باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4548 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: ئىددەت ھەققىدە ئويلار
دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 198
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
ئۆسۈش: 1240 %
مۇنبەر پۇلى: 3280 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 19:31

ئىددەت ھەققىدە ئويلار

        

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار.مەن تۆۋەندە تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.دوستلارنىڭ سەمىمى پىكىر بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى جەمىيىتىمىزدە يولدىشىدىن ئاجراشقان ئايال شۇھامان بوغچىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىشكە تەييارلىق قىلىدۇ.ئەمما تاكى بۈگۈنگىچە مەيلى ئايال كىشى،مەيلى ئۇنىڭ يولدىشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولسۇن  ھىچكىم  بۇ جەھەتتە مۇقەددەس شەرىئىتىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى نىمە ؟بىز ئۆزىمىز خالىغان بويىچە ئەمەس دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلايلى! دىگەننى ئويلاپ  باقماي ياكى ئەمەل قىلماي  كەپتۇ ھەمدە نىمە ئۈچۈنكىن مۇشۇنداق كۆپ يۈز بىرىدىغان ئىشتىكى مۇھىم بەلگىلىمىنى  ئۆلىمالىرىمىزمۇ كەڭ دائىرىدە  تەشۋىق-تەرغىپ قىلماي كەپتۇ؟ .(شۇڭا ئاۋام كىشىلەردىن ئانچە خاپا بولغىلىمۇ بولمايدۇ) بۇ -ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.ئۇنداقتا ئاجرىشىش ھەققىدە شەرىئىتىمىزدە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟ تۆۋەندە بۇھەقتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.اللەتەئالا تەلاق سۈرىسىنىڭ 1-ئايىتىدە ئاجرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى مۇنداق بىكىتكەن.

«ئى پەيغەمبەر،(ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى )سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن  پاكلىق ھالىتىدە )تالاق قىلىڭلار،(نەسەپ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن )ئىددەتنى ساناڭلار،پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار،(ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە )ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار،ئۇلارمۇ(ئۆيىدىن) چىقمىسۇن.........»

دىمەك اللەتەئالا مەزكۇر ئايەتتە ئىنتايىن ئوچۇق ھەم كەسكىن ھالدا  ئاياللارنى خالىغان چاغدا ،ئاچچىقىڭلار كەلگەن چاغدا تالاق قىلىۋەرمەي مۇۋاپىق پەيت تاللاپ ،پەيتى بولمىسا ساقلاپ تۇرۇپ ئايال كىشىگە يېقىن كەلمىگەن پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىڭلار دەۋاتىدۇ.( بۇھەقتە ئايرىم تىما يوللىنىدۇ)تالاق قىلىنغان ئاياللارنى ئىددەت توشمىغىچە ئۆيدىن چىقىرىۋىتىشتىن ،ئاياللارنىمۇ ئىددەت توشمىغىچە ئىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كىتىشتىن چەكلەۋاتىدۇ.يەنە تېخى مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن  يۇقارقى بۇيرۇقنىڭ داۋامىدا «ئەنە شۇ -اللەنىڭ قانۇنىدۇر،كىمكى اللەنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كىتىدىكەن ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ- دەيدۇ .2-ئايەتتە  « بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن )اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز –نەسىھەت قىلىنىدۇ» دىيىش ئارقىلىق ئىمانىم بار دەيدىغان ھەر بىر ئادەم بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى قاتتىق جىكىلەۋاتىدۇ. بىلگەن ئادەمگە بۇ گەپنىڭ ۋەزنى بەكمۇ ئېغىر. 6-ئايەتتە بولسا بۇ بۇيرۇقنى تېخىمۇ ئېنىق جاكارلاپ مۇنداق دەيدۇ.«ئۇلارنى (يەنى قويۇۋىتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى ) قۇدرىتىڭلارنىڭ يىتىشىچە ئۆزەڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار،ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار،(يەنى ئۇلارنى چىقىپ كىتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن،نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار)» اللەتەئالا بۇئايەتتە قويۇۋەتكەن ئاياللىرىنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ چىقىم تارتىشتىن قېچىپ ئۇلارنى قەستەن قىيناپ  ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھەيدىۋىتىش ئۈچۈن شارائىتى ناچار ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاشتىن چەكلەۋاتىدۇ .شۇنداقلا ئاياللىرىغا يىتەرلىك ئۆي بەرمەسلىك ياكى ئۆيلىرىدە تۇرغۇزغان جەرياندا ئوسال مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق زىيان سېلىشقا ئۇرۇنىدىغان    ئىپلاس  نائەھلىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىۋاتىدۇ.

