باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1505 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ 70 يىللىق ئاداۋىتى
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 774
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە774دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 19:39

       بۇ تىمىدا ئىران ب ىلەن ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سۆزلەنگەن قېرىنداشلار .
سىلەرنىڭ مەزھەپ توقۇنىشى توغرىسىدا تالىشىپ كەتكىنىڭلار تازا توغرا بولمىدى .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 774
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە774دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 20:58

           20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا مىكروفون ئوچۇق ھالەتنى سەزمىگەن ھالدا پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئوباما ۋە ساركۇزىينىڭ مۇنۇ گەپلىرى بار.
ساركۇزى:نىتانىياخۇ دېگەن ئالدامچىغا پەقەت چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
ئوباما: .....
ساركۇزى:ئۇنى كۆرسىڭىز ئىچىڭىز ئېلىشىپ كېتىدۇ.
ئوباما:مەن تېخى كۈندە ئۇنىڭ بىلەن ھە-ھۇ دىيىشىپ  تۇرۇشقا مەجبۇرمەن.

     ب د ت خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ئىران ئاللىقاچان يادرو قۇرال ياسايدىغان تېخنىكىغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئەگەر ئۇلار يادرو قورالى ياساشنى پىلان قىلسا 6ئاي ئىچىدىلا ئېھتىياجلىق ئۇراننى سۇيۇلدۇرۇپ بولالايدىكەن. ئەمما ئىران ئىراق ئەمەس. ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دۇنيادىكى قوراللىرى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەردىن كەلگەن تەھدىتكە تەمكىنلىك بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. توغرا، ئىران ھەقىقەتەنمۇ ئىراق ئەمەس،نوپۇسى  ئىراقتىن 2.5ھەسسە كۆپ،يەر مەيدانى  بولسا 4ھەسسە كۆپ،ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى دېڭىز قولتۇقى رايونىدا ئالدىنقى قاتاردا. ئىران ئىقتىسادىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئىراننىڭ ھەربى كۈچىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى.
ئەلۋەتتە، ئۇرۇشنىڭ بۇ تۇمانلىرى ھەرگىزمۇ ئۇرۇش ئەمەس، روسىيە زۇڭتۇڭى ئسرائىليەنىڭ قىلمىشى>بىر مەيدان ئاپەت<پەيدا قىلىدۇ دېدى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەگەر ئۇرۇش بولۇپ قالسا ۋەيران قىلىش ئۇنچە ئېغىر بولمايدۇ، ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى 500دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئېلان قىلدى. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنى بېسىۋالمىسا ،ئىران راستىنلا قىلىچنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
قالغىنى بۇ داۋالغۇش بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىمۇ،ياكى تېرە تاراقئىتىشمۇ بۇنى ئىسپاتلايدىغىنى ۋاقىت خالاس...
  
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 774
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە774دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 21:02

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ئەسكەر چىقىرىشى جۇڭگو ئەمەلىي ئىقتىسادىغا بىۋاستە زەربە ئېلىپ كېلىدۇ

      ئىراننىڭ ئەشەددىي رەقىبى ئامېرىكىدىن باشقا  ئوتتۇرا شەرىقتكى دۇچ كېلىدىغان تۇنجى رەقىبى ئىسرائىلىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيە ئىزچىل ھالدا ئىراننىڭ يادىرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاپ كىلىۋاتىدۇ. 2011-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئاشكارلىشىچە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نىتانياخۇ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ ئالدىن جازا يۈرۈش قىلىش ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز قولتۇقدىكى يادرو خەۋىپىگە بولغان تەۋرەنمەس سىياسىتى ھېسابلىنىدۇ.


ئىلگىرى يەنى 1981-يىلى ئىسرائىلىيە ئىراققا <<خىرۇرگىيە ئوپراتسىيەسى>> تىپتىكى تۇيۇقسىز ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان بولۇپ قىسقىغىنە 2 مىنۇت ئىچىدە ئادەم چىقىپ تارتماي تۇرۇپ  يادرو رىئاكسىيە قازىنىنى پاچاقلاپتاشلىغان ۋە بىر يەر ئاستى تەتىقات ئورنىنى ۋەيران قىلغان ئىدى. ئەمما ئىسرائىلىيە ئىرانغىمۇ ئالدىن جازا يۈرۈش قىلىشى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ.


يادرو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ئىراقنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن بولۇپ ئاسانلا پاچاقلاپ تاشلىغىلى بولاتتى. ئەكسىچە ئىران ئۆزىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بولسا تارقاق جايلاشتۇرغان بەزىلىرى ھەتتا يەر ئاستىغا جايلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن سىرىت ئىراننىڭ ھەربىي ئەمىلىي كۈچى كۈچلۈك يەنى ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى مۇكەممەل، يادرو ئەسلىھەلىرى دائىرىسىدە بولغان مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولۇشى، دەل بىر ھۇجۇم بىلەن بارلىق يادرو ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىشنى تاماملاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.    




ئوتتۇرا شەرىقنىڭ كۈندىن-كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىگە قارتا جۇڭگو باياناتچىسى: جۇڭگو يادرونىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدۇ ھەمدە ئوتتۇرا شەرىقتە ھەرقانداق دۆلەتنىڭ يادرونى تەرەققىي قىلدۇرىشىنى قوللىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە <<سۆھبەتلىشىش>>نى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىراننىڭ <<يادرو مەسىلىسى>>نى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. خەلقارا ئىشلاردا قورال كۈچى ئىشلىتىش ياكى قۇرال كۈچى ئارقىلىق ھەيۋە قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېگەن.


بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئىران پارس قولتۇقىغا جايلاشقان بولۇپ ئۇ ئوتتۇرا شەرىق ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت مەنبەسى ھېسابلىنىدىغان دۆلەت ھەم جۇڭگونىڭ 3-چوڭ نېفىت تەمىنلىگۈچى دۆلىتى. ناۋادا ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇشى پارتىلاپ قالسا خەلقارالىق خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىدا ئۆزگۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە جۇڭگونىڭ نىفىت بىخەتەرلىكىگە مۇقەررەر ھالدا خىرىس ئېلىپ كىلىدۇ. نىفىت تەمىنلەشنىڭ مۇقىم بولماسلىقى تەبىيلا جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىغا ھەتتا دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئەندىزىسىگە بەلگىلىك تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.


بۇ ھەقتە تەيۋەنلىك تەