باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1772 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 3/3     Go
تېما: قاسىم سىدىق:شېئىرلار
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-11
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-29 00:14

دەسمايىسى

قاسىم سىدىق

بۇ سەتەڭ شۇنداق سەتەڭ، سۆلكىتى- دەسمايىسى،
ساختا كۇلكە،ساختا ھۆرمەت-ئىززىتى-دەسمايىسى.
ئاق بىلەك، ئاپپاق يۇتا،ئاپپاق ئىتى- دەسمايىسى،
كۆزلىرىدە جىلۋە قىلغان شەھۋىتى- دەسمايىسى،
بولدى بەس نەق گەپ قىلساق ئىپپىتى- دەسمايىسى.

بۇسەتەڭ شۇنداق سەتەڭ، لەۋلىرى ئەينۇلىدۇر،
گاھى ئاقتۇر يۇزلىرى، گاھى خۇددى لالىدۇر.
بولسا كۆكسى گاھى ئالما،گاھىدا شاپتۇلدۇر،
ئۇشبۇ ئالۋۇن قايدا بارسا شۇندا كۆپ غۇلغۇلىدۇر،
مىسلىسىزتەنناز ئەجەپ،سىر ھىكمىتى-دەسمايىسى.

بۇسەتەڭ شۇنداق سەتەڭ، بەللىرىدۇر بىر تۇتام،
گاھ قىلىن گاھى نىپىز سوقىدۇ يۇزمايدا تام،
ياقىسىز،يەڭسىز ئىروركۆينەكلىرى،مەغرىپ مۇقام،
بىرغىرىچلا يوپكىسى، ھەممە نەق خۇللاس كالام،
تامبىلى بارماقچە بار- يوق، رىغبىتى –دەسمايىسى.

دەپ تۇرۇپ ئۇيغۇرنى "ئۇرغۇي"ئاغىزىدا "گودبەي" تېخى،
چىقسا ئۆيدىن مومىسىغا دەيدۇ ھەم "بەي-بەي"تېخى،
گاھ فىرانسۇز، گاھ پولەكچە چاچىرىتار شولگەي تېخى،
ئاغىرسا"ئەييۇ"لادەيدۇ،ئەستە يوق"ۋاييەي"تېخى،
مودا دەپ يۇيمايدۇ كۆينەك، چەتئەل پىتى –دەسمايىسى.

كەستى سومبۇل چىچىنى، داغلىدى داغمالدا ئۇ،
بۇدىرە قىپ بولدى سىۋەت باش، بۇدىرلەرنىڭ ئالدى ئۇ،
يىڭنە بىلەن مەڭ ياساپ تولىمۇ قىينالدى ئۇ،
قاتتى ئەينەك ئالدىدا، كەتسە ئوت قوزغالدى ئو،
ئوزىدە دەسمايە يۇقتۇر، زىننىتى- دەسمايىسى.

ئۆزى ئۇيغۇر، تۇرقىدا ئۇيغۇرلىقىدىن يوق دىرەك،
يوق ئەمەس باردۇر يۈرەك،يوقى ئۇيغۇرچە يۈرەك،
قايسى مىللەت بولمىسۇن قىلماس ئۇنى ھەرگىز كېرەك،
كىچىسى دەملەيدۇ قەھۋە، كۈندۆزى تارتىپ خورەك،
كىملابولسا قوينىدا، ئىشرىتى – دەسمايىسى.

نەچچە ئەرگە تەگدى ئۇ، ئايمۇ ئۆتمەي "ئۇچتالاق"،
يىشى ئون سەككىز تېخى، مۇشتەك تۇرۇپ بولدى پالاق،
شۇپىتى ئۆزگەرمىسە قىلماس ئۇنى ئىتمۇ يالاق،
يۇتمىدى ياكى ئەجەل، يابولمىدى ئاغىرىق- سېلاق،
قاتىرىدى ھەر رەستىدە، ھارماس پۇتى – دەسمايىسى.

مودا دەپ تاللاپ تۇرۇپ ئىچىدۇ شامپان يەنە،
تۈگىسە شامپان ئاق ھاراققا قول سۇنار شۇئان يەنە،
قولغا قىسقان سىگارىت، تارتىشى چاپسان يەنە،
چەككىدەك ئەمدى خىرۇئىن، قاينىغاچ"ۋىجدان" يەنە،
بەيگەبەرمەس ھەرسەنەمدە، "شۆھرىتى"- دەسمايىسى.

