查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى نېمە ئۈچۈن مىللىي كارخانىلارنى تاللىمايدۇ ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى نېمە ئۈچۈن مىللىي كارخانىلارنى تاللىمايدۇ ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kuwruk 2012-03-20 13:49
[attachment=15842]

نۆۋەتتە ئىستۇدېنىتلار ئوقۇش پۈتكۈزۇپ جەميەتكە يۈزلەنگەندىن كېيىن،كۆڭۇلدىكىدەك خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى باش قېتىقچىلىقىغا ئايلاندى.ئەمىلىيەتتە ئولار بىرەر شىركەتتە ئىشلىسە خىزمەت ئۇرىنىغا ئېرىشىپلا قالماي ،جەمئيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بېسىمىنى يەڭگىللەتكىلى ،مىللى كارخانىلىرمىزنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەپ ،مەلوم ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقىلى ،شۇنداقلا بۇ جەريانىدا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىيەلىشى ياكى شىركەتلەردە غۇللوق خادىمغا ئايلىنىپ،ئۆزگىچە يۇللارنى تاپالىشىمۇ مۇمكىن ئىدى،بىراق ئىستۇدېنىتلار ئاساسان بۇ يۇلنى تاللىمايدۇ ،بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
..ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ كەلگۇسىگە تۇغرا قارىشى كېرەك.
شىنجاڭ مالىيە -ئىقتىساد ئۇنۋىرىسىتىتى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستۇتىدىن دوتىسنىت نۇرگۇل قادىر مۇخبىرنىڭ زىيارەت تېمىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،40تىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىسىغا<<ئالىي مەكتەپنى پۈتكۇزگەنلەر نېمە ئۇچۇن مىللىي كارخانىلارنى خېزمەت نىشانى قىلىپ تاللىمايدۇ؟>>دېگەن سۇئالنى قويغاندا ،ئولارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قۇشۇلمايدىغانلىقىنى ئىيتىشتى.
[attachment=15843]
<<مۇستافا>>ئىمپورت-ئېكىسپورت سڭدا چەكلىك شىركىتنىڭ باش دېرىكتۇرى مۇھەممەت ياسىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېىدى:
--ئالىي مەكتەپنى پۇتكۇزگەنلەرنىڭ مىللىي كارخانىلارنى تاللىماسلىقىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن زور.ئولار شىركەتتە ئىشلەشنى خىزمەت ،دەپ قارىمايدۇ،پەقەت ھۆكۇمەت ئورنىدا ئىشلىسە ،ئاندىن ئۇنى <<خىزمەتچى >>قىلغان ئىشىنى <<خىزمەت >>دەپ قارايدۇ بۇ خىل قاراش بالىلىرىغىمۇ سىڭىپ كۆپلىگەن ئىستۇدېنىتلار دا بۇ خىل قاراش ئومۇملىشىپ كەتكەن ،شۇڭا شىركەتلەرگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ئىستۇدېنىتلار نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشى ئۈچۈنلا كىلىدۇ ،ئاخىرغىچە ئىشلەپ ،كۈچ قوشۇشنى ئۇيلايدىغانلىرى يۇق دىيەرلىك ،مۇنداق بىر ياشنى ئۇچراتتىم:ئۇ تىببى ئۇنۋىرسىتىنى پۈتكۈزۇپ ،ئۆزئالدىغا شىپاخانا ئاچقانكەن،ئەمما ئانىسى ھۆكۆمەت ئۇرنىدىن خىزمەت تىپىشىنى تەلەپ قىلغاچقا ئۇ ئاخر كەسپىنى تاشلاپ ئامانلىق ساقلىغۇچى بۇپتۇ  نەتىجىدە ئىلگىركىدىن ئازلىغاننىڭ ئۇستىگە ئۆگەنگەنلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ.شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنىتلەرنىڭ خىزمەت ئىزدىشىگە ،كەلگۇسىگە،ئۆگەنگەنلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى،ئۆزىنىڭ قارىشىنى باشقىلارغا تاڭماسلىق كېرەك.

