باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 441 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار(شەھلا)
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 565
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە565دانە
ئۆسۈش: 1785 %
مۇنبەر پۇلى: 6863 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-01-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 10:21

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار(شەھلا)

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغىم بار

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
مىسرالاردىن ئەنبەر تارىتىپ.
قۇرلىرىغا كۆمۈپ مۇھەببەت ،
بۇلبۇل كەبى سۆيگۈ ياڭرىتىپ.

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
تۈن قوينىدا ئايدەك چاقنىتىپ.
لېرىكامغا جۆر بولسۇن ئالەم ،
ئايدىڭ تۈندە يارنى ئەسلىتىپ.

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
چەشمىلەردە زۇمرەت ئېقىتىپ.
ھېسلىرىمغا قوشۇلسۇن ئېقىن،
شېئىرىم ئۈچۈن ئىلھام لەيلىتىپ.

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
ھەر تىنىقتا جىلۋە نازلىتىپ.
ھىجرانلاردا قاقشىغان دىلنى ،
ئۈمۈت بىرلە ئاستا بەزلىتىپ.
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 11:52

بىرىنچى ناخشا (گېنېرال)

چىلىشىپ يۈرىكىم شېئىرلىرىڭغا،
بىر بۈيۈك خىيالنى قىلماقتا ئىزھار.
يۈرىكىم قېتىدىن چىقىپ كۆلەڭگەم،
شەبىستان باغرىغا يېيىلماقتا يار.

بۇزماقتا سۈكۈتتىن ياسىغان تورنى،
ھېسلىرىم قوشۇلۇپ ھېسلىرىڭغا يار.
كىم كىمگە قەدىرلىك،كىملەر قەدىرلىك،
چۇۋالچاق روھىنات بىلەمسەن دىلدار؟!
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general