دىققەت! بۇ ناخشا تىكىستى پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بىكارچىلىقتىلا مۇنداقلا ئۆزگەرتىپ يىزىلدى.ھىچقانداق ئورۇنلادا بۇنداق ئۆزگەرتىپ ئوقۇشقا بولمايدۇ.(ئەگەر شۇنداق سىنىپ كوللىكتىىۋىدا ياشاپ قالغان بولسىىڭىز ئۆزىڭىز ئويلىشپ ئىيتارسىز)
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
بىر دۆۋە تىزەك،بىر توپ كالىدەك،
ئۆتكەنىدۇق ساۋاقداش بولۇپ،
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،
غەزەپلىك كۈلكە كۆزلەرگە تولۇپ.
قالدى مۇش-پەشۋا،كۆكەرگەن يۈزلەر،
قالدى سوغۇق زۇلمەتلىك ماكان،
كەتسەكمۇ يىراق-يىراق جايلارغا،
بىزلەر دۈشمەنبىز،دۈشمەنبىز ھامان.
غەزەپلىك مۇشتلار تۈگۈلدى بۈگۈن،
ئۆچ ئىلىشقا چىدالماي ئەجەپ،
چاقچاق قىلىشپ،گاھى مۇشتلىشپ،
خوشلاشماقتىمىز شۇملۇقلار تىلەپ.
-يەكزىيا
مانا بۇ بىر قىسىم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ھىسياتى.مەكتەپتە يۈز بەرگەن نىزا-ئاداۋەتنى ئۆچمەنلىك قىلىپ ساقلايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.
[/post]
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-12-17 21:23قايتا تەھرىرلى ]