查看完整版本: [-- رۇزا تۇتقۇچىلارغا(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> رۇزا تۇتقۇچىلارغا(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-08-11 14:55
                                                   [attachment=1687]

رۇزاتۇتۇش بولسا ئىسلام دىندىكى بەش پەرزنىڭ بىرىدۇر. مەن تۇۋەندە رۇزىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە ئىشنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن. رۇزىنى سالامەت چىقىراي دىگەن ئادەم تەپسىلى ئۇقۇسۇن.


ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەاللە ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللە مۇنداق   دىگەن <رامزان ئېيى كىرسە جەننەتنىڭ ئىشكى ئېچىلىدۇ.دەۋزەخنىڭ ئىشكى تاقىلىدۇ. شەيتانلار باغلىنىدۇ>
 بۇ ھەدىستىن كۇرۋېلىشقا بۇلىدۇكى رامزان ئېيى اللەنىڭ رەھمىتى ئىكەن . ھەم شەيتانلار باغلىنىدىكەن. بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىگە قارساق ،شەيتانلارنىڭ ئاجىز مەجرۇھلىرى باغلانمايدىكەن. ئۇلارغا رەھىم قىلنىدىكەن. مۇشۇ رامزان ئېيىدا يامان ئىشتىن  قول ئۇزۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلاممىغان كىشىنىڭ ئىمانى ئىنتايىن ئاجىز ئىكەن. چۇنكى ئۇنداق كىشى ئاشۇ ئاجىز مەجرۇھ شەيتانغىمۇ ئالدىنىپ ئازدۇرلۇپ كىتىدىغان كىشىكەن.  شۇڭا ئۈزىنى مۇسۇلمان دەپ ھىسابلايدىغان ھەرقانداق كىشى مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدا ئۇزىنى تۈزىۋېلىشى زۈرۈردۇر. 
رەسۇلۇللە رامزان ئېيىنىڭ باشتىكى ئون كۇننى رەھمەت ،ئوتتۇرسىدىكى ئون كۇننى مەغپىرەت،ئاخىردىكى ئون كۇننى گەدەنلىرىمىزنى دەۋزەختىن ئازات قىلىدىغان كۇن دەپ بىزلەرگە شۇ كۇنلەردا قانداق قىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

دىمەك بىز ھازىر اللەنىڭ رەھمىتى بۇلىدىغان كۇندە تۇرۇپتىمىز.  رامزان ئېيىدا قىلغان ياخشىلىقلىرىمىزنى اللە 10 ھەسسىدىن 700ھەسسىگىچىلىك كۇپەيتىب بىرىشكە ۋەدىسى بار . شۇڭا بۇ ئايدا سەدقە قىلىۋالايلى. نەپلى ناماز ئۇقۇۋالايلى.قۇرئان ئۇقۇۋالايلى...
قۇلىمىزدىن كىلىدىغان جىمىي ياخشلىقلارنى قىلۋالايلى. بۇ شەرەپلىك ئاي بىلەن ھايات ئۇچرىشالغىنىمز اللەنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىنئامىدۇر قېرىنداشلار. ھەم رامزان ئېيى : قۇرئان ئېيى، ياخشلىق ئېيى، رەھمەت ئېيى ،مەغپىرەت ئېيى، قىيامدا تۇرۇش ئېيى.... دەپ نۇرغۇن ياخشىلىقلار بىلەن سۈپەتلەنگەن . رامزان ئېيىدا بىر نىدا قىلغۇچى : ئى ياخشلىق قىلغۇچى سەن ياخشلىق  قىلۋال بۇ ئاي سەن ئۇچۇن. ئى يامانلىق قىلغۇچى سەن توختا بۇ ياخشىلىق قىلىدىغان ئاي بۇ ئاي ساڭا تەئەللۇق ئەمەس دەپ توۋلايدۇ.

يەنە بىر ھەدىستە جىبرىل ئەلەيھىسالام( بۇ اللەقا يېقىن بىر پەرىشتىنىڭ ئىسمى . ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە اللەتەرپىدىن ۋەھى ئېلىپ چۇشكەن. بۇ پەرىشتە جىمى پەرىشتىلەرنىڭ سەردارى ھەم پەيغەمبىرى ئورنىدىدۇ) مۇشۇ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدىمۇ ۋاختىنى بىكار ئىسراپ قىلىپ بىكار ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ  ياخشىلىقلارنى قىلاممىغان كىشىگە اللەنىڭ لەنىتى بولسۇن  دىگەندە رەسۇلۇللە ئامىين(يەنى ئىجابەت قىلغىن دىگەن مەنىدە)دىگەن. دىمەك مۇشۇ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلمماي ۋاقتىنى بىكار ئىشلار بىلەن ئۆتكەزگەن كىشىلەرگە اللەنىڭ پەرىشتىنىڭ پەيغەمبەرنىڭ لەنىتى چۇشكەن كىشىدۇر. اللە بىزلەرنى لەنەتكە دۇچار بولغان كىشىلەر قاتارىدىن قىلمىسۇن .ئامىين.

