ما ياسىنجان سادىق چوغلان دىگەن" ئۆتمۈش كۆرەر" يازغۇچىمىز "جاللات خېنىم" ،"گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ سىرى" ،"باھادىرنامە"قاتارلىق تارىخى رومانلارنى يىزىپ قاتتىق داڭىق چىقىرىپتۇ! ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇ كىتاپلارنى ئوقۇپ چىقتىم!
"جاللات خېنىم " بۇ رومانلاردىكى سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى كۆرۈپ رەسمى "قول قويدۇم" پاھ پاھ!! يازغۇچى خۇددى شۇ يەردە باردەك ھە!!!! تۆۋە ئاپپاق خوجا نىڭ قىلمىشى شۇنچىۋالا ئىشىپ كەتسە،نەشە چىكىپ ھاراق شاراپ ئىچىپ ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە شۇ چاغدىكى كىشكلەرنىڭ بىلمىگنىنى قىززىق،ما يازغۇچىمىزنىڭ شۇنچە تەپسىلى خەۋەردار بولۇپ كەتكىنى تېخى قىززىق، بىزدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ،زىيالىيلارنىڭ باشقا نوپوزلۇق تارخشۇناسلارنىڭ كىتاپلىرى بىلەن سىلىشتۇرۇپراق كاللا ئىشلىتىپ ئويلىنىپ ئوقۇماي خۇددى نىمە يىزىغان بولسا شۇنىڭغا ئىشىپ شۇ ئەجدادلارنى نادان دەپ زارلاپ قويۇشلىرى ئۇنىڭدىن قىززىق ؟؟؟؟ شۇنداق ئويلاپ باقسام ئۇ زامانلاردا بۇنچە كۆپ كىتاپ يوق ئىكەن،ئىنترنىت ھەم يوق ئىكەن،ئەگەر بىرەر ھەل قىلالمىغان مەسىلە بولسا شۇنىڭ جاۋابىنى ياكى بىلدىغان ئادەمنى تىپىپ ئايدىڭلاشتۇرۇش ھازىرقىىدىن مىڭ ھەسسە قىيىن ئىكەن! ئەمما ھازىر ھەممە نەرسە تۇرۇپتۇ،كىتاپلارمۇ خىلى كۆپ،بىرسىنى ئىزدىمىسەكمۇ ئىنترنىتتا بىلىملە ئىشپ تىشىپ تۇرۇپتۇ،شۇنداق تۇرۇپ يەنە قارسىغا سۆزلەپ يۈرگەن بىزلەر تىخىمۇ نادان بولساق كېرەك!!!! ئەلۋەتتە تارىخى رومان دىگەندە توقۇلما بولىدۇ،ئەمما بۇنچىۋالا ئىشىپ كىتىشنىڭمۇ ئورنى يوقتە!!! بىزلەرنىڭمۇ بىر رومان سۈپىتىدە ئوقۇماي تارىخ سۈپىتدە ئوقۇشىمىز؟؟؟؟؟؟
"باھادىرنامە"6قىسىمنى تولۇق ئوقۇپتىمەن،مەدەنيەت بوستانىدىمۇ توشۇشتۇرۇۋاتاتتى يۇ ھىچكىم ھەقىقى پاكىت بىلەن سۈرۈشتۈرمەي قارىسىغلا باھا بىرىدىكەن!!!! بۇ ئەسەرنىمۇ ئوقۇپ بولۇپ بابۇرشاھ ئۆزى يازغان "بابۇرنامە"نى ئوقۇپتىمەن! ئەمما ھەيران قالدىمكى بۇ ئىككى كىتاپ قارشى چىقىپ قالىدى!!! "باھادىرنامە"دىكى بابۇرنىڭ دادىسى تازا ماختالغان،ئەمما "بابۇرنامە"دە بولسا گەرچە ئۆز دادىسى بولسىمۇ ئەيبلىرى ئاشكارا يزىلغان ھەمدە گۇنەھنىڭ دادسىدا ئىكەنلكى يىزىلغان !ئەلۋەتتە "بابۇرنامە"نى ئىشەنچىلىكرەك دەپ قارايمىز! بۇ پەقەت بىر كىچىككىنىلا مىسال بۇنداق يەرلەر تولىمۇ كۆپ! شۇ يازغۇچى شۇ ئەسەرنى يازغۇچە"بابۇرنامە" نى ئوقۇغاندىمۇ؟؟ يىزىپ بولۇپ بولسىمۇ ئوقۇغاندىمۇ؟؟؟؟؟
ئەلۋەتتە يازغۇچى بىلگەن تارىخ بىلىملىرىنىڭ ھەممىسىنى كىتاپقا تولۇق يازالمايدۇ،بۇنداق قىلسا كىتاپ چىقمايلا يوقىلىدۇ،شۇنداقتىمۇ ھەقىقى تارخقا ئاز تولا بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىش كېرەكتە! بىزدەك ئوقۇرمەنلەرمۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلىپ ئوقۇشىمىز كىرەكتە!! بولمىسا شۇ تۆۋەندىكى مەسەلدەك بولۇپ قالىمىز!
ئېشەك بىلەن ئات بىر ئېغىلدا تۇرىدىكەن ، ئېشەك كۆپىنچە چاغلاردا ئات ئۆزىنىڭ گەپلىرىگە زەن سالمىغاندەك ھېس قىلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ، ئېشەك ئاتنىڭ قۇلىقىنىڭ دەردى بار دەپ گۇمانلىنىپ قاپتۇ . بىر كۈنى ئېشەك بىر ياخشى ئامالنى ئويلاپ تېپىپ ، ئاتنىڭ قۇلىقىنىڭ ئېغىر ياكى ئېغىر ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى ئويلاپتۇ…
ئۇزۇن ئۆتمەي ئېشەك ئۆزىنىڭ خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ . ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ ، ئاتنىڭ كەينىدىن ئون مېتىرچە يېقىنلاپ :
- ھەي قېرى ئات ، مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟-دەپتۇ .ئېشەك خېلى ئۇزۇنغىچە ساقلىسىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس ئاڭلانماپتۇ . ئون مېتىر بەك يىراق بولۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، ئاتقا بەش مېتىرچە يېقىنلىشىپ :
- ھەي قېرى ئات ، مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟ئاڭلىغان بولساڭ جاۋاپ قايتۇرغىن ، – دەپتۇ .
بىراق ، ئېشەك يەنە بىر ئاز ساقلىغان بولسىمۇ ، ئاتتىن زۇۋان چىقماپتۇ . ئاھ تەڭرىم ، ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى چاتاق ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن ! مەن يەنە يېقىنراق باراي ، دەپ ئويلىغان ئېشەك ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپتۇ . ئاتقا ئۈچ مېتىرلا قاپتۇ . ئېشەك :
-قېرى ئات ، مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئاڭلىغان بولساڭ ، ماڭا جاۋاپ قايتۇر ، – دەپتۇ .
-ئاڭلىدىم ، ؛تور– دەپتۇ ئات ، – بۇ ئۈچۈنجى قېتىم ساڭا جاۋاپ بېرىشىم . يەنە بار ، مەن سەندىن بەك بىزار بولدۇم ، سەن قۇلىقىڭنى داۋالاتساڭ بولغۇدەك .