توت پاڭنىڭ ھېيت قىلىشى
بىر پاڭ قوي بېقىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ، ئويغانسا قويلىرىنىڭ يرىمى كۈرۈنمەپتۇ ، ئۇيان-بۇيان ئىزدەپ بىدە ئۇرۇۋاتقان ئىككى كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ قاپتۇ ، قويچى پاڭ ئۇلاردىن قوي كورگەن- كورمىگەنلىگىنى سوراپتۇ ، بىدە ئۇرۋاتقانلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىمۇ پاڭ ئىكەن ، ئۇلار قويچىنىڭ شەرەتلىرىگە قاراپ ،
-بىدىنى بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ ئۇرۇۋاتىمىز ، ئەنە ئاۋۇ يار تەرەپتىن چۈشكەندۇق ، - دەپ يار تەرەپنى كورسىتىپتۇ ،
پادىچى بىدە ئۇرۋاتقانلار كورسەتكەن يار تەرەپكە بارسا قويلىرى ئوتلاۋاتقۇدەك ، ئۇ خوشال بۇلۇپ قويلىرى ئىچىدىن پۇتى سۇنۇق بىر قۇزىنى بىدە ئۇرۋاتقانلارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ،
-ئاغىنىلەر سىلەرگە رەھمەت ، سىلەر قويلىرىمنىڭ قاياققا كەتكەنلىگىنى دەپ بەرمىگەن بولساڭلار قويلاردىن ئايرىلىپ قالغان بۇلاتتىم ، مۇنۇ بىر قۇزىنى سۇيۇپ يەڭلار دەپتۇ ،
ھوي قويلىرىڭنى بىز كورمىسەك ، قۇزاڭنىڭ پۇتىنى بىز تولەيتۇقمۇ ؟ - دەپ ۋارقىرىشىپ كىتىپتۇ ، بىدە ئۇرۋاتقان ئىككى پاڭ .
ھوي ئاغىنىلەر ئىنساپ قىلىڭلار بۇ قويلار ئوزەمنىڭ ئەمەس ، ئىككىمىزگە ئىككىنى بىرىسىلەر دىگىنىڭلار نىمىسى ،؟ شۇ قۇزىمۇ يىتەر ،-دەپتۇ پادىچى پاڭ ، شۇ جىدەلنىڭ ئۈستىگە مەھەللىنىڭ ئىمامى كىلىپ قاپتۇ ، ئىمامنى كورگەن ئورمىچىلار ئوغاقلىرىنى ئاسمانغا كۇتۇرۇپ شەرەت قىلىپ
بىز بۇنىڭ قويلىرىنى كورمىسەك ، قۇزىنىڭ پۇتىنى بىز سۇندۇرمىساق ، نىمىشقا تولەپ بىرەتتۇق ،-دەپتۇ ،
قويچى بولسا بىر بارمىقىنى چىقىرىپ شەرەت بىلەن ،
بۇلاردا ئىنساپ بارمۇ ، بىر قۇزا سۇيۇنچە بەرسەم يانا ئازمۇ ؟ -دەپ ۋاقىراپتۇ ، ئىمام بىر ئورمىچىلارنىڭ ئىگىز كۈتۈرۈپ تۇرغان ئورغىقىغا ،بىر قويچىنىڭ قۇلىغا قاراپ .
-ھە بولدى ، بولدى چۈشەندىم ، سىلەر ئۈچۈڭلار بىر كۇنلۇك ئوغاقتەك ئاينى تەڭلا كۇرۇپسىلەر ، سىلەرگە رەھمەت، مەن مەھەللىگە بېرىپ ئېيتىمەن ناغرا چالسۇن ، ئەتە ھېيت –دەپتۇ ، ئەسلىدە بۇ ئىماممۇ پاڭ ئىكەن ، شۇنداق قىلىپ بۇ تۈت پاڭ رۇزىنىڭ يىگىرمە بەشىدىلام ھېيت قىلىۋېتىشكەنىكەن ،