يۇقۇردىكىلەر بولسا رامزاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ئازراقلا توختالغان يىرىمىزدۇر. ئەگەر رامزاننىڭ پەزىلىتى توغۇرلۇق كامىل توختالساق بەلكىم ئوبدان بىر كىتاپ پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن. يۇقۇردىكىلىرى ناھايتى ئاز بىر قىسمىدۇر خالاس.

ئەمدى رامزاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرقانچە ئىشنى ئەسكەرتىپ ئۈتىمىز.

رامزاننىڭ دەسلەپكى كۇنلىرىدە ئادەم ئىسىدە يوق بىر نەرسىلەرنى يەپ سېلىش. ئىچىپ سېلىش، قاتارلىق ئىشلار يۈز بىرىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا قانداق قىلىشىمىز   كىرەك؟ بۇ ھەقتىكى رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسىگە قاراپ باقايلى. رەسۇلۇللە سىلەردىن قانداق بىر كىشى ئىسىدە يوق بىر نەرسە يەپ سالسا ياكى ئىچىپ سالسا رۇزىسىنى سۇندۇرۋەتمەي داۋاملاشتۇرىۋەسۇن. چۇنكى ئۇنىڭغا اللە يىگۇزگەن ئىچكۇزگەن بۇلىدۇ دىگەن بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.  مانا بۇ يۇقۇرقى ئىشنى سادىر قىلىپ سالغان كىشى قىلىدىغان ئىشتۇر. بەزى كىشىلەر شۇنداق ئىسىدە يوق بىر نەرسە يەپ سالسا <مىنىڭ رۇزام سۇندى تايىنلىق بىر نەرسە يەۋىرەي > دەپ رۇزىنى سۇندۇردىغان كىشىلەرمۇ مەۋجۇت. بۇنداق قىلىش چوڭ خاتا دۇر.

يەنە رۇزىدارلار دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش. رامزان تۇتقان تۇرۇغلۇق باشقىلار بىلەن ئۇرشۇش،تىللىشىش،نادانلار بىلەن تەڭ بۇلۇش، ئېغىزىنى بۇزۇش، ئىشقىلىپ بارلىق ئەخلاقسىزلىق ھاياسىزلىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى رۇزىغا تەسىر يەتكۇزىدىغان ئامىلدۇر . بۇ  ھەقتە رەسۇلۇللە مۇنداق دىگەن. سىلەردىن قانداق بىر كىشى رۇزىدار بولسا چىرايلىق گەپ قىلسۇن،ئۇرۇشمىسۇن،تىللاشمىسۇن ،نادانلار بىلەن تەڭ بولمىسۇن ،ھاياسىز سەت گەپلەرنى قىلىشمىسۇن . ئەگەر شۇنداق گەپلەرگە ئۇچراپ قالسا  مەن روزىدار دىسۇن.....بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى رۇزىدار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۇرشۇش تىللىشىش. سەت گەپلەرنى قىلىش چەكلەنگەن. ئەگەر سىزنى بىرسى تىللىسا گەرچە گۇناھ قارشى تەرەپتە بولسىمۇ ئۇنىڭغا تىل قايتۇرماي مەن رۇزىدار دەڭ . بۇ رەسۇلۇللە نىڭ بۇيرۇقى.

                   سوھۇرلۇق يىيىش   ۋە ئىفتار قىلىش

 رەسۇلۇللە سوھورلۇق يەڭلار چۇنكى سوھورلۇقتا بەركەت بار دىگەن زەيىدئىبنى سابىت رەزىيەاللە ئەنھۇ< بىزرەسۇلۇللە بىلەن  سوھورلۇق يەيتتۇق ئاندىن مەسچىتكە باراتتۇق دىدى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەاللە ئەنھۇ سوھۇرلۇق بىلەن نامازنىڭ ئارلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى دەپ سورغاندا ___ 50~60 ئايەت ئۇقۇغان مىقدارى ۋاقىت ئۆتتى دىگەن. ئەمما دىيارىمىزدىكى كىشىلەر بامداتتىن بىر سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپراق ۋاقىت ئىلگىرى سوھۇرلۇق يىيىشنى توختىتىدۇ. ھەم بۇ قىلغان ئىشىنى ئۈزىنىڭ تەقۋالىقى دەپ ھىسابلايدۇ. ئەمما بۇنداق قىلغان كىشى رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلمىسە كىرەك . بۇ ھەقتكى رەسۇلۇللەنىڭ ھەدىسىنى كۇرۇپ باقايلى .

