باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1147 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 60
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە60دانە
ئۆسۈش: 100 %
مۇنبەر پۇلى: 662 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2012-03-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-21 16:57

ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ

ئۇيغۇرلار ۋە تۆت تادۇ

تارىخىي خاتىرلەردە ،قەدىمقى ئەجدادىمىز ساك- سىكف، ئارىيان،تۇران، ھون،تۇرۇك ،ئۇغۇز قاتارلىق ئىسىملار بىلەن خاتىرلەنگەن بولسا،  ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىبارە يىقىنقى يىللاردىن بىرى، ئۇيۇشقاق دىگەن سۆز بىلەن مەنىداش قەيىت قىلىنىپ،ئۇچ تاغ ئارسىدىكى چۆلدە بوستان خەلىقلىرىنى كۆرسەتتى.نىمىلا دىمەيلى، زامان چاخپىلىكى ئايلىنىپ بۇيەرگە كەلگەندە، ئۇيغۇر دىگەن مۇبارەك نام. بىر ئۇممەتنىڭ تەركىۋىي ھەم بىر قەۋىمنىڭ ھاسىلى بۇلۇپ، ماكان زامان ئىمان ئىنسان نوختىسىدىن ئۆز خۇسسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن زىمىن سەھىپىسىدە پۇت تىرەپ تۇرالىدى. پەن تىخنىكىنىڭ يۇكسەك دەرجىدە تەرەققىي قىلىشى،دۇنيا ئىختىسادىنىڭ بىرگەۋدىلىنىشى،بىر مەھەل ماتىريالىستىك نوختى نەزەرنى ئىلگىرى سۇرۇپ،ئىسپاتلاش پەرىقلەندۇرۇشتە،قۇۋەت ئالىمىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىرىگەئايلانغاچ،ئىدىيال قاراشلارمۇ ماتىريال بۇيىچە شەرھىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتلەردە، ئۇيغۇرلار دۇنيا سەھنىسىدە،رىقابەتلەشكۇچى، رىپىر ياكى تاماششابىن ۋەياكى توپتىن ئىبارەت مۇشۇ سۇپەتلەردىن لايىقىنى تاللاش يولىدا،زامانىۋىلاشقان جەمىيەت  بىلەن ئۆز ھالىغا يارشا كۇچ سىناشماقتا.

ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى شەرىق غەرىپ قۇرۇقلۇق يولىنىڭ مەدىنىيەت ئىختىساد يۇرۇشىشىدىكى ئىستىراتىگىيلىك يول بويلىرىغا جايلاشقان .تاغلىق قۇملۇق تۇپرىقى ۋە يول بويلىرىدىكى بوستانلىقلار ئاساسەن دەريا سۇيى ئارقىلىق كۆكىرىدۇ.تۆت پەسلى ئىنىق.دىھقانچىلىق ۋەچارۋىچىلىق شارائىتى تۆۋەن .يول بۇلىكىدە بولغانلىقى تىرىكچىلىكتە سودا سانائەتنىڭ يىتەكچى بۇلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش بىلەن بىرگە،تەبىئى شارائىتنىڭ پەسىل خاراكتىرى ،شۇنىڭغا ماس پۇرسەتكە قاراپ ئىش تۇتىدىغان. ھەرخىل مەدىنىيەت تىپلىرىنى تىز قۇبۇل قىلىپ،تىز تاشلاپ.باغلاپ يۇقتۇرۇپ ھەم ئەيلەپ يىغىنچاقلايدىغان ماسلاشتۇرۇش خاراكتىرنى يىتىلدۇرگەن.شۇنىڭغا ئوخشاش ئىتىز ئىرىقنىڭ ئىشى چىققاندا تىرىقچىلىق بىلەن،ئىش تۇگىگەندە سودا تىجارەت. بىر ساھادە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا قارغاندا كەڭ دائىرلىك بىلىم ئىلىشقا ماسلاشتۇرۇشقا ماھىرلىق،شەكلىنى تىز قۇبۇل قىلىپ رەڭگارەڭ بۇلۇش، ئاندىن ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تىپىۋىلىشتەك خۇي ھالەتلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ.

ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەردە ،مۇئەللىپلىرىمىز چارۋىچىلىق مەدىنىيتى،بوستان مەدىنىيتى، سودا ،ئىلاھىي مىللەت،ناخشا ئۇسۇل مىللىتى، دىگەندەك نۇرغۇن سۇپەتلەردە تەھلىل  قىلغان بولسىمۇ،بىرلىككە كەلگەن ياكى بىرىككەن بىرەر خۇسسىيەت ئالامىتىنى تەمىن ئىتەلمىدى.دىمىسىمۇ بىزدىن شۇ سۇپەتلەرنىڭ ھەممىسى تىپىلىدۇ.خۇددى پاششىمدىكى‹مازار› چوڭ مىس قازاندەك، ھەر خىل مەدىنىيەتلەر يۇغۇرلۇپ قايناۋاتقان كۆرنۇش، بۇ مىللەتنىڭ تىلنى دىلنى بىلىشتە، ماتىدىل ھايات دۇرىسىنىڭ تەركىپ ئانالىز سىخىمىسىنى سىزغىلى بولمىغاندەك ناھايتى قۇلايسىزدىيىشكە بۇلىدۇ.


ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدىنىيتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئىچىدە تۆت تادۇ ھەم سودا مۇھىم سالماقنى ئىگەنلەيدۇ.ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن بىلىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىڭەيتىپ،پىكىردىكى يىتۇكلىكى بىلەن دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.شۇنداقلا ئۆزىگەخاس مىللىي مەدىنىيەت بەرپاچىسى بۇلۇپ،زىمىن سەھىپىسنى قىممەتلىك ئىزلاربىلەن تۇتاشتۇرغان. مەسلەن ؛ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىريە ئاساسى، شەرىق تىبابىتىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن قامداش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنى داۋالاش ھەم داۋالاش ساھاسىنىڭ تەجىربىچىلىكتىن تەتقىقاتقا ئۇتۇشتىكى مۇھىم ئۆتكىلى بولغان بولسا ،قۇتادغۇبىلىگدىن ئىبارەت شاھانە ئەسەردە جەمىيەت، تۆت تادۇ بىلەن شەرھىلىنىپ،سىياسەتچانلىقى پەلسەپىۋىلىكى بىلەن مىللەت ۋە مەدىنىيەتنى مۇۋاپىقىيەتلىك بىرىكتۇرۇپ، ھازىرمۇ مۇھىم تەتقىقات تىمىسى ئۆرنەك قىممىتىنى ساقلىماقتا.ئۇيغۇر خەلقى ئىزچىل تۆت تادۇنىڭ ۋارىسلىرى سۇپىتىدە،قان قىنىغا سىڭگەن تادۇلىرى بىلەن ھايات رىسالىلىرىنى بوياپ،رىسىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى مەنزىللىرى، قەدەملىرى، بىر لوقما تائاملىرىغىچە ئىجتىمائىي ئەمىلىيەت پاكىتلايدۇ

دىمەك ،ئەمىلىي قوللىنىشچانلىقى ماكان پاكىتى ،قۇتادغۇ بىلىگ زامان پاكىتى،ئۇيغۇر تىبابىتى ئىنسان پاكىتى ،ئۇيغۇرچە مىللى مەدىنىيەت ئىمان پاكىتى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تۆت تادۇنىڭ ئىگىلىرى ئىشتىراكچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۇچلۇك ئاساس بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.

