باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7201 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 3/3     Go
تېما: رۇزا تۇتقۇچىلارغا(ھ)
kimki rahim kilidikan umu rahim kilinidu!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 933
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 10 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-11
ئاخىرقى: 2010-08-18
20-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 15:56

Re: روزىنىڭ  پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى

    مۇھەممەد يۇسۇپ 

رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى:

رامىزان- قەمەرىيە (ئىسلامىي) ئايدىن 9- ئاينىڭ نامى بولۇپ، بۇئاي قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بىلەن بايان قىلىنغان يىگانە ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولۇپ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

  1- رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاي بولۇپ تۇنۇلغان بۇ ئايدا روزا ۋاستىسى بىلەن نەپسىنىڭ تەلەبلىرىنى ۋاقىتلىق رەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇناھلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە لايىق بولىدۇ.  

  2- روزا ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلغانلىرىدىن يېنىشتىن ئىبارەت ئىتائەتمەنلىككە كۆندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىك قىلىش بولسا ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە مەرھەمەتلىرى ئەنە شۇنداق مۆمىنلەرگە خاستۇر.    

3- روزا ئىنسان نەپسىنى تەربىيەلەپ كامىللىققا يېتىشتۈرىدىغان بىر تەربىيە ۋاستىسىدۇر، روزا تۇتقان كىشى لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى ۋە سۇغۇق سۇنى كۆز ئالدىدا كۆرۇپ تۇرسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ سەۋىر قىلىدۇ، ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بىرىدۇ. ئىنسان شۇنداق نەپسىنى كونترول قىلىش ئىشىغا بىرەر ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدە ھەقىقىي سەۋرچانلىقنى يېتىلدۇرەلەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« روزا سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر » دەپ كۆرسەتكەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).  

  4- روزا ئىنساندا ياخشى ئىشلارنى سۈيىدىغان، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر قۇل ئىكەنلىكىنى تۇنۇيدىغان  گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىدۇ.

مەلۇمكى، گۈزەل ئەخلاق ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى چاقىرىقى ۋە ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تاماملاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دىگەن(بۇخارى رىۋايىتى).  

  رامىزان روزىسى قاچان پەرز قىلىنغان؟:  

  ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن مەككە دەۋرىدە روزا پەرز قىلىنمىغان، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى بەرپا بولغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 2- يىلى مۇسۇلمانلارغا رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان. بۇھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى چۈشكەن:« ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى » (بەقەرە 183- ئايەت).

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشتا « ئى مۆمىنلەر » دىگەن خىتاب بىلەن سۆزىنى باشلىشىدىكى سىر شۇكى: مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى يادلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ ئەمىرلەرنى ئورۇنلاشقا ئۈندەش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا قۇرئان كەرىمدىكى كۆپلىگەن ئەمىر ۋە مەنئىلەر « ئى مۆمىنلەر! » دىگەن خىتاب بىلەن باشلانغان.

يوقىرىقى روزا ئايىتىدىكى بەدىئىي ئىشارەتلەر:

ئاللاھ تائالا يوقىرىقى روزا ئايىتىدە مۆمىن بەندىلىرىگە تۆۋەندىكى ئۈچ ھەقىقەتنى يادلاندۇرماقتا :

1- ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان روزا، ئىسلام دىنىدىلا مەۋجۇد بولغان بىر پەرز بولماستىن، بەلكى بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلاردىمۇ بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەت ئىكەنلىكىگە بۇ ئايەتتىكى«سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغاندەك» دىگەن ئىبارە ئارقىلىق ئىشارەت قىلماقتا. ھەسەنۇلبەسرىي بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دىگەن: ئاللاھ تائالا بىزدىن بۇرۇن يەھۇدىي، خىرىستىئانلارغىمۇ رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغان، ئەمما يەھۇدىلار بۇ مۇبارەك ئاينى تەرك ئېتىپ، روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى باشقا بىر كۈننى بەلگىلەپ چىققان ۋە ئۆز گۇمانلىرىدا بۇ كۈننى ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى پىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە پىرئەۋننى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ سۇدا غەرق قىلغان كۈن دەپ ئېتىقاد قىلغان. خىرىستىئانلارمۇ بۇرۇن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتاتتى، كېيىن رامىزان ئېيى قاتتىق ئىسسىق ياز كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن ئۇلار روزا تۇتۇش ئېيىنى يىلنىڭ سالقىن ۋە ئۆزگەرمەيدىغان باھار ئېيىغا بەلگۈلىۋالغان ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكتىن ئىبارەت بۇ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن يەنە 20 كۈننى قوشۇپ جەمى 50 كۈن روزا تۇتۇشقا ئۆتكەن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دىنىي ئۆلۈمالىرىنىڭ پەتىۋالىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ئاللاھ تائالا ئۇلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلۈمالىرىنى مەبۇد قىلىۋالدى » (تەۋبە سۈرىسى 31- ئايەت).  