ئۇرۇمچى شەھرىدە ئولتۇرۇشلوق ئابلەت ئەپەندى مۇنداق دېدى:
-كارخانىلار دا سۇغۇرتا،ئىجدىماي كاپالەت،مائاش قاتارلىقلار مۇقىم ئەمەس،بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ چۇڭ ئەندىشىسى،ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىنىڭ مائاشى مۇقىم،ۋاختـىدا تارقىتىدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى ۋاختىدا نەقلەشتۇرگىلى بۇلىدۇ.
نۇرگۇل قادىر بۇ ھەقتا مۇنداق دېدى:--ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەندىشىسى ئۇرۇنسىز،دەپ قارىغىلىمۇ بولمايدۇ،ئەمما كارخانا باشقۇرۇش تۇزۇلمىسىنىڭ يىلسېرى ،مۇكەمملەششىگە ئەگىشىپ ،مائاشنى ئالالماسلىق ئەھۋالى ئاساسەن تۈگىتىلدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمگەك تۇختامى تۇزۇلگەندىن كېيىن،چوقۇم مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتىلارغا قاتناشتۇرۇش ھەققىدە ئېىنىق بەلگىلىمىلەر بار .ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ سىياسەتلەردىن خەۋەرسىز قىلىشى ،مىللىي كارخانىلارغا ئىشەنىچ بىلەن قارىماسلىق تۈپەيلىدىن ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
ئىديەنى ئۈزۈل -كېسىل ئازاد قىلىشى كىرەك
---ماگىسىتر ئاسپىرانىتلىقنى پۈتكۈزۇپ ،خىزمەت كۈتۈۋاتقان بىرسى:
-مېنىڭدىن ياخشىسى بۇ سۇئالنى سورىماڭ ،ئاسپارنىت تۇرۇپ شىركەتتە ئىشلىسەك ،خەق نىمە دەيدۇ؟شۇنچە يىل ئۇقۇپ شىركەتكە بېرىپ ئىشلىمىسەممۇ ،خىزمەت تاپالايمەن--دېىدى.
شىنجاڭ <<شاخرۇق>>ئىمپۇرت -ئېكىسپورت سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى نادىرە خانىم مۇنداق دىدى:
-ئالىي مەكتەپنى پۇتكۇزگەنلەر ئارسىىدا ئوقۇش تارىخىغا .ئۇنۋانىغا  ئىشىنىپ كىتىىدىغانلار مۇ بار،ئولار دىپلۇمىغا ئىشىنىپ ،تىزلا خىزمەت تاپالايمەن دەپ ئويلايدۇ،لېكىن رىقابەت ئۇنىڭغا يۇل قۇيمايدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا ،ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردە <<باشقىلار نىمە دەيدۇ>>دەيدىغان قاراش بار ،يۇقۇرى ئۇنۋانىمىز بىلەن ئادەتتىكى شىركەتتە ئىشلىسەك ،تۇنۇش-بىلىشىلەر زاڭلىق قىلمامدۇ،دەپ بىكار يۇرۇشكە رازىكى ،شىركەتلەرگە بېرىشىتىن باش تارتىدۇ ،مىنىڭچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بۇ ئىديىسىنى ئۈزگەرتىشى زۆرۈر .
ھەممىدە ئىشەنچ تۇرۇغۇزۇش كېرەك .
مۇخبىر ئىشى كۈتۈپ تۇرغان بىر قانچە ياشنى زىيارەت قىلغاندا ،ئۇلار شىركەتلەردە جان كۆيدۇرۇپ ئىشلىگەن بۇلسىمۇ ،مائاشنى ئالالماي قۇرۇق قول قايىتقانلىقىنى ،مىللىي كارخانىلارغا بىردەك ئىشەنمەسلىك نەزىرىدە قارايدىغانلىقىنى ،ئېيىتتى .ئۇرۇمچى شەھرىدىكى مەلوم شىركەتنىڭ دېرىكتۇرى بۇ ھەقتە مۇنداق دېىدى:
--مىنىڭچە ،بۇ بىر تەرەپلىمە قارش چۇنكى ئالدى بىلەن شىركەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقى  قانچىلىك ئۇنۇم ياراتقانلىقىنى سورۇشتۇرۇش كىرەك .بەزىلەر ھەقىقەتەن جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەيدۇ ،بىراق ئۇزاق ئىشلىمەيلا :<<مائاشىمنى بېرىڭ >>دەيدۇ ،يېڭى كەلگەنلەرنى بىر ئورۇنغا تەيىنلەپ ئۇنى تەربىيەلەپ ئىشقا ياىغۇدەك قىلغاندا ،ئولار بىردىنلا كېتىمەن ،دېسە ئۇرنىغا ئادەم قۇيۇشقا كېلىپ چىققان زىياننى تولدۇرۇشقا تۇغرا كېلىدۇ ،بۇ مەسىللەرنى ئويلاشماي تۇرۇپ ،مائاشىمنى ئالالمىدىم ،دەپ قاقشىسا ،ئەلۋەتتە تۇغرا بولمايدۇ ،شۇڭا ئىشلەۋاتقان ئىشى ئۇرنىدا ئىپتىخارلىق ۋە ئىشەنىچ تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتكە باش چۆكۇرۇپ كىرىشسە،ئەلۋەتتە ئۇنداقلارنىڭ ئەمگىكى يەردە قالمايدۇ
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2011-يىل 14-ئۆكتەبىر ساندىن ئاپتۇرى ئوبۇلقاسىم مەمەت

جەڭچى 2012-03-20 14:46
مىللىي كارىانلاردىكى ئىش ئورنىنى ياراتمىغىنى قەتتى بولماپتۇ ، بۇنچە كۆپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى ھۆكمەت قانداقمۇ
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولالىسۇن ..،،،مەن تونۇيدىغان بىر تونۇشۇم بار ،ئۇمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكەزگەن ھۆكىمەتنىڭ خىزمىتىنى
ساقلاپ بولالماي 2.5يۇەندىن دۋ د  پىلاستىنكىسى سىتىۋاتىدۇ ھالئوقىتىمۇ ياخشى ،،،ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ئالىي مارىپ تەربىيسى كۆرگەن ئادەملەردە بۇنداق كىبىر بولدىغان بولسا ،،،مەن يىڭى بازاردا پايپاق ساتىدىغان ئاغىنلىرىمدىن خاپا
بولمىسام بولغۇدەك ....
-------------------------------------------------------------------------------------
كۆۋرۈك قىرنىڭمۇ شۇڭا كىبىرى باكەندە ،،،ھە دىسلا  سىياسەتۋازلىق قىلىپ