 شۇڭا  سەھىھ ھەدىستىمۇ فۇرەيئە دىگەن ئايال رەسۇلۇللانىڭ قېشىغا كىلىپ ؛ئىرىم قېچىپ كەتكەن قۇللىرىنى قوغلاپ كىتىپ ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇماڭا ئۆزىنىڭ ئىلكىدىكى ئۆي ۋە نەفىقەمۇ قالدۇرمىدى،مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە كەتسەم بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا ؛ ئىددىتىڭ پۈتكىچە  بۇرۇنقى ئۆيۈڭدە تۇرۇپ تۇر -؛دەپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىشكىمۇ رۇخسەت قىلمىدى. (تىرمىزى،نەسەئى،ئەبۇداۋۇد،ئىبن ماجە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس ) دىمەك رەسۇلۇللا ئىرى ئۆلۈپ كەتكەن ۋە تۈزۈك ئۆيى يوق  ئايالنىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىددەت تۇتۇشقا رۇخسەت قىلمىدى.يەنە بىر ھەدىستە ئوھۇد ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەن ساھابىلەرنىڭ ئاياللىرى رەسۇلۇللانىڭ قېشىغا كىلىپ ؛بىز ئۆيىمىزدە تۇرساق قورققىمىز كىلىدىكەن،ھەممىمىز يىغىلىپ بىرسىمىزنىڭ ئۆيىدە تۇرساق بولارمۇ؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللا ئۇلارغا؛ بىريەرگە يىغىلىپ پاراڭلىشىپ، ئۇخلايدىغان ۋاقىت بولغاندا ھەر قايسىڭلار ئۆز ئۆيلىرىڭلارغا تارقاپ كىتىڭلار دەپ بۇيرىدى. شۇڭا  ئۆلىمالار بۇ ئايەتكە ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە  ئاساسەن، تالاق قىلىنغان ئايال  ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولسىمۇ تالاق قىلىنغانلىقىنى بىلگەن ھامان ئىرىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كىلىشى لازىم،ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان  بولسا ئىددىتى توشقىچە  ئۇ ئۆيدىن چىقىپ  ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىشىمۇ  ھارام دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

ئەپسۇسكى جەمىيىتىمىزدە بۇبەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىدىغان ئادەمنى كۆرگىلى بولمايدۇ.بەلكى  اللەتەئالانىڭ بۇ بۇيرۇقىغا دەل تەتۈرسىچە ئەمەل قىلىپ ئىرىدىن تالىقىنى ئالغان  ئايال شۇ ھامان كۈدە-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ  ئۇدۇل ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىش ئومۇملاشقان.شۇنىڭ بىلەن شەرىئەت كۆزدە تۇتقان نۇرغۇن ھىكمەتلەر ئەمەلگە ئاشمايلا قالماي  نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار يۈز بىرىپ  تۇل خوتۇن،يىتىم بالىلارنىڭ سانى بارغانچە  ئاشماقتا.خوش،ئۇنداقتا شەرىئىتىمىز نىمە ئۈچۈن تالاق قىلىنغان ئايالنى ئىددىتى توشقىچە ئىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقماسلىققا بۇيرۇيدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر ئىددەتنىڭ ئايالنىڭ قورسىقىدا بالىسى بار يوقلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما ئايالنىڭ قورسىقىدا بالىسى بارلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش شەرت ئەمەسقۇ؟ اللەتەئالا نىمە ئۈچۈن تالاق قىلىنغان ئاياللارنى  ئىددەت توشمىغىچە ئىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەسلىككە،ئەرلەرنىمۇ ئاياللارنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەسلىككە شۇنچە كۈچەپ بۇيرۇيدۇ؟

بىرىنچىدىن-ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك اللەتەئالا ھالال نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە تالاق(ئاجرىشىش)نى ھەممىدىن بەك ئۆچ كۆرىدۇ.چۈنكى تالاقنىڭ سەۋەبىدىن  ئىناق ئۆيلەر بۇزۇلىدۇ،زىددىيەت ۋە جىدەل-ماجرالار تېرىلىدۇ،بالىلار تىرىك يىتىم بولىدۇ،بويتاقلار كۆپىيىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى  جەمىيەتكە نىسبەتەن بىر-بىرىدىن خەتەرلىك ئامىللار.اللەتەئالا بولسا ئائىلىلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى،ئاجراشقانلارنىڭ يارىشىۋېلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا اللەتەئالا مەزكۇر ئايەتلەرنىڭ داۋامىدا مۇنداق دىدى.«سەن بىلمەيسەنكى اللە شۇنىڭدىن كىيىن (يەنى تالاقتىن كىيىن ) بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى مۇمكىن» سۈرە تالاق 1-ئايەت. دىمەكچى بولغىنى تالاق قىلىنغان ئايال ئىرىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتقىنىدا اللەتەئالا ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن . اللەتەئالا بەندىلەرنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى بىر ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى ۋە ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ پۇشايمان قىلىپ قايتىدىن يارىشىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن بىر ئېغىز تالاق سۆزى بىلەنلا نىكاھ پۈتۈنلەي تۈگەپ كىتىدىغان قىلمىدى.(ئىرى  بىلەن بىللە بولمىغان ئايال بۇنىڭدىن مۇستەسنا)بەلكى تالاق قىلىنغان ئايال  ئىددىتى توشقىچە  ئەرنىڭ ئەمرىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتمەيدىغان ،  ئەر كىشى مۇشۇ جەرياندا تالاق قىلغىنىغا پۇشايمەن قىلسا يارىشىۋالالايدىغان قىلىپ بەلگىلىدى. شۇڭا   ئۈچىنچى قېتىملىق تالاق بولمىسىلا شەرىئەت   ئەرگە ئايالى بىلەن يارىشىۋېلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئايال كىشىنى شۇ ئەرنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرىدى.ئەركىشىنى ئايالىنى چىقىرىۋىتىشتىن،ئايالنىمۇ چىقىپ كىتىشتىن چەكلىدى.

