مېنى كەچۈر 
چۈشىنىشنى خالىمىغان دۇنياغا زورلاپ تېڭىلغان مېنى كەچۈر! نامەردلەر چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن تۇپراققا مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغان مېنى كەچۈر ! 
كەچۈر ئىي رەببى! ئالىملىرىنىڭ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن بېزەلگەن ۋەز-نەسىھەتلىرىنى سودىگەرلىرىنىڭ جىرىڭلىغان تەڭگە ئاۋازى بېسىپ كەتكەن قەۋمنى كەچۈر! 
ھىچ بەندەڭگە كۆتۈرەلمەس يۈكنى يۈكلىمەسسەن،ھايات ھادىسىلىرىگە يوشۇرۇنغان ئىلمۇھەقىقەتكە يول باشلايدىغان ئازاب ئىمكانلىرىنى ھىس قىلىپ غېرىب قالغان بەندىلىرىڭنى كەچۈر ! 
قەلبلەرگە قادالغان ئىزگۈ تۇيغۇلارغا چۈشەنچە ئىزدەپ سەرسان بولغان،ئەرلىكنىڭ ئىپپەت دەسمايىسى بولغان زېمىن سۆيگۈسى ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنىڭ يەڭلىرىنى تۈرۈپ،ئاتەشلەرگە ئۆزىنى ئاتقان ،مەجنۇنلىقتىن خار بولغان بەندىلىرىڭنى كەچۈر ! 
بىلىشتىن ئارتۇق ئازاب يوق بۇ دۇنيادا... بىلگەن ئاندىن ئۆزىگە ئارتىلغان ئازابلار تۈپەيلى قەلبلىرى ساڭا ئېگىلگەن،ئەمما سەندىن باشقا مەئبۇدقا ئېگىلمەي غېرىب بولغان بەندىلىرىڭنى كەچۈر ئى رەببى !  
  يۇنۇس زۇننۇن