udunbay 2012-03-20 15:31
بۇنداق ئۇقۇغۇچىلاردىن مىللەتكە قانداقمۇ پايدىسى تەگسۇن

ئەلى 2012-03-20 16:23
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كارخانىلارنى تاللىماسلىقىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار:
1.ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى.چۈنكى ئاتا-ئانىسى مىڭ بىر جاپالاردا ئوقۇتۇپ بىرەر مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئەگەر بالا ئۇنداق قىلماي،كېيىن بىرەر ياخشى ئورۇندىن خىزمەت تاپالمىسا،كىچىك شىركەتلەردە ئىشلەپ قالسا كېيىن ئاتا-ئانىسى گېپىمىزنى ئاڭلىمىدىڭ دەپ ئاغرىنىشى تۇرغانلا گەپ،خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ ئۆيدىكىلەرگە دىيەلمەيدۇ،دەپلا قالسا تازا بولۇپ بېرىدۇ دە.بولۇپمۇ قىزلارنى خاتىرجەم شىركەتكە بېرەلمەيدۇ.
2.ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ مىللىي شىركەتلەردە ئىشلىگۈسى يوق.چۈنكى خەقنىڭ گىپىدىن قورقىدۇ.چۈنكى نۇرغۇن خەقنىڭ نەزىرىدە شىېكەتتىكى ھاممال بىلەن باشقۇرغۇچىنىڭ پەرقى يوق،ئوخشاش بىر شىركەتنىڭ خادىمى خالاس.پالانىمۇ مەكتەپتە ئوقۇمايلا ئىشلەۋاتىدۇ ئۇ شىركەتتە شۇنچە يىل ئوقۇپ يەنە شۇ يەردە ئىشلىسەڭ نىمە پەرقىڭ باشقىلار بىلەن دەيدۇ،شىركەتتە نىمە قىلغىنى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلاردا ھەممە كىشىنىڭ باھاسىغا ئېتىبار بېرىش ئېغىر .
3.مىللىي كارخانىلارنىڭ تەشۋىقاتى يېتەرلىك ئەمەس،تۈرلۈك 校园招聘会لەرنى،تازا ئەدەبىي تەرجىمە قىلالمىدىم بۇ گەپنى،ئىشقىلىپ مۇشۇنداق مەخسۇس ئوقۇغۇچى بالىلارغا قارىتىلغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنلىرىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.مىللىي كارخانىلار ئاساسەن تېلىۋۇزۇردا  ئېلان  بېرىدۇ،بىزنىڭ نەدە  ۋاقتىمىز  تېلىۋۇزۇر كۆرىدىغان.مەكتەپ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئادەم قوبۇل قىلىشى كېرەك.
4.تەلەپ يۇقىرى مائاش ئاز،شارائىت ناچار.ئالدىنقى مەۋسۇم بىزنىڭ مەكتەپكە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى  شىركەت،ئالىي مەكتەپ،ئىدارە-ئورگان،چوڭ گۇرۇھلاردىن ئادەم ئالغىلى كەپتۇ،قارىسام دىيارىمىزدىنمۇ كەپتىكەن خەنزۇلارنىڭ شىركىتىكەن،بىراق ئۇنۋانغا بولغان تەلەپ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ئاسپىرانت بولىشى كېرەككەن،كۆپىنچە ئورۇنغا دوكتۇر ئالىدىكەن،مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى دېمەيلا قوياي.
5.دىيارىمىزنىڭ مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تورلىرىغا كىرىپ باقتىم بىراق بىرمۇ مىللىي كارخاننى كۆرمىدىم.

ئىشقىلىپ  سەۋەب  ساماندەك

جەڭچى 2012-03-20 16:43
ئەلىنىڭ يازمىسنى ئوقۇپ   تۈرلۈك سەۋەبلەرنى يەنىمۇ  تولۇق چۈشۈنۈپ قالدىم ،،،ئىشقىلىپ تەرىققىيات دەپ جار سالغان بىلەن  بۇ ئىغىزدىكىلا گەپ ئىكەن ،،،ئىجتىمايى جەمىيتىمىزنىڭ مۇكەممەللىششىگە گۇمان بىلەن قارشىم تىخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى .

نارات 2012-03-20 17:31
مېنىڭچە بۇتوغرىلىق مەسلە بەكجىق 1-شنىجاڭدا مىللى كارخانا قانچىلىك ھازىر  قانچىلىك ئادەم ورىنلاشتۇرالايدۇ.
2-بۇ كارخانىلارنىڭ ساپاسى قانچىلىك مەسۇلىيەتچانلىغى قانچىلىق.ھۈكىمەت قانچىلىك دەرجىدە ئېتىراپقىلىدۇ
3-بۇ كارخانىلار ىشچىلارنىڭ مۇاشىنى دەل ۋاختىدا بېرەلەمدۇ،ياكى ئادىتى بويچە سىناقتىن ئۈتكەندە بېرىمىزدەپ كەينىگە تارتامدۇ ،ئەسلىدە 1ساەت ىشلىسە 1سائەتلىك پۇلىنى بېرىش تۈزىمىنى قولىنىش كېرەك،مۇكاپات ۋە جازاسى ېنىق بولىش كېرەك،1-2ئاي ىشلىمەي تۇرۇپ پۇلدەمسەن دىگەندەك تۈزىم قوللانسا توغرا بولمايدۇ بۇنداق بولسا ىشلىگۈچىنىڭ ۇزۇن مۇددەت ئشلەش ىرادىسىگە تەسىر يىتىدۇ،
4-مەزكۇر كارخانىلارنىڭ ئۈز دايىردا ئىشلەيدىغان ئشچىلارنى شۇخىل كەسىپ ۋەخىزمەتكە مايىل تەربىلەپ خىزمەت ساپاسىنى ئۈستۈرىپ ۇزۇن مۇددەت ئىشلەشتەك مۇستەككەم ئىرادىسىنى تىكلەشكە تىرىشىشى كېرەك،ۇلارنى كەمسىتىشتىن ساقلىنىشىكېرەك
5-بىزنىڭ مىللى زىيالىرمىز ھازىر كۈپىنچە وقۇت قىچىلىق خىزمىتىدىن باشقا خىزمەتكە ئنتايىن ئاز بۈلىنىۋاتىدۇ  ،بۇ توغرىلىق مېنىڭ چۈشەنچەم توغرا بولمايۋاتىدۇ ،مەسىلەن بىزنىڭ نايەنى ئېلىپ ئېيتايلى 300مىڭ نوپوس ىچىدە 35مىڭ ۇيغۇر بار ومومى نوپوسنىڭ 12%نى ئىگىلەيدۇ ،ئەمدى خىزمەت تەخسىماتىغا قارايلى خەلىق سوتىمىزدا بارلىق خىزمەتچىلەر تەخمىنەن تۈۋەن ھىساپتا 120ئادەم دىمەك مۇشۇ سان بويىچە 10ئادەم ۇيغۇر بولۇش كېرەك ئەمىلىيەتتە ئادەتتىكى ىشچى قاتارلىقلارنى قوشقاندا 3ئادەملا بار ۇيغۇرلارغا سوت ئاچىدىغان سوتچى يوق سۇبىكتىپقا ۇيغۇن كەلمەيدىغان قازاقچە سوت ېچىلىدۇ،يەنە
مۇشۇنىڭبىلەن وخشاش بولغان جەنسايۈەن لەردە تېخى 1لا ۇيغۇر ئايالبار پارتىكوم ھۈكىمەت دىگەنلەردە يوقنىڭ قاتارىدا باڭكا بولۇپمۇ يېزىلاردىكى بانكا پوشتا دىگەندەك ئىدارىلەردە 99%100% پىرسەن خەنلەر ئىشلەيدۇ بىچارە ۇيغۇر دىققانلىرىي.پۇل ئېلىپ قويىش پۇشتىغا يوللانما سېلىش قاتارلىق ئىشلاردا تىل ۇقماي ئاۋارە بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ قوپللىغىنى دىمەيلا قوياى.دىمەكچى بولغىنىم ما دىيارىمىزدىكى خىزمەتلەرنى باشقا زىياللار قاتارىدا نىسپەت بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىش كېرەك بىزنىڭ مېىربان باشچىلىرىمىز بۇنى،مۇشۇنداق ئجخرا قىلىش كېرەك ،زىيالىلىرىمىزنىڭمۇ ،مۇشۇنىڭغا وخشاش ئىچى كۈيىۋاتقاان يەرلىرىبار ،دىسەك گەپ تولا ئەركىن دۈلەت بولغاشقا بۇ پىكىرنى قويالىدىم، تورداشلا ر ئەپۇ قىلىڭلار .مېنىڭ دىگەنلىرىم ئەمىلىيەتتىن مىساللار،

