salam |
2011-12-04 22:12 |
توت پاڭنىڭ ھېيت قىلىشى بىر پاڭ قوي بېقىۋېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇ ، ئويغانسا قويلىرىنىڭ يرىمى كۈرۈنمەپتۇ ، ئۇيان-بۇيان ئىزدەپ بىدە ئۇرۇۋاتقان ئىككى كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ قاپتۇ ، قويچى پاڭ ئۇلاردىن قوي كورگەن- كورمىگەنلىگىنى سوراپتۇ ، بىدە ئۇرۋاتقانلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىمۇ پاڭ ئىكەن ، ئۇلار قويچىنىڭ شەرەتلىرىگە قاراپ ، -بىدىنى بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ ئۇرۇۋاتىمىز ، ئەنە ئاۋۇ يار تەرەپتىن چۈشكەندۇق ، - دەپ يار تەرەپنى كورسىتىپتۇ ، پادىچى بىدە ئۇرۋاتقانلار كورسەتكەن يار تەرەپكە بارسا قويلىرى ئوتلاۋاتقۇدەك ، ئۇ خوشال بۇلۇپ قويلىرى ئىچىدىن پۇتى سۇنۇق بىر قۇزىنى بىدە ئۇرۋاتقانلارنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ، -ئاغىنىلەر سىلەرگە رەھمەت ، سىلەر قويلىرىمنىڭ قاياققا كەتكەنلىگىنى دەپ بەرمىگەن بولساڭلار قويلاردىن ئايرىلىپ قالغان بۇلاتتىم ، مۇنۇ بىر قۇزىنى سۇيۇپ يەڭلار دەپتۇ ، ھوي قويلىرىڭنى بىز كورمىسەك ، قۇزاڭنىڭ پۇتىنى بىز تولەيتۇقمۇ ؟ - دەپ ۋارقىرىشىپ كىتىپتۇ ، بىدە ئۇرۋاتقان ئىككى پاڭ . ھوي ئاغىنىلەر ئىنساپ قىلىڭلار بۇ قويلار ئوزەمنىڭ ئەمەس ، ئىككىمىزگە ئىككىنى بىرىسىلەر دىگىنىڭلار نىمىسى ،؟ شۇ قۇزىمۇ يىتەر ،-دەپتۇ پادىچى پاڭ ، شۇ جىدەلنىڭ ئۈستىگە مەھەللىنىڭ ئىمامى كىلىپ قاپتۇ ، ئىمامنى كورگەن ئورمىچىلار ئوغاقلىرىنى ئاسمانغا كۇتۇرۇپ شەرەت قىلىپ بىز بۇنىڭ قويلىرىنى كورمىسەك ، قۇزىنىڭ پۇتىنى بىز سۇندۇرمىساق ، نىمىشقا تولەپ بىرەتتۇق ،-دەپتۇ ، قويچى بولسا بىر بارمىقىنى چىقىرىپ شەرەت بىلەن ، بۇلاردا ئىنساپ بارمۇ ، بىر قۇزا سۇيۇنچە بەرسەم يانا ئازمۇ ؟ -دەپ ۋاقىراپتۇ ، ئىمام بىر ئورمىچىلارنىڭ ئىگىز كۈتۈرۈپ تۇرغان ئورغىقىغا ،بىر قويچىنىڭ قۇلىغا قاراپ . -ھە بولدى ، بولدى چۈشەندىم ، سىلەر ئۈچۈڭلار بىر كۇنلۇك ئوغاقتەك ئاينى تەڭلا كۇرۇپسىلەر ، سىلەرگە رەھمەت، مەن مەھەللىگە بېرىپ ئېيتىمەن ناغرا چالسۇن ، ئەتە ھېيت –دەپتۇ ، ئەسلىدە بۇ ئىماممۇ پاڭ ئىكەن ، شۇنداق قىلىپ بۇ تۈت پاڭ رۇزىنىڭ يىگىرمە بەشىدىلام ھېيت قىلىۋېتىشكەنىكەن ،
|
|