ھەمدە ئەر كىشىگە  ئايالىنىڭ ئىددىتى توشۇشتىن بىر مىنۇت بۇرۇن بولسىمۇ ھەتتا ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالمايلا  سۆز ئارقىلىق بولسۇن ۋە ياكى ئەر-خوتۇن  ئارىسىدا بولىدىغان تۇتۇش، سىلاش،قۇچاقلاش،سۆيۈش....قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق بولسۇن يارىشىۋېلىش ھوقۇقى بەردى.ئىككىسىنىڭ يارىشىۋېلىشى ئۈچۈن قولاي  شارائىت ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن ئايالىنى كۆز ئالدىدا تۇرغۇزۇپ بەردى ھەم يارىشىش رەسمىيەتلىرىنى شۇنچىلىك  ئاددىلاشتۇرۇپ بەردىكى ھەتتا ئايالنىڭ رازىلىقىنىمۇ،ئۇنىڭ  ۋەلىسىنىڭ ئىجازىتىنىمۇ شەرت  قىلمىدى. ،تويلۇق بىرىش،موللام ئىزدەپ قايتا نىكاھ قىلىشنىمۇ بەلگىلىمىدى. ھەيزدار ئايالنى تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان بىلەن ھەيزدار ئايال بىلەن يارىشىشقا چەكلىمە قويمىدى.چۈنكى تالاق قىلىش ئەرنىڭلا ھوقۇقى بولغانىكەن يارىشىۋېلىشمۇ ئەرنىڭ قولىدا بولىدۇ.بۇھەقتە اللەتەئالا سۈرە بەقەرەنىڭ 228-ئايىتىدە  ئېنىق قىلىپ  « (تالاق قىلىنغان ) ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئەپلىشىپ قېلىشنى خالىسا ئىددەت ئىچىدە  ئۇلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر» دەپ ئوچۇق بايان قىلغان،.شۇڭا بۇ ھوقۇقنى ھىچكىم تارتىۋالالمايدۇ،ھەتتاكى ئەر كىشى يارىشىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسىمۇ ئىناۋەتسىز.(3-قېتىملىق تالاق ۋە ئايال تەرەپنىڭ پۇل بىرىشىگە  پۈتۈشكەن تالاق بۇنىڭ سىرتىدا)ئىككىسىدىن بىرىنىڭ ياراشقانلىقنى  تېنىۋېلىپ قارشى تەرەپكە زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  اللەتەئالا بۇنىڭغا گۇۋاھ قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇپ تالاق سۈرىسىنىڭ  مەزكۇر ئايىتىنىڭ داۋامىدا «(يېنىشقان،ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار»دەپ بەلگىلىدى.باشقا گۇۋاھلىقلاردەك  ئەركىشى بولۇشنىمۇ شەرت قىلمىدى.بۇنداق قىلىشمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭ قوغدىغانلىق.شۇڭا كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنداق گۇۋاھلىتىپ قويۇشنى مۇستەھەب دەپ قارىدى. مەلۇمكى ئايال كىشىنىڭ ئىددىتى ئادەتتە ئۈچ ئاي ئەتراپىدا توشىدۇ.ھامىلدار بولسا 8ــ9 ئاي كىتىدۇ.مۇشۇ جەرياندا بۇ ئايال ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا ئارىدىكى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلار ۋە خاتا چۈشىنشلەر ھەل بولۇشى شۇنىڭ بىلەن ئەرخوتۇن ئىككەيلەن  خاتالىقىنى تونۇپ يارىشىپ قېلىشى مۇمكىن..بىركۈنلۈك ئەرخوتۇندا يۈز كۈنلۈك مىھىر-مۇھەببەت بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار ؟ ئادەتتە ئايلاپ زاكونلىشىپ ھەل بولمىغان ماجرالار ئەر-خوتۇننىڭ بىر مەزگىل ئايرىلىپ بىر-بىرىنى سېغىنىشىپ مىھىر-مۇھەببەتكە قېنىشى ئارقىلىق ئۇنتۇلۇپ يۇيۇلۇپ كىتىدۇ .تالاق قىلىنغان ئايال ئىرىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغاندا بۇئىككىسىنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسى زور بولىدۇ .ھەم ئايال كىشىمۇ بۇۋاقىتتا مۇۋاپىق ياسىنىپ ،تارىنىپ ئىرىنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ يۈرسە ،ھەتتا پاراڭلاشسىمۇ يوللۇق. بۇنداق قىلىش  يارىشىشقا تۈرتكە  بولىدۇ.ناۋادا تالاق قىلىنغان ئايال ئىرىنىڭ ئۆيىدىن كىتىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋالسا ئەر كىشى ئايالىنى سېغىنسىمۇ،تالاق قىلغىنىغا پۇشايمان قىلسىمۇ لىكىن ئايالى يېنىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن يارىشىۋېلىشقا شارائىت تاپالماي قالىدۇ.خوتۇن كىشى بالىللىرىنى تاشلاپ بىرىپ كەتسىغۇ ئىش بولدى! . بەزى ئەرلەرنىڭ قېينئاتىسىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ  ئالدىغا بېرىپ گۇناھىنى تونۇپ يارىشىۋېلىشنى ئۆتۈنۈشكە غۇرۇرى كۆپىنچە يول قويمايدۇ.غۇرۇرى يول قويسىمۇ پۇتلىكاشاڭلار كۆپىيىپ ،ئايالنىڭ ياراشقۇسى بولسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر قارشى چىقىپ قوشۇپ بەرمەي  مەسىلە ئاسان ھەل بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن  بەزىدە قاتتىق جىلە  بولۇپ يولدىن چىقىپ كىتىدىغان ، بەزىلىرى بەڭگى-ھاراقكەش،بەزىلىرى پاھىشىۋاز ،بەزىلىرى مۇساپىر بولۇپ كىتىدىغان ئىشلارمۇ مۇشۇنداق ۋاقىتتا يۈز بىرىدۇ.ھەتتاكى ئاتا-ئانىسى ئايالىنى ئەكىلىپ بەرمىسە زەھەر ئىچىۋېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىمۇ كۆردۈم.شۇنداق قىلىپ  يۈرۈپ  ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇپ كەتسە  ئاسان يارىشىۋېلىش ئىمكانىيىتى تېخىمۇ قولدىن كىتىپ قالىدۇ، گەرچە  يېڭىدىن نىكاھ قىلىپ،تويلۇق ئېلىپ  يارىشىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ لىكىن بۇنىڭ رەسمىيەت ۋە ئاۋارىچىلىقى بۇرۇنقىدىن كۆپ بولىدۇ.ھەم بۇچاغدا ئەرنىڭ يارىشىۋېلىش ھوقۇقى تۈگىگەن بولغاچقا تاللاش ھوقۇقى ئايالنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىپ  ئايال ئالدىدا ھوقۇقتا باشقا يات ئەرلەرگە ئوخشاش دەرىجىدە بولۇپ قالىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئايال كىشى  ۋە ئۇنىڭ ۋەلىسى رازى بولمىسا ،قايتا تويلۇق ئالمىسا نىكاھ قىلغىلى بولمايدۇ.نەتىجىدە  ئىككى ئادەم بويتاق قالىدۇ،بالىلار تىرىك يىتىم بولىدۇ.نۇرغۇن ئاداۋەتلەر تېرىلىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەت توشقىچە ئىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەي تۇرغاندا بۇئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى جىدەل –ماجرا ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەر چوڭلارنىڭ قۇلىقىغا چۈشمەي تۇرىدۇ.ئاڭغىچە بۇ ئىككىسى ئەپلىشىپ قالسا «قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە» قالىدۇ.ئەكسىچە  ئايال كىشى تالاق قىلىنغان ھامان  ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتسە بۇ ئىش چوڭلارنىڭمۇ يۈرىكىنى زىدە قىلىدۇ،كۈيئوغۇل بىلەن قېيناتىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت يەنە  بىر قېتىم يىرىكلىشىدۇ.ھەتتا جىدەل-ماجرا تېخىمۇ يوغۇناپ ئاتا-بالا ،ئاكا –ئۇكا دىيىشكەنلەرنىڭمۇ  بىر-بىرىنى سۆرىشىپ  ئۇرغانلىقىنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز .قېينئاتا-قېيىنئاكىسىغا  يالۋۇرۇش،ئۇرۇش-تالاشتىن قېچىپمۇ بولسا ئەر-ئايالنىڭ مەيلىگە،بالىلارنىڭ كۆزىگە قارىماي  ئاجرىشىپ كىتىدىغان  ۋە ئاجراشتۇرۇۋىتىدىغان فاجىئەلەر تولا يۈز بىرىدۇ.مانا بۇ -شەرىئەت يولىدا ماڭمىغاننىڭ جازاسى.