مىنىڭ ئۇممىتمنىڭ ياخشىراقى سوھۇرلۇقنى كىچىكتۇرگەن ،ئىپتارغا ئالدىرغان كىشىدۇر.
بۇ ھەدىستىن سوھورلۇقنى كىچىكتۇرۇشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ.. سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش بىلەن بامدات ئارلىقىدا  يۇقۇردىكى ھەدىستىن قارغاندا 50~60 ئايەت مىقدارى ۋاقىت ئۆتسە بۇلىدىكەن . 50~60 ئايەت ئۇقۇغىلى 15~20 مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ. بىزنىڭ قارقاشتا بامداتنى 5:00تە ئۇقۇيمىز سوھۇرلۇقنى 4:40قىچە يىسەك بۇلىدىكەن. ئىشقىلىپ قانداق يەر بولمىسۇن بامدات بىلەن سوھۇرلۇقنىڭ ئارلىقىدا 15~20 مىنۇت ۋاقىت ئۆتسە بۇلىدىكەن.
ئىسىڭىزدە بولسۇنكىن سوھۇرلۇقنى كىچىكتۇرۇپ ياخشىلىققا ئىرشىمەن دىيشىڭىز رەسۇلۇللەنىڭ ھدىسىغا زىت كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن سوھۇرلۇقنى كىچىكتۇرۇڭ.

ئىفتار توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسقا قاراپ باقايلى.
............. كىشىلەرنىڭ ئفتارغا ئالدىرشى نىمە دىگەن ياخشى.  بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
ئىفتار كۇننىڭ كىرىپ كىتىشى بىلەنلا بۇلىدۇ. دىيارىمىزدىكى بەزى كىشىلىرىمىز يۇلتۇز چىققاندا قىلىمىز دەپ .ئفتارنى قازا قىلىۋاتىدۇ. ئىسلام دىنى ئىفتارغىمۇ نامازغا ئوخشاش مۇئەييەن بىر ۋاقىتنى بەلگىلەپ بەرگەن . بۇنىڭ اقتىنى ئۆتكۇزۋاتقان ئادەم نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۇزىۋاتقان بىلەن ئوخشاشتۇر. ئىپتار نامازز شامدىن ئىلگىرى قىلىنىدۇ. شامنىڭ ۋاقتى توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارغا قاراپ باقايلى
 ................ ساھابىلەردىن بىرى شامنىڭ ۋاقتى توغۇرلۇق سۆزلەپ <بىز رەسۇلۇللە بىلەن شام نامىزىنى ئۇقۇيتتۇق. شامنى ئۇقۇپ بۇلۇپ مەسچىتتىن سىرتقا چىقساق ئالەم خېلىلا يۇرۇق ئىدى. ھاتتا ياچاقنىڭ ئۇقىنىڭ قەيەرگە چۇشكەنلىكىنى پەرق ئىتەلەيتتۇق> دىگەن. شۇنىڭ ئۇچۇن كۇن كىرىپ كىتىشى ھامانلا ئىفتار قىلىشقا ئاتلىنايلى. ئىفتارنى ھەم سوھۇرلۇقنى قازا قىلمايلى.

مەن تۇۋەندە سوھۇرلۇقتا ۋە ئىپتارقىلغاندا ئۇقۇلىدىغان دۇئانىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قىلىپ قويىمەن.

سوھۇرلۇقنى يەپ بۇلۇپ نىيەت قىلغاندا < ئى اللە نىيەت قىلدىممەن  مەن بۇرۇزىنى سوھور ۋاقتىدىن ئىفتار ۋاقتىغىچىلىك. نىيتىمنى قۇبۇل قىلغايلا> مانا بۇ ھەدىستا كۆرسەتكەن دۇئا.

ئىفتار قىلغاندا<ئى اللە مەن بۇ رۇزىنى ئۆزلىرى ئۇچۇنلا تۇتتۇم. ۋە مەن ئۆزلىرىگە ئىمان ئېيتتىم. ۋە ئۆزلىرى بەرگەن رىزىقلىرى بىلەن ئىفتار قىلدىم گۇناھىمنى كەچۇرگەيلا>

رەسۇلۇللە ئىفتار قىلغاندىكى دۇئا شەكسىز ئىجابەت دەپتۇ. شۇ ڭا بۇ ۋاقىتتا بارلىق تىلەكلىرىمىزنى اللەتىن سورۋالايلى.

ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي


ئەگەر رامزان توغۇرلۇق چۇشەنمىگەن ياكى سۇرايدىغان يەرلەر بولسا سۆز قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار. ياكى 1341408288 نى قاچىلاڭلار.


 





                           




xukri 2010-08-11 18:02
ئاللا رەھمەت قىلسۇن !  ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك بوپتۇ !      تەڭ يوللپتۇق !    ھارماڭ    

xaxatux 2010-08-11 18:31
ئې چىكىت ، پەش ،ئۇندەش بەلگىىسى ،ۋوي ھەمزە ئىنتايىن ياخشى يوللاپسەن..    لىكىن مەنبەنى يوللىماپسەنغۇ....

xayik 2010-08-11 18:36
قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ، ئەقىل كۆزىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن !...

