قۇرئاندا كائىناتنىڭ 6 كۈندە يارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ 6 كۈن بىزنىڭ كۈنىمىز بويىچە ھېساپلىنىدىغان ئالتە كۈن ئەمەس، بەلكى باشقا بىر ۋاقىت دەۋرىدۇر. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، قۇرئاندا «بىر كۈنى زېمىننىڭ 1000 كۈنىگە تەڭ» ۋە «50 مىڭ كۈنگە تەڭ» دېگەندەك ئوخشىمىغان كۈنلەر بار. بۇنىڭدىن ئالىملار بۇ ئالەمنىڭ تەدرىجىي يارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، كۆپىنچە ئىسلام ئالىملىرى بىگباڭ نەزىيىسىنى قۇبۇل قىلماقتا. «ئىنجىل» دا كائىنات دەسلەپتە سۇ ھالىتىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدىغانلىقى، قۇرئاندا بولسا، ئاسمانلار دەسلەپتە تۇمان ھالىتىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغانلىقى، بىگباڭ نەزىرىيىسىنىڭ جەريانى بىلەن بىردەك بولغانلىقىنى بۇنىڭ دەلىلى قىلىدۇ. بايانلار قىسقىچە بولۇۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئىسپاتلاپ ئولتۇرمىدىم. قىسقىسى، بۇ ئالەم سەۋەپلەر ئالىمى، ھىكمەت دىيارىدۇر. بۇ ئالەمدە شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ؛ ئەمما ئاخىرەت ئالىمى بولسا قۇدرەت دىيارىدۇر، ئۇ ئالەم قۇدرەت دىيارى بولغانلىقىدىن، ئاللاھ رازى بولغان قۇللىرى نېمىنى خالىسا، ئاللاھ شۇنى دەرھال، ھېچ سەۋەپكە ھاۋالە قىلماي پەيدا قىلىدۇ. ئۇ يەردە بىر مېۋىنىڭ پىىشىشى ئۈچۈن بىر يىل ساقلىمايمىز.
قۇرئاندا زەررە، قۇياش، سەييارىلەر ھەققىدە بايانلار بولسىمۇ، قۇرئان ھىدايەت كىتابى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بايانلار ھىدايەتنىڭ تەقەززاسى بولغان، مەرىفەتۇللاھقا (ئاللاھنى ھەقىقى تونۇش) ئىشىك قىلىنىپ سۆزلىنىدۇ. بەزى پەننىي ئىلىملەرنى يۇشۇرۇن ۋە كىنايىلىك شەكىلدە بايان قىلغان بولسىمۇ، ئاساسلىق مەقسەت يەنىلا ئاللاھنى تونۇتۇش بولغاچقا، پەننى بايانلار ئۇ قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنمايدۇ. ئۆتكەن ئەسىردىكى مەشھۇر مۇجتەھىد ئالىم بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھەزرەتلىرى ئۆز زامانىنىڭ پەن تەرەققىياتىدىن ھالقىغان ھالدا، كائىناتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى «ئەسىر ماددىسى»دۇر دېگەن ئىدى. سىزنىڭ نەزىرىيىڭىزدىمۇ «ئېن» دىن ئىبارەت ئەڭ كىچىك ماددى بىرلىك ھەققىدە بايانلار بار ئىكەن. بۇمۇ بىر مەلۇمات بولۇپ قالسۇن. ئەتە داۋام قىلارمىز.. ئاللاھقا ئامانەت.
[ بۇ يازمىنىosmanli 2012-03-27 00:25قايتا تەھرىرلىدى ]