2- رامىزان روزىسى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان ۋە يىل بويى ئۈزمەستىن ئورۇنلاشقا بۇيرۇلغان پەرز بولماستىن، بەلكى رامىزان روزىسى يىلدا بىرئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر.

قەمەرىيە ئايلىرى گاھىدا 29 كۈن، گاھىدا 30 كۈن بولىدۇ، مۇندىن ئارتۇق بولمايدۇ.

3- ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشنى باشلىشىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىنى مۇسۇلمانلارغا يادلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئاينى رامىزان روزىسى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن. بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى، غەلىبىسى ۋە نىجاتلىقى قولغا كەلگەن ئەڭ مۇبارەك ئايدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچىدۇر ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن » (بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).      

  گۇياكى ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى سۆزىدە : ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتلىرىڭلار ئۈچۈن يېتەكچى بولىدىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشىمدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىمنى تونۇشۇڭلار ۋە ياد قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇئايدا- يەنى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدا- روزا تۇتۇش سىلەرگە پەرز قىلىندى، دېمەكتە.

روزىنى تەرك قىلىشنىڭ گۇناھى:

رامىزان روزىسىنى تۇتماسلىقنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىردۇر، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ روزا تۇتمىغانلىقنىڭ گۇناھىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ، رامىزان روزىسىدىن بىرەر كۈننى ئۆزۈرسىز تەرك قىلغان ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« رامىزان ئېيىدا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئەگەر ئۆمۈر بويى روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى).

رامىزان روزىسى ئادەتتە كىشىلەرگە مالاللىق بېرىدىغان ياكى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ، يىلدا بىر ئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزلەرگە بىرئايدىن كۆپ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى بۇيرۇلغانلارنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلىنغانلاردىن قەتئى يېنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ماددىى ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇلغان بۇ بىر ئايلىق روزىنىمۇ تولۇق تۇتماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكۆرلۇق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزۈرسىز بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى:

رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش ھەرقانداق مۇسۇلمان، بالىغ (يەنى 14 ياشتىن ئاشقان)، ئاقىل (يەنى ئەقىل ھۇشى جايىدا بولغان ) كىشىگە پەرز ئېيندۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ سۆزىدۇر: « ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى » (بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت).

روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى:

ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ بۇيرۇلغان رامىزان روزىسى ئىسلام دىنىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بەش چوڭ ئاساسنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: » ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان:

1-  ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ، گۇۋاھلىق بېرىش،

2-  ناماز ئوقۇش.

3- زاكاتنى ئاداقىلىش.

4- رامىزان روزىسىنى تۇتۇش.

  5- قۇدرىتى يەتسە بەيتۇللانى ھەج قىلىش «(بۇخارى رىۋايىتى).

ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى ئىنسانلارغا ئۇڭايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولۇشىنى تەلەب قىلغان. ئەگەر ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇشتىنلا ئىبارەت بولغان بولسا ئىدى، بۇ خىل ئىبادەتلەردىن كىشىلەر مالاللىق ۋە زېرىكىش ھېس قىلىش ئىھتىمال ئىدى، شۇڭا ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر تۆۋەندىكىدەك تۈرلەنگەن:

1- جىسمانىي ئىبادەت.  

2- ئىقتىسادىي ئىبادەت.

3- جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆز زىچىگە ئالغان ئىبادەت .

  بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

        1- ناماز جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى قىيام، رۇكۇ، سەجدە قاتارلىق پائالىيەتلەردە بەدەننىڭ ھەركەتلىرى ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇش، دۇرۇد- دۇئالارنى ئوقۇشتا تىلنىڭ ھەرىكى بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر، شۇنىڭدەك روزىمۇ جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى بەدەننىڭ يېمەك- ئىچمەككە ۋە جىنسىي ھەۋەسكە بولغان ئېھتىياجلىرىنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.

   2- زاكات ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت بەدەن بىلەن ئەمەس،  بەلكى ئىقتىساد بىلەن(يەنى ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان زاكاتنى ئادا قىلىش نىيىتى بىلەن مال- مۈلۈكتىن مەلۇم مىقتارنى كەمبەغەللەرگە ئايرىپ بېرىش ئارقىلىق) ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.