ھەمزە 2010-08-11 18:38
ھە........ ئىملا خاتالىقى بۇلۇپ قاپتۇدە............ تۇزۇتۇپ ئۇقۇشۇڭلارنى سۇرايمەن.  

ھەي xaxatux  بۇرادەر . ئۆزلىرى نىمانداق غەلىتە رەسىم چىقىرۋالدىلا ئەمدى ئەمما بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىكەن.  گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلغايلا. چۇنكى ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلىرى شۇ ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۇرۇپ قۇيىدۇ.

بۇ تىمىنىڭ كىلىش مەنبەيى مەن  شۇ. بۇنى مەن باشقا مۇنبەرلەردىن ئېپ كەلمىگەن. ئۇزۇم يازغان

xaxatux 2010-08-11 18:55
ئې چىكىت ، پەش ،ئۇندەش بەلگىىسى ،ۋوي ھەمزە  ئەمدى قانداق رەسىمنى چىقىرىپ بىرەي ..ئەمدى توي قىلغان ئەر-ئاياللارنى چىقىرىپ بىرەيمۇ ...باشتىكىسىنى قىزبالا دېدىڭ...ماۋۇنى  ئۇغۇل بالا دەۋاتىسەن ...  ئوتتۇرا ياشلىق توي قىلغانلارنى چىقىراي ..
مەن سىنى باشقىلاردىن ئوغۇرلاپ كەلدى دېمىدىم....مەنبەنى   مەن دەپ يېزىپلا قويساڭ بولمىدىما....بولمىسا  يازغان كىتابىڭنىڭ ئېسمىنى يېزىپ قويساڭ بولمىدىما.....  ئېسىت    ئۇ

sarsan1117 2010-08-11 19:03
روزا-رامىزاننىڭ ئازراق ھۆرمىتى بولسۇن ~~~!\

ماندا قىلىشىپ كەتمەيلى !~~! مۇراتجووووووووووووووووووووووووووووووننننننننننننن

ھەمزە 2010-08-11 19:04
ئىشلىتىش
引用第5楼xaxatux于2010-08-11 18:55发表的 :
ئې چىكىت ، پەش ،ئۇندەش بەلگىىسى ،ۋوي ھەمزە  ئەمدى قانداق رەسىمنى چىقىرىپ بىرەي ..ئەمدى توي قىلغان ئەر-ئاياللارنى چىقىرىپ بىرەيمۇ ...باشتىكىسىنى قىزبالا دېدىڭ...ماۋۇنى  ئۇغۇل بالا دەۋاتىسەن ...  ئوتتۇرا ياشلىق توي قىلغانلارنى چىقىراي ..
مەن سىنى باشقىلاردىن ئوغۇرلاپ كەلدى دېمىدىم....مەنبەنى   مەن دەپ يېزىپلا قويساڭ بولمىدىما....بولمىسا  يازغان كىتابىڭنىڭ ئېسمىنى يېزىپ قويساڭ بولمىدىما.....  ئېسىت    ئۇ




ئوھۇ................ي   تازىمۇ قۇمدەك گەپ قىلىدىغان،چاخچاقنىمۇ كۇترەممەيدىغان بىر ئادەممۇ نىمە ئۆزلىرى............

بولدى بۇ سىلىگە يازغان ئەڭ ئاخىرقى خېتىم.....................

xaxatux 2010-08-11 19:10
ئىشلىتىش
引用第6楼sarsan1117于2010-08-11 19:03发表的  :
روزا-رامىزاننىڭ ئازراق ھۆرمىتى بولسۇن ~~~!\

ماندا قىلىشىپ كەتمەيلى !~~! مۇراتجووووووووووووووووووووووووووووووننننننننننننن

سىز ئارلاشماڭ

xaxatux 2010-08-11 19:15
ئىشلىتىش
引用第7楼hamza于2010-08-11 19:04发表的  :




ئوھۇ................ي   تازىمۇ قۇمدەك گەپ قىلىدىغان،چاخچاقنىمۇ كۇترەممەيدىغان بىر ئادەممۇ نىمە ئۆزلىرى............
.......

