مىنىڭچە كەڭساي مۇنبىرىدە خىلى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار بار لىكىن بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ،خىزمەت قىلىشتىكى مەخسەت زادى نىمە ،مىللى كارخانىلىرىمىز دىگىنىڭلار زادى قايسى كارخانىنى كۆرسىتىدۇ ،شۇ مىللى كارخانىلارنىڭ قۇرغۇچىللىرىنىڭ ساپاسى قانچىلىك ،شۇ كارخانچىللىرىمىزنىڭ قوللىرىدا ئايپون 4 بار لىكىن سىلەچە ئۇنىڭ رولىدىن قانچىلىك پايدىلىنا ،ئوقۇش پۈتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگۈسى يوقمىدۇ ،ئاتا ئانىلىرى قىزلارغىغۇ يول قويمىغاندۇ ئوغۇلار پۇل تاپاي دىسە راسلا توسۋالغانمىدۇ ،ئاددى بىر مىسالنى ئىيتاي بىر ئۇكىمىز بولدىغان ،ئۇ ئالى مەكتەپنى ئىچكىرىدىكى بىر داڭلىق مەكتەپتە ئوقغاندى ئوقۇش پۈتتۈرگۈندىن كىيىن مەمۇرلىققا 2 قىتىم ئىمتاھان بەردى لىكىن ئۆتەلمىدى .......................................... قۇشقاچ مىڭ چىرايلىق سايرىسىمۇ ئۇ تورغاي ئەمەستە.
ئۇندىن كىيىن ئۇ ئۆز كۈچىگە تاينىپ ياشاش مەخسىدىدە بىزنىڭ بىر داڭلىق مىللى كارخانىمىزغا كىرىپ ئىشلىدى لىكىن بىر ئاي ئىشلەپ 1000سوم مۇئاش ئىلىش ئۈچۈن 2000 سوم خىراجەت قىلىدى بۇنى يەنىلا ئاتا ئانىسىدىن ئالدى ،لىكىن داۋاملىق ئىشلەشكە بەرداشلىق بىرەلمىدى چۈنكى ياتاق ۋە تاماقتىن كۈپ قىينالدى ئۇنىڭ ئۈستىگە شەنبىسى يەكشەنبىسى يوق ئەتگەن سائەت 7 دىن چۈشتە يىرىم سائەت دەم ئالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا كەچ سائەت 10گىچە داۋاملىق ئىشلەش مۈمكىن ئەمەستە ،چەت ئەلدە خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۇرۇش ئارقىلىق خىزمەتتىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈم يارتىلىدۇ ،يەنى شىركەت قوبۇل قىلغان خادىمنى ئۆي ماشىنا ۋە باشقا تۇرلۈك ئىھتىياجلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاچقا بۇ خادىم خىزمەتنى بىرلىپ جان دىلى بىلەن ئىشلەيدۇ ،بىزنىڭ كارخانچىللىرىمىز چۇ ؟ئەقەللى خىزمەتچىللىرىنىڭ ياتاق مەسلىسىنىمۇ كاپالەتلەندۇرمەيدۇ .ھەتتا ئۇلارغا ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمايدۇ ،بايقى مىللى كارخانىمىزدا جىننى باقالمىغان ئۇكمىزنى بىر خەنزۇ خوجايىن شىركىتىدە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ ،ئۇلانىڭ قىلغان مۇئامىلىسى ۋە تەمىناتىدا ئاسمان زىمىن پەرىق بار بۇرادەرلەر ، گەپ ئىشلىگۈچىدىمۇ ياكى ئىشلەتكۈچىدىمۇ.
[ بۇ يازمىنىumut123 2012-03-21 00:12قايتا تەھرىرلىدى ]