ياشىماق بولماس نىسىپ، ئەلۋەتتە راسىت، دەسمايىسىز،
ئادىمى بولماق قىيىن ياخشى ئەخلاق- غايىسىز،
نۇر چاچار مىللەتمۇ يۇق مۇتلەق غۇبارسىز، سايىسىز،
ئۆز ئۆيىدىن باتنىغاننى كۆردى كىملەرمۇ ئەزىز،
كەلتۇرەر بىر بۇردا نان، مىننىتى – دەسمايىسى.

ئۇشبۇ مەلئۇن دەردىدە تاپقان ئاتاسى ئاھ ئۇرار،
قىلمىشىدىن ھەر كىچە ئەخلاق خۇداسى ئاھ ئۇرار،
ئاڭا كار قىلماس جازا، ھەتتا جازاسى ئاھ ئۇرار،
نەچچە تەگدى، ئاجىرىدى، ئەھدۇ نىكاھسى ئاھ ئۇرار،
ئۆزى شۇ ھالدا تۇرۇپ غەيۋىتى – دەسمايسى.

بولدى بەس ئۇيغۇر قىزى، ئۇيغۇرلىقىڭنى ئۇنتىما،
مىللىتىڭدىن ئۆرىسەڭ يۆز، خورلىقىڭنى ئۇنتىما،
نۇزۇگۇم ئاھ ئۇرمىسۇن، مەغرۇرلىقىڭنى ئۇنتىما،
جەڭدە رىزۋاندەك غەيۇر- باتۇرلىقىڭنى ئۇنتىما،
ئىززىتى مەقسەت ئۇلارنىڭ، مىھنىتى – دەسمايىسى.

«ئىلى دەرياسى»ژورنىلىدىن ئېلىندى.
گۈزەل يۇرتۇم : ئاتۇش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 704
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 1558 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-25
ئاخىرقى: 2012-09-05
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 02:14

ئەجەپ خوش بولدۇم ،رەھمەت سىزگە ق، سىدىق سىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن ، مەن بۇ شىېرنى قايسى بىر يىلى  غۇلجىغا كىتىۋېتىپ بىر ژورنالنىڭ بىر نەچچە ۋارىقى يىرتىلىپ چۇشۇپ قالغان چېغى ، مەن شۇنىڭدىن  كۆرگەن ئىدىم ،  لىكىن كىيىن ئىزلەپمۇ تاپالمىغان ، شۇ يۇقىرىدا قالدۇرۇپ قۇيغان بىرلا كوپلىتنى ئىسىمدە تۇتىۋاپتىكەنمەن ، مانا ئەمدى ھەممىسىنى بىراقلا  كۆرۇپ شۇنداق خوش بۇلۇپ كەتتىم . سىزگە كۆپ رەھمەت .
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-11
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-03-03 12:37

تورداشلارنىڭ ھەممىسىگە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
رىغبەتلەندۆرگىنىڭلارغا رەھمەت.تېخى ئۇزۇم تولۇق رازى بولغىدەك بىرەر ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىدىم.ئەدىبىيات-سەنئەتتىكى سىھرى چوڭقۇرلۇقنى ئۆمۇرۋايەت ئىزدەش ئارقىلىقمۇ يەتكىلى بولمامدىكىن تاڭ.
ھازىر پۇتۇن ئوي-پىكىرىم شەكىل نەزەريىسىدە.


ئەگەر 29-تىئورىما تەجىرىبىسى سالاھىيەتلىك ئۇرۇنلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىپ  پۇت تىرەپ تۇرالىسا فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىغىنى،ئۇنىڭ دۇلىتىمىز،مىللىتىمىز ۋە ئىنسانىيەت ئۆچۆن نىمىلەردىن دىرەك بىرىدىغانلىغىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقسىڭىز چۆشۇنەلەيسىز:
http://www.aldost.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2857
[ بۇ يازمىنىق.سىدىق 2012-03-03 17:06قايتا تەھرىرلىدى ]