باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4551 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 4/5     Go
تېما: ئىددەت ھەققىدە ئويلار
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
ئۆسۈش: 1240 %
مۇنبەر پۇلى: 3280 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-05-07
30-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-18 20:20

[quote]بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى ئەھلىھەدىس نىڭ 2012-02-16 20:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم سەيرام:
فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ سەھىھ بۇخارىدىكىسى سەھىھمۇ ئەمەسمۇ؟ بولسا سەھىھ بۇخارىدىكى رىۋايەتكە تولۇق بىر قارىۋېتىپ ئاندىن بۇ ھەقتىكى قارىشىڭىزنى بايان قىلسىڭىز. 
مەن سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنداق كۆردۈم:
================================================
 ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ئەھلى ھەدىس بۇرادەر، سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى ئىلمى ئىنكاس دىگىلى بولىدۇ. ئەمما بەزىلەر بولسا مەزھەپپەرەسلىك قىلىپ   شۇنچە نۇرغۇن مۇھەددىسلەر سەھىھ دەپ باھالىغان بىر ھەدىسنى  زەئىف دەپ ئىنكاس يېزىپ باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بەردى.شۇڭا ئۇنداق ئىنكاسلارغا جاۋاپ يازغۇم كەلمىدى.

ئەمدى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا كەلسەك بۇ مەسىلىدە ھەقىقەتەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدىن باشلاپلا ساھابىلار ئارىسىدا ئىككى خىل،مەزھەپلەر ئارىسىدا ئۈچ خىل كۆز قاراش مەيدانغا چىققان.ھەر ئىككىمىزنىڭ گىپىنى قوللايدىغان ساھابىلار بار.ئۆمەر،ۋە ئابدۇللائىبن مەسئۇد ،ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇملار،ئىمام ئەزەم   قاتارلىق بىر قانچە  ئالىملار سىزدەك قاراشتا،ئەلى ،ئىبن ئابباس،جابىر،فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھۇملار،ئىمام ئەھمەد يەنە ئەھلى ھەدىسنىڭ  كۆپچىلىكى مەن دىگەن قاراشتا.بۇنى سىزمۇ بىلىسىز.شۇڭا مىنىڭ يازغىنىم شەخسى قارىشىم ئەمەس.ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىدىكى گەپنى يېزىش ئارتۇقچە.
ھەمدە بۇ تىمىغا ئىنكاس يازىدىغان ھەر بىر ئادەم سەمىمىلىك بىلەن مىنىڭ تىمامدىكى قايسى پىكىرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېنىق يازغان بولسا ئاندىن ئىلمى ئىنكاس بولىدۇ دەپ قارايمەن. مۇھەددىس بۇرادەردەك ھىچقانداق پاكىت كەلتۈرمەيلا شۇنچە نۇرغۇن  داڭدار مۇھەددىسلەر سەھىھ دەپ باھالىغان بىر رىۋايەتنى زەئىف دەپ قويۇپ مۇجمەل ئىنكاس يازسا ئىلمى ئىنكاس بولمايدۇ.شۇڭا 
  سىزمۇ ئىنكاسىڭىزنى ئوچۇقراق يازسىڭىز بوپتىكەن. مىنىڭ زادى قايسى پىكرىم خاتا،سىز قانداق قارايسىز؟ بۇنى ئوچۇق يازسىڭىز..ئەرەپچە تىكىستنىلا نەقىل قىلىپ قويسىڭىز بۇ مۇنبەردىكى بىلمەيدىغانلار ئىككىمىزنىڭ قانداق پىكىر ئىختىلاپى بارلىقى چۈشەنمەي ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئاجراشقان ئاياللارنىڭ شۇ ھامان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىپ ئىددەت تۇتۇشى توغرا ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى سوئاللارغا ئوچۇق ئىپادە بىلەن جاۋاپ بەرسىڭىز.

 1-تالاق قىلىنغان (ئاجراشقان ) ئايالنىڭ ئىرىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشى پەرزمۇ ياكى پەرز ئەمەسمۇ؟ ئىددەت توشماستا  ئىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كىتىشى ھەمدە  ئەرنىڭ ئۇ ئايالنى ئۆيىدىن چىقىرىۋىتىشى ھاراممۇ ياكى  ھارام ئەمەسمۇ؟

2- مەن تىمىدا دەلىل قىلغان فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ھەدىسىنى يۇقارقى مۇھەددىسلەر سەھىھ دەپ باھالىغان .بۇنداق باھالاش توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟ سىزنىڭچە ئۇ ھەدىس سەھىھمۇ ياكى زەئىپمۇ؟

مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم شۇكى ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايالدىن باشقىسى ئىددەت توشقىچە  ئىرىنىڭ ئۆيىدە  تۇرۇشى پەرز.چىقىپ كىتىشى ھارام.ئەمما ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ سىرتتا ئىددەت تۇتىدۇ.

مىنىڭ بىلىشىمچە سىز ھەر قانداق تالاق قىلىنغان ئايال  ئىددىتى توشقىچە چوقۇم ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشى پەرز،چىقىپ كىتىشى ھارام دەيسىز. (چۈنكى ھەنەفى مەزھەپنىڭ قارىشى شۇ)ئىككىمىزنىڭ گىپىنىڭ مۇشۇنچىلىك  كىچىككىنە پەرقى بار.قالغىنى ئوخشاش.لىكىن ھىچقايسىمىز ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ،ئاجراشقان ئايال شۇھامان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىدىغان ئىشنى توغرا دىمەيمىز. بەلكى ھارام دەيمىز.شۇنداق تۇرۇپ بۇ يەردە بەزىلەرنىڭ ماڭا شالتىقىڭنى ئادالا دەپ كىتىشىنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق.ھەمدە بۇ تىمىدا  شالتاق دەپ كەتكىدەك ئىشمۇ يوق.(قۇدۇقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئالەم مۇشۇ دەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى شۇنداق بولىدۇ.ئۇلار بەلكىم بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ بىلگىنىدىن باشقا پىكىرنىڭ بارلىقىنى بىلمىسە كىرەك. )  چۈنكى دىيارىمىزدىكى ئۆزىنى ئىلىم ئەھلىمەن دەيدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ شالتىقى يىتىپ ئاشقىچە بار. مۇشۇ ۋاققىچە ھىچقايسىمىز  مۇشۇنداق بىر پەرزنى تەشۋىق قىلماي كەپتۇق.بىر ھارام ئوچۇق- ئاشكارا ،ئىنكارسىز داۋاملىشىپ كەپتۇ.بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت كىمدە؟ ياكى بىز مۇسۇلمان بولغىلى بىر نەچچە ئاي بولغان مىللەت ئەمەس. مىڭ يىلدىن بىرى مۇشۇ پەرزنى ئادا قىلىنغانلىقىنى قايسىمىز ئەسلىيەلەيمىز؟   قايسى بىر ئۆلىمانىڭ مۇشۇ پەرزنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى ۋە مۇشۇ ھارامدىن توسقانلىقىنى ئىنكاس قىلالايمىز؟ ھەر قايسىمىزنىڭ ئائىلىمىزدە ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئاجراشقان قىز-ئاياللىرىمىز بارغۇ؟ قېنى قايسىمىز ئۇلارغا اللەنىڭ مۇشۇ پەرزىنى چۈشەندۈردۇق.ھەتتا مەنمۇ ۋە ئۇستازىم بولغان داداممۇ  ئون يىل ئىلگىرى سىڭلىم ئاجرىشىپ كەتكەندە مۇشۇنداق بىر  ھۆكۈمنىڭ بارلىقىنى قىلچىلىك خىيالىمىزغا كەلتۈرمەپتىمىز.(ئەمەل قىلىشقۇ يىراق گەپ) بولمسا مەن شۇ چاغدا بىر قانچە تەپسىرنى تۈگىتىپ بولغان ئىدىم.دادامغۇ بىر قانچە قېتىم ئۈگىتىپمۇ بولغان ئىدى. ئەمەل قىلالمىساقمۇ ھىچبولمىسا مۇشۇنداق بىر پەرزنىڭ بارلىقىنى بىلىشىمىز ۋە ئويلىشىمىز كىرەك ئىدى.  ئەپسۇس كۆنگەن ئادىتىمىز بويىچە قىلچىلىك ئويلىنىپ باقماي ئۆتىۋىرىپتۇق.خۇددى قۇرئاننى ۋە تەپسىرنى ئوقۇپلا قويسا بولىدىغاندەك ....مۇشۇنىڭغا قورسىقىم ھەقىقەتەن بەك كۆپتى.بىز ئۆلىمالارنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇق ۋە قەتئى بولغان بىر ھۆكۈمنى قانداقلارچە تەشۋىق قىلماي ،ئەمەل قىلماي كەلگەنلىكىمىزنى چۈشىنەلمىدىم.مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۈركلەردىن خاپا بولغىلى بولارمۇ؟ مەن شۇڭا تىمىدا ئالىم بولسۇن ،تۈرك بولسۇن بۇ مەسىلىنى ئويلىنىپ باقمىدى دەپ يازسام مۇھەددىس بۇرادەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قالپىقىنى كىيدۈرۈپ ئىنكاس يازدى. ئۇنداق قىلغىچە بىزنىڭ يۇرتتا بۇ پەرزگە ئەمەل قىلىدۇ ۋە ياكى بىزنىڭ يۇرتتىكى ئۆلىمالار بۇپەرزنى تەشۋىق قىلغان دەپ ئىنكاس يازغان بولسا بۇنى ئىلمى رەددىيە دىگىلى بولاتتى...