kuwruk 2012-03-20 18:21
[quote]بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2012-03-20 16:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كارخانىلارنى تاللىماسلىقىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار:
4.تەلەپ يۇقىرى مائاش ئاز،شارائىت ناچار.ئالدىنقى مەۋسۇم بىزنىڭ مەكتەپكە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى  شىركەت،ئالىي مەكتەپ،ئىدارە-ئورگان،چوڭ گۇرۇھلاردىن ئادەم ئالغىلى كەپتۇ،قارىسام دىيارىمىزدىنمۇ كەپتىكەن خەنزۇلارنىڭ شىركىتىكەن،بىراق ئۇنۋانغا بولغان تەلەپ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ ئاسپىرانت بولىشى كېرەككەن،كۆپىنچە ئورۇنغا دوكتۇر ئالىدىكەن،مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى دېمەيلا قوياي.
----------ئەلى ئىنىم ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپسىز،،،بۇندىن كىيىن ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغانلار جەميەتكە كىرەكلىك كەسىپلەردە ئۇقۇغان ياخشى ،،،جەميەتنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ مىللى كارخانىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپىئەتنى قۇغداش ئىڭى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھۇقۇق -مەنپىئەتنى كاپالەتدۇرۇش ئۇتتۇرسىدىكى مەسىللەرمۇ ھەل بۇلوپ كەتكۇسى...
.......

قارگۇلى 2012-03-20 18:34
ھۇكۇمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەننىڭ ھەممىسىلا ياخشىمۇ؟؟؟؟ ئۆزۇمنى مىسال قىلسام، 15يىلغا بېرىپتۇ.. ئىدارىدە ھېلى ئۇ يەردە، ھېلى بۇ يەردە ئىشلەپ يۇرگىلى،،، شۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ئەقلىم بولغان بولسا،، چوقۇم تىرىشىپ -تىرمىشىپ يۇرۇپ ، بىرەر ئىشنى مۇستەقىل قىلالىغىدەك بولار ئىدىم!!!! ئېسىت 15يىلىم!  شۇ مۇئاشنىڭ مەرىدىن كېچەلمەي،،  ئېچىنىمەن!!!!!   

agah 2012-03-20 18:55
مەسىلە ئۇيغۇر كارخانىچىدىمۇ ،خىزمەت ئىزدۈگىچىدىمۇ ھەمدە ھۆكۈمەتتىمۇ بار .بۇ مۇرەككەپ ھادىسە ..لېكىن ئاساسلىق مەسئولىيەت يەنىلا كارخانىلاردا ..

oylinish 2012-03-20 20:07
مەن مىللىي كارخانىلاردا ئىشلەشنى ئارزۇ قىلىمەن.  قېنى  قايسى  كارخانا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكىن؟  

unqa 2012-03-20 20:12
راسلا مۇرەككەپ .