ئىككىنچىدىن تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەت توشقىچە ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندا قورسىقىدا بالىسى بارلىقى ئېنىقلانسا ئىككىسىنىڭ بالدۇرراق يارىشىۋېلىشىغا تۈرتكە  بولىدۇ.ھەر ئىككىسى بالىلىق بوپتىمىز،ئەمدى بالىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپمۇ بولسا يارىشىپ قالايلى،ئېغىر –بېسىقراق بولايلى دىگەن يەرگە كىلىدۇ.ناۋادا ئۇ ئايال ئاتا-ئانىسىنىىڭ ئۆيىگە كىتىپ بىر-ئىككى ئايغىچە يارىشىۋالماي كىيىن قورسىقىدا بالىسى بارلىقى ئېنىقلانسا ئەركىشى بۇبالىنىڭ ئۆز بالىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئارىدا تايىنى يوق پىتنە-ئىغۋالار ئەر تەرەپنىڭ قۇلىقىغا توشۇپ تۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنى چۈشۈرىۋىتىدىغان ھەتتا 6-7 ئايلىق بولغان بالىنىمۇ چۈشۈرۈۋىتىدىغان ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا يۈز بىرىۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئەڭ زور ئاھانەت ۋە ھاقارەتكە قالىدىغىنى يەنىلا ئايال كىشى بولىدۇ.بۇجەھەتتىن ئېيتقاندا ئايال كىشىنىڭ ئىددەت مەزگىلىدە ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشى شۇئايالنىڭ ھوقۇقى ۋە يۈز ئابرويىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.ئۆزىنى ئاقلىغىلى بولمايدىغان قۇرۇق سۆز،قۇرۇق تۆھمەتلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. 

