ئاجايىپ يەر دەيسەن چەت ئەلنى
ياغامدىكەن قىزىل رەڭلىك قار
ياكى قۇياش غەرىپتىن چىقىپ
بولامدىكەن كۈندىلە باھار ؟
تىلىڭ تۇرۇپ بولىسەن كىكەچ
ئۆز گىپىڭنى ئىېيتالماي راۋان
يۇرت مېھرىگە زار بولۇپ قەلبىڭ
جىسمىڭ بىھۇش بولۇر بىگۇمان
مىسكىنلىكىنىڭ ھەسرىتى چەكسىز
قىزىقمايدۇ ھېچكىم سىرىڭغا
نەچچە مەرتەم سويگۇڭ كىلىدۇ
لاي كۈچىدا قالغان ئىزىڭغا
لاي سۇ ئىچكۈڭ كىلەر ئۇچۈملاپ
قەھۋە ئىچىپ ياشايسەن بىراق
ئۆي لەغمىنى ئەتمەس شەھەردە
بولكى بىلەن يىغلايدۇ قوساق
تاپالمايسەن سەھرا لىرىدىن
ساڭا تۈنۈش كۆكلەم ھىدىنى
چۈشلىرىڭدە چىللايدۇ خوراز
سېغىندۇرار كاككۇكنىڭ ئۈنى
باي بولساڭمۇ كەمبىغەلدۇرسەن
ئۆز يۇرتىدىن كەچمەس گادايدىن
چىقالمايسەن تىركىشىپ مەڭگۇ
غېرىپلىقنىڭ قورشاۋلىرىدىن
ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە
يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى
ھېيت بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك
ئاڭلانمىسا ئۇيغۇر ناۋاسى
قۇلىقىڭ سەندىن بولىدۇ بىزار
ياقماي ياتنىڭ شىرىن سۆزلىرى
ئۇيغۇر قىزلىرىدىن جەلىپكار ئەمەس
ياۋرۇ پانىڭ كۆك كۆز قىزلىرى