باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 916 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بودمىندىكى غەلىتە مەخلۇق‹داۋامى›
ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5090
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 663 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-02-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 10:29

بودمىندىكى غەلىتە مەخلۇق‹داۋامى›

تەسۋىرلەش:ئاشۇ ھايۋاننېڭ پۇت ئىزى
رەسىم:
تەسۋىرلەش:مەخلۇق سىنغا ئىلىۋىلىنغان
رەسىم:


...<بىشىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چىكىڭ >




ھەقىقى بىئولوگىيلىك ئىسپاتلار يىقىنقى يىللاردا تىپىلىشقا  باشلىدى.بودمىن دالاسىدىكى فوۋىي دەرياسىنىڭ ئەتراپىدا، چوڭ  باش سۆڭەكلەر تىپىلدى.بۇنې دەرھاللا ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مۇزىيىدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەرگە يوللاپ بىرىلدى،ۋە ئۇلار بۇ باش سۆڭەكلىرنى تەتقىق قىلىپ ناھايىتى تېزلا مۇنداق يەكۈننى چىقاردى:‹تىپىلغان بۇ باش سۆڭىكى ھەرگىزمۇ ئەنگىلىيە دالىلىرىدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنېڭ باش سۆڭىكى ئەمەس، بۇ باش سۆڭىكىنېڭ چوڭلىقى ۋە  چىشلارنېڭ جايلىشىش ئورنىغا قاراپ،بۇ باش سۆڭەكلىرىنىڭ مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە چوڭراق بىر ئەزاسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى›.
1999-يىلى دىكابىردا،بودمىن دالاسىدىكى بىر قىتىملىق فىرما ھايۋانلىرىنېڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بۇ مەخلۇقنې تىپىش ئۈچۈن يۇقىرى تىخنىكا قۇراللىرىدىن پايدىلىنىش كىرەكلىكى تەكلىپ قىلىندى.بىر كالا ۋە ئىككى قوي ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كىيىن ئاشۇ يەرگە ھەركەتلىنىدىغان كامىرا ئورنىتىلدى.2001-يىلى يانىۋاردا،شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيىسى بازىسىدىكى  بىر قىسىم پىدائىيلار  ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كىچىدە كۆرۈش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ نامەلۇم مەخلۇقنى‹ئوۋلىماق›چى بولدى.ئاشۇ بازا كوماندىرىنىڭ ئىيتىشىچە، باشقا مەشىق جەريانىدىكى مودىل نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشىتىن بۇ قېتىملىق نامەلۇم ھايۋاننى ئوۋلاش بولسا ئەسكەرلەر ئۈچۈن كۆڭۈل ئىچىش بولىدىكەن.
ئەلۋەتتە، بودمىندىكى بۇنداق ‹چوڭ مۈشۈك›نېڭ باشقىلارغا پات-پات ئۇچراپ تۇرىشى بەكمۇ غەلىتىلىك ئەمەس،مۇشۇنېڭ ئوخشاش ۋەھشى يىرىتقۇچ ھايۋانلارنېڭ بايقىلىشى 2001-يىلى مايدا، لوندوننېڭ شىمالىدىكى بارنېتتىكى بىر گۈللۈكتە يۈز بەرگەن.قۇراللانغان ساقچىلار ،تەكشۈرگۈچىلەر ۋە مال دوختۇرلىرىدىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللىنىپ بۇ ھايۋاننى بوي سۇندۇرماقچى بولغان ۋە نەتىجىدە بۇ تاغ مۈشۈكى بولۇپ چىققان.مۇشۇنېڭغا  ئوخشاش يەنە بىر ۋەقە 1998-يىلى سىنتەبىردە،پوتتىربار ۋە جەنۇبىي مىمدا يۈزبەرگەن.ئاشۇ يەردە تۇرۇشلۇق كىشىلەرگە ساقچىلار ۋاقىتلىق ئۆيىن ئايرىلماسلىق كىرەكلىكىنى،نۆۋەتتە ساقچىلار ئاشۇ يەردە كۆرۈنگەن بىر چوڭ ھايۋاننى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىيتقان.قانداقلا ولمىسۇن ئاشۇندا ھايۋانلار ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ئازراق تەھتىد پەيدا قىلغان.
ئەنگىلىيەنېڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى فىرما خوجايىنلىرى بۇ ھايۋاننېڭ ناھايىتى ۋەھشىلىكىنى ئىيتقان.لېكىن بەزى گۇماندا بولغۇچىلار بۇ بودمىندىكى مەخلۇق بەك بولسا باشقا يەردىن قىچىپ كەلگەن بىر ھايۋان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئىيىقان.چۈنكى ھەريىلى ئەنگىلىيەدە ،ھايۋاناتلار باغچىسى ياكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش بازىسىدىن بىر قانچە ھايۋانلارنېڭ قىچىپ كىتىدىكەن.1976-يىلىدىكى ئەنگىلىيدە قانات يايغان خەتەرلىك ياۋايى ھايۋانلار ھەركىتىدە،شەخسلەرنڭ بۇنداق ياۋايى ھايۋانلارنى ئەرمەك ھايۋان سۈپىتىدە بىقىشى قانۇنسىزلاشقان.ئەگەر يوشۇرۇنچە باققان بىرەيلەننېڭ ‹ئەرمىكى› يۈتۈپ كەتكەن بولسا، قانۇنى جازاغا ئۇچراشتىن قورقوپ،ئۇنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىقىنى ئاشكارلىمىغان بولىشى مۇمكىن.لېكىن ئەمىلىيەت قانداقلا بولمىسۇن،بودمىن دالاسىدا بىر چوڭ،قارا ھايۋاننېڭ ھەركەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىسپاتلار يىلدىن-يىلغا ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ.

مەنبە:ئېنگىلىزچە نەشىردىكى «دۇنيادىكى يىشىلمىگەن 100سىرلار» ناملىق كىتابدىن ئىلىندى؛
ئىزچىلار تەرجىمىسى؛
ئەسكەرتىش:بارلىق تەرجىمە ئەسىرىم كەڭساي تورىغا مەنسۇپ،باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا قەتئىي بولمايدۇ.
ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنىش سالۇنى :www.tilhumar.biz