تۆت تادۇ توغرىسىدا بۇرۇن پەقەت بىلمەيتىم. ئەلكۈيىدە سىزنىڭ يازمىللىرىڭىزنى كۆرۈپ ، تادۇ دىگەن نىمىدۇ زادى دەپ ئىزدىنىپ باققان.
داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلغان، ئىبىن تۇفائىل يازغان «ھەييە بىننى يەقىزان ھەققىدە قىسسە» دىگەن پەلسەپەۋى ئەسەرنى ئوقۇغاندا تۆت تادۇ ھەققىدىكى بايانلار ئۇچۇردى. خۇددى تەرجىمان ئېيىتقاندەك، «بىز كۆرگەن 40_50 يىللىق مائارىپ بۇ خىل تەپەككۇرنى بىزگە باشقا بىر قىرغاق قىلىپ قويغاچقا» چۈشىنەلمىدىممۇ، ئىشقىلىپ ئىككى ئۈچ مەرتەم ئوقۇغان بولساممۇ چۈشىنەلمىدىم تادۇ توغرىسىدىكى بايانلارنى.
يازمىڭىزدا _« خۇلاسىلىغاندا مەدىنىيەتتىكى كۆپ خىللىق، تەبىئىي شارائىت،ئىرسىيتىمىزۋە ھازىرقى ئەمىلىيتىمىز تۆت تادۇنى يەنى تادۇچە پىكىر ئۇسۇلىنى كۇچلۇك تەقەززا قىلىدۇ. قاچانكى تادۇلىرى قىممەت تىپىپ ، پەرۋىشكە ئىگە بولسا،ئۇيغۇرنىڭ تۆت قىرلىق دوپپىسىنىڭ غەم غۇسسى تۇگەيدۇ.تۆت قۇلاقلىق قازىنىدا ئاش قاينايدۇ.ئەكسىچە ئەمىلىيتىمىز چىقىش قىلماي،ئىتىزغا ئاپلىسىن تىرىساق، شاخ شۇمبا ئۆسىدۇ.» دەپسىز.
تادۇ دىگەن نىمە؟ تادۇچە پىكىر قانداق بولىدۇ؟ تادۇنى چۈشىنىپ باققىم بار. بولسا بۇلارنى ئۆزىڭىز چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، ياكى ماڭا شۇ توغۇرلۇق بايانلار بار ماتىرياللارنى تەۋسىيە قىلسىڭىز. (ئانا تىلىمىزدا يېزىلغانلىرىنى)