بۇ مەزمۇن 29قەۋەتتىكى ئاپتاپلىق نىڭ 2012-02-17 12:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇيغۇرخان سىڭلىم، سىزنىڭ گىپىڭىزمۇ ھېلىقىلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن، سىزچە تارىخى رومان دېگەن نېمە؟ بۇنى ئىزىپ سۆزلىمىسەكمۇ سىز چوقۇم بىلىسىز، تارىخى رومان دېگەن ئۇ بىر تارىخ كىتابى ئەمەس، ئۇ ئەدىبىيات بىلەن تارىخىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى، سىز ئۇ رومانلاردىكى جەڭ تەسۋىرلىرىنىڭ مۇكەممەل بولمىغانلىقىنى دېمەكچىمۇ ياكى بىر قىسىم پىرسۇنازلار ئوبرازىنىڭ دېگەندەك مۇكەممەل يارىتىلمىغانلىقىنى دېمەكچىمۇ ۋەياكى روماندىكى تارىخى چىنلىقنى ئىنكار قىلماقچىمۇ؟ ئۇيغۇرنىڭ ئاشۇ نەچچە ئەسىرلىك تارىخىنى قېزىپ بۇنچىلىك تارىخى رومان يېزىپ چىقىش بەك مۈشكۈل بىر ئىش، تارىخى چىنلىق دەل تارىخى روماننىڭ جېنى، روماندىكى ئۇششاق چۈششەك تۇقۇلمىلار شۇ دەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ياردەمچى رول ئوينايدۇ. سىز ياسىنجاننى" ئۇيغۇرنى خاتا ئىدىيۋى يۇلۈنۈشكە باشلاپ ماڭدى" دىيىشىڭىزنىڭ ئاساسى زادى نېمە؟ ئەمەلىيەتتە بۇنداق سورىشىممۇ ئارتۇقچە. ياسىنجان سادىقنىڭ تارىخى رومانلىرى ناھايىتى ياخىشى يېزىلغان، تارىخ چىن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىز ياسىنجانغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. تارىخ كىتابىنى ئوقۇمايدىغانلار رۇمان ئوقۇپمۇ بولسا مىللىتىمىزنىڭ بىر قانچە ئەسىرلىك مۇكەممەل تارىخىدىن خەۋەردار بولدى، ياشلاردا بىر قېتىملىق تارىخ قىزغىنلىقىنى بارلىققا كەلدى.بىزمۇ مانا بۇ يەردە تالىشىپ ئولتۇرىۋاتىمىز، مېنىڭچە بۇ بەك ياخشى بولدى.
ئەمدى مۇشۇ تېمىغا كەلسەك، سىزچە بۇ تېما قانداقراق يېزىلىپتۇ؟ بۇ تېمىدا بېرەر-يېرىم دەلىل،پاكىت دېگەندەك نەرسىلەر بارمىكەن؟ "جاللات خېنىم"،" باھادىرنامە" دىن ئىبارەت نەچچە ئۇن يىللىق ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، ئەجىر قىلىش بەدىلىگە كەلگەن ئۈچ يېرىم مىڭ بەتلىك(8 قىسىم) كىتابنى سىزچە مۇشۇنداق تومتاق، ساپاسىز، خوتۇنلارنىڭ غەيۋىتىدەك،يېرىم بەتلىك قورۇق گەپ بىلەن ئىنكار قىلغىلى بولارمۇ؟ جاۋاپ شۇكى: ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەمىسە نېمىشقا بۇنداق گەپلەر بولىدۇ،نېمىشقا پاكىت كۆرسىتىلمەيدۇ، بىر قىسىم ئادەملەر (سىزمۇ ھەم) ياسىنجان سادىقنىڭ رومانلىرىغا شۇنچە ئۆچلۈك قىلىسىلەر؟ ئۇيغۇرغا خاتا ئىدىيە سىڭدۈرىۋاتىدۇ دەيسىلەر؟ سىلەر دېگەن خاتا ئىدىيە قايسى؟ رۇماندىكى قايسى ئىش، قايسى قاراش تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن بولماپتۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە پەقەت بىر لا مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئاپپاق خوجىنىڭ شەرمەندىلىكى، نومۇسسىز جىنايى قىلمىشلىرى«جاللات خېنىم»
دا يېزىلمىغان بولسا، ئۇ مۇناپىقنى ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى داھىىسى، قىلغان ئىشلىرىنڭ ھەممىسى ئىسلام دىنى ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلغان دەپ تەسۋىرلىگەن بولسا سىلەر ياسىنجانغا سادىق چوغلانغا بۇنچە تۆھمەت قىلماس ئىدىڭلار. سىلەر ئۇ تارىخى رومانلار ئۈستىدە گەپ قىلماقچى ئەمەس بەلكى چاپاق خۇجا دەۋاسىنى قىلماقچى گەپنى يورغىتىۋەرمەي، خۇپسەنلىك قىلماي داۋانى ئېنىق قىلساڭلارلا بولىدىغۇ؟ ئەسلى ئادىياتنىڭ دوستلۇق قولىنى سۇنىشىدىن سەل خجىل بۇلۇپ، ئەمدى گەپ قىلماي دەپ ئويلىغان، بىراق سىز پەيدا بوپ قالدىڭىز، سىزگە ئەمراقلىقىم كىلىدۇ،ئىسمىڭىز چىرايلىق بولغاچقىمىكىن يا.