شۇڭا بىزنىڭ ئورتاق پىكرىمىز  تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ چوقۇم ئىرىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشىنىڭ پەرزلىكى بولغانىكەن ئەڭ ئاۋال قىلىپ مۇشۇ تاشلىنىپ قېلىۋاتقان پەرزنى   بىرلىكتە تەشۋىق قىلايلى،بۇ ئىشتىكى ھارامنى چۈشەندۈرەيلى!

قېنى ئۇ ئۈچ تالاق قىلىنسىمۇ ئىرىمنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتىمەن دەۋاتقان  ئايال ؟ بىر تالاق قىلىنغان ئايالمۇ شۇھامان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىپ ئىددەت تۇتۇۋاتسا ،بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلمەيۋاتسا،ئالىملىرىمىز دىمەيۋاتسا ھەممىمىز بىرلىككە كەلگەن مەسىلىنى تەشۋىق قىلماي ئىختىلاپى مەسىلىنى  تالىشىپ قىزىرىشىپ يۈرۈشىمىزنىڭ ۋاقتىمۇ ھازىر ؟  ناۋادا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچ تالاق قىلىنسىمۇ يەنىلا ئىرىنىڭ ئۆيىدىن كەتكىلى ئۇنىمايدىغان ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان بولسا  ئاندىن مەن قوپۇپ ئىرىنىڭ ئۆيىدىن كىتىشى كىرەك دەپ تەشۋىق قىلسام ئاندىن ماڭا شالتاق-پالتاقنىڭ گىپىنى قىلسىمۇ كىچىكمەيدۇ.. تېخى تۇغۇلمىغان توشقاننى سىز بىرنى ئۇرساقلا ئۆلىدۇ دەپ ،مەن ئىككىنى ئۇرساق ئۆلىدۇ دەپ تالىشىپ بىر-بىرىمىزگە تەنە گەپلەرنى قىلىشمايلى! ھەممىمىز ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ شالتىقىنى ئادالاشنى باشلايلى!  مۇنازىرىنى ئاندىن قىلىشساقمۇ كىچىكمەيمىز. مىنىڭ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا بىرىدىغان جاۋابىم ئىبنۇلقەييىمنىڭ «زادۇلمەئاد» ۋە شەۋكانىنىڭ «نەيلۇلئەۋتار»دىگەن كىتاۋىدا بار. بۇ ئىككى كىتاپتا بۇ مەسىلە تەپسىلى تەتقىق قىلىنغان.بولسا بۇ ئىككى كىتاپتىكى تەھلىللەرنى بىر ئوقۇپ چىقسىڭىز... بىر كىتاپنىلا ياكى بىر مەزھەپنىڭ قارىشىنىلا ئوقۇپ باشقىسىغا قاراپ باقمىساق ھەمدە سېلىشتۇرۇپ ئويلانمىساق مۇتەئەسسسىپلىك قىلغان بولىمىز. يەنىلا ئۆز پىكرىڭىزنى ساقلاپ قالسىڭىزمۇ باشقا پىكرىم يوق.چۈنكى بۇ مەسىلىنى بىزدىن بۇرۇنقى چوڭلارمۇ ھەل قىلىپ بولالمىغان.پەقەت ھەر قايسىسى ئۆزى كۈچلۈك دەپ قارىغاننى كىتاپلارغا كىرگۈزگەن.ئىككىمىزمۇ ھەر قانچە مۇنازىرە قىلىشساقمۇ شۇنچىلىق قىلالايمىز.مەن پەقەت ئۆزەم كۈچلۈك دەپ قارىغاننى تىمىدا يازدىم.ناۋادا مىنىڭ ئورنۇمدا بۇ تىمىنى سىز يازغان بولسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز كۈچلۈك دەپ قارىغان پىكىرنى يېزىشىڭىز چوقۇم...ئەگەر يەنىلا زادى ھازىر مۇنازىرىلىشەيلى دەپ تۇرۇۋالسىڭىز بۇنىڭغىمۇ تەييارلىقىم  بار.

[ بۇ يازمىنىsayram0998 2012-02-19 19:17قايتا تەھرىرل ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9735
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 212 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-05-06
31-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-18 22:42

ما چاكىنا بالا ئاۋۇ غەيۋەت تىمىسىدا بىر خىل، ما ئىنكاسىدا ئۆزىچە ئىلمىي بوۋاپتا... ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قىلالمىغان نەسىھەت ۋە مۇنازىرىنى ئالاھىدە تىما قىلىپ غەيۋەت ۋە پاساتچىلىق تىرىغىچە يۇقۇرقى ئىنكاسىغا ئوخشاش ئۆزىگە بىۋاستە ئىنكاس شەكىلدە چىرايلىق مۇنازىرە ئىلىپ بارسا بولاتتىكەن ئەمەسمۇ، سايرام يازمىلىرىڭىز ۋە مۇنازىرلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزگە يارىشا بىلىم قۇرۇلمىڭىزغىلا دىقەت قىلىپ ئىلمى ئەخلاقىڭىزنىڭ ئاۋۇ تىمىڭىزدىكىدەك چاكىنا ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىكى يازمىلىرىڭىز ۋە ئاۋۇ تىمىغا ئالاقىدار چاكىنا ئىستىنباتلىرىڭىزنىڭ قايسى دەرىجىدە توغرلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ئۇ ھەقتىكى يازمىلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ئاۋۇ تىمىڭىزدا ئىستىنبات قىلىپ چىقارغىنىڭىزدەك ئۇ دەرىجىدە مۇبالىغە قىلىشنىڭ ئورنى يوقكەنغۇ، قارشى تەرەپكە بۇنداق زەھەر تىما بىلەن باشقا مۇنبەردە ئوت قويرۇغلۇق قىلغۇچە، قارشى تەرەپ ئاشۇ مۇنبەردە بولغاندىكىن، ئۆزى بىلەن يۈز تۈرانە دىيشىپ يۇقارقىدەك چىرايلىق شەكىلدە مۇنازىرە ئىلىپ بارسىڭىز بولاتتىكەن ئەمەسمۇ؟ ناۋادا ئۇياقنىڭ پىكرىگە قارشى پىكىرلىرىڭىزنى ئالدىغا دادىل قويغىنىڭىزدا، ئۇياقمۇ ئىلمى بولماي سىزگە پەقەت يول بەرمەي قالسا، ئاندىن باشقىچە بۇ ئىشقا پۈزىتسىيە تۇتسىڭىزمۇ ئۈلگۈرەتتىڭىزكەن، تىخى ئۇ تورداشقا تىمىڭىزدا بىرمۇنچە تەنە سىسىق گەپلەر بىلەن سۈپەتلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ كىتىپسىز، ئەگەر ئۇ تورداش مەن بوپ قىلىپ ماڭا شۇنداق ناكەسلەرچە ئارقامدىن باشقا مۇنبەردە بىرنەسە دېگىنىڭىزدە سىز بىلەن تۈزۈكچە ھىسابلىشىدىكەنمە، ھىلىقى تورداشتا يەنىلا ھەدىسچىلەردىكى ئەخلاق باركەن، گەپ سۆز قىلماپتۇ،... ئەپسۇس...بەكلا چاكىنا ئىش قىلىپسىز، بۇنداق خاتالىققا ئىككىنجىلەپ يول قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.  
دوستلىشىش
شەرىئەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10854
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-19
ئاخىرقى: 2012-02-19
32-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 03:07

