查看完整版本: [-- چەتئەلگە ھەۋەس قلغۇچىلارغا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> چەتئەلگە ھەۋەس قلغۇچىلارغا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

oguzhan 2012-01-03 00:41
چەتئەلگە قىزىققۈچىلارغا
مەن ئۈزۈمنىڭ ياشلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ چەتئەلگە چىقىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم  ئاللاھ ئىگەم مىنىڭ بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتكۈزدى شۇنىڭ بىلەن كىچىك تۇرۇپ 86يىلى ئۇزۇن سەپەرگە يول ئالدىم ئۇ يەرلەرنى ئايلىنىپ كۆرۈپ بىزنىڭ بۇ كۆز تەككەن يۇرتنىڭ بۇدۇنيادىكى جەننەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم،  مىنىڭ قەلبىمدە نۇرغۇن  گىپىم بولسىمۇ لىكىن مەن بۇنى ئىپەدىلەپ يازالمىدىم، قالدىسىنى مەن دىمىسەممۇ بۇ يۇرتىمىزنىڭ قانداقلىقىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن قىسقىغىنە بىىر شىر يوللىدىم
قوبۇل قىلغايسىلە
                                                                      
Yurt soygusi
ئاجايىپ يەر دەيسەن چەت ئەلنى
ياغامدىكەن قىزىل رەڭلىك قار
ياكى قۇياش غەرىپتىن چىقىپ
بولامدىكەن كۈندىلە  باھار ؟
تىلىڭ تۇرۇپ بولىسەن كىكەچ
ئۆز گىپىڭنى ئىېيتالماي راۋان
يۇرت مېھرىگە  زار بولۇپ قەلبىڭ
جىسمىڭ بىھۇش بولۇر بىگۇمان
مىسكىنلىكىنىڭ ھەسرىتى چەكسىز
قىزىقمايدۇ ھېچكىم سىرىڭغا
نەچچە مەرتەم سويگۇڭ كىلىدۇ
لاي كۈچىدا قالغان ئىزىڭغا
 
لاي سۇ ئىچكۈڭ كىلەر ئۇچۈملاپ
قەھۋە ئىچىپ ياشايسەن بىراق
ئۆي لەغمىنى ئەتمەس شەھەردە
بولكى بىلەن يىغلايدۇ قوساق

تاپالمايسەن سەھرا لىرىدىن
ساڭا تۈنۈش كۆكلەم ھىدىنى
چۈشلىرىڭدە چىللايدۇ خوراز
سېغىندۇرار كاككۇكنىڭ ئۈنى
باي بولساڭمۇ كەمبىغەلدۇرسەن
ئۆز يۇرتىدىن كەچمەس گادايدىن
چىقالمايسەن تىركىشىپ مەڭگۇ
غېرىپلىقنىڭ قورشاۋلىرىدىن
ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە
يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى
ھېيت بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك
ئاڭلانمىسا ئۇيغۇر ناۋاسى
قۇلىقىڭ سەندىن بولىدۇ بىزار
ياقماي ياتنىڭ شىرىن سۆزلىرى
ئۇيغۇر قىزلىرىدىن جەلىپكار ئەمەس
ياۋرۇ پانىڭ كۆك كۆز قىزلىرى
      

arzuyum 2012-01-03 17:13
ئۆزگە يۇرتتا  سۇلتان  بولغىچە ،
ئۆز  يۇرتۇڭدا ئۇلتان  بول !

يالپۇز 2012-01-03 17:44
مېنىڭچە بىر يەرگە بېكىنىۋالماي ، بېرىپ كۆرۈپ كەلگەن ياخشى،كۆپرەك ئىلىم تەھسىل قىلىپ،ئانا يۇرتقاھەسسە قوشقان ياخشى ، بىراق سىزنىڭ نېمە مەقسەتتە چىققىنىڭىز ماڭا قاراڭغۇ ، بولسا چىقىشتىن بۇرۇن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بارغان ياخشى، بولمىسا سىز دېگەندەك سىز ياقا يۇتقا سىڭىشالمايسىز شۇ ، مۇنداق كۈننىڭ ئۆتمىكى ھەقىقەتەن تەس ، ئانا يۇرت ياخشى بىراق ئايرىلغاندىلا تېخىمۇ قەدرى ئۆتىلىدۇ .

بىگان 2012-01-03 21:40
مىنىڭچە انا يۇرتىمىزنىڭ ئەزىزلىگىدەك ئۇرۇق-تۇغقان،سوت-يارانلەردىن باشقا يىرى قالمىدى...

!adiyat 2012-01-03 22:26
ئۈستىدىكى  تورداش  راست دەيدۇ..
يۇرتىمىزنىڭ ئارزۇلىغۇدەك سوت  ۋە كوچا چارلايدىغان 120 ماشىنىسى ، ھەيۋەتلىك سۈرلۈك تۈرمىلىرى  بار..

خەتتاپ002 2012-01-06 20:25
ئاللا رەخمەت قىلسۇن
 

muhtarbay 2012-01-06 20:38
ئوغوزخان ئەپەندىم ئۇ يۇرتىڭىز ھازىر باشقىلارنىڭ يۇرتى بوپ كەتتى،مۇشۇ  خەتنىمۇ قولىمىز تىترەپ ئاران يىزىپ ئولتۇرۇپتىمىز، بىر تال خەت، بىر ئېغىز گەپمۇنىمۇ كوتەرمەيدىغان جاھان بوپ كەتتى،بۇرنى پاناق ھەر قانداق بىر ئېنسانغا كوچىدا سوقۇلۇپ كىتىشدىن ھەزەر ئەيلەپ ئويىمىزگە ئاران بىر كىرىپ چىقىۋاتقىنىمىزغا شۇكرى دەپ ئولتۇرۇپتىمىز مانا


查看完整版本: [-- چەتئەلگە ھەۋەس قلغۇچىلارغا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.056093 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us