يىغلا      سەنمۇ      ئوزەڭ    كوتۇرەلمەي دىغان  ھالىڭغا   چاخ چاخنى       باشتىلا     قىلمىساڭ  بولمامدۇ    .. . .. .بوپتۇ    كۇتۇرالمساڭ   .. .. . .. . .. . . .  . . . .. . . چىكىت  ،  پەش   ،سۇئال بەلگىسى  

dihan998 2010-08-11 21:10
روزا رامىزاندا مۇشۇنداق تىمىلارغا تەشنا مىز

layli 2010-08-12 11:37
ھەمزە شۇنداق  ئەھىمىيەتىلىك  تىما  يوللاۋاتسسا  نىمانداق ھۇرمەت  قىلشنى  بىلمەيسىلەر . << شاشاتۇش>>،سىزمۇ  شۇنداق   بىرەر  تىما  توللاپ باقىمامىسىز ئەمسە  باشىقىلارنى مەسىخرە قلغۇچە .

tvnlirikisi 2010-08-12 11:39
<<باشقىلار مىنى ھۆرمەتلىسۇن دېسەڭ،ئاۋال بېرىپ باشقىلارنى ھۆرمەتلە >>. باشقىلار ئەجىر قىلىپ تېما يوللىغاندىن،شۇ ئەجىرنى بولسىمۇ كىيىن ھۆرمەت قىلىشنى بىلسەك بولمامدۇ؟

layli 2010-08-12 11:40
ھەمزە شۇنداق  ئەھىمىيەتىلىك  تىما  يوللاۋاتسسا  نىمانداق ھۇرمەت  قىلشنى  بىلمەيسىلەر . << شاشاتۇش>>،سىزمۇ  شۇنداق   بىرەر  تىما  توللاپ باقىمامىسىز ئەمسە  باشىقىلارنى مەسىخرە قلغۇچە .

guli 2010-08-12 17:28
مەنىسى بارراق  نەرسە يوللايلى .ھەممىلا   كىشىنىڭ  ۋاختىنى ئالماي .             

xaxatux 2010-08-12 17:36
كىم ئۇنىڭ تېمىسىغا ھۆرمەتقىلمىدىدەيدۇ مىنى .... شۇ مەنبە نى  يازدېدىم ... باشقا ئىش يوق بۇرادەرلەر ....خانىم -قىزلار
خاتا چۇشۇنۇش بولۇپ قالمىسىۇن .......   بولىدۇ ... مەن بۇگۇن بىر مەنىلىك تېما يوللاي كۆرەپ بېقىلار ئۇنداق بولسا

dilaram 2010-08-16 17:00
كۆپتىن - كۆپ تەشەككۇر! ئاللا قولڭىزغا دەرىت بەرمىسىۇن !

ilqut.com 2010-08-17 12:04
بۇنى چۈشۈرۈپ كۆرۈشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9323358.html

yawayi 2010-08-17 16:57
رەھمەت ! قېرىندىشىم ، يوللانمىنى ئۇرۇق -تۇققانلارغىمۇ كۆرسىتەي !

pidakar 2010-08-18 14:59
                                                    مىللىتىمىز قىزلىرىغا نىمە بولدى؟ 
       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ زور بېسىمى ئاستىدا بىر قىسىم قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭ خۇدىنى بىلمەي ، <<شەرىم_ھايالىق >> سۈپىتىنى ساقلىيالماي ، ھەر خىل كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان تىراگىدىيىلەرنى سادىر قىلماقتا .
بىر كۈنى نىمىدۇر بىر ئىش بىلەن بازار ئارىلاپ كىتىپ باراتتىم ، ئالدىمدا 15-16ياشلاردا بار بىر قىز ئۈزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ بولغان بىرى بىلەن چىڭ قۇچاقلىشىپ مېڭىپتۇ ، مەنمۇ شۇلار تەرەپكە ماڭىدىغان بولغاچقا كەينىدىن ماڭماڭ ئامال بولمىدى .
ئۇلارنىڭ گەپ-سۈزىدىن قارىغاندا تۇنىشقىنىغا ئۇزاق بولمىغاندەك بىراق ئۇلار شۇنداق بېزەپ گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى ،ئوغۇل قىزنىڭ بىلىدىن قۇچاقلىۋالغاننى ئاز دەپ يەنە بىر قۇلى بىلەن ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى سىلىغاچ
-جېنىم ،مەن ئككىمىز ئۈچۈنلا بىر ياتاق ئېلىپ قويغان ،ھېلى بارايلىمۇ ؟
-چاتاق يوق ،بىراق بەك كەچ قالساڭ خوتۇنۇڭ دىگەن بىرمە سىنى بىئارام قىلماس ؟
؟-ياق ، ئۇنداق بولمايدۇ ، بىرنىمە دىگۈدەك بولسا ئەدىپىنى يەيدۇ مەندىن،
-ئۇنداقتا چاتاق يوق ، مەنمۇ ئۆيدىكىلەرگە يالغاندىن بىرنى توقۇيمەن .
-بولىدۇ ئەمىسە ،خېلى پەيزىڭ باردۇ ؟
-ئەلۋەتتە ، سەنلا مىنى رازى قىلالىساڭلا
ئۇلار شۇنداق دىيىشكەچ مەلۇم بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى . توۋا دەپ ياقامنى تۇتۇپلا قالدىم .
يولدا كەلگۈچە شۇ ئىككىسىنىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە،بۇ جاھاننىڭ قىزلىرى نىمە بولدى ؟
ئەلۋەتتە .بۇنداق ئىشلار ھەتتا بۇنىڭدىن ئېغىر ئىشلار ھېلى-ھەم كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردۇر ،
قىزلىرىمىزنىڭ مودا بولدۇم دەپ ھەر قىسما كىيىملەرنى كىيىشىدىن تارتىپ ھازىرقىدەك ئىشلىرىغىچە بىزنى ئويلاندۇرىدۇ ھەم ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .
مەن ھەر قانداق قىز بولغۇچىغا شۇنداق تەۋسىيە قىلىمەنكى سىلەرنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاشۇ مىسكىن بىچارىلەرنى ئويلاپ قويۇڭلار ،شۇ بىچارىلەر ئازاپ تارتىپ قالمىسۇن .
ئاشۇ قەدىردان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئازاپ تارتىشىنى مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئويدىكىلەر ھەرگىز خالىمايمىز .  
  
