ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبارەكاتۇھۇ
ھەممىدىن كۆيۈمچان ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
تەسەۋۋۇف
تەسەۋۋۇف-قۇرئاندا تەزكىيە ۋە ھىكمەت دەپ ئاتىلىدۇ.ھەدىسلەردە ئېھسان دەپ تەرىپلىنىدۇ،كىيىنچە كىشلەر ئارىسىدا<تەسەۋۋۇف>دەپ ئاتالدى.
فىقھى-ئىنساننىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئاشكارە ئەمەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.يەنى فىقھى،سىزگە بىرىلگەن ئەمىرنى تەلىماتقا ئۇيغۇن شەكىل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردىڭىزمۇ يوق؟ ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىڭىز،بۇ جەرياندىكى روھى ۋە قەلبى ھالىتىڭىزدىن فىقھى سۆز ئاچمايدۇ.تەسەۋۋۇف بولسا ئەمەلنىڭ روھى ۋە قەلىب ھالەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكىتلەيدۇ.مەسىلەن:سىز ناماز ئوقۇدىڭىز،بۇنىڭدا فىقھى سىزنىڭ تاھارەتنى ئۇسۇلغا ئۇيغۇن ھالدا ئالغانلىقىڭىزغا،قىبلىگە قاراپ يۈزلەنگىنىڭىزگە،نامازدىكى پۈتۈن ئەركان ۋە باسقۇچلارنى چالا قويماي ئورۇندىغانلىقىڭىز،نامازدا ئوقۇشقا تىگىشلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئوقۇغانلىقىڭىزغا،نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇپ بەلگىلەنگەن رەكئەت سانىنى تولۇق ئادا قىلغىنىڭىزغا قارايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئورۇندىغان بولسىڭىز،<فىقھى>گە ئاساسەن،ئوقۇغان نامىزىڭىز ئادا بولدى.ھەقىقي ئىسلامي تەسەۋۋۇف ئىبادىتىڭىزنى ئادا قىلىۋاتقان چىغىڭىزدا قەلبىڭىز<روھى ھالىتىڭىز>قانداق ئىدى؟پۈتۈن خىيالىڭىز ئاللاھقا قارىتىلغانمىدى؟ۋە كۆڭلىڭىزدىن پۈتۈن دۇنيا خىياللىتىنى چىقىرۋەتكەنمىدىڭىز؟ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئاللاھ قورقۇسىنى يۈرىكىڭىزدە ھىس قىلىپ،ئاللاھنىڭ ھەممە ھەركىتىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا تۇرغانلىقىڭىز ۋە نامازنى پەقەت ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىقىڭىزغا قارايدۇ.شۇنىڭدەك ناماز ئوقۇش بىلەن روھىڭىز قانچىلىك پاكلاندى؟ئەخلاقىڭىز قانچىلىك تۈزەلدى؟قانچىلىك ھەقىقي ۋە مۇكەممەل مۇسۇلمانلىق دەرىجىسىگە يىتىپ باردىڭىز؟مانا بۇلارغا قارايدۇ.ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى نامازنىڭ مەقسىدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،تەسەۋۋۇف بۇلار قانچىلىك تولۇق ئىجرا بولغان بولسا ناماز شۇنچىلىك مۇكەممەل بولغان بولىدۇ،قانچىلىك يىتەرسىز قالسا ناماز شۇنچىلىك يىتەرسىز قالىدۇ دەپ قارايدۇ،باشقا ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق.قىسقىسى،تەسەۋۋۇف شەرىئەت بۇيرىغان ئەمىرگە بويسۇنۇپ ئىجرا قىلىشتىكى خالىس نىيىتىڭىز ۋە ھەقىقي ئىتائەتچانلىق روھىڭىزنى ئۆلچەشنى ئاساس قىلىدۇ.بۇلارنى تۆۋەندىكى مىسال بىلەن تىخىمۇ ئوبدانراق چۈشىنىۋالىمىز.
بىز بىر كىشىنى كۆرگىنىمىزدە ئۇنىڭ شۇ ئىككى خۇسۇسىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت بىلەن نەزەر سالىمىز.
بىرىنچى،ئۇ كىشىنىڭ تەن-ساغلاملىقىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىغا قارايمىز.قارىغۇ،گاس-گاچا،ئاقساق-چولاق،چىرايلىق ياكى سەتلىكىگە سەپ سالىمىز.كىيىم-كىچەكلىرىنىڭ پاكىز ياكى مەينەتلىكىگە سەپ سالىمىز.
ئىككىنىچى،ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاق،ئادەت ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىلىرىگە قارايمىز.ئەس-ھۇشى جايىدىمۇ؟ئالىم ياكى ساۋاتسىزمۇ؟ياخشى پەزىلەتلىك بىرسىمۇ ياكى يامان نىيەتلىك پەسكەش بىرسىمۇ؟بۇنىڭغا قارايمىز.
يەنى بۇلاردىن بىرىنچىسى-<فىقھى> دېسەك،ئىككىنىچىسى <تەسەۋۋۇف>نىڭ ئۆزى.
سىز بىر كىشىگە ياخشى دەپ باھا بىرىش ئۈچۈن،.ئۇنىڭ تاشقى كۆرىنىشى ۋە ئىچكى ئالاھىدىلكلىرىنىڭ دىتىڭىزغا يىقىشىنى ئاساس قىلىسىز.شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسلام ياخشى كۆردىغان كىشى،شەرىئەت ھۆكۈمىلىرىگە ئەمەل قىلىشتا كۆرۈنۈش جەھەتتە توغرا بولغان ۋە ئىچكى جەھەتتىمۇ ئۇنىڭغا مۇئاپىق بولغان كىشىدۇر.ئەگەر بىر كىشىنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئىتائەتلىرى توغرا بولۇپ،روھى جەھەتتە خالىس بولمىسا،ئۇنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرى خۇددى ئادەم ئۆزى چىرايلىق،ئەمما ئۆلۈك بىر جىسىمغا ئوخشىغىنىغا ئوخشاش ئىش بولىدۇ.روھى جەھەتتىن ئىتائەتلىرى توغرا،لىكىن كۆرۈنۈشتىكى ئىتائەتلىرى توغرا بولمىسا،قەلبى گۈزەل-چىرايلىق،ئەمما ئاقساق-چولاق ۋە ياكى قارىغۇ ئادەمگە ئوخشايدۇ.
...........................................................................................................................................................................
قىرىندىشىم شەرىئەتنىڭ ئاساسى قۇرئان ۋە ھەدىس . بۇ شەرىئەت تاشقى ۋە باتىنى ( ئىشكى) ئەمەللەرنى ئۈز ئىچىگە ئالدۇ سىز نىمگە ئساسسەن شەرىئەت تاشقىرى تەسەۋۋۇب ئىشكى ئەمەللەرنى بۈلدۈردۇ دەيسىز ؟ ئەگەر تەسەۋۋۇپنى دىنى جەھەتتە ئىسپاتلىماقچى بوسىڭىز قۇرئان ھەدىستىن(تەسەۋۋۇپ) دەپ بىر سوز تىپىڭ ئاندىن سىز بىلەن؟؟؟؟