查看完整版本: [-- ئەمەستى...(شىئېر) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئەمەستى...(شىئېر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qimpiyun 2011-12-14 14:18
زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز

ئېزىزنىياز

زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز،
نىجاسەت پاتقىقىغا پاتقان ئەمەستى.
ئەقىل ھەم جاسارەت ئۇرغۇيتتى تەندە،
خەلىققە قۇل بولغان، تانغان ئەمەستى.

زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز،
چىل بۆرە ئالدىدا پاقلان ئەمەستى .
ياشايتتى غۇرۇرى ۋىجدانى بىلەن ،
غەيۋەتخور، بېكاچى نادان ئەمەستى.

زەپەردەست ئەرلەر ئىدى ئەجدادىمىز ،
جەڭلەرگە ئات سالسا يانغان ئەمەستى .
ھەر جەڭدە قازانسا ئۇتۇق ۋە نۇسرەت،
شاش ئىدى ھەر ۋاقىت ، مەيۇس ئەمەستى...

2011-12-14-كۇنى كۇچا


مەنبە--ئۆزۇم

بىگان 2011-12-14 16:26
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

مۇسلىم، 2011-12-14 16:55
ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز ........

ئۆتمىشنى بىر ئەسلەپ ئۆتتۇق  رەھمەت تەشەككۈرلەر بولسۇن ...

يەنىمۇ تىرشىڭ.........

ahlak 2011-12-14 16:58
بارىكاللا............................

muslima32 2011-12-14 18:52
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ياخشى شئېر ئىكەن،

جەڭچى 2011-12-14 20:15



مەن بۇنى قوشۇمچە قىپ قوياي .

qimpiyun 2011-12-14 20:43
5-قەۋەتتىكى جەڭچىنىڭ ئىنكاسىغا(نەقىل)

بۇفىلىمنى يوللاپ شىئېرنىڭ جانلىقلىغىنى ئاشۇرۇپسىز ......رەھمەت سىزگە!!!

omer 2011-12-14 20:49
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن،  قەلەم تۇلپارىڭىز تېخىمۇ قاناتلانسۇن!

جەڭچى 2011-12-14 21:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى qimpiyun نىڭ 2011-12-14 20:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
5-قەۋەتتىكى جەڭچىنىڭ ئىنكاسىغا(نەقىل)

بۇفىلىمنى يوللاپ شىئېرنىڭ جانلىقلىغىنى ئاشۇرۇپسىز ......رەھمەت سىزگە!!!



ئەرزىمەيدۇ ئاغىنە،،،

dunyazad 2011-12-15 16:50
بۇ شىئىرنىڭ  مەزمۇنى ھەجەپمۇ  چۇڭقۇر  ئىكەن ،   بۇ  شىئىرنى ئۇقۇپ  نۇرغۇن نەرسىلەرنى  ئويلىدىم  لىكىن،  تەسۋىرلەشكە  تالانت  يوق


查看完整版本: [-- ئەمەستى...(شىئېر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054597 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us