                       مەنبە  ئەلچى  تورىدىن ئىلندى

pidakar 2010-08-18 15:56
    مۇھەممەد يۇسۇپ 

رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى:

رامىزان- قەمەرىيە (ئىسلامىي) ئايدىن 9- ئاينىڭ نامى بولۇپ، بۇئاي قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بىلەن بايان قىلىنغان يىگانە ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولۇپ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

  1- رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاي بولۇپ تۇنۇلغان بۇ ئايدا روزا ۋاستىسى بىلەن نەپسىنىڭ تەلەبلىرىنى ۋاقىتلىق رەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇناھلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە لايىق بولىدۇ.  

  2- روزا ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلغانلىرىدىن يېنىشتىن ئىبارەت ئىتائەتمەنلىككە كۆندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىك قىلىش بولسا ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە مەرھەمەتلىرى ئەنە شۇنداق مۆمىنلەرگە خاستۇر.    

3- روزا ئىنسان نەپسىنى تەربىيەلەپ كامىللىققا يېتىشتۈرىدىغان بىر تەربىيە ۋاستىسىدۇر، روزا تۇتقان كىشى لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى ۋە سۇغۇق سۇنى كۆز ئالدىدا كۆرۇپ تۇرسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ سەۋىر قىلىدۇ، ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بىرىدۇ. ئىنسان شۇنداق نەپسىنى كونترول قىلىش ئىشىغا بىرەر ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدە ھەقىقىي سەۋرچانلىقنى يېتىلدۇرەلەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« روزا سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر » دەپ كۆرسەتكەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).  

  4- روزا ئىنساندا ياخشى ئىشلارنى سۈيىدىغان، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر قۇل ئىكەنلىكىنى تۇنۇيدىغان  گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىدۇ.

مەلۇمكى، گۈزەل ئەخلاق ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى چاقىرىقى ۋە ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تاماملاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دىگەن(بۇخارى رىۋايىتى).  

  رامىزان روزىسى قاچان پەرز قىلىنغان؟:  

  ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن مەككە دەۋرىدە روزا پەرز قىلىنمىغان، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى بەرپا بولغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 2- يىلى مۇسۇلمانلارغا رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان. بۇھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى چۈشكەن:« ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى » (بەقەرە 183- ئايەت).

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشتا « ئى مۆمىنلەر » دىگەن خىتاب بىلەن سۆزىنى باشلىشىدىكى سىر شۇكى: مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى يادلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ ئەمىرلەرنى ئورۇنلاشقا ئۈندەش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا قۇرئان كەرىمدىكى كۆپلىگەن ئەمىر ۋە مەنئىلەر « ئى مۆمىنلەر! » دىگەن خىتاب بىلەن باشلانغان.

يوقىرىقى روزا ئايىتىدىكى بەدىئىي ئىشارەتلەر:

ئاللاھ تائالا يوقىرىقى روزا ئايىتىدە مۆمىن بەندىلىرىگە تۆۋەندىكى ئۈچ ھەقىقەتنى يادلاندۇرماقتا :

1- ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان روزا، ئىسلام دىنىدىلا مەۋجۇد بولغان بىر پەرز بولماستىن، بەلكى بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلاردىمۇ بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەت ئىكەنلىكىگە بۇ ئايەتتىكى«سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغاندەك» دىگەن ئىبارە ئارقىلىق ئىشارەت قىلماقتا. ھەسەنۇلبەسرىي بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دىگەن: ئاللاھ تائالا بىزدىن بۇرۇن يەھۇدىي، خىرىستىئانلارغىمۇ رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغان، ئەمما يەھۇدىلار بۇ مۇبارەك ئاينى تەرك ئېتىپ، روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى باشقا بىر كۈننى بەلگىلەپ چىققان ۋە ئۆز گۇمانلىرىدا بۇ كۈننى ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى پىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە پىرئەۋننى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ سۇدا غەرق قىلغان كۈن دەپ ئېتىقاد قىلغان. خىرىستىئانلارمۇ بۇرۇن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتاتتى، كېيىن رامىزان ئېيى قاتتىق ئىسسىق ياز كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن ئۇلار روزا تۇتۇش ئېيىنى يىلنىڭ سالقىن ۋە ئۆزگەرمەيدىغان باھار ئېيىغا بەلگۈلىۋالغان ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكتىن ئىبارەت بۇ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن يەنە 20 كۈننى قوشۇپ جەمى 50 كۈن روزا تۇتۇشقا ئۆتكەن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دىنىي ئۆلۈمالىرىنىڭ پەتىۋالىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ئاللاھ تائالا ئۇلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلۈمالىرىنى مەبۇد قىلىۋالدى » (تەۋبە سۈرىسى 31- ئايەت).  

2- رامىزان روزىسى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان ۋە يىل بويى ئۈزمەستىن ئورۇنلاشقا بۇيرۇلغان پەرز بولماستىن، بەلكى رامىزان روزىسى يىلدا بىرئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر.

قەمەرىيە ئايلىرى گاھىدا 29 كۈن، گاھىدا 30 كۈن بولىدۇ، مۇندىن ئارتۇق بولمايدۇ.

3- ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشنى باشلىشىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىنى مۇسۇلمانلارغا يادلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئاينى رامىزان روزىسى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن. بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى، غەلىبىسى ۋە نىجاتلىقى قولغا كەلگەن ئەڭ مۇبارەك ئايدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچىدۇر ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن » (بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).      

  گۇياكى ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى سۆزىدە : ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتلىرىڭلار ئۈچۈن يېتەكچى بولىدىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشىمدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىمنى تونۇشۇڭلار ۋە ياد قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇئايدا- يەنى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدا- روزا تۇتۇش سىلەرگە پەرز قىلىندى، دېمەكتە.

روزىنى تەرك قىلىشنىڭ گۇناھى:

رامىزان روزىسىنى تۇتماسلىقنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىردۇر، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ روزا تۇتمىغانلىقنىڭ گۇناھىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ، رامىزان روزىسىدىن بىرەر كۈننى ئۆزۈرسىز تەرك قىلغان ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« رامىزان ئېيىدا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئەگەر ئۆمۈر بويى روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى).

رامىزان روزىسى ئادەتتە كىشىلەرگە مالاللىق بېرىدىغان ياكى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ، يىلدا بىر ئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزلەرگە بىرئايدىن كۆپ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى بۇيرۇلغانلارنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلىنغانلاردىن قەتئى يېنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ماددىى ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇلغان بۇ بىر ئايلىق روزىنىمۇ تولۇق تۇتماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكۆرلۇق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزۈرسىز بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى:

رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش ھەرقانداق مۇسۇلمان، بالىغ (يەنى 14 ياشتىن ئاشقان)، ئاقىل (يەنى ئەقىل ھۇشى جايىدا بولغان ) كىشىگە پەرز ئېيندۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ سۆزىدۇر: « ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى » (بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت).

روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى:

ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ بۇيرۇلغان رامىزان روزىسى ئىسلام دىنىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بەش چوڭ ئاساسنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: » ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان:

1-  ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ، گۇۋاھلىق بېرىش،

2-  ناماز ئوقۇش.

3- زاكاتنى ئاداقىلىش.

4- رامىزان روزىسىنى تۇتۇش.

  5- قۇدرىتى يەتسە بەيتۇللانى ھەج قىلىش «(بۇخارى رىۋايىتى).

ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى ئىنسانلارغا ئۇڭايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولۇشىنى تەلەب قىلغان. ئەگەر ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇشتىنلا ئىبارەت بولغان بولسا ئىدى، بۇ خىل ئىبادەتلەردىن كىشىلەر مالاللىق ۋە زېرىكىش ھېس قىلىش ئىھتىمال ئىدى، شۇڭا ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر تۆۋەندىكىدەك تۈرلەنگەن:

1- جىسمانىي ئىبادەت.  

2- ئىقتىسادىي ئىبادەت.

3- جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆز زىچىگە ئالغان ئىبادەت .

  بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

        1- ناماز جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى قىيام، رۇكۇ، سەجدە قاتارلىق پائالىيەتلەردە بەدەننىڭ ھەركەتلىرى ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇش، دۇرۇد- دۇئالارنى ئوقۇشتا تىلنىڭ ھەرىكى بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر، شۇنىڭدەك روزىمۇ جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى بەدەننىڭ يېمەك- ئىچمەككە ۋە جىنسىي ھەۋەسكە بولغان ئېھتىياجلىرىنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.