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
ما تېمىدا ئىلىم ئەھلى بۇرادەرلەرنىڭ مۇھىم ھەل قىلىدىغان يېرى مۇشۇ ئاجىز ھەدىسلەر.
تورداشلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەسكەن. بولسا مۇشۇنى بىر ئىزدىنىپ كۆرسەك.
قۇتلۇق بۇرادەر: "زەئىف ياكى يالغان ھەدىس بارلىق ئازغۇنلۇق، بىدئەت - خۇراپاتلىق مەنبەسى" دەپتۇ.
سايرام بۇرادەر: "زەئىف ھەدىسنى ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ دەپ قارايدىغان بولغاچقا شۇڭا كۆرگىنىمنى يېزىپ تۇرغان". دەپتۇ.
بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ قايسى دەلىلگە ئۇيغۇن؟ ئەھلى ھەدىسلەر بۇ ھەقتە نېمە دەيدۇ؟
دوستلىشىش
sirajidin114
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8095
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 235 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-10
ئاخىرقى: 2012-05-10
33-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-19 12:30

دوستلىشىش
مەستۇرە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10902
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-02-22
34-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-22 18:14

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،مىنىڭ سىزدىن بۇ ھەقتە سۇرايدىغان،بەزى مەسىلىلەر بار .ئىدى .شۇڭا ئىغىر  كۇرمەي بۇ نۇمۇرنى 397676845  قاچىلىسىڭىز  بۇپتىكەن ،،،ئاۋارە كىلدىم...ئاللا ئەجرىڭىزنى بەگەي......                  
ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم.تۇرداشلار.  اللا  ھەممىزنىڭ كۇڭلىگە ئىنساپ ئاتا   قىلسۇن،
دوستلىشىش
مەستۇرە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10902
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-02-22
35-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-22 18:20

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،مىنىڭ سىزدىن بۇ ھەقتە سۇرايدىغان،بەزى مەسىلىلەر بار .ئىدى .شۇڭا ئىغىر  كۇرمەي بۇ نۇمۇرنى 397676845  قاچىلىسىڭىز  بۇپتىكەن ،،،ئاۋارە كىلدىم...ئاللا ئەجرىڭىزنى بەگەي......                  
ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم.تۇرداشلار.  اللا  ھەممىزنىڭ كۇڭلىگە ئىنساپ ئاتا   قىلسۇن،
دوستلىشىش
مەستۇرە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10902
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-02-22
36-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-22 21:42

ئەسسالاممۇ ئەلايكۇم .مىنىڭ بۇ ھەقتە سىزدىن سۇرايدىغانلىرىم باتى خاپا بۇلماي 397676845  بۇنى قاچىلامسىز....ئاللا ئەجرىڭىزنى  بەگەي.....
ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم.تۇرداشلار.  اللا  ھەممىزنىڭ كۇڭلىگە ئىنساپ ئاتا   قىلسۇن،
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
ئۆسۈش: 1240 %
مۇنبەر پۇلى: 3280 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-05-07
37-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-24 14:00

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 31قەۋەتتىكى tirishchan نىڭ 2012-02-18 22:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ما چاكىنا بالا ئاۋۇ غەيۋەت تىمىسىدا بىر خىل، ما ئىنكاسىدا ئۆزىچە ئىلمىي بوۋاپتا... ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قىلالمىغان نەسىھەت ۋە مۇنازىرىنى ئالاھىدە تىما قىلىپ غەيۋەت ۋە پاساتچىلىق تىرىغىچە يۇقۇرقى ئىنكاسىغا ئوخشاش ئۆزىگە بىۋاستە ئىنكاس شەكىلدە چىرايلىق مۇنازىرە ئىلىپ بارسا بولاتتىكەن ئەمەسمۇ، سايرام يازمىلىرىڭىز ۋە مۇنازىرلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزگە يارىشا بىلىم قۇرۇلمىڭىزغىلا دىقەت قىلىپ ئىلمى ئەخلاقىڭىزنىڭ ئاۋۇ تىمىڭىزدىكىدەك چاكىنا ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىكى يازمىلىرىڭىز ۋە ئاۋۇ تىمىغا ئالاقىدار چاكىنا ئىستىنباتلىرىڭىزنىڭ قايسى دەرىجىدە توغرلىقىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن ئۇ ھەقتىكى يازمىلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ئاۋۇ تىمىڭىزدا ئىستىنبات قىلىپ چىقارغىنىڭىزدەك ئۇ دەرىجىدە مۇبالىغە قىلىشنىڭ ئورنى يوقكەنغۇ، قارشى تەرەپكە بۇنداق زەھەر تىما بىلەن باشقا مۇنبەردە ئوت قويرۇغلۇق قىلغۇچە، قارشى تەرەپ ئاشۇ مۇنبەردە بولغاندىكىن، ئۆزى بىلەن يۈز تۈرانە دىيشىپ يۇقارقىدەك چىرايلىق شەكىلدە مۇنازىرە ئىلىپ بارسىڭىز بولاتتىكەن ئەمەسمۇ؟ ناۋادا ئۇياقنىڭ پىكرىگە قارشى پىكىرلىرىڭىزنى ئالدىغا دادىل قويغىنىڭىزدا، ئۇياقمۇ ئىلمى بولماي سىزگە پەقەت يول بەرمەي قالسا، ئاندىن باشقىچە بۇ ئىشقا پۈزىتسىيە تۇتسىڭىزمۇ ئۈلگۈرەتتىڭىزكەن، تىخى ئۇ تورداشقا تىمىڭىزدا بىرمۇنچە تەنە سىسىق گەپلەر بىلەن سۈپەتلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ كىتىپسىز، ئەگەر ئۇ تورداش مەن بوپ قىلىپ ماڭا شۇنداق ناكەسلەرچە ئارقامدىن باشقا مۇنبەردە بىرنەسە دېگىنىڭىزدە سىز بىلەن تۈزۈكچە ھىسابلىشىدىكەنمە، ھىلىقى تورداشتا يەنىلا ھەدىسچىلەردىكى ئەخلاق باركەن، گەپ سۆز قىلماپتۇ،... ئەپسۇس...بەكلا چاكىنا ئىش قىلىپسىز، بۇنداق خاتالىققا ئىككىنجىلەپ يول قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەدنان ئەپەندىم   شۇنى بىلىپ قېلىڭكى مەن  ئىلمى ئىنكاس يازغان ئادەملەرگە دائىم  ئىلمى جاۋاپ بىرىپ كەلدىم.چاكىنىلىق بىلەن ،ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئىنكاس يازغانلارغا لايىقىدا ئىنكاس يېزىپ كەلدىم. گەرچە چاكىنىلارغىمۇ،ھاكاۋۇرلارغىمۇ ئىلمى ھەمدە سەۋرچان بولۇشۇم ئەۋزەل بولسىمۇ لىكىن لايىقىدا جاۋاپ بىرىشمۇ دۇرۇس. شۇڭا ماڭا سەۋرچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان قېرىنداشلار