ئۈچىنچىدىن ئىددەت ئىچىدىكى ئايالغا باشقا ئەرلەرنىڭ توي تەلىپى قويۇشى شەرىئەت تەرىپىدىن  چەكلىنىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايال  ئىددىتى توشقىچە ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندا ئىرىدىن قورقۇپ ھىچكىم ئۇ ئايالغا ئاشكارا تەلەپ قويۇشقا ۋە ياكى ئەگىتىپ گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئايالمۇ  بارلىق ئۈمىدىنى ئىرىگە باغلاپ ئىرىنىڭ ئۆزى بىلەن يارىشىۋېلىشى ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ.دىمەك بۇجەرياندا ئايال كىشىمۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ پايلاپ يۈرىدىغانلارمۇ گۇناھتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.ئەگەر ئەر تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئىددەت  مۇددىتى ئۆتكىچە ، ۋە ياكى  ئايال كىشى ھامىلدار بولسا تەخمىنەن  8-9 ئاي مۇددەت ئۆتكىچىمۇ يارىشىۋالمىسا بۇئەرنىڭ قەتئى يارىشىش نىيىتى يوقلىقى ئاشكارىلىنىدۇ.ئايالمۇ بۇ چاغدا ئامالسىز ئىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ باشقا ئەرگە ياتلىق بولۇشقا تەييارلىق قىلسا بولىدۇ.ناۋادا تالاق قىلىنغان ئايال تالاق قىلىنغان ھامان ھىچنىمىگە قارىماي ئاتا-ئانىسىنىڭ

 ئۆيىگە كەتسە تالا-تۈزلەرگە چىقىش ۋە باردى كەلدىلەردە ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندىن ئەركىنرەك بولۇپ قالىدۇ. ئىرى  ئۇنى كۈندە كۈزىتىپ ،بېقىپ تۇرالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن  بۇئايالغا ساقال تاشلايدىغانلار،تەلەپ قويىدىغانلار چىققىلى تۇرىدۇ.ئىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكى،بالىلىرىنىڭ كۆزىگە قارىمىغانلىقى ھار كىلىپ تۇرغان ئايال بۇچاغدا؛ سەن چالما دىسەڭ ئالما دەيدىغانلار باركەنغۇ! دەپ ئۆزىگە تەسەللى تېپىپ بىر دەملىك ھەۋەسنىڭ ۋە قېيداشنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىرىنى ۋە بالىلىرىنى ،بۇرۇنقى ئىللىق ئائىلىسىنى ئۇنتۇشقا باشلايدۇ.جانجىگەر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كەڭ قورساق ،ئەپۇچان بولۇشتىن ئىبارەت ئىسىل پەزىلەتنى چۆرۈپ تاشلاپ خاتا قارار چىقىرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە ۋەيران بولۇشقا ،بالىلار يىتىم بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ.كىيىن پۇشايمان قىلىپ قان يىغلىسىمۇ ھەرگىز ئورنىغا كەلمەيدۇ.مانا بۇ شەرىئەتنىڭ يولىدا ماڭمىغاننىڭ جازاسى.

ئۇنداقتا ئىرى بىلەن يارىشالمايدىغان ئايال يەنى 3-قېتىم تالاق قىلىنغان ئايالمۇ ئىرىنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشى كىرەكمۇ؟ بۇئايالغىمۇ ئىرى ئۆي ۋە نەفىقە بىرىشى كىرەكمۇ؟ بۇھەقتىكى ھەدىسنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.

فاتىمەبىنتى قەيستىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللا 3تالاق قىلىنغان ئايال ھەققىدە «ئۇنداق ئايالغا تۇرالغۇ ۋە نەفىقە بۇيرۇلمايدۇ»دىگەن.ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

يەنە بۇئايال مۇنداق دىگەن « ئىرىم مىنى 3 تالاق قىلىۋەتكەن ئىدى،رەسۇلۇللا ماڭا ئۆي ۋە نەپىقە بۇيرىمىدى. مۇسلىم ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.

ئىمام ئەھمەد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە   رەسۇلۇللا « ئۆي ۋە نەپىقە بىرىش  دىگەن -ئايالى بىلەن يارىشالايدىغان ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولىدۇ » دەپ ئوچۇق سۆزلىگەن.  بۇ مەزمۇندىكى سەھىھ ھەدىسلەر خېلى نۇرغۇن.(ئەمما 3 قېتىم تالاق قىلىنغان  ئايالمۇ ھامىلدار بولغان بولسا  بالىسىنى تۇغقىچە ئىرى  ئۇنىڭغا  بالىنىڭ يۈزىدىن نەپىقە بىرىشى لازىم. مەزكۇر تالاق سۈرىسىنىڭ 6-ئايىتىدە بۇ ھەقتە اللەتەئالا ئوچۇق قىلىپ «ئەگەر ئۇلار ھامىلدار بولسا بوشانغانغا قەدەر ئۇلارغا نەپىقە بىرىڭلار »دەپ بۇيرىدى. )يۇقارقى ھەدىسلەردىن ئايانكى ئىرى بىلەن يارىشىش ئىمكانىيىتى يوق ئايال تالاق قىلىنغان ھامان ئىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ  ئىددەتنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ پۈتكۈزىدۇ.چۈنكى بۇنداق ئايال ئىرىنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئىرى بىلەن يارىشىش ھالال بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ناشايان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.ھەتتا مۇشۇ جەرياندا ھارامدىن بىر پەرزەنت تۆرۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ كۈتۈلمىگەن  نۇرغۇن فاجىئەلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن.شەيتانمۇ دەل مۇشۇنداق پەيتنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن.  جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن.ئىبلىس سۇ ئۈستىگە تەخت قۇرۇپ لەشكەرلىرىنى ئەۋەتىدۇ،كىشىلەرنى ئەڭ بەك ئازدۇرالايدىغىنى ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەك يېقىن تۇرىدۇ،بىرسى كىلىپ مەن مۇنداق،مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم دىسە سەن ھىچقانچە ئىش قىلماپسەن دەيدۇ.ئاندىن بىرسى كىلىپ مەن ئۇنى خوتۇنىدىن ئايرىۋىتىپ كەلدىم دىسە ئىبلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ يېنىغا يېقىن ئەكىلىپ ئەجەپ ياخشى ئىش قىپسەن دەپ قۇچاقلاپ كىتىدۇ...مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.  شۇڭا رەسۇلۇللا مەزكۇر فاتىمە رەزىيەللاھۇئەنھانىمۇ ؛سەن ئابدۇللائىبن ئۇممۇمەكتۇمنىڭ ئۆيىدە  ئىددەت تۇتقىن،ئۇ ئەما بولغاندىكىن كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرساڭمۇ كۆرمەيدۇ دەپ بۇيرۇدى.(ئىمام ئەھمەد،مۇسلىم،ئەبۇداۋۇد،نەسەئى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس)

