمنتار بىرلىك بولۇپ، سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانى مۇشۇ ئېلمنتار بىرلىكلەرنىڭ تىزمىسىدىن ئىبارەت. بۇ ھالدا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ 45-تېئورېمىسىنى تۇرغۇزۇش ئورۇنلۇق.
45-تېئورېما: سىزىقلىق ھەرىكەت مىقدارى = ھەرىكەت سوبىكتىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارىنىڭ
ئەڭ ئاخىرىدابىر كەسىر ساننى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇئەييەن پۈتۈن سان ھەسسىسىگە.يەنى، ھەرىكەت سۇبيېكتىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارىنى ئۇبېسىپ ئۆتكەن ماكانغا تەقسىملىسەك ھەرىكەت سۇبىكتىنڭ مىقدارىنى بىر دەپ ئالغاندا نەتىجە پۈتۈن سان بولۇپ چىقىدۇ.تاماملانغان ھەرىكەتكە نىسبەتەن ئەڭ ئاخىردا بىر كەسىر سان كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.بۇ ھالنى نىيۇتۇن نۇقتىسى، ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر نۇقتىسىدا تۇرۇپ قۇلايلىق تەسۋىرلەشكە بولىدۇ.
300مىڭ كىلومېتىر سېكۇنتلۇق تېزلىك بىلەن كېتىپ بارغان فۇتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇئەھۋال دەل شۇنداق بولىدۇ. يەنى ھەرىكەتتىكى فۇتۇننىمۇ Aچەمبەر بىلەن Bتەكشىلىكنىڭ مۇناسىۋىتىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.باشقىچە ئېيتقاندا، فوتون ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ماكاندا ۋە ئۆزى تېخى يېتىپ بارمىغان ماكاندامەۋجۇد ئەمەس. فوتوننىڭ ھەرىكىتى گويا «ئۆزى» دە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ ۋە ھەرىكەت مىقدارى فوتوننىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارىنىڭ پۈتۈن سان ھەسسلىگى بويىچە داۋاملىشىدۇ.
يۇقىرىقى نۇقتىنەزەرلەردىن سىزىقلىق ھەرىكەت مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ھەرئىككىلىسىنىڭ دەۋرىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنى دەۋرلىك
ئىككى خىل ئۇقۇم بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىرى كلاسسىك ئىدىيىلەردە ناھايىتى كۆپ تەسۋىرلەنگەن بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت دەۋرىلىگى، يەنە بىرى بولسا يىڭى ئىدىيە (كونىسىمۇبار) سىزىقلىق ھەرىكەت دەۋرىلىكى. سىزىقلىق ھەرىكەت دەۋرىلىكىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ۋارىيانتى كلاسسىك ئىدىيىلەردە بار. تاق يۆنىلىشلىك دەۋرىلىك بولسا بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەشەببۇس. بۇنىڭ ئاساسى يوقۇردا قەيت قىلىنغىنىدەك ھەرىكەت سۇبيېكتىنىڭ گېئومېتىرىيىلىك مىقدارى بىلەن باراۋەر بولغان ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ماكاندا ئىزچىل تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە مەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» نىڭ 11-ئېنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.
11-ئېنىقلىما: دەۋرلىك – مۇئەييەن ھەرىكەتنىڭ ۋە ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئىزچىل تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت.
كلاسسىك ئىدىيىلەردە دەۋرىلىككە قانداق ئېنىقلىما بېرىلگەن، بىرەر ئېنىقلىما بارمۇ – يوق؟ بۇنىڭدىن خەۋەرسىزمەن. كەسىپ ئەھلىنىڭ يۇقارقىچە ئېنىقلىمىنىڭ نۇقسانلىرى ئۈستىدە ئويلوشۇپ بېقىشىنى ئومۇت قىلىمەن.مەن «كۋانت» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك دەپ قارايمەن. «ئۇزۇلمىلىك ھالەت» كىۋانتلىقنىڭ ماھىيەتلىك شەرتى بولۇپ، بۇئۇقۇمنى ماكرو دۇنياغىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. يەنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇئەييەن ئورگىناللىققا ئىگە ھەرخىل جىسىملار كۋانتنىڭ ماكرو فورمىسىدىن ئىبارەت. بۇنداق ئىدىيە "فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىلارغا ماس كېلىشى كېرەك" (ئېنىشتېيىن) دېگەن ئىدىيە بىلەن زىددىيەتلىك ئەمەس. ئاق قەغەزمودېلىدىكى Aچەمبەر بىلەن Bتەكشىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە «فىزىكىلىق شەكىل» ئۇقۇمىنىڭ ئۆزى «كۋانتلىق ھالەت» نى ئىپادىلەيدۇ.شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى؛ چەكلىك مىقدارغا يىغىنچاقلانغان «فىزىكىلىق شەكىل» ۋە ياكى «كۋانت»ھامان بىر ئەگرىلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. سىزىقلىق ھەرىكەت ماھىيەتتە مانا مۇشۇنداق ئەگرىلىكلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.
ماددىي ئالەمنى تۈزىدىغان ھەققى مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچىلەر ۋە ئۇلاردىن تۈزۈلگەن جىسىملار ھامان چەكلىك ئېلېمېنتار مىقدارغا يىغىنچاقلىنىدۇ. بىز پەقەت يۇقىرىقى ئېلېمېنتار نەتىجىگە نىيۇتۇن ماكانىنى (يوقلۇق-چەكسىزلىكنى) پەقەت بىر ئېلېمېنت سۈپىتىدە قوشۇپ قويىمىز. يۇقىرقىچە «ئېلېمنتارلىق» ۋە «دەۋرلىك» كە يىغىنچاقلانغان بۇنداق ئالەمنى بىلگىلى بولىدۇ. بىلگىلى بولمايدىغان ئالەم- «ماددىنىڭ چەكسىز پارچىلىنىشى»، «ئۈزلۈكسىز ماددىي مۇھىت» قاتارلىق ئىدىيىلەر ئۈستىگە قارار تاپقان ئالەمدۇر. ھالبۇكى، بۇنداق بىلگىلى بولمايدىغان ئالەم ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانىيەتنىڭ تەبى پەن روھى بىلەن سىغىشالمايدۇ. بۇنداق ئالەم ئىنسانلارنى«بىلىگىلى بولماسلىق» تەك پەلسەپىۋى ئېزىتقۇ سارايغا ۋە تىئولوگىيەنىڭ چەكسىزتەسەۋۋۇر چوڭقۇرلۇقىغا باشلايدۇ خالاس !
بۇنداق ئالەمگە نىسبەتەن تەبىئىي پەن تەتقىقاتى ئىلىپ بېرىش ئورۇنسىزدۇر!.
2009-يىلى5-ئاينىڭ 19-كۈنى.
بۇلاق دادامتۇدا يېزىلدى.
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1052&extra=page%3D2