ئاۋال باشقىلارغىمۇ ئىلمى ئىنكاس يېزىشنى تەۋسىيە قىلغاي.
ئەمدى بىر قانچە بۇرادەر   ماڭا مۇھەددىس بۇرادەرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بىرىشنى بىر قانچەقېتىم بەك تەكىتلەپ كۈچەپ كەتتى.ھەتتا شالتىقىڭنى ئادالا دەپ شالىنى  چاچقانلارمۇ بولدى.بىلىشىمچە ئۇلار مىنىڭ نىمىگە جاۋاپ بىرىشىم كىرەكلىكىنىمۇ،قانداق شالتىقىم بارلىقىنىمۇ بىلمەي شامالغا ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ. ئۇنداقتا مۇھەددىس بۇرادەر ھەقىقەتەن ئىلمى ئىنكاس يازدىمۇ؟ھەرقايسىڭلار ئادىل بولساڭلار سەمىمىلىك بىلەن ئۇنىڭ ئىنكاسىنىمۇ تەھلىل قىلىپ باققايسىلەر..بىر تەرەپكىلا يان بېسىش توغرا ئەمەسقۇ؟

ئۇنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ باقايلى

ھېچكىم ئويلاپ باقمىدى دېگىنىڭىز بەكلا ئېشىپ كېتىپتۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرغۇ ئويلىمىغاندۇ، ئالىملاردىنمۇ ئويلىغانلار يوق. بۇنى پەقەت سىزلا ئويلىغان ئوەخشىمامسىز؟ بۇ قانداق گەپ بولدى ئەمدى! سەل كەمتەررەك بولايلى جۇما.
 



 ئىددەت مەسىلىسىدە يۇرتىمىز ئۆلىمالىرىنىڭ ھەقىقەتەن خاتالىقى بارلىقى ئېنىق.بۇنى ھىچكىممۇ ئىنكار قىلالمايدۇ.شۇڭا مەن تىمامدا مەيلى ئالىم بولسۇن...... دىگەن گەپنى قىستۇرۇپ قويغان.ھەمدە بۇنداق يېزىشىمنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا ئوچۇق يازدىم.ئەگەر مىنىڭ يازغىنىم ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولسا بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتىپ يۇرتىمىزدىكى  ئالىملار مىڭ يىلدىن بۇيان  بۇپەرزنى ئەمىلىلەشتۇرۇۋاتىدۇ ھەم تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ،سىزدىگەن ھارامدىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ،سىز بۇنى بىلمەي قاپسىز  دەپ ئىنكاس يازسا ئاندىن ئىلمىلىك بولامدۇ ۋە ياكى مۇھەددىس بۇرادەردەك قارىسىغىلا گەپ قىلىپ ئۆلىمالىرىمىز بۇنى ئويلىماي قالغانمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇھىم ئىشى بار،شۇڭا بۇنى تەشۋىق قىلمىغان گەپ ، ئۇنچە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايلى،كەمتەررەك بولايلى دەپ ماڭا قالپاق كەيدۈرۈپ ئىنكاس يېزىشى ئىلمىلىك بولامدۇ؟

ئەھۋالدىن قارىغاندا سىز گەپ يورغىلىتىشقا ئامراق ئوخشايسىز. داموللاملارنى ئۇنچىۋالا ئەيىپلەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. داموللاملىرىمىز سىز ئويلىغاننى، چۈشەنگەننى ئەلۋەتتە ئويلىغان ۋە چۈشەنگەن. لېكىن دىيارىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئازادە تەشۋىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. يەنە تېخى بۇنداق پەرزلەرنى تەشۋىق قىلىپ كۈچ چىقىرىشقا سىز بىزدەك تالىپچاقلار نەدىكى يوقىلاڭ مەسىلىلەرنى تالىشىپ ئالىملىرىمىزنىڭ ئېنىرگىيىسىنى بىھۇدە كۆيدۈرۈپ ئۇلارنى چوڭ ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ چىقىرىشقا ئارام بەرمىدۇق
 قاراڭ بۇ ئىنكاسقا!ئاشۇ ئەمەل قىلمايۋاتقان ئالىملارنىڭ ئارىسىدا داداممۇ،ئۇنىڭ ئۇستازىمۇ،جۈملىدىن مەنمۇ ھەم ھەر قايسىڭىزلارمۇ بار ئىكەنلىكى ئېنىق  ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھۆكۈم مۇستەھەپ ،مەكروھ مەسىلىسى ئەمەس  پەرز بىلەن ھارام مەسىلىسى تۇرسا  باشقىلار خاتالىقىمىزنى كۆرسىتىپ بەرسە خاتالىقىمىزنى تونۇپ رەھمەت ئېيتىش ئىلمىلىك بولامدۇ ؟ ۋە ياكى سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ   ئۆلىمالاردىن قۇسۇر ئىزدىگىدەك بولدۇڭمۇ؟ دىيىش ئىلمىلىك بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە ھىچكىم بىلەلمەي  پەقەت  مەنلا  ئىجتىھاد قىلىپ مەيدانغا چىقارغىدەك  مۇرەككەپ تەتقىقات ئەمەس.پەقەت «دۇرۇسۇللۇغەت»نىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇپ بولغان ئادەممۇ تەرجىمە قىلالىغىدەك ئاددى جۈملىلەر ئارقىلىق بۇيرۇلغان بۇيرۇقلار تۇرسا..مەسىلەن «و لاتخرجوھن من بيوتھن و لا يخرجن....»«اسكنوھن...» دىگەن سۆزلەرنى ئەرەپ تىلىدىن ئازراق ساۋاتى بار ھەر قانداق ئادەم تەرجىمە قىلىپ بىلەلەيدۇ..پەقەت بىزلەرنىڭ بۇ ئايەتلەردىكى بۇيرۇقلارغا دىققەت قىلماي   ئۆزىمىزنىڭ كۆنگەن ئادىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىپ قالغان گۇناھىمىز بار خالاس. تەرسالىق قىلماي  ئەمدى تۈزەتسەكمۇ بولىدۇ.

ئەمما سىزنىڭ ئۇ مۇھەددىس شەيخىڭىز بولسا ئۆزى تەشۋىق قىلىدىغان بىدئەتلىرىگە مۇنازىرىدە تۈزۈك دەلىل كۆرسىتىپ بىرەلمىگەندە خاتالىقىنى تونۇپ ئىتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا  ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ پىكرىنى ساقلاپ قالايلى دەپ چىرايلىق كاتەككە كىرىۋالىدىكەن يۇ ئەمما باشقىلار   ئۇنىڭ تايىنى يوق ئىنكاسلىرىنى رەت قىلغاندا بولسا ئۇنىڭمۇ ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى بارغۇ دىگەننى خىيالىغا كەلتۈرمەي «قارىغاندا سىز گەپ يورغىلىتىشقا ئامراق ئوخشايسىز»دەپ زەھەردەك گەپ قىلىدىكەن..بۇنىمۇ ئىلمىلىك دمدۇق؟   /

ئەمدى مۇھەددىس بۇرادەرنىڭ يولسىز ئىنكاسىدىن بىرسى مىنىڭ ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ئامال تاپالمىغاندا ئىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ يات كىشىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتسا خاتىرجەمرەك بولىدۇ دىگەن گىپىمگە قارشى «يات كىشىنىڭ ئۆيىدە   تۇرسا خاتىرجەمرەك بولامدۇ» دىگەن قارشىلىقى ..