تۆت تادۇ دىگەنلىك،تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا.دۇنيا مۇشۇ تادۇلاردىن تۇزۇلگەن.تادۇسىز ھىچ ھاياتلىق چىن بولمايدۇ.تۇپراق ئۇزۇقلۇقنى بىلدۇرسە،ئوت تىمپىراتۇرانى.سۇ نەملىكنى،ھاۋا ئوكسىگىننى كۆرسىتىدۇ. تۆت تادۇدىن تۇزۇلگەن ئىنساندا،ھامان بىرى ئىرسىي خاراكتىردە يىتەكچى بولىدۇ.مەسلەن ،قان سەپرا بەلغەم سەۋدا دىگەندەك.بەزى رايۇنلارنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت بولسا،بەزى رايۇنلارنىڭ ئوتى كۇچلۇك،بەزى يەرلەر سۇلۇق بولسا،بەزى رايۇنلارھاۋالىق بولىدۇ.نەتىجىدە ئىر سىي خاراكتىردىكى ئىنسان تەبىئىتى بىلەن شارائىتنىڭ ماسسلىشىشى ، ئوخشىمىغان خۇي پەيلىدىكى مەدىنىيەت بىلەن گەۋدىلىنىپ، تۆت تادۇغا ئوخشاش بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىق خاراكتىردىكى ئىنسان توپىنى بەرپا قىلىدۇ.بىر مەزگىل، بىرى تۇپراق بىلىش سۇپەتتە ئىنسانىيەتنى يىتەكلىسە، بىرى  ئوت ئادىللىق سۇپەتتە كىسىپ چاسىلاپ تۇزەيدۇ، بىرى سۇ ياخشىلىق سۇپەتتە سۇغۇتۇپ ئارلاشتۇرۇپ پەزىلەت بىلەن تەڭشىسە،بىرى ھاۋا تەقۋادارلىق سۇپەتتە بوي سۇنۇشقا يىتەكلەپ كۆندۇرىدۇ.ئىنسان بۇكۆرنۇشلەردە ھەقىقى چىن مەنىدىكى رولچى سۇپىتىدە قىممىتىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ.دىمەك دۇنيا تۇپراق ئوت سۇ ھاۋادىن تۇزۇلگەنگە ئوخشاش ،ئىنسان روھىيتى ۋە تۇزۇپ بەرپا قىلغان جەمئىيتى،بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىقتىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ باشلىشىغا،تۇزىشىگە،تەڭشەپ،تۇراقلاشتۇرشىغا مۇھتاج بولىدۇ.  