قاراڭ ،رەسۇلۇللا ھەتتا ئاشۇ ساھابە ئايالنىمۇ ئىددەت ئىچىدە ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلماي يات بىر ئەما ئەر كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشقا بۇيرىدى.چۈنكى ئۇ ئايال 3-قېتىم  تالاق قىلىنغان بولغاچقا ئىرى بىلەن يارىشىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى.ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ئىرىنىڭ ئۆيىدە  ئىددىتى توشىىدىغان ۋاقىتقىچە تۇرىۋەرسە بۇ ۋاقىت ئاز بولغاندا ئۈچ ئايغا ،كۆپ بولغاندا 8-9 ئايغا سوزۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىلگىرىكى مۇھەببەت ئوتلىرىغا  شەيتان ماي چېچىپ پۈۋلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسىنىڭ ناشايان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇنداق ئايال ئىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندىن ئامال بولمىغاندا يات كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندا خاتىرجەمرەك بولىدۇ. ھەم تالاق سۈرىسىنىڭ 1-ئايىتىدىكى«سەن بىلمەيسەنكى اللە شۇنىڭدىن كىيىن (يەنى تالاقتىن كىيىن ) بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى مۇمكىن» دىگەن سۆزمۇ ئۆي ۋە نەپىقە بىرىش بۇيرۇقىنىڭ يارىشىش ئىمكانىيىتى بار ئەرگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.چۈنكى ئۈچىنچى تالاقتىن كىيىن چوقۇم ئاجرىشىش بولىدىغانلىقىنى، يارىشىش بولمايدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.ئەمما 1-2- تالاقتىن كىيىن نىمە ئىش بولۇشىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.ئايەتتە سەن بىلمەيسەن دىگەنلىكى بۇيەردە كۆزدە تۇتۇلغان تالاقنىڭ 1-2-تالاق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.پەيغەمبىرىمىزنىڭ  اللەتەئالانىڭ كالامىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان زات ئىكەنلىكى قۇياشتىنمۇ ئايدىڭ. شۇڭا ئايەت بىلەن ھەدىسنى قارشىلاشتۇرماي ھەر ئىككىسىگە ئۆز جايىدا ئەمەل قىلغىنىمىزدا  مۇقەددەس شەرىئىتىمىزنىڭ ئالى مەقسەتلىرى ئىشقا ئېشىپ ئاجرىشىش نىسبىتى تۆۋەن، تۇل خوتۇن،يىتىم ئوغۇللىرى ئاز بولغان پاكىز بىر جەمىيەت شەكىللىنىدۇ.  

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم شۇكى اللەتەئالانىڭ مەزكۇر بۇيرۇقى ۋە رەسۇلۇللانىڭ بۇ سۈننىتى دىيارىمىزدا ئۆلتۈرۈۋىتىلگەن سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا  خەقلەرنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقماي بۇ سۈننەتنى تەشۋىق قىلىپ باشلامچى بولۇپ ئەمەل قىلغان ئىمانلىق قىز-يىگىتلىرىمىزگە رەسۇلۇللانىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرىنى سوۋغا قىلىپ مۇبارەكلەيمەن.

رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن؛ كىمكى ئىسلامدا بىر سۈننەتنى يولغا قويسا قىيامەت كۈنىگىچە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەجرى شۇ كىشىگە بولىدۇ.....مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ: سىلەردىن كېيىن قىيىنچىلىق زامانى بولىدۇ.ئۇ كۈندە سۈننەتكە ئېسىلغۇچىغا 50 شەھىدنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ، دېگەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: ئى رەسۇلەللاھ! (ئۇ شەھىد)بىزدىنمۇ ياكى ئۆزلىرىدىنمۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: سىلەردىن(بولغان 50 شەھىد ئەجرى بېرىلىدۇ)، دەپ جاۋاب بەرگەن(تەبەرانىي توپلىغان)

  

ئايەت ،ھەدىس يەتكۈزەي ئالدايدىكەن دىمەڭلار،
ساقلانغىلى ھارامدىن بولمايدىكەن دىمەڭلار.
بىر سۈننەتنى تىرگۈزسە  ئەللىك شەھىت  ئەجرى بار،
بىر شەھىتنىڭ ئەجرىنى ئانچە ئازكەن دىمەڭلار.
بىر سۈننەتنى تىرگۈزسە شۇنچە زوركەن ساۋابى،
ئۇ قىلمىسا مەن قىلسام ئاقمايدىكەن دىمەڭلار.
قېرىنداش بىز ھەممىمىز ئەينەكتۇرمىز ئۆز ئارا،
چوغ دىگەننى كىم تۇتسا  شۇ كۆيەركەن دىمەڭلار،
يول كۆرسەتتى شەرىئەت بىزگە داغدام،ھەم ئۇلۇغ،
 ماڭسام لىكىن  پۇتلىرىم قانايدىكەن دىمەڭلار.
ئاسان ئەمەس دوستلۇرۇم كىرمەك ئۇنداق جەننەتكە،
ئەسكىلەرمۇ شات –خۇرام ئوينايدىكەن دىمەڭلار.
ئاپتۇرى:سايرام
 
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2012-04-25 15:17قايتا تەھرىرل ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(qutluq) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • مۇنبەر پۇلى:+2(bartum) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
    ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 702
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە702دانە
    ئۆسۈش: 480 %
    مۇنبەر پۇلى: 4265 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-17
    ئاخىرقى: 2012-05-09

    ئاللاھ ھەسسىلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن .  ئەپسۇس  ھازىر بۇ ئىشلار بەكمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى .
    دوستلىشىش
    مەرىپەت
    ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 126
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە126دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 1260 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-05-20
    ئاخىرقى: 2012-05-03
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 22:48

    كىمكى ئۈممىتىم بۇزۇلغاندا مىنىڭ سۈننىتىمگە ئەگەشسە ئۇنىڭغا يۈز شەھىتنىڭ ئەجرى بولىدۇ.......بەيھەقى رىۋايىتى..

    ئاللاھ مۇيەسسەر قىلغاي شۇ ئەپزەل ئىشلارغا
    ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
    ئاللاھنىڭ قۇلى
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 474
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە474دانە
    ئۆسۈش: 640 %
    مۇنبەر پۇلى: 5373 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-02
    ئاخىرقى: 2012-05-04
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 22:56

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندشىىم شۇنداق تەپسىلىي توختىلىپسىز.
    يازمىنىڭ ئۇمۇمىي مەزمۇنىدىن 1ۋە 2 قېتىملىق تالقىنى ئالغان ئايالنىڭ ئىددەت مەزگىلنى ھەرقانداق شارائىتتا ئىرىنىڭ ئۈيدە ئۆتكۈزۈشنىڭ پەرىزلىكى چىقىدىكەن ئەمما سىز تىمىنىڭ ئايغىدا پەيغەمبىرمىزنىڭ بۇ سۈننىتىنى دىيارىمىزدا .......دەپ بۇ سۈننەتكە ئايلىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟
    دوستلىشىش
    ئۆزنۇر
    دوسىت ئىزدىسەڭ اللە يىتەر!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10449
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 163
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
    ئۆسۈش: 110 %
    مۇنبەر پۇلى: 1620 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-23
    ئاخىرقى: 2012-05-06
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-27 23:53

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . اللە سىزگە رەھمەت قىلسۇن . اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن . دەلىل- پاكىتلىرى تولۇق بولغان بۇ يازمىڭىز ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدىكەن . ئىنشائاللا ، بۇ يازمىڭىز نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلگۈسى . بۇ تېمىنى نادىرلاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن .
    كۆپ كۈلمە، كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت)
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1963
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 52
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە52دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 541 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-16
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-28 12:31

    دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز باشقا ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرگەن بىلەن، مۇشۇ تالاق مەسىلىسىگە سەل قاراپ، گەپ ئاڭلىماي كىلۋاتقان. .....   شۇنداق گەپ ئاڭلىمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پىشانىسىگە چاپلاپ قويسا دەيمەن، مۇشۇنداق دەلىل-پاكىتلىرى ئىنىق يازمىلارنى
    اﷲ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.  
    ئالىملار تىلسىز،تالىپلار يۇرتسىز
    جەمىيەت بۇزۇق،قانۇنلار يۈزسىز
    atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 506
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە506دانە
    ئۆسۈش: 390 %
    مۇنبەر پۇلى: 5351 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-03
    ئاخىرقى: 2012-05-10
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-30 19:10

      مۇنۇ يازمىنى مەسچىت - مەسچىتلەردە ئۇقۇپ ، مۇنۇ جەمىئىتىمىزدىكى ئاتا - ئانا ، قىز - يىگىتلەرگە قاتتىق ئۈگۈنۈش قىلدۇرسا بولغۇدەك !
    راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
    دوستلىشىش
    ئابدۈللاھ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10593
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 83
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
    ئۆسۈش: 820 %
    مۇنبەر پۇلى: 1225 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-01-31
    ئاخىرقى: 2012-04-01
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-31 17:19

