باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 530 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: چەتئەلگە ھەۋەس قلغۇچىلارغا
a
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 366
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە366دانە
ئۆسۈش: 1170 %
مۇنبەر پۇلى: 4501 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-01-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 00:41

چەتئەلگە ھەۋەس قلغۇچىلارغا

چەتئەلگە قىزىققۈچىلارغا
مەن ئۈزۈمنىڭ ياشلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ چەتئەلگە چىقىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم  ئاللاھ ئىگەم مىنىڭ بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتكۈزدى شۇنىڭ بىلەن كىچىك تۇرۇپ 86يىلى ئۇزۇن سەپەرگە يول ئالدىم ئۇ يەرلەرنى ئايلىنىپ كۆرۈپ بىزنىڭ بۇ كۆز تەككەن يۇرتنىڭ بۇدۇنيادىكى جەننەت ئىكەنلىكىنى بىلدىم،  مىنىڭ قەلبىمدە نۇرغۇن  گىپىم بولسىمۇ لىكىن مەن بۇنى ئىپەدىلەپ يازالمىدىم، قالدىسىنى مەن دىمىسەممۇ بۇ يۇرتىمىزنىڭ قانداقلىقىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن قىسقىغىنە بىىر شىر يوللىدىم
قوبۇل قىلغايسىلە
                                                                      
Yurt soygusi
ئاجايىپ يەر دەيسەن چەت ئەلنى
ياغامدىكەن قىزىل رەڭلىك قار
ياكى قۇياش غەرىپتىن چىقىپ
بولامدىكەن كۈندىلە  باھار ؟
تىلىڭ تۇرۇپ بولىسەن كىكەچ
ئۆز گىپىڭنى ئىېيتالماي راۋان
يۇرت مېھرىگە  زار بولۇپ قەلبىڭ
جىسمىڭ بىھۇش بولۇر بىگۇمان
مىسكىنلىكىنىڭ ھەسرىتى چەكسىز
قىزىقمايدۇ ھېچكىم سىرىڭغا
نەچچە مەرتەم سويگۇڭ كىلىدۇ
لاي كۈچىدا قالغان ئىزىڭغا
 
لاي سۇ ئىچكۈڭ كىلەر ئۇچۈملاپ
قەھۋە ئىچىپ ياشايسەن بىراق
ئۆي لەغمىنى ئەتمەس شەھەردە
بولكى بىلەن يىغلايدۇ قوساق

تاپالمايسەن سەھرا لىرىدىن
ساڭا تۈنۈش كۆكلەم ھىدىنى
چۈشلىرىڭدە چىللايدۇ خوراز
سېغىندۇرار كاككۇكنىڭ ئۈنى
باي بولساڭمۇ كەمبىغەلدۇرسەن
ئۆز يۇرتىدىن كەچمەس گادايدىن
چىقالمايسەن تىركىشىپ مەڭگۇ
غېرىپلىقنىڭ قورشاۋلىرىدىن
ياڭرىمايدۇ ھەيۋەت شەھەردە
يىللار ئۆتسە مۇقام ساداسى
ھېيت بايراملار ئۆتەر ماتەمدەك
ئاڭلانمىسا ئۇيغۇر ناۋاسى
قۇلىقىڭ سەندىن بولىدۇ بىزار
ياقماي ياتنىڭ شىرىن سۆزلىرى
ئۇيغۇر قىزلىرىدىن جەلىپكار ئەمەس
ياۋرۇ پانىڭ كۆك كۆز قىزلىرى
      
دوستلىشىش
يالپۇز
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10074
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-17
ئاخىرقى: 2012-01-06
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 17:44

مېنىڭچە بىر يەرگە بېكىنىۋالماي ، بېرىپ كۆرۈپ كەلگەن ياخشى،كۆپرەك ئىلىم تەھسىل قىلىپ،ئانا يۇرتقاھەسسە قوشقان ياخشى ، بىراق سىزنىڭ نېمە مەقسەتتە چىققىنىڭىز ماڭا قاراڭغۇ ، بولسا چىقىشتىن بۇرۇن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بارغان ياخشى، بولمىسا سىز دېگەندەك سىز ياقا يۇتقا سىڭىشالمايسىز شۇ ، مۇنداق كۈننىڭ ئۆتمىكى ھەقىقەتەن تەس ، ئانا يۇرت ياخشى بىراق ئايرىلغاندىلا تېخىمۇ قەدرى ئۆتىلىدۇ .