   2- زاكات ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت بەدەن بىلەن ئەمەس،  بەلكى ئىقتىساد بىلەن(يەنى ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان زاكاتنى ئادا قىلىش نىيىتى بىلەن مال- مۈلۈكتىن مەلۇم مىقتارنى كەمبەغەللەرگە ئايرىپ بېرىش ئارقىلىق) ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.

  3ــ ھەج بولسا جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىبادەت بولۇپ، ھەج قىلغۇچى كىشى ھەجنىڭ تاۋاپ، سەئى، ئەراپاتتا تۇرۇش، شەيتانغا تاش ئېتىش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلىرىنى بەدىنى بىلەن ئادا قىلىدۇ، بۇلار جىسمانىي ئىبادەتلەردۇر. ئۇ، ھەرەمگە بېرىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە باشقىمۇ خىراجەتلەر ئۈچۈن پۇل- مال سەرپ قىلىدۇ، مانا بۇلار ئىقتىسادىي ئىبادەتلەردۇر. شۇڭا ھەجنى ھەم جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دەيمىز.         مەلۇمكى، ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولغانلىقى بەدەن ۋە روھنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە پايدىلىقتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى ھەرتۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا پىكرىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئىلگىرلەش ۋە پائالىيەتچانلىق ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئاللاھ تائالاغا گاھ ناماز بىلەن، گاھ تىلاۋەت بىلەن، گاھ روزا تۇتۇش بىلەن، گاھ ھەج قىلىش ياكى ئېلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەپەر قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ.          ئىسلام ئائىلسى تور بىتىدىن ئىلىندى  islamhouse.com

            

pidakar 2010-08-18 16:00
روزىنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر، ئۇلاردىن :

1 - روزا ئىنساننى دۇنيادا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىغاندەك، ئۇنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدۇ.

2 - روزا ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن تەربىيەلەيدۇ.

3 - روزا ئىنساننى گۇناھ، ئەيشى- ئىشرەت قىرلىرىدىن ساقلايدۇ.

4 - روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپار، ئەنبەردىنمۇ خۇشپۇراق پۇرايدۇ.

5 - روزا ئىنساننى كېسەللىكلەردىن ساقلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

6 - روزا تۇتقان ئادەم ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ.

7 - پەرىشتىلەر روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەيدۇ.

8 - روزا سايىسىدا ئىنسان پەرىشتىلەر ھاسىل قىلالمىغان پەزىلەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

9 - روزا ئىنسانغا سەۋىر قىلىشنى ئۈگىتىدۇ ۋە يېرىكچىلىكلەرگە چېنىقتۇرىدۇ.

10- روزا ئىنسانغا نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىگە ھاكىم بولۇشنى ئۈگىتىدۇ.

11- روزا ئىنسانغا ئىقتىساد قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۈندۈزدە خالىغىنىنى يېيىشتىن، ئىچىشتىن توسىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈگىنىدۇ.

12- روزا ئىنسان تۇغۇلىشىدىن ئۆلگىچە تۇرماي ئىشلەپ تۇرغان ئاشقازاننى ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاجىزلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

13- روزا ئىنساننى ئارتۇقچە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئارتۇق سېمىزلىك كېسەللىكنىڭ ئالامىتىدۇر.

14- روزا ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپى ئەمەلدۇر. چۈنكى كىمنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ.

15- روزا ئىنساننى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەن ياشلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن : » ئەي ياشلار جامائەسى! توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ۋە ئەزالارنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ «(بۇخارى رىۋايىتى)

16- روزا ئىنساننىڭ ياخشىلىقنى سۈيىدىغان، مېھرى- شەپقەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا يېتەكچى بولىدۇ.          
   ئىسلام ئائىلسى تور بىتىدىن ئىلىندى  islamhouse.com

kukbura 2010-08-20 13:37
  ھقىقەتەن يارايسىز!!!!   ئىسمىڭىزدىكى ھەمزە نى ئەمدى چۈشەندىم.  ئاللاھ سىزگە بەركىتىنى ئايىمىسۇن! ئاللاھ بىزنى لەنىتىگە ئۇچرىغانلار قاتارىدىن قىلمىسۇن! ئامىن!!!

uran0999 2010-12-07 10:33
پىداكار سىزمۇ ئالتۇندەك جەۋھەر تېما يازىدىكەنسىز كۆپ     رەھمەت

sinner 2011-01-04 00:40
بەك ياخشى يىزىپسىز   اللاھ  رەھمەت  قىلسۇن .


查看完整版本: [-- رۇزا تۇتقۇچىلارغا(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061571 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us