خوشامەت 2012-03-20 20:33
ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق ئويلايدىغانلار بەك كۆپ

pinhan910 2012-03-20 20:48
مىللى كارخانىلار كۆپرەك ئىش ئۇرنى ياراتسۇن دېسەك، شۇ مىللى كارخانىلارنى قوللىشىمىز، ئامالنىڭ بارىچە مىللى كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىمىز   كېرەك،  شۇندىلا مىللى كارخانىلار بېيىيدۇ ، بېيىغاندىن كېيىن مەھسۇلاتلىرى سەرخىللىشىدۇ ھەم كۆپلەپ ئىش ئۇرنى بىلەن تەمىنلەيدۇ  شۇ چاغدا مۇئاشنىڭ تارقىتىلماسلىقى ، مۇئاشنىڭ تۆۋەن بولىشى  سۇغۇرتا........... قاتارلىقلا دىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ ئەمەسمۇ.  ئۆز شارائىتىمىزنى ئۆزىمىز ياخشىلىمىساق كىم بىزگە ياخشىلاپ بېرىدۇ................  

samanyoli 2012-03-20 21:51
ئاتا ئانىلارنىڭ تومۈر تاۋاققا ئېسلىۋېلىشىدىنمۇ يامانلىغىلى بولمايدۇ،چۈنكى ئەينى زاماندا بۇ تۆمۈر تاۋاق ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئالى دەرىجىدىكى چىقىش يولى ئىدى،،،،،،،،زامانىمىزدىكى ئاق ياقىلىقلارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ شۇ زاماندىكى تۆمۈر تاۋاققا باغلانغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر،،،بۇ مېنىڭ شەخسى پىكرىم.

ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنىلا ئۆز-ئۆزىنى تاۋلايدىغان بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىشى كېرەك،يەنى ئاز تولا ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىنىشى كېرەك ،ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەر بولسا تېخى ياخشى، ،،تومۈر تاۋاققا ئېسىلىپلىۋالماي ئۆزى ئاز ئازدىن بولسىمۇ ئىشلەپ پۇل تېپىشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. ئەمەلى ئەھۋال شۇكى بۇ ستۇدىنتلىرىمىزمۇ گوياكى بىر ئاق قەغەز،،،ئۇلارنى تەربىيلەشكىمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ، ئاز تولا ئىش ئۆگىنىۋېلىپلا قاچىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەستۇ بەلكىم،،،،،ئىش ھەققى بېرىدىغان يەرنىڭ قانچىلىك ئىش ھەققى بېرىدىغانلىقى بىلەنلا قالماي ،ستۇدىنتلىرىمىزنىڭمۇ قانچىلىك ئىش ئۈنۈمى يارىتالايدىغانلىقىنىمۇ ئويلاش كېرەك،،،،،،،،،،،،قىسقىسى بۇ كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلە،بۇنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.

umut123 2012-03-20 23:52
مىنىڭچە كەڭساي مۇنبىرىدە خىلى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار بار لىكىن بەزى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى  مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ،خىزمەت قىلىشتىكى مەخسەت زادى نىمە   ،مىللى كارخانىلىرىمىز  دىگىنىڭلار زادى قايسى كارخانىنى كۆرسىتىدۇ ،شۇ مىللى كارخانىلارنىڭ قۇرغۇچىللىرىنىڭ ساپاسى قانچىلىك ،شۇ كارخانچىللىرىمىزنىڭ قوللىرىدا ئايپون 4 بار لىكىن سىلەچە ئۇنىڭ رولىدىن قانچىلىك پايدىلىنا ،ئوقۇش پۈتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگۈسى يوقمىدۇ ،ئاتا ئانىلىرى قىزلارغىغۇ يول قويمىغاندۇ ئوغۇلار پۇل تاپاي دىسە راسلا توسۋالغانمىدۇ  ،ئاددى بىر مىسالنى ئىيتاي بىر ئۇكىمىز بولدىغان ،ئۇ ئالى مەكتەپنى ئىچكىرىدىكى بىر داڭلىق مەكتەپتە ئوقغاندى ئوقۇش پۈتتۈرگۈندىن كىيىن مەمۇرلىققا 2 قىتىم ئىمتاھان بەردى لىكىن  ئۆتەلمىدى   .......................................... قۇشقاچ مىڭ چىرايلىق سايرىسىمۇ ئۇ تورغاي ئەمەستە.
ئۇندىن كىيىن ئۇ ئۆز كۈچىگە تاينىپ ياشاش مەخسىدىدە بىزنىڭ بىر داڭلىق مىللى كارخانىمىزغا كىرىپ ئىشلىدى لىكىن بىر ئاي ئىشلەپ 1000سوم مۇئاش ئىلىش ئۈچۈن 2000 سوم خىراجەت قىلىدى بۇنى يەنىلا ئاتا ئانىسىدىن ئالدى ،لىكىن داۋاملىق ئىشلەشكە بەرداشلىق بىرەلمىدى چۈنكى ياتاق ۋە تاماقتىن كۈپ قىينالدى ئۇنىڭ ئۈستىگە شەنبىسى يەكشەنبىسى يوق ئەتگەن سائەت 7 دىن چۈشتە يىرىم سائەت دەم ئالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا كەچ سائەت 10گىچە داۋاملىق ئىشلەش مۈمكىن ئەمەستە ،چەت ئەلدە  خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۇرۇش ئارقىلىق خىزمەتتىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈم يارتىلىدۇ ،يەنى شىركەت قوبۇل قىلغان خادىمنى ئۆي ماشىنا ۋە باشقا تۇرلۈك ئىھتىياجلىرىنى كاپالەتكە ئىگە  قىلغاچقا بۇ خادىم خىزمەتنى بىرلىپ جان دىلى بىلەن ئىشلەيدۇ ،بىزنىڭ كارخانچىللىرىمىز چۇ ؟ئەقەللى خىزمەتچىللىرىنىڭ ياتاق مەسلىسىنىمۇ كاپالەتلەندۇرمەيدۇ .ھەتتا ئۇلارغا ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمايدۇ  ،بايقى مىللى كارخانىمىزدا جىننى باقالمىغان ئۇكمىزنى بىر خەنزۇ خوجايىن شىركىتىدە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ   ،ئۇلانىڭ قىلغان مۇئامىلىسى ۋە تەمىناتىدا ئاسمان زىمىن پەرىق بار بۇرادەرلەر ، گەپ ئىشلىگۈچىدىمۇ ياكى ئىشلەتكۈچىدىمۇ.

