查看完整版本: [-- مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار(شەھلا) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار(شەھلا) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xahla91 2011-12-22 10:21
مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغىم بار

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
مىسرالاردىن ئەنبەر تارىتىپ.
قۇرلىرىغا كۆمۈپ مۇھەببەت ،
بۇلبۇل كەبى سۆيگۈ ياڭرىتىپ.

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
تۈن قوينىدا ئايدەك چاقنىتىپ.
لېرىكامغا جۆر بولسۇن ئالەم ،
ئايدىڭ تۈندە يارنى ئەسلىتىپ.

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
چەشمىلەردە زۇمرەت ئېقىتىپ.
ھېسلىرىمغا قوشۇلسۇن ئېقىن،
شېئىرىم ئۈچۈن ئىلھام لەيلىتىپ.

مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار ،
ھەر تىنىقتا جىلۋە نازلىتىپ.
ھىجرانلاردا قاقشىغان دىلنى ،
ئۈمۈت بىرلە ئاستا بەزلىتىپ.

DOST 2011-12-22 10:43
<<مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار(شەھلا)>> دەپ مەسلەھەتلىشىپ يۈرمەيلا، يېزىۋىرىڭ دەيمەن
ئۇنتۇلۇپ كەتكەن گۈزەل ئەخلاقىمىزنى ئېسىمىزگە سالغىدەك.




ئىلھاملىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن،كىشىگەھۇزۇر بېغىشلايدىغان يازمىللىرىڭىز ئۈزۇلۇپ قالمىسۇن، 

maslakdax 2011-12-22 10:52
شۇنداق يېزىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلار بارما؟

general 2011-12-22 11:52
چىلىشىپ يۈرىكىم شېئىرلىرىڭغا،
بىر بۈيۈك خىيالنى قىلماقتا ئىزھار.
يۈرىكىم قېتىدىن چىقىپ كۆلەڭگەم،
شەبىستان باغرىغا يېيىلماقتا يار.

بۇزماقتا سۈكۈتتىن ياسىغان تورنى،
ھېسلىرىم قوشۇلۇپ ھېسلىرىڭغا يار.
كىم كىمگە قەدىرلىك،كىملەر قەدىرلىك،
چۇۋالچاق روھىنات بىلەمسەن دىلدار؟!

13397119178 2011-12-22 13:15
 ياخشى ئويلاپسىز يىزىڭ شېئىرنى،
  قات-قىتىدىن قېزىڭ  شېئىرنى.
 توختاپ قالماي ئىزدىنىشلەردىن،
مۇنبەرلەرگە تېزىڭ  شېئىرنى.
      
 

ahlak 2011-12-22 14:05
قۇرۇق   مەسلەھەت چىيى ساپتۇ دە...........

جىمجىت~ 2011-12-22 15:17
مەسلىھەت سېلىپسىز، ئالماپسىز جاۋاب،
باشلاپسىز مىسراغا تۈگمىلەر قاداپ.
بەك ئېسىل پۈتۈپتۇ، ھەممە جايىدا،
تىلىڭىز گۈزەلكەن، قالدىغۇ ياراپ.
تىرىشىڭ ھەقىقىي «تېرىشچان» بولۇپ،
«ئېلھام»جان ھەرگىزمۇ قالمىسىۇن ياداپ.

almiliq 2011-12-22 15:58
ئۈزۈندە:
<< ھېسلىرىمغا قوشۇلسۇن ئېقىن>>،
شېئىرىم ئۈچۈن ئىلھام لەيلىتىپ >>.

شېئىر دىگەن ھەر  قەلىبنىڭ ئىزاھارى،
ھوزۇر بېرەر ئۇنىڭ ئۈنچە مىسراسى.
شېئىر بولغاچ ياشاپ كەلدۇق مەنىلىك.
ياڭراپ تۇرار دىلىمىزنىڭ ناۋاسى.

شەھلاغا:
بۇۋام ئەلشىر ئۆزى ناتىق بىر شائىر ئىدى.
شائىرە بولۇپ ئاماننىسا سەپكە قېتىلدى.
ئابدۇخالىق، لۇتپۇللامۇ ئىز باسار ئىدى،
بۇ دەۋرىمنىڭ شائىرەسى شەھلا يېتىلدى.

.boran 2012-01-02 19:21
مىنىڭ شۇنداق ئىنكاس يازغۇم بار
تېمىڭىزنى  بېسىپ كەتكۇدەك
مەزمۇنىغا تەڭ كىلەيمەي  
يۇزىنى يېپىپ قېچىپ كەتكۇدەك

ھەي  لىكىن ئىلھام كەلمەيۋاتىدۇ   ىەپ  

oglan 2012-01-03 19:21
داۋاملىق يىزىڭ ھە!  

unqa 2012-01-03 23:55
مەرھەممەت !


查看完整版本: [-- مېنىڭ شۇنداق شېئىر يازغۇم بار(شەھلا) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047944 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us