  3ــ ھەج بولسا جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىبادەت بولۇپ، ھەج قىلغۇچى كىشى ھەجنىڭ تاۋاپ، سەئى، ئەراپاتتا تۇرۇش، شەيتانغا تاش ئېتىش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلىرىنى بەدىنى بىلەن ئادا قىلىدۇ، بۇلار جىسمانىي ئىبادەتلەردۇر. ئۇ، ھەرەمگە بېرىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە باشقىمۇ خىراجەتلەر ئۈچۈن پۇل- مال سەرپ قىلىدۇ، مانا بۇلار ئىقتىسادىي ئىبادەتلەردۇر. شۇڭا ھەجنى ھەم جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دەيمىز.         مەلۇمكى، ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولغانلىقى بەدەن ۋە روھنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە پايدىلىقتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى ھەرتۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا پىكرىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئىلگىرلەش ۋە پائالىيەتچانلىق ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئاللاھ تائالاغا گاھ ناماز بىلەن، گاھ تىلاۋەت بىلەن، گاھ روزا تۇتۇش بىلەن، گاھ ھەج قىلىش ياكى ئېلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەپەر قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ.          ئىسلام ئائىلسى تور بىتىدىن ئىلىندى  islamhouse.com

            
kimki rahim kilidikan umu rahim kilinidu!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 933
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 10 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-11
ئاخىرقى: 2010-08-18
21-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-18 16:00

روزىنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر، ئۇلاردىن :

1 - روزا ئىنساننى دۇنيادا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىغاندەك، ئۇنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدۇ.

2 - روزا ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن تەربىيەلەيدۇ.

3 - روزا ئىنساننى گۇناھ، ئەيشى- ئىشرەت قىرلىرىدىن ساقلايدۇ.

4 - روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپار، ئەنبەردىنمۇ خۇشپۇراق پۇرايدۇ.

5 - روزا ئىنساننى كېسەللىكلەردىن ساقلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

6 - روزا تۇتقان ئادەم ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ.

7 - پەرىشتىلەر روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەيدۇ.

8 - روزا سايىسىدا ئىنسان پەرىشتىلەر ھاسىل قىلالمىغان پەزىلەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

9 - روزا ئىنسانغا سەۋىر قىلىشنى ئۈگىتىدۇ ۋە يېرىكچىلىكلەرگە چېنىقتۇرىدۇ.

10- روزا ئىنسانغا نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىگە ھاكىم بولۇشنى ئۈگىتىدۇ.

11- روزا ئىنسانغا ئىقتىساد قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۈندۈزدە خالىغىنىنى يېيىشتىن، ئىچىشتىن توسىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈگىنىدۇ.

12- روزا ئىنسان تۇغۇلىشىدىن ئۆلگىچە تۇرماي ئىشلەپ تۇرغان ئاشقازاننى ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاجىزلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

13- روزا ئىنساننى ئارتۇقچە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئارتۇق سېمىزلىك كېسەللىكنىڭ ئالامىتىدۇر.

14- روزا ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپى ئەمەلدۇر. چۈنكى كىمنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ.

15- روزا ئىنساننى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەن ياشلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن : » ئەي ياشلار جامائەسى! توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ۋە ئەزالارنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ «(بۇخارى رىۋايىتى)

16- روزا ئىنساننىڭ ياخشىلىقنى سۈيىدىغان، مېھرى- شەپقەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا يېتەكچى بولىدۇ.          
   ئىسلام ئائىلسى تور بىتىدىن ئىلىندى  islamhouse.com
ئۆلۈم،ئۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 909
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 339
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە339دانە
ئۆسۈش: 590 %
مۇنبەر پۇلى: 3935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-02-18
22-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 13:37

  ھقىقەتەن يارايسىز!!!!   ئىسمىڭىزدىكى ھەمزە نى ئەمدى چۈشەندىم.  ئاللاھ سىزگە بەركىتىنى ئايىمىسۇن! ئاللاھ بىزنى لەنىتىگە ئۇچرىغانلار قاتارىدىن قىلمىسۇن! ئامىن!!!
كۆزلىرىمدە تىترەپ تۇرار بىر لەھزە ياش
ئول سەۋەبكى بەكمۇ خۇنۈك ئاجىز قۇياش
كامىل يوۋاش
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3222
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 501
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە501دانە
ئۆسۈش: 410 %
مۇنبەر پۇلى: 5561 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2011-02-28
23-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-12-07 10:33

پىداكار سىزمۇ ئالتۇندەك جەۋھەر تېما يازىدىكەنسىز كۆپ     رەھمەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5457
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-04
ئاخىرقى: 2011-12-17
24-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-01-04 00:40

بەك ياخشى يىزىپسىز   اللاھ  رەھمەت  قىلسۇن .