zero903 |
2011-12-04 16:51 |
مېنى كەچۈر
چۈشىنىشنى خالىمىغان دۇنياغا زورلاپ تېڭىلغان مېنى كەچۈر! نامەردلەر چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن تۇپراققا مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغان مېنى كەچۈر ! كەچۈر ئىي رەببى! ئالىملىرىنىڭ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن بېزەلگەن ۋەز-نەسىھەتلىرىنى سودىگەرلىرىنىڭ جىرىڭلىغان تەڭگە ئاۋازى بېسىپ كەتكەن قەۋمنى كەچۈر! ھىچ بەندەڭگە كۆتۈرەلمەس يۈكنى يۈكلىمەسسەن،ھايات ھادىسىلىرىگە يوشۇرۇنغان ئىلمۇھەقىقەتكە يول باشلايدىغان ئازاب ئىمكانلىرىنى ھىس قىلىپ غېرىب قالغان بەندىلىرىڭنى كەچۈر ! قەلبلەرگە قادالغان ئىزگۈ تۇيغۇلارغا چۈشەنچە ئىزدەپ سەرسان بولغان،ئەرلىكنىڭ ئىپپەت دەسمايىسى بولغان زېمىن سۆيگۈسى ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنىڭ يەڭلىرىنى تۈرۈپ،ئاتەشلەرگە ئۆزىنى ئاتقان ،مەجنۇنلىقتىن خار بولغان بەندىلىرىڭنى كەچۈر ! بىلىشتىن ئارتۇق ئازاب يوق بۇ دۇنيادا... بىلگەن ئاندىن ئۆزىگە ئارتىلغان ئازابلار تۈپەيلى قەلبلىرى ساڭا ئېگىلگەن،ئەمما سەندىن باشقا مەئبۇدقا ئېگىلمەي غېرىب بولغان بەندىلىرىڭنى كەچۈر ئى رەببى !
يۇنۇس زۇننۇن
|
|