بىگان 2012-03-21 08:35
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

salmanuyghur 2012-03-21 09:47
مىللىي كارخانىلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنچىۋالا ناچار ئەمەس،ناچارلىرى يەنىلا ئاز ساندا....مەسلە كارخانىدىمۇ بار،ئىشلىگۈچى ئادەمنىڭ ئۆزىدىمۇ بار،بىرەر ئىشنىڭ ئىپىنى بىلمەستە گەپ سۆزسىز ئىشلەيدۇ،ئىش ئۈگۈنۈپ بولغاندا باشقا شىركەتلەر 100-200يۇەننى ئارتۇق بىرىمەن دىسە شۇ پۇلغا بۇزۇلۇپ چىقىپ كىتىدۇ.بۇ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىلا  كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىشلار...شىركەتكە كىرگەندە ئۇزۇن ئىشلەيمەن...دەپ كۆپ ۋەدىلەرنى بىرىدۇ،ئەمما ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئىمتىھاندىن ئۈتۈپتىمەن ۋە ياكى يۇرىتقا باراتتىم ئاپام ئاغرىقتى دىگەندەك باھانىلەرنى قىلىپ چىقىپ كىتىدۇ،شىركەت ئىشى خېلى بىر ۋاققىچە يېرىم يولدا ئاقسايدۇ.
كۆپ قىسىم مىللىي كارخانىلاردا كارخانا مەدىنيىتى شەكىللەنمىگەن.بىر قىسىم «لوبەنلەر»مۇ ھەقىقەتەن نۇمۇسسىز،كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورىقمايدۇ،ۋاقتىدا مۇئاش بەرمەيدۇ،باھانىسى كۆپ...شۇنىڭ بىلەن بىرنىڭ پۇقى مىڭغا دەپ قېرىنداشلىرىمىز ھەممە مىللىي كارخانىدىن رەنجىيدۇ....
ئەمما نۇرغۇن  قېرىنداشلىرىمىز  ياخشى بولسۇن ئەسكى بولسۇن يەنىلا مىللي كارخانىلاردا نان يەۋاتىدۇ،(شەخسەن مەنمۇ شۇ)...شۇڭا بەك يامان گىپىنى قىلىپ كىتىشمۇ توغرا ئەمەسمىكىن.چۈنكى سامانيۇلى قېرىندىشىمىز دىگەندەك ئامىل كۆپ،بۇنى تەكىتلىسەك ئاغزىمىز مايماق كىتىشى مۇمكىن.....

شاۋقۇن0999 2012-03-21 10:56
[attachment=15854]
[attachment=15855]

مۆئمىن 2012-03-21 12:07
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

ئەلى 2012-03-21 12:17
ھازىر نۇرغۇن كارخانىلار ئادەم قوبۇل قىلسا توختام بىلەن قوبۇل قىلىدىغۇ،بەش خىل كاپالەتمۇ بار ،توختام ئاز بولغاندىمۇ 3 يىل بولىدۇ .ئىشقىلىپ ھازىرقى ھەممە ئادەم قانۇننى چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن زاماندا ئۇنداق ناتوغرا ئىشلار يوقىلىۋاتىدۇ.
مېنىڭمۇ مىللىي كارخانىلاردا بولۇپمۇ يېمەك ئىچمەك كارخانىلىرىدا بەكمۇ ئىشلىگۈم بار ئىدى.ھازىرقىدەك ھەممە كىشى ھالاللىق تەلەپ قىلىۋاتقان كۈندە بۇ ساھەنىڭ ئىستىقبالى زور دەپ بىلىمەن.

yangen 2012-03-21 19:08
ئەلى ئەپەندىنىڭ 4-ھەۋەبى تازا بولۇپتۇ!يەنە ئۇرۇق تۇققان مەسلىسىمۇ خىلى ئىغىر كەن!!!! ئەمما غەم قىلمىساقمۇ بىزلەر تاللايدىغانغا مىللىچە كارخانىلاردىن باشقىلىرى بەك تۆۋەن بولمىسىلا بىزلەرگە ئاشمايدۇ!!! باشلانغۇچىنى تۈزۈك ئوقۇمىغان ماڭنۇرلارنى ئىشلەتسە ئىشلىتىدكەنكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشلەتمەيىدىكەن!!!

ئەلى 2012-03-21 19:42
بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە مەۋجۇت.يەنى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسى.شۇڭا بىزنىڭ خەنزۇ شىركەتلىرىدە ئىشلىشىمىز بۇ جەھەتتە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.بەلكىم مىللىي كارخانىلاردا  ئەھۋال ياخشىراق بولىشى مۇمكىن. ئۆتكەندە مەكتىپىمىزگە ئادەم قوبۇل قىلىش يۈزتۇرنە ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىدىم.بىراق مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىمغا قاراپلا مېنى رەت قىلدى.چۈنكى مىللىتىم ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن.مەنمۇ بوپتۇ ئەمىسە دەپلا چىقىپ كەتتىم،چۈنكى مېنىڭمۇ قەتئىي ئىشلەش خىيالىم يوق ئىدى،مۇنداقلا سىناپ باقاي،يۈز تۇرانە ئىمتىھان قانداق بولىدۇ دەپ ئويلىغاچقا ھېچقانداق ئويلىمىدىم.ئىمتىھان ئالغان كىشىمۇ سەن شىنجاڭلىق ئىكەنسەن،مۇسۇلمانچە تاماق يىمىسەڭ بولمايدۇ،بىراق شىركىتىمىزدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ئىشلاردا بىز قىلغاننى قىلالمايسەن،ئۆزۈك قىينىلىپ قالىسەن دەپ چىرايلىق رەت قىلدى.
كېيىن ياتاقتىكى خەنزۇنىڭ كۈندە قاقشالىرى مېنى شىركەتتە ئىشلەشتىن تېخىمۇ سەسكەندۈرىۋەتتى.بىر مالىيە بۆلىمىدە نۇرغۇن ئادەم ئىشلەيدۇ،بىر كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،يەنە بىر كۈنى ئۇنىڭ تويى،بىر كۈنى زىياپەت،يەنە بىركۈنى خىزمەتداشلار يىغىلىشى،شىركەت پائالىيىتى،بايراملىق يىغىلىش،نەچچە كۈندە بىر ئولتۇرۇش،توختىماي ئىچىشىش،يەنە ك ت ۋ دا ناخشا ئېيتىش........مۇشۇنداق جايلاردىن قېلىشقا بولمايدۇ،قالمىغاندىمۇ ھەر قېتىم ئاكتىپلىق بىلەن بېرىش لازىم،بولمىسا ئەمدىلا ئىشقا چۈشۈپ ئاقسالىق قىلغان بولىدۇ،باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغان بولىدۇ.بىز خەنزۇ چېغىدا ئاشۇنداق دەۋاتسا بىزدەك ئېتىقادلىق كىشىلەر ئۇنداق يەرگە ئەسلا ماس كەلمەيمىز.شۇنىڭ يايما ئاچسام،كىچىك دۇكان ئاچسام ئاچىمەنكى ئۇنداق ئورۇنلاردا  قانچە كۆپ پۇل بەرسىمۇ ئىشلىمەيمەن دەۋەتكەن  مەن.

oylinish 2012-03-21 19:46
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2012-03-21 08:35 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  15-قەۋەت (umut123) نىڭ يازمىسىغا :
ئويلىنىش سىلىنىڭ مىللي كارخانىدا ئىشلىگىڭلار بارما؟  مەن مەشرەپ شىركىتىگە ئۇقۇشۇپ بىرەيمۇ؟  .سىزگە ئىش تىپىپ بەرسە ئەجەب ئەمەس

ھەئە. لېكىن  مىللىي كارخانا بولسىلا بولمايدۇ، مېنىڭ شەرتلىرىمگە چۈشۈشى كېرەك. مەشرەپ شىركىتى دېگەن قانداق ئىش قىلىدىغان شىركەت؟

samanyoli 2012-03-21 19:50
ئويلىنىش ،،،،،،،،،،تولا ئاقساق چولاق ئىشلارغا باش قاتۇرماي،چىش دوختۇرلىقىنى ياخشى ئۆگىنىڭلار،،،،،بەك پۇللۇق كەسىپ،،

oylinish 2012-03-21 19:53
ئاكا مىراس چىش دوختۇرخانىسى  دەپ ۋىۋىسكىنى يوغان ئاسسام ھە

ئۇ ئىشنىڭمۇ دەردى تولا.  كىنىشكاڭ  يوق  دەپ  تولا ئاۋارە قىلىدۇ.

بىگان 2012-03-21 20:05
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

نارات 2012-03-21 22:01
كارخانىغا ورىنلىشىش بىلەن ھازىرقى خىزمەت كۈتىپ تۇرغان زىيالىلارنىڭ ئىشىنى تامامەن ھەل قىلىپ بولغىلى بولماېدۇ ،نەزەردايىرمىزنى ،كەڭ دايىرگە سالايلى،

haldin 2012-03-22 00:04
سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى  قوللايمەى  قېرىندىشىم ، مەنمۇ  ماشقا  ئىشلەپ  يۇرگىلى  مانا توپتوغرا  ئالتە يىل  بوپلۇپ قاپتۇ،  ئەمدى بولسىمۇ  بىر ئىش قىلمىسام   بولمايدۇ

haldin 2012-03-22 00:07
ناھايىتى  ئورۇنلۇق  گەپ قىلدىڭىز ،

uyghur-biz 2012-03-22 00:59
مۇشۇ كۇنلەردە بىر ئىش قىلماق تەسلىشىپ كىتىپ باردۇجىمۇ .. ھىسقىلشىمچە خەۋەرلىشىش كەسپى بىلەن شۇغۇلانسا كوپرەك پۇل تاپقىلى بولدىكەن.

tugrul525 2012-03-23 04:25
بۇ ھەرگىزمۇ ياراتماسلىق ئەمەس. ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرى ئۆزىنىڭ قانچىلىك سەۋىيسى بارلىقىنى ئۆزى بىلىدۇ. ھەم ئۆمۈرلۈك تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسىنى كۆرىدىغان چاغدا ئىككىلىنىپ قىلىۋاتقان گەپ. مەمۇر بۇلۇشنىڭ يۇلى ھەر قانچە تار بولسىمۇ چۇقۇم بىر قىسمى مەمۇر بۇلىشى كېرەك. بۇ ساھانى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ.  بۇ بىزنىڭ ھوقوقىمىز. ئەلۋەتتە ھەممە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مەمۇر بۇلالىشى ناتايىن. ئاستا-ئاستا ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپالايدۇ. مىللى كارخانىلار مەسلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. ئىشەنچ- بىردىنبىر سەۋەپ. يەنى مىللى كارخانىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بىلەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى.

ئەلى 2012-03-23 10:27
ماۋۇ  بىگان يەنە تۈرمىگە كىرىپ  قاپتىغۇ ئەمدى،راس دۆلىتىمىزنىڭ ئۈن-تىنسىز بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى بىرىنچى بولۇپ كەڭسايغا كەلدىمۇ  نېمە ؟

نىمجان 2012-03-23 10:57
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

iltebir 2012-03-23 22:18
بۇ جەھەتتە ئىددىيەنى ئازاد قىلىش كىرەك. بۇنداق بۇلىۋەرسە بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنى قوللىشىمىز كىرەك.