    ئەسسالامۈ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قىرىن دىشىم سىز يوللىغان تالاق ھەققىدىكى يوللان مىڭىزدا تالاقنى مۈتلەق قىلىپ تالاق قىلىنغا ئاياللار ئاياللار ئۈچۈن  ئايەت ھەدىس لەردىن خىلىجىق دەلىللەرنى كەلتۈرىپسىز  لىكىن ئسلام شەرىئتىمىزدە  كور
    سەتكەن تالاق  لارنىڭ تۈرلىرىنى ئايرىماپسىز  تالاق شەرىئېتىمىزدە   ئېكى قىسىمگە ئايرىلىدۈ  (1تالاقى رەجئې)بۈنىڭدا ئاياللارنى تالاققىلىپ 3ھەيز ئېچىدە ئايالىنى قۈچاقلىسا ياكى ئايالىنى سويسە  ياكى ئالىبىلەن 1ئورۈندا بولسا بۈنداق تالاققا
    نىكاھ قىلىش كەتمەيدۈ چۈنكى نېكاھ  ئوزلىگىدىن چىگىلىدۈ(2تالاقى بائېن)دەپ ئاتىلىدۈ بۈنداق تالاققا قايتا نېكاھ قىلمىسا بولمايدۈ -(رەجئې تالاق) دىگىنىمىز  - سەرىھ لەبزىبىلىن دىيلىدۈ - مەسىلەن  سەن  مەندىن تالاق دىگەندەك(تالاقى بائېن)
    دىگىنىمىز-كىنايى لەبزە بىلەن دىيلىدۈ-مەسىلەن-ئۆيدىن چىقىپكەت -دىگەنگە ئوخشاش تاق  قىلىش نىيتىدە دىگەن بولسا
    بۈتالاق قالاقى با ئېن دەپ ھىساپ نىنىدۈ بۈتالاققا چوقۈم نېكاھ كىرەك - ئەمدە يانا بىر خىل تالق بۈبولسىمۈ3تالاق-بۈندا
    تالاققا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارشىدايوليوق  -يەنى-4مەزھەپ ئالىملىرنىڭ ھەممىسى بىدەك يوليوق دەيدۈ  شۈنىڭ ئۈچۈن
    دىيارىمىزدا ئايالىنى تالاق قىلغان ئەرلەر نڭ كۆپۈنچىسى ئاچچىقىنى باسالماي 1لەبزىدە3تالاقدەيدۈبۈنداق شارائېتتا ئايالىنى
    ئۆيىستە ساقلاشتىن ئاتا ئانىسنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوتۈپ ئايالىنىڭ ئېددەت ھەققىنى تولۈق بەر گىنى تۈززۈك-بولمىسا ئەر
    ئايالنىڭ ھەر ئېككىسى گۈناھ كاربولۈپ قالىدۈ ...........تورداشلارغا رەھمەت-ئەسسالامۈ ئەلەيكۈم ۋەرەھمەتۈللاھ
    بۇ دۇنيا بىر ئۆتەڭ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1904
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 18
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
    ئۆسۈش: 150 %
    مۇنبەر پۇلى: 285 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-14
    ئاخىرقى: 2012-02-20
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-31 18:07

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!نەدىكى بىمەنە تىمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 1000دىن ئېشىپ كەتكەن.لىكىن مانىڭدەك دۇنياۋەئاخىرەتتە مەنپەئەتى بار.تىمىلارنىڭ كۈرلۈش قېتىم سانى 500گىمۇ يەتمىگەن   
    مىللەت ئۇرۇشتا تۈگىمەيدۇ.سۈكۈتتەتۈگەيدۇ.<<گىتلىر>>
    دىنىمىزنىڭ مەقسىتى ھەرئىككى دۇنيادابەخت يارىتى& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 198
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە198دانە
    ئۆسۈش: 1240 %
    مۇنبەر پۇلى: 3280 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-08
    ئاخىرقى: 2012-05-07
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-31 20:16

    [quote]بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى ئابدۈللاھ نىڭ 2012-01-31 17:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 

    -2تالاقى بائېن دەپ ئاتىلىدۈ بۈنداق تالاققا قايتا نېكاھ قىلمىسا بولمايدۈ -(رەجئې تالاق) دىگىنىمىز  - سەرىھ لەبزىبىلىن دىيلىدۈ - مەسىلەن  سەن  مەندىن تالاق دىگەندەك.(تالاقى بائېن) دىگىنىمىز-كىنايى لەبزە بىلەن دىيلىدۈ-مەسىلەن-ئۆيدىن چىقىپكەت -دىگەنگە ئوخشاش تاق  قىلىش نىيتىدە دىگەن بولسا بۈتالاق تالاقى با ئېن دەپ ھىساپ نىنىدۈ بۈتالاققا چوقۈم نېكاھ كىرەك -
    =================================
    ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇرادەر، پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.لىكىن  يۇقارقى سۆزلىرىڭىزگە ئايەت-ھەدىستىن دەلىل كۆرسىتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟
      سەن مەندىن تالاق دىگەن  ئوچۇق تالاق سۆزىنى قىلغان ئادەم   نىكاھ قىلمايلا   يارىشىۋالالىغان يەردە ، ئۆيدىن چىقىپ كەت دىگەنگە ئوخشاش كىنايە سۆزلەرنى قىلىپ تالاق قىلغان ئادەمگە ئەلۋەتتە  قايتا نىكاھ كەتمەيدۇ.
     
    سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.