بۇ مەزمۇن 24قەۋەتتىكى ئاپتاپلىق نىڭ 2012-02-16 11:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئادىيات ئەپەندى، تېما يوللىغۇچىنىڭ بۇ تېمىنى نېمە مەخسەتتە يوللىغانلىقىنى چايناپ سىز چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىنلا مەخسەت ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ،" كىم ھەقىقى نادان؟" ئۇ دېمەكچى " جاللات خېنىم، باھادىرنامە پۇتۈنلەي ئويدۇرما، تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس، ھەتتا بۇرمىلىغان، ئۇيغۇردا مەن، جەڭچى،ئادىيات تىن باشقىلار كىتاپ ئوقۇمايدۇ، ياسىنجان سادىق ئاددىسى بابۇرنامىنىمۇ ئۇقۇپ باقمىغان،.......... مۇشۇ كىتاپنى سۈيۈپ ئوقۇغان، ئىشەنگەنلەر نادان" ،شۇنداققۇ، ئۇ شۇنداق دېمەكچىغۇ.
ئازراقلا كاللىسى بار ئادەم سىلەرنىڭ نېمىشقا بۇ كىتاپلارغا بۇنداق نۇمۇسسىزلارچە تۆھمەت قىلىدىغىنىڭلارنى بىلىدۇ، چۈنكى"جاللات خېنىم"دا سىلارنىڭ مەنىۋى داھىڭلار ،ئىككى دۇنيادا لەنىتى، ئەشەددى مۇناپىق ئاپاق خۇجىنىڭ ئۇيغۇرغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى، ئۇنىڭ رەزىل جىنايەتلىرى ئېچىپ تاشلانغان. مانا مۇشۇ بىر سەۋەپ سىلەردەكلەرنىڭ كۆزۈڭلارنى يۇمىۋېلىپ پىتنە تارقىتىشىڭلارغا سەۋەپ بولدى.
سىلەرنى نادان دەپ سۈپەتلەشمۇ بەكلا ئازلىق قىلىدۇ، ياسىنجان سادىقنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرى، يىغقان ماتېرىياللىرى،تەتقىقاتلىرى ئۇنىڭ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ قولىغا قەلەم ئېلىپ، كىشىلەرگە تارىخنىڭ ئاچچىق قىسمىتىدىن ساۋاق ئېلىپ ،كەلگۈسىدە مۇشۇنداق نادانلىقلارنىڭ يەنە سادىر بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يېزىشقا مەجبۇر قىلغان بولسا، سىلەردەك پىتنىخورلار خەلىقنىڭ مەڭڭۈ قاششاق، مەجروھ،نادان، ئەركسىز ھالەتتە ياشىشىنى ئارزۇ قىلىسىلەر، بىراق بەكمۇ ئەپسۇسكى بۇ ئەمدى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، سىلەردەك جاھالەتكە چىڭ ئېسىلىپ، ھېچنىمە ئۆگەنمەي، تەپەككۇر قىلماي،ياخشىلارنىڭ ئارقىسىدىن ماراپ يۈرىدىغان يارىماسلار بەك -بەك ئاز، سېلەرنىڭ دېپىڭلارغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان كىشىلار كۈندىن- كۈنگە قالمىغىلى تۇردى. ئىچىڭلار ئاچچىق بولىدىغاندۇ ھە!،
سىلەر ئاۋال دات بېسىپ كەتكەن كاللاڭلارنى سەل-پەل شامالدىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا،ئۇيغۇرلارنىڭ 10- ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە تارىخىغا دائىر نۇپۇزلۇق كىتاپلاردىن ھېچ بولمىغاندا 10 پارچە كىتاپ ئوقۇپ، ئاندىن ................ ۋاي بولدىلا سىلەردەكلەرگە بۇنداق گەپ قىلىشنىڭ نېمە زۈرۈرىيىتى، سىلەردە كاللا دېگەن نەرسە بولمىسا