ئېنىقكى بۇ- قەستەن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك. چۈنكى بىرىنچىدىن مەن« ئامال تاپالمىغاندا ...»دەپ يازساممۇ ئۇ قەستەن بۇ شەرتنى كۆرمىگەنگە سېلىپ نەقىل قىلغاندا چۈشۈرۈپ قويۇپ  تىكەنلىك گەپ قىلغان..ئىنكاس يازماقچى بولغان ئادەم ئاۋۋال تىمىنى قۇسۇر چىقىرىش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى سەمىمىلىك بىلەن تولۇق ئوقۇشى ئاندىن گەپلەرنى تۈز چۈشىنىشى كىرەك  . ئەمما ئۇ پەقەت قۇسۇر چىقىرىش ئۈچۈنلا ئىنكاس يازغاندەك ئىش قىپتۇ..قۇسۇر چىقىرىشنى مەقسەت قىلسا قۇرئان كەرىمدىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن ھەدىستىمۇ رەسۇلۇللا فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھاغا «سەن ئىبن ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتقىن...»دىدىغۇ؟ئىبن ئۇممۇ مەكتۇم رەزىيەللاھۇئەنھۇ دىگەن   فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھا  غا يات ئەر كىشى ئەمەسمۇ؟ فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھامۇ بۇ گەپنى تۈز چۈشىنىپ ئەمەل قىلغان..ھەرگىزمۇ رەسۇلۇللا شۇنداق دىگەندىكىن دەپ ئىبن ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ يېنىغا يوتقان سېلىپ ياتمىغان بولغىيتى! شۇڭا باشقىلارنىڭ گىپىنى تۈز چۈشەنگەن ئادەمنى سەمىمى ئادەم دەيمىز.بولمىسا تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىگەنلىك  بولۇپ قالىدۇ..سىزنىڭچە بۇنى ئىلمىلىك دەيمىزمۇ؟

ئۈچىنچىدىن ئۇ فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ھەدىسىنى ئاجىز ھەدىس دەپ سەكرەپ چىققان.
.ممانا بۇ قىلىق ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدە پەقەت ئىزدىنىپ باقمايلا قۇسۇر چىقارغانلىقى ھىساپلىنىدۇ..چۈنكى ئازراقلا ئىزدەنگەن كىشى ئۇ ھەدىسنىڭ بارلىق مۇھەددىسلەر تەرىپىدىن سەھىھ باھالانغانلىقىنى،ھەتتا ھەدىسشۇناس «ئەينى»نىڭ ئۇ ھەدىسنى مۇتەۋاتىر دەپ باھالىغانلىقىنى تاپالايدۇ..بۇنى يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمدا يازدىم.ئەمما مۇھەددىس بۇرادەردە  ھەقىقى ئىلمىلىك  بولسا بۇ خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلىشى كىرەك ئىدى..لىكىن ئۇ ھازىرغىچە بۇ خاتالىقىنى ئىقرار قىلمىدى..ۋە ياكى ئۇ مۇنبەردىكى  ئىلىملىك زاتلارمۇ بۇنىڭغا پىكىر بەرمىدى..ھىچبولمىسا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەدىسنى زەئىف دىيىشىدىكى ئاساسىنى ، قايسى مۇھەددىسنىڭ  نىمىگە ئاساسلىنىپ ئۇنى زەئىپ دىگەنلىكىنى ئوچۇق يېزىشى كىرەك ئىدى..ئەمما ئۇ بۇنداق ئىسپات كۆرسەتمەي  قارىسىغىلا زەئىف دەپ ساددا  تورداشلارنى ئالدىدى.شۇنىڭ بىلەن بەزى شامالغا ئۇسۇل ئوينايدىغانلار مىنى شالتاقچىلىق قىلدى دەپ ئەيىپلىدى.سىزنىڭچە بۇنى ئىلمىلىك دەيمىزمۇ؟ . شۇڭا بۇنداق پۈچەك گەپلەرگە جاۋاپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم...دۇرۇس،فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ھەدىسىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ رەت قىلىپ ئەمەل قىلمىدى..بۇنىڭدا ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىجتىھادى بار..ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ھەدىسنى زەئىف دىگىلى بولمايدۇ..بولمىسا يالغۇز بۇيېڭى مۇھەددىسلا ئەمەس ئاشۇ داڭدار كاتتا مۇھەددىسلەرنىڭمۇ بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بار. .   ئەمما  ئۇلار بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھالاۋەرگەن.. بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سەھىھ ھەدىسلەرنىمۇ بەزى ساھابىلارنىڭ رەت قىلغانلىق ۋەقەسى خېلى جىق..لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئاشۇ ھەدىسلەرنى مۇھەددىسلەر سەھىھ دەپ باھالاشتىن ئىككىلەنمىگەن..بۇنىڭغا مىساللار نۇرغۇن..(ئىسپات تەلەپ قىلسىڭىز بىر قانچە مىسالنى كۆرسىتىپ بىرەلەيمەن.)شۇڭا بىرەر كىمنىڭ بىرەر ھەدىسنى رەت قىلغانلىقى ئۇنىڭ زەئىفلىكىنىڭ ئىسپاتى بولالمايدۇ. بۇ ئىش خۇددى بەزى مۇھەددىسلەر زەئىف دەپ باھالىغان ھەدىسنى يەنە بەزىلەر سەھىھ دەپ باھالىغاندەكلا ئىش.بۇنداق ئەھۋالدا كىمنىڭ گىپىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىگە قاراپ ئىش قىلىمىز.چۈنكى رەسۇلۇللادىن باشقا ھەر قانداق ئادەم خاتالىقتىن خالى ئەمەس.رەسۇلۇللادىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ گىپىنى قوبۇل قىلىشقىمۇ،رەت قىلىشقىمۇ بولىدۇ.بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپنى ئۈستىدىكى ئىنكاستا يازدىم. لىكىن بۇھەقتە ئىزدىنىپ تەھلىل قىلىپ باقمايلا بەزىلەر ماڭا شالتىقىڭنى ئادالا دەپ شالىنى چېچىپ كىتىپتۇ..تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. مۇھەددىس دەپ ئىسىم قويۇۋالسىلا مۇھەددىس بولۇپ قالمايدۇ.

تۆتىنچىدىن  ئۇ مەن تىمىنىڭ ئاخىرىدا كەلتۈرگەن بەيھەقىنىڭ ھەدىسىنىڭ بەك زەئىف ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى.لىكىن ئۇ بۇنى ئىپادىلەشتىمۇ ئىلمى بولمىدى.   
((
كىمكى ئۈممىتىم بۇزۇلغاندا مىنىڭ سۈننىتىمگە ئەگەشسە ئۇنىڭغا يۈز شەھىتنىڭ ئەجرى بولىدۇ.......بەيھەقى رىۋايىتى..))
ماۋۇ ھەدىس بەكۈ ئاجىز. ياكى سىز بەك ئاجىز ھەدىسنىمۇ رىۋايەت قىلىپ ئەمەل قىلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلاردىنمۇ؟


بىرىنچىدىن بۇ ھەدىسنى  كىم نىمە ئۈچۈن زەئىف دىگەنلىكىنى يازمايلا خۇددى يۇقارقىغا ئوخشاشلا ئۇسۇلدا سەكرەپ قايناپ  «سىز ئۇنداق ئادەممۇ يەي،بۇنداق ئادەممۇ يەي»دەيدىغان  تايىنى يوق گەپلەرنى قىلدى.سىزنىڭچە بۇنى ئىلمىلىك دەيمىزمۇ؟  مەن ئۇ ھەدىسنى نىمە ئۈچۈن يوللىغانلىقىمنى يۇقۇرىدا يازدىم.ئۇمۇ  مەزكۇر ھەدىسنى ئەلبانىنىڭ بىر قېتىم زەئىف دىگەنلىكىنى،يەنە بىر قېتىم بەك زەئىف دىگەنلىكىنى ئىقرار قىپتۇ..مەن ئەلبانىنىڭ  زەئىف دىگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك زەئىف دىگەنلىكىنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن يوللىغان ئىدىم.ھەم بۇ ئەھۋالدا زەئىف ھەدىسكە ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىرىدە ئەمەل قىلىشنىڭ ئۈچ شەرتىگە ئۇيغۇن كىلەتتى..بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئاشۇنداق تىكەنلىك گەپلەرنى قىلىپ كىتىشى ئىلمىلىك بولامدۇ؟ئەگەر ئۇ ھەقىقى ئىلمى ھەم سەمىمى بولسا، دىن ئۈچۈن ئىنكاس يازغان بولسا  قۇتلۇق بۇرادەرگە ئوخشاش ئىنكاس يازسا بولمامدۇ؟ ناۋادا مەن يەنىلا  ئۇ ھەدىسنى ئۆچۈرگىلى ئۇنىمىسام ئاندىن ماڭا ھېلىقىدەك تىكىنى بار گەپنى قىلسىمۇ كىچىكمەيدۇغۇ؟  ئاشۇ زەئىف ھەدىس ھەققىدە مۇھەددىس بۇرادەر يازغان ئىنكاس بىلەن قۇتلۇق بۇرادەر يازغان ئىنكاسنى سېلىشتۇرغان ئادەم كىمنىڭ ئىلمىلىكىنى،كىمنىڭ ھەقىقى دىن ئۈچۈن ئىنكاس يازغانلىقىنى ،كىمنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىنكاس يازغانلىقىنى  ئاسانلا بىلەلەيدۇ.

