زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز
ئېزىزنىياز
زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز،
نىجاسەت پاتقىقىغا پاتقان ئەمەستى.
ئەقىل ھەم جاسارەت ئۇرغۇيتتى تەندە،
خەلىققە قۇل بولغان، تانغان ئەمەستى.
زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز،
چىل بۆرە ئالدىدا پاقلان ئەمەستى .
ياشايتتى غۇرۇرى ۋىجدانى بىلەن ،
غەيۋەتخور، بېكاچى نادان ئەمەستى.
زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز ،
جەڭلەرگە ئات سالسا يانغان ئەمەستى .
ھەر جەڭدە قازانسا ئۇتۇق ۋە نۇسرەت،
شاش ئىدى ھەر ۋاقىت ، مەيۇس ئەمەستى...
2011-12-14-كۇنى كۇچا
مەنبە--ئۆزۇم
[ بۇ يازمىنىqimpiyun 2011-12-14 16:30قايتا تەھرىرلىد ]