查看完整版本: [-- ئايرىلىش مىنۇتلىرى(ئۆزگەرتمىسى) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئايرىلىش مىنۇتلىرى(ئۆزگەرتمىسى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

بىگان 2011-12-17 19:53
دىققەت! بۇ ناخشا تىكىستى پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بىكارچىلىقتىلا مۇنداقلا ئۆزگەرتىپ يىزىلدى.ھىچقانداق ئورۇنلادا بۇنداق ئۆزگەرتىپ ئوقۇشقا بولمايدۇ.(ئەگەر شۇنداق سىنىپ كوللىكتىىۋىدا ياشاپ قالغان بولسىىڭىز ئۆزىڭىز ئويلىشپ ئىيتارسىز)
ئايرىلىش مىنۇتلىرى
بىر دۆۋە تىزەك،بىر توپ كالىدەك،
ئۆتكەنىدۇق ساۋاقداش بولۇپ،
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،
غەزەپلىك كۈلكە كۆزلەرگە تولۇپ.


قالدى مۇش-پەشۋا،كۆكەرگەن يۈزلەر،
قالدى سوغۇق زۇلمەتلىك ماكان،
كەتسەكمۇ يىراق-يىراق جايلارغا،
بىزلەر دۈشمەنبىز،دۈشمەنبىز ھامان.


غەزەپلىك مۇشتلار تۈگۈلدى بۈگۈن،
ئۆچ ئىلىشقا چىدالماي ئەجەپ،
چاقچاق قىلىشپ،گاھى مۇشتلىشپ،
خوشلاشماقتىمىز شۇملۇقلار تىلەپ.


                                        -يەكزىيا


مانا بۇ بىر قىسىم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ھىسياتى.مەكتەپتە يۈز بەرگەن نىزا-ئاداۋەتنى ئۆچمەنلىك قىلىپ ساقلايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.



[/post]

ئەلى 2011-12-17 21:17

amanxa 2011-12-17 21:19
بىگان ئەپەندىمغۇ بۇ ؟

arzuyum 2011-12-17 21:19
ئەسسالامۇ  -   ئەلەيكۇم  ....................؟

ئەلى 2011-12-17 21:23
23- سۈرە مۆئمىنۇن
(ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز(96)

42-سۈرە شۇرا
بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى اﷲ بېرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.(40)

ئەلى 2011-12-17 21:23
64- سۈرە تەغابۇن
ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار )اﷲ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.(14)

رەشىدە 2011-12-17 21:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  تازا قاملاشمىدىمۇ قانداق؟

بىگان 2011-12-17 21:36
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارەكاتۇھۇ؟

بىگان 2011-12-17 21:37
مەن بولسام بولمامتى؟

بىگان 2011-12-17 21:39
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبارەكاتۇھۇ...
قاملاشمىغان يەرلىرىنى قاملاشتۇرۇپ ئوقۇمامسىز دەيمەن،ئادەمنى چاندۇرۇپ

بىگان 2011-12-17 21:42
ئەلىجان ھىسياتىڭىزنى چۈشىىنىمەن،ھەممە ئادەم سىز كەلتۈرگەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ تەلىۋى بويىچە قىلغان بولسا،يۇقارقىدەك ئۆزگەرگەن ئايرىلىشى دەقىقىلىرى بولمىغان بولاتتى...

مېھمان 2011-12-17 21:55
يەكزىيا بۇرادەر ...

بىگان 2011-12-17 22:00
بىگان بۇرادەر دىسىڭىز توغرا بولار

aliali 2011-12-17 22:11
بىرىنجى كۇپلىتنىڭ بىرىنجى مىسراسنى ئوقۇپلا يۇقرى بېسىملىق كۈلىۋەتتىم ماقما

نەزەر0903 2011-12-17 22:42
«قوتان»دەك مەكتەپلەردە«پاتا»دەك تەربىيەلەنسە«تېزەك»تەك ئىتىبارسىز ئايرىلىدىغان گەپ!   

xahruh 2011-12-18 10:10
مېنىڭچە تازا قاملىشىپتۇ ھەم ھازىرقى 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان بالىلارغا
تازا ماس كەپتۇ ،،،،،
ئەسلىكىدىكى ئايرىلىىش مىنۇتلىرىنى ئىسكەندەر سەمەت ،ئەشۇ 90-يىللاردىكى گۈزەل
تۇيغۇرلارغا باي ئالى مەكتەپ ياشلىرىغا ئاتاپ ئىجاد قىلغان ،،ئۇ چاغلاردىكى ياشلارنىڭ
تۇرمۇشدا نە كومپىيۇتېر ،نە چ چ ،نە يانفۇن ؟؟؟؟خەت ئالاقە ،كۆڭۈللۈك ياتاق تۇرمۇشى
بىلەن ئالى مەكتەپ ھاياتىنى  شۇنداق مەنىلىك ئۆتكۈزەتتى ،ھازرقى بالىلادەك شەنبە
يەكشەنبە ۋە ئاخشاملىرىنى ۋاڭبادا باۋيې قىلدۇق دەپ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا ئاللىقانداق
تونۇشمايدىغان ئادەملەر بىلەن زايا قىلمايىتتى ،،،،ئەكسچە بىرگە بولىدىغان ،مۇڭدىشىدىغان
ۋاقتى كۆپ بولغاچ ئۇلار ئارىسىدا قېرىنداشلارچە پاك ھېسىيات شەكىلللىنىپ ،ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە

زار يغلىشىپ خوشلىشاتتى ،ھەم  ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمايىتتى ،،،،،قىسقىسى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى
  ئۆز ئارا ئادىمىيلىك ،مۇھەببەت ، قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرىغا باي ئىدى ،ئەنە شۇنداق يۈرەكلەردىن
 ئاندىن ئەشۇنداق تەسىرلىك ناخشىلار ئۇرغۇپ چىقاتتى ،،،،ھازىرچۇ ؟؟؟مانا ماۋۇ شئېردەك ،،،،،

كاسبور 2011-12-18 10:23
ھا ھا ھا ھ......... تازا كۇلۋېتىپتىمە................

xahruh 2011-12-18 10:28
تېما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان مۇنۇ ئەلى ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ
ئىنكاسىنى ئۆچۈرمەمدا ؟؟؟؟؟باشقۇرغۇچى يوقمۇ يا ،،،،،،،،،،،،

ئەلى 2011-12-18 12:14
ئەسكەرتكىنىڭىزگە ھەشقاللا،بىرىنجى ئىنكاسىم تېمىنى كۆرمەي يازغان ئىنكاس بولغاچقا شۇنداق چىقىپ قالدى شۇ،بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دە ،مېنىڭ ئىنكاسىم ئۇدۇل بېرىپ گىرە تومۇرىڭىزغىلا تىگىدۇ دائىم ھە

xahruh 2011-12-18 12:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى ئەلى نىڭ 2011-12-18 12:14 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 17-قەۋەت (xahruh) نىڭ يازمىسىغا :
ئەسكەرتكىنىڭىزگە ھەشقاللا،بىرىنجى ئىنكاسىم تېمىنى كۆرمەي يازغان ئىنكاس بولغاچقا شۇنداق چىقىپ قالدى شۇ،بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دە ،مېنىڭ ئىنكاسىم ئۇدۇل بېرىپ گىرە تومۇرىڭىزغىلا تىگىدۇ دائىم ھە

شۇنداق ئەلىخان تۆرەم ،،،،،ئاۋۇ باش سۈرىتىڭزدىكى لوپا ئەينەكنى كۆزىڭزگىلا
تاقىۋالسىڭز بوپتىكەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،

general 2011-12-18 12:47
بىز داشۆدە ئوقۇۋاتىمىز،
بىلىملەرنى قېزىۋاتىمىز.
ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسى،
جان بېقىشنى كۆزلەۋاتىمىز.

بىز داشۆدە ئوقۇۋاتىمىز،
ئوقۇغانغا تويۇۋاتىمىز.
يوقلاپ كەلسەڭ ناۋادا،
رېستۇرانغا باشلاۋاتىمىز.

بىز داشۆدە ئوقۇۋاتىمىز،
<<سەن-پەن!>>نىمۇ كۆرىۋاتىمىز.
سالا قىلساق ئامال يوق،
پەيسوردىمۇ يېتىۋاتىمىز.

بىز داشۆدە ئوقۇۋاتىمىز...

ئەلى 2011-12-18 18:02
ھە  بوپتۇ مۇنبىرىمىزدە سىزدەك  مۇشۇنداق ئادەملەر بولمىسا ھوشيارلىق بوشىشىپ قالىدۇ تېما ئىنكاسلىدا،باشقىلار ئىچى پۇشۇپ زېرىكىپ قالىدۇ.مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ھەمزە ئىككىڭلارنىڭ جىدىلىنى كۆرۈپ قىزىقىپ ئەزا بولغان بۇ مۇنبەرگە

بىگان 2011-12-18 19:26
ھى ھى ھى ھى ....

sawrakil 2011-12-20 01:08
    

muslima32 2011-12-20 10:36
توغرا بىز 90-يىىللاردىن كىيىن ئوقۇش پۈتتەرگەنلىرىمىز مەكتەپنى ناھايتى ئىناق-ئىجىل ياخشى پۈتتەرگەن ئىدۇق شۇڭلاشقا مەكتەپنى پۈتتەرگىلى 10نەچچەيىل بولسىمۇ باشقا شەھەردىكى ساۋاغداشلىرىمىز بىلەن ھازىرغىچە ئالاقىلىشىپ بېرىش-كىلىش قىلىۋاتىمىز،


查看完整版本: [-- ئايرىلىش مىنۇتلىرى(ئۆزگەرتمىسى) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.064946 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us