ئاندىن مەن قۇتلۇق بۇرادەرنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئۇ زەئىف ھەدىسنىڭ ئورنىغا تەبەرانىنىڭ سەھىھ ھەدىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم.ئەمما ئۇ يەنە بۇ ھەدىسنىمۇ ھىچقانداق ئىسپات كۆرسەتمەيلا زەئىف دەپ يەنە بىر مۇنچە تىكىنى بار گەپنى قوشۇپ قويۇپتۇ..قاراڭ ئۇنىڭ ئىنكاسىغا

 

 ما تەبەرانى رىۋايىتى ئاجىز ئەمەس دەپ ئالماشتۇرۇپ ئەكەلگەن رىۋايەتمۇ ئاجىز تۇرسا، 100 دىن 50 كە، كېيىن 25 كە چۈشۈرۈپ باقسىمۇ بەرىبىر ئاجىز ھەدىس تۇرسا ئۇ، ئاجىز ھەىسنى ئالماشتۇردۇم دەپ يەنە بىر ئاجىز ھەدىسنى ئەكەپ قويغىنى نېمىسى ئەمدى؟
ئاغزىمىزدا ئاجىز ھەدىسنى ئەكىلىشكە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىمىزگە لازىم بولغاندا ئەكىلىدىكەنمىزدە ئاستاغىنە چاندۇرماي. بۇ ئوقۇرمەننى گوللىغانلىق بولامدۇ قانداق؟

  ئالماشتۇرۇپ ئەكەلگەن تەبارانى رىۋايىتى ھەدىسمۇ ئاجىز. بۇنى سەھىھ دەپ ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ (تەدلىيس) قىلىپسىز.


 

سىزنىڭچە بۇنىمۇ ئىلمىلىك دەيمىزمۇ؟ بىر ھەدىسنى زەئىف دىگەن ئادەم بۇنىڭغا ئىسپات كۆرسىتىپ  ئىنكاس يازسا ئاندىن ئىلمىلىك بولامدۇ ياكى ئىسپات كۆرسەتمەيلا زەئىف دەپ ئاندىن تۇزلۇق گەپلەرنى قوشۇپ قويسا ئىلمىلىك بولامدۇ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئىسپات كۆرسەتمەي  ئىنكاس يېزىپ  ساددا   تورداشلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلدى.سىزنىڭچە بۇنىمۇ ئىلمىلىك دەيمىزمۇ؟
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ھەدىسنىڭ  تىمىدا تەرغىپ قىلىنغان ھۆكۈم بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تەبەرانىنىڭ ھەدىسىنى زەئىف دەپتۇ..بەك زەئىف دىمەپتۇ.. زەئىف بولغان تەقدىردىمۇ زەئىف ھەدىسلەرگە ئەمەللەرنىڭ پەزىلەتلىرىدە ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ دەيدىغان  يۇقارقى ئۈچ شەرتكە بۇ ھەدىس چۈشىدۇ.(مۇھەددىس بۇرادەرمۇ بۇ ئۈچ شەرتكە مەندىن بەكرەك قوشۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن) چۈنكى بۇ ھەدىس ناۋادا زەئىف بولغاندىمۇ بەك زەئىف ئەمەسكەن  ھەمدە  بۇ ھەدىس شەرىئەتتە ئاساسى بولغان ئەمەل ھەققىدە دىيىلگەن.چۈنكى شەرىئەتتە تاشلىنىپ قالغان سۈننەتكە  ۋە كىشىلەر بۇزۇلغان چاغدا سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ ئاساسى بارلىقى بەلكى زۆرۈرلىكى  ئېنىق.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تىمىنىڭ ئاخىرىدا يازغان مۇسلىمنىڭ سەھىھ ھەدىسىمۇ كىشىلەرنى سۈننەتكە دەۋەت قىلىشنىڭ ئەجرىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ...ئىشقىلىپ ناۋادا بۇ ھەدىس مەۋجۇت بولمىغان تەقدىردىمۇ ۋە ياكى زەئىف بولغان تەقدىردىمۇ  كىشىلەرنى تاشلىنىپ قالغان سۈننەتكە دەۋەت قىلىشنىڭ ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكىدە گەپ يوق.پەقەت تەبەرانىنىڭ ئۇ ھەدىسى ئارقىلىق اللەنىڭ سەھىھ ھەدىستە ۋەدە قىلغىنىدىنمۇ  كۆپرەك ساۋاپ بىرىشىنى ئۈمىت قىلساق ھىچگەپ بولمايدۇ. شۇنداق تۇرسا ئاشۇنداق تىكەنلىك گەپلەرنى قىلمىشى ئىلمىلىك بولامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بۇنىڭغا رەددىيە بەرمەيسىز؟
تىمىدا تەشۋىق قىلىنغان مەسىلىمۇ دەل دىيارىمىزدا تاشلىنىپ قېلىنىۋاتقان پەرزنىڭ بىرسى،ئۇنى تەشۋىق قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەممىگە ئېنىق.ھەم بۇنى تەشۋىق قىلغان كىشىگە قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەجرى بولىدىغانلىقى يۇقارقى سەھىھ ھەدىستە دىيىلگەن.شۇنداق تۇرۇپ تەبەرانىنىڭ ئۇ ھەدىسنى زەئىف دەپ ئاخىرىغا بىر مۇنچە تىكەنلىك گەپلەرنى قوشۇپ مىنى ئالدامچىغا چىقىرىشنىڭ قەيەرى ئىلمىلىك بولىدۇ؟ مەن ياكى كىشىلەرنى گۇناھلىق ئىشقا باشلاپتىمەنمۇ؟ قېنى سىز دەپبېقىڭ،ئىلمىلىك قانداق بولىدۇ؟ 
 