رەسسام 2012-03-24 11:29
                         پىياز
بىر باش پىياز ئىدىم مەن گۇيا
قەۋەت-قەۋەت دەرىدكە ئورالغان.
تۇغرالغاندا بىر قەۋەت قېنىم،
ۋاقىرايدۇ  تاغلار پەرىشان .

ئېچىشىدۇ يارىمنىڭ كۆزى،
كۈلۈمسىرەپ سالغاندا پىچاق.
ھىچكىم ئۇيلاپ باقمىغان بىلەن ،
مېنىڭ باغرىم قان تولغان بۇلاق .

بۇ بۇلاقتا يۇيۇنمايدۇ ئاي ،
قۇللىرىنى سۇنمايدۇ يۇلتۇز.
غەمگە پاتقان تاغنىڭ كەيندىن
بىر باش پىياز ئەگىشىەر يالغۇز.

بىر كوبلىتلىق قۇشاقتەك گۇيا،
تۇيۇلماقتا سىرلىق ئۆتمۇشۇم .
قايتا-قايتا ئوقۇيدۇ ئۇنى .
پىياز بۇلوپ تۇغرالغان گۈلۈم
ئاپتۇرى: قەيسەر تۇرسۇن

مۇستەقيىم 2012-03-27 21:44
مۇنداقچە ئېيتقاندا ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پەقەت خىزمەت ئۈچۇنلىمۇ قېرىنداشلار . ئالدىمىزغا قاراپ باقايلى .قىلىمىز دىسەك ئىش دىگەن ساماندەك.ئەڭ توغرىسى بىز ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۇتتۇرۇپ جەمىيەتتىكى بىرىنچى قەدەمنى قانداق باسىمىز ؟نىشانىمىز نىمە ؟بىز ئوقۇش تارىخىمىزدا نىمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ئۆگەنگەنلىرىمىزنى قايەرگە ئىشلىتىمىز ؟.........دىگەندەك مەسىلىلەرنى قايتا قايتا تەپەككۇر قىلىشىمىز كىرەك.   ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان ئەقىلنى جايىدا ئىشلەتمىسەك قىيامەتتە سورىقى بار.قىيامەت كۈنى ھەربىر جان ئىگىسى شۇ ئەقلىدىن جايىدا ئىشلەتتىمۇ يوق ھەممىدىن ھىساب بىرىدۇ .شۇڭا ئاللاھ بىزگە ۋە بىزلەرنى ئەڭ ئەزىز بۇلۇشقا مۇيەسسەر قىلغان ئەڭ چوڭ نېئمەت تەپەككۇرنى جايىدا ئىشقا سېلىشىمىز پەرىز قېرىنداشلار .جانابى ئاللاھقا چوڭ شۈكۈرلەر بولسۇن     ئامىن!!!!!

axik904 2012-03-29 00:21
دىيارىمىز دىكى كارخانا قۇرغۇچىلارمۇ ئازدە

alkoyar 2012-04-19 00:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئۈمىد، ئىرادە، تىرىشچانلىق ، ۋە باشقا ماددىي -مەنىۋىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزدە بولمىسا باشقىلار بىزگە بۇلارنى قانداقمۇ بېرەلىسۇن؟!! مەيلى مىللىي كارخانىلار ۋە ياكى ھۆكىمەت ئورگانلىرى بولسۇن ئۇلاردىن ھېچنىمىنى تاما قىلماڭ!  ھەقىقىي بىر مۇسۇلمان بولسىڭىز بۇ باش قېتىنچىلىقىزنىڭ ھەممىسى ئاللا خالىسا ھەل بولۇپ كېتىدۇ.

زىننۇرە 2012-06-13 14:25
ئاۋال ئۆزىمىزنى راۋاجلاندۇرساق ئاندىن ئۆزىمىزنى روناق  تاپقۇزالايمىز ئەمەسمۇ.... قاچانمۇ قۇبۇل تاپارمىز ئۆزىمىزنى...

farxah 2012-08-18 22:11
راستىنى دىگەندە بىزنىڭ مىللىي شىركەتلەر ئادەم ئىشلىتىنى ئۇقمايدۇ، مەن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ نۇرغۇن شىركەتلەردە ئىشلەپ چىقتىم، بىر شىركەتتىن رازى بولۇپ باققىنىمىنى بىلمەيمەن، بەزى شىركەتلەر مۇئاشىمنى كەم كۇتا بەرسە، بەزى شىركەتلەربىر باھانىلەرنى تېپىپ، تۇتىۋالغان، بەزىلىرى تىخى قەئئىيلا بەرمدى. چاغان، دۆلەت بايرىمى، دىگەندەك ھەرخىل بايراملاردا بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز ئەمەس دەپ قويۇپ بەرمىسە، ھىيتلاردا دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى دەپ ئىشلەتتى. ناھايىتى ئاز ساندىكى شىركەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا،سۇغۇرتا دىگەن يالغان گەپ، خەققە ئىشلەپ، مۇئاشىمنى بىرىڭ دەپ يىلىنغاندىن تەس ئىش يوقكەن جاھاندا. ئەڭ ياخشىسى، پايپاق ساتسىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلغان ئەڭ ئەۋزەل ئىكەن. مىڭ جاپادا ئىشلەپ بەرسە پۇلنى بىكارغا ب ېرىدىغاندەك قىلىپ كەتكەن.


查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى نېمە ئۈچۈن مىللىي كارخانىلارنى تاللىمايدۇ ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046849 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us