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىدىكى تۆت تادۇنىڭ سىماسىنى ئىزدىسەك ،گەرچەزىيالىيلار ئارسىدا ھازىرقى زاماندىكى پىكر ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلدىغانلار،سىرىتنىڭ ئىلغارقاراشلىرى بىلەن ئۇچىرشىدىغانلار،چوڭلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە تەربىيە يۇرگىزىلىنۋاتقانلار بولسىمۇ،شۇخىل ئۇسلۇپنى چۇشۇنىدىغانلار كۆپكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.چۇشەنسىمۇبۆلەك ھالىتىدە چۇشۇنۇپ،چوڭقۇرلۇق سىستىمىلىق ئەمىلىيەتچىللىكتە ئۇنۇم ھالىتىدە ئەمەس.كۇپۇنچە تەتقىقاتچىلار، بەزى پەيلاسوپ قەلەمكەشلەر ۋە شۇ پەندىكى تەربىيەتچىلەر دائىرىسىدە چەكلىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە نەزىريە بارىسىدىكى ئەسەرلەرگە قارغاندا، ئۆزتەگ پىكىر ئۇسۇلىغا يىقىن، ھىكايە رومان شىر قوشاق ماقال تەمسىل ئىپىزۇت يۇمۇرلار بازارلىق بولىۋاتىدۇ.بۇ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى،يەنە كىلىپ نەزىريەگە ماسلاشمىغانلىقىنى پاكىتلايدۇ. ھۆكۇمالىرىمىزنى ئالساق، كۇپۇنچىسى دىنىي ئىلىملەر بىلەن تىبابەتچىلىكتە تەڭ ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ.قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن، بىۋاستە ئانا تىلىدا پىكىر قىلىپ ئىزدىنىدىغانلارمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىمەكتە.يىڭىلىق تەرەپدارلىرى،كونا ئىقىم تىپى،سوپىستىك تەقۋادارلىق قاراشتىكىلىرى،ماسلاشتۇرۇش تىپىدىكىسى قاتارلىقلار ئۇچرايدۇ.بۇلاردىكى ئىختىلاپنى تۇگۇتۇشتە،تۆت پاچاقنى تەڭ ئويلايدىغان تۆت تادۇغا تايانماي بولمايدۇ. سودا كەسىپكارلار دۇنياۋىي سەۋىيدىن يىراق بولسىمۇ،كۆپۇنچىسى ئۆزىدىكى تۇغما يەرلىك پىكىر ئۇسۇلى بىلەن ئىش ئوقەت قىلىدۇ.كەسىپ ئۇگەنگەنلىرىمۇ ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاش جەريانىدائۆز ئىڭى بىلەن بىللە ئىستمال قىلىدۇ.  دىھقان چارۋىچىلىرىمىز ئاساسەن دىگۇدەك تادۇ بۇيىچە پىكىر قىلىدۇ. ئائىلەردىمۇباللىرىمىزنىڭ مىجەز خۇلىقى چىقىش قىلىنىدۇ.داۋالىنىش تاماق رىسالىلىرىمىزدىمۇ ئىسسىق سۇغۇق ئايرىلىدۇ.  
دىمەك بەزىلىرىمىز قەلەمنى چوڭ بىلسەك،بەزىلىرىمىزھۆكۇمنى چوڭ قىلىمىز.بەزىلىرىمىزگە ياخشىلىق ئۇز كۇرۇنسە،بەزىلىرىمىز تەقۋادارلىق بىلەن باھالايمىز.بۇ بىزدىكى ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپ كۆپ خىللىقىنى ئىپادىلىسە.يەنە بىر جەھەتتىن ،بىزدىكى ئىرسىي پىكىر ئۇسۇلى ئانا تىل ئارقىلىق ئۆزلەشكەن مىتىدىلوگىيەنىڭ ئاڭلىرىمىزغاچوڭقۇر سىڭگەنلىكىنى، مۇنداقچە دىگەندە، ئىنسان ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ئىڭىدىن ئايرىلسا قەدەملىرىنىڭ ئاستىلاپ،قۇشسىز قاناتتەك ئىنىرگىيدىن مەھرۇم قالدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. خۇلاسىلىغاندا مەدىنىيەتتىكى كۆپ خىللىق، تەبىئىي شارائىت،ئىرسىيتىمىزۋە ھازىرقى ئەمىلىيتىمىز تۆت تادۇنى يەنى تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنى كۇچلۇك تەقەززا قىلىدۇ. قاچانكى تادۇلىرى قىممەت تىپىپ ، پەرۋىشكە ئىگە بولسا،ئۇيغۇرنىڭ تۆت قىرلىق دوپپىسىنىڭ غەم غۇسسى تۇگەيدۇ.تۆت قۇلاقلىق قازىنىدا ئاش قاينايدۇ.ئەكسىچە ئەمىلىيتىمىز چىقىش قىلماي،ئىتىزغا ئاپلىسىن تىرىساق، شاخ شۇمبا ئۆسىدۇ. 
مەنبە؛ ئۆزۇم  
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 933
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە933دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9792 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-19
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-22 15:03

ئەسسالامو ئەلەيكوم تادۇ قىرىندىشىم.
تاھىربەگ :
بىلىشىمچە تادۇ - <دىفرىنسىيال ئىنتىگىرال>نىڭ ئۇيغۇرچىسى، يەنى دىھقانمۇ ھەزىم قىلالايدىغان ھالىتى..
ئادىيات