مانا بۇ مىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىم. سىزنىڭ ئاخىرىدىكى بىر جۈملە سۆزىڭىزدىكى سەمىمىيەتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن چاكىنا دىگەن گىپىڭىزگە قارىتا يازغانلىرىمنى قالدۇرۇۋەتتىم.بۇ قېتىم سەۋرچان بولاي. كىلەر قتىم چىرايلىقراق ئىنكاس يېزىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.مەنمۇ چىرايلىق ئىنكاس يازىمەن. 
ئەمدى سىزنىڭ ھېلىقى تىما ھەققىدىكى گىپىڭىزگە كەلسەك ئەلۋەتتە مۇھەددىس بۇرادەرنىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ھوقۇقى يوق ھەم ئويىمۇ يوق. چۈنكى مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى يازدىم.ھەم ئۇنىڭ ماڭا تەلىم بىرىشى نەتىجىسىدە ئاشۇنداق مۇستەھەپلەرنى مۇسۇلمانلارغا تەشۋىق قىلدىم.ئەگەر ئۇ ئۇتىمىنى  ئىنكار قىلسا ئۆزى تەشۋىق قىلماقچى بولغان لىكىن ئوچۇق دىيەلمەيۋاتقان مۇستەھەپلەرگە قارشى چىققان بولىدۇ.بەلكىم سىز بۇنى چۈشەنمىگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن.باشقىلارنىڭمۇ ئۇ تىمىغا ئىلمى رەددىيە بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ ئەنە شۇ.چۈنكى ئۇلار ئۇ تىمىدىكى مەسلەھەتى مۇرسەلەلەرگە قارشى چىقسا مەۋلۇتقىمۇ ئوخشاشلا قارشى چىققان بولىدۇ.چۈنكى ھەممىسى بىر قېلىپتىن چىققان مۇستەھەپلەردۇر.ئىككىسىنىڭ پەرقى بار دىگەنلىك ئوخشاش نەرسىلەردە   قوش ئۆلچەم قوللانغانلىق بولىدۇ.
   شۇڭا مەن ئۇ تىمىنى ئەيىپلىگەن تورداشلارنى بىدئەتچىلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرىغا ئالدانمايدىغان، كاللىسى سەگەك،سۈننەت بىلەن بىدئەتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان  قېرىنداشلىرىم  دەپ بىلىمەن.ئۇ تىمىدىكى مىنى تىللىغانلارنى ئەمىلىيەتتە مۇھەددىس بۇرادەرنى تىللىدى دەپ چۈشىنىمەن.شۇڭا تىللاۋاتقانلار ئويلىنىپراق تىللارسىلەر.ئۇقماستىن بەزىلەر ئۆزىنى ،يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ شەيخىنى تىللاپ قالمىسۇن.چۈنكى ئۇنى يازغۇچى ھەقىقى سايرام ئەمەس.بەلكى مۇھەددىسنىڭ   كۆپەيتىلگەن  ھەم تەرەققى قىلغان  نۇسخىسى. ئۇ تىمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشمۇ كەڭساينىڭ ھەقىقەتەن سۈننەت بىلەن بىدئەتنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنىڭ،بىدئەتچىلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا  ئالدانمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.ھەم ئۇ تىمىنى  ئاشۇ مۇنبەرگە يوللىماي كەڭسايغا يوللىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى مەن ئەسلىدە كەڭساينىڭ ئەزاسى.گەرچە كەڭساي مىنىڭ ئانچە –مۇنچە تىمىلىرىمنى بەزى تۈرمىگە قاماپ،بەزى دارغا ئېسىپ تۇرسىمۇ لىكىن يەنىلا ئۇنىڭغا مىھرىم بار.بەزىلەرنى قوشمىغاندا ئىلمى ھەم سەۋىيىلىك ،سەمىمى ئەزالار نۇرغۇن،خاتالىقلىرىمنى بەزىلەردەك ھاكاۋۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەي  چىرايلىق ئەسكەرتىدۇ.ھەمدە بۇ مۇنبەرنى زىيارەت قىلىدىغانلار ئاشۇ مۇنبەردىن جىق.شۇڭا بىدئەتنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى،بىدئەتچىلەرنىڭ ئادەمنى قانداق چىرايلىق گەپلەر بىلەن قايمۇقتۇرىدىغانلىقىنى كۆپرەك ئادەمگە بىلدۈرسەم دەيمەن. ناۋادا ئۇ تىمىنى ئاشۇ مۇنبەرگە يوللىسام ئۇلارنىڭ بۇ تىمىنى تەستىقلىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.چۈنكى باشقىلارمۇ ئىنكاس قىلغاندەك ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىغا زىت كىلىدىغان تىمىلارنى يا تەستىقلىمايدۇ ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر مۇنچە قورساق كۆپۈكى تارتىمەن.بولمىسا مەن يوللاشتىن قورقمايمەن. پىكرى بار كىشىلەر بولسا مۇشۇ مۇنبەرگە ئىنكاس يازسىمۇبولىۋىرىدۇ.لىكىن ئىلمى ئىنكاس يازسا مەنمۇ ئىلمى بولىمەن.چاكىنا ئىنكاس يازسا مەنمۇ شۇنىڭغا يارىشا رەددىيە بىرەلەيمەن.بۇنىڭغا ئۈستىدىكى ئىنكاسلىرىم گۇۋاھ.
ناۋادا ئۇياقنىڭ پىكرىگە قارشى پىكىرلىرىڭىزنى ئالدىغا دادىل قويغىنىڭىزدا، ئۇياقمۇ ئىلمى بولماي سىزگە پەقەت يول بەرمەي قالسا، ئاندىن باشقىچە بۇ ئىشقا پۈزىتسىيە تۇتسىڭىزمۇ ئۈلگۈرەتتىڭىزكەن، تىخى ئۇ تورداشقا تىمىڭىزدا بىرمۇنچە تەنە سىسىق گەپلەر بىلەن سۈپەتلەپ بىر نەرسىلەرنى دەپ كىتىپسىز، ئەگەر ئۇ تورداش مەن بوپ قىلىپ ماڭا شۇنداق ناكەسلەرچە ئارقامدىن باشقا مۇنبەردە بىرنەسە دېگىنىڭىزدە سىز بىلەن تۈزۈكچە ھىسابلىشىدىكەنمە، ھىلىقى تورداشتا يەنىلا ھەدىسچىلەردىكى ئەخلاق باركەن، گەپ سۆز قىلماپتۇ، 
دىگەن ئىنكاسىڭىز سىزنىڭ ئۇ تىمىنى بارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقمىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇ تىمىنى ئاخىرقى ئىنكاسقىچە تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ.ئاندىن مىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمنى بىلىسىز. مەسلەھەتى مۇرسەلە دىگەن قائىدىنى ئىمام ئەزەم ئىتىراپ قىلمايدۇ.ئىتىراپ قىلىدىغان مەزھەپلەرمۇ ئۇنى ئىبادەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەيدۇ. مۇشۇنچىلىك بىر قائىدىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىشلىتىپ مۇجتەھىدلىك قىلىپ  مەۋلۇتنى مۇستەھەپ ئەمەل دەپ ھۆكۈم چىقىرىش مەن يازغان تىمىدىكى ئاتالمىش مۇستەھەپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ تىمىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ . شۇڭا ئىجتىھاد رىسالىسى سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى تەرىپىدىن يېزىپ چىقىلغان ئىكەن.
سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن « مەندىن كىيىن ياشىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ،شۇڭا مىنىڭ سۈننىتىمنى تۇتۇڭلار،مەندىن كىيىن ھىدايەت قىلىنغان، توغرا يولدا ماڭغۇچى خەلىفىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار،ئۇنى مەھكەم تۇتۇپ ئېزىق چىشلىرىڭلار بىلەن چىشلەڭلار،يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار،چۈنكى ھەر قانداق يېڭىلىق –بىدئەتتۇر.ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.   »(مۇسنەدئەھمەد 4\126،ئەبۇداۋۇد4607،تىرمىزى2676 ئىبن ماجە42،سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى2546 )

  پەيغەمبىرىمىز دىگەندەك مانا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرۈۋاتىمىز.مانا بۇ چاغدا ئۆزىمىز خالىغانچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ ئىش قىلىشىمىز كىرەكمۇ ياكى رەسۇلۇللا تۈزۈپ بەرگەن قائىدىگە ئەمەل قىلىشىمىز كىرەكمۇ؟ ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاغزىدىمۇ بولسا كىيىنكىسىنى تاللايدۇ.ئۇنداق بولسا مۇشۇ قائىدە بويىچە تەھلىل قىلىپ باقايلى.
مەۋلۇتنى رەسۇلۇللا قىلغانمۇ؟
-ياق!
خەلىپىلىرى قىلغانمۇ؟
-ياق!
تابىئىنلار قىلغانمۇ؟
-ياق!
ئۇنداقتا مەۋلۇت  ئوقۇش ۋە تەبرىكلەش قاچان پەيدا قىلىنغان ؟
- ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرىدە پەيدا قىلىنغان.
ئۇنداقتا ئۇنداق ئىشنى رەسۇلۇللا نىمە دەپ ئاتاپ بەردى؟
-بىدئەت دەپ ئاتاپ بەردى.
بىدئەتنىڭ ھۆكمى نىمە؟
-ئازغۇنلۇق.
ئازغۇنلۇق قەيەردە بولىدۇ؟
-دەۋزەختە.
ئۇنداقتا مەۋلۇت ئۆتكۈزۈش توغرىمىكەن،خاتامىكەن؟
-خاتاكەن.
بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
-باشقىلارنىڭ ئۆزى تۈزۈۋالغان قائىدەلىرىگە ئاساسلىنىپ ئىش قىلماي رەسۇلۇللا تۈزۈپ بەرگەن ۋە كۆرسىتىپ بەرگەن يۇقارقىدەك  قائىدە –پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ شۇ بويىچە مېڭىشىمىز،ھەرقانچە كاتتا كىشى بولسىمۇ ئۇنىڭ خاتا گەپلىرىگە ئەگەشمەسلىكىمىز، ،ئاغزىمىزدىلا ئەمەس ئەمىلىيىتىمىزدىمۇ بۇنى كۆرسىتىشىمىز كىرەك.
دىمەك ھۆكۈم مۇشۇنداق ئېنىق.پەقەت ئۆزىمىز خالىغانچە ئىش قىلماي پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىشنى مۇھىم بىلگىنىمىزدىلا...
 ناۋادا «ياق ،سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن پالانى كاتتا كىشى مانداق دىگەن،مانداق قائىدىگە ئاساسلىنىپ ئۇنى مۇستەھەپ دىگەن »دىسىڭىز ئۇنداقتا ھېلىقى تىمىدىكى مۇستەھەپلەرنىمۇ ئىتىراپ قىلىشىڭىز كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىدئەتنىڭ دەرۋازىسى كوھىقاپنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ ياپقىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بارىدۇ.شۇڭا پەيغەمبىرىمىز «...يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار...» دىيىش ئارقىلىق بۇ دەرۋازىنىڭ ئىشىكىنى مەڭگۈلۈككە تاقىۋەتكەن. تايىنى يوق گەپلەر بىلەن ئۇنى ئاچىمەن دىگەن كىشى مەڭگۇ ئۇنى قانداق يېپىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ئۆتىدۇ.رەسۇلۇللانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىسە ئىسلام ئۈچۈن مىسلىسىز تۆھپە كۆرسەتكەن ،دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ 51–سى  بولغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگۈسى كىلىدۇ.ئاندىن تايىنلىق  قالغان خەلىپىلەرنىڭ ،ئىمام ئەزەمنىڭ ...تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگۈسى كىلىدۇ..ھىجرەت كۈنى،بەدى غازىتى،ھۇنەين پەتھىسى،مەككە پەتھىسى كۈنلىرىنى تەبرىكلىگۈسى كىلىدۇ.رىزۋان دەرىخىنى ،ھىرا غارىنى ،سەۋر غارىنى ...تاۋاپ قىلىپ «ساۋاپ» ئالغۇسى كىلىدۇ.چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام تارىخىدا مۇبارەك كۈنلەر،مۇبارەك ئورۇنلاردۇر. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەسلەھەتى مۇرسەلە (پايدىلىق ئىش) قائىدىسىگە تامامەن ئۇيغۇن كىلىدۇ.بىدئەت دىگەننىڭ مۇشۇنچىلىكمۇ بولسا داۋلىسى  بولماي ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ.(لىكىن دەلىلى بولسىلا ھىساپ ئەمەس) شۇنداق قىلىپ ئۆمۈر بويى بىدئەتتىن قۇتۇلالماي ئۆتۈپ كىتىدۇ. مىنىڭ ھېلىقى تىمىدا دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇلاردىن ئىبارەت.

سۈننەتكە ئەمەل قىلغۇچى بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە خەلىپىلىرىنىڭ تەلىمى بويىچە ئەمەل قىلىدۇ.ئۇلار قىلغاننى قىلىپ قىلمىغاننى تاشلايدۇ.ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياققان  بىر ئىشلارنى پەيدا قىلىۋېلىپ ئۇنى قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماي ئەڭ ساۋاپلىق ئىشلار بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزىدۇ.ھەر قانداق بىر ساۋاپلىق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋال رەسۇلۇللا قىپتىكەنمۇ؟ خەلىپلىرى قىپتىكەنمۇ؟ دەپ ئىزدىنىدۇ.ئەگەر ئۇلار قىلغان بولسا قىلىدۇ.بولمىسا قىلمايدۇ.قەرداۋى ئۇستازمۇ ئۆزىنىڭ «ئاۋال نىمە قىلىش كىرەك؟» دىگەن كىتابىدا مۇنداق دىگەن.«قۇرئان ئەھمىيەت بەرگەنگە ئەھمىيەت بىرىش مەڭگۈ  خاتالاشماس ئۆلچەمدۇر .بىز ئەڭ ئاۋال نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى چۈشىنىشتە ئاساس بولىدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى شۇكى ھەرقانداق ئىشقا قۇرئان ئەھمىيەت بەرگەن مىقداردا ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك. قۇرئان بوشراق ئەھمىيەت بەرگەن مەسىلىلەرگە بىزمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك.مەسىلەن؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىركىچىدە بەيتۇل مۇقەددەسكە بېرىپ كىلىش (ئىسرا) مەسىلىسى قۇرئاندا پەقەت بىرئايەتتىلا تىلغا ئېلىنغان .بۇمەسىلە ئىمان-ئىتىقات،  مۇسۇلمانلارنى بوزەك قىلغانلارغا تاقابىل تۇرۇش ،ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىش مەسىلىلىرىدەك بىرقانچە سۈرىلەرنى تولۇق ئىگەللىمىگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى(مەۋلۇت) مەسىلىسىگە قۇرئان زادىلا ئەھمىيەت بەرمىگەن.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى مەۋلۇت مەسىلىسى مۇسۇلمانلار ھاياتىدا مۇھىم مەسىلە ئەمەس.چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇدى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىدەك مۆجىزىلىك ئەمەس ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىغا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان مۇستەھەب چاغلىق بىرئەمەلمۇ باغلانمىغان ئىدى.
دىمەك مەۋلۇتقا قۇرئان كەرىم بىر ئايەت ئارقىلىقمۇ ئەھمىيەت بەرمىگەن ئىكەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىغا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان مۇستەھەب چاغلىق بىرئەمەلمۇ باغلانمىغان ئىكەن ،ھەدىستىمۇ بۇنىڭغا دائىر بۇيرۇق ياكى تەرغىپ بولمىغان ئىكەن بىزمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ ئۆزىمىز خالىغانچە مۇستەھەپلەرنى پەيدا قىلىۋالماي دۇرۇت ئېيتىش قاتارلىق شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئەمەللەرنى قىلىشقا توختىشىمىز لازىم.ئەگەر ئۇنى مۇستەھەپ دىسەك  ئىسرا ۋە مىراج كىچىسىنى تەبرىكلەشنى سۈننەت دىسەك بولىدۇ،چۈنكى بۇ ھەقتە بىر ئايەتمۇ بولسا نازىل قىلىنغان.ھۇدەيبىييە غەلىبىسى بولغان كۈننى تەبرىكلەشنى ۋاجىپ دىسەك بولىدۇ.چۈنكى بۇ ھەقتە پۈتۈن ھەم ئۇزۇن بىر سۈرە نازىل قىلىنغان.مەككە فەتھىسى ھەققىدىمۇ قىسقا بولسىمۇ ئالاھىدە بىر سۈرە نازىل قىلىنغان.رىزۋان دەرىخى بولسا قۇرئان كەرىمدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا سۈننەت بويىچە  ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇستازلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ.خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىدۇ.ھەرقانداق  بىر ئالىمغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەيدۇ. مانا بۇ ھەقىقى سۈننەت.

يۇقارقى تىمىنىڭ ئادرىسى /read.php?tid-4526.html
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2012-02-24 14:15قايتا تەھرىرل ]
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
ئۆسۈش: 1240 %
مۇنبەر پۇلى: 3280 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-05-07
38-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-24 14:01

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 36قەۋەتتىكى مەستۇرە نىڭ 2012-02-22 21:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالاممۇ ئەلايكۇم .مىنىڭ بۇ ھەقتە سىزدىن سۇرايدىغانلىرىم باتى خاپا بۇلماي 397676845  بۇنى قاچىلامسىز....ئاللا ئەجرىڭىزنى  بەگەي.....

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام مەن چ چ ئىشلەتمەيتتىم. شۇڭا ئىنكاس يازسىڭىز ياكى ئۇچۇر يوللىسىڭىز بوپتىكەن.
سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6345
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1392 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-02
ئاخىرقى: 2012-04-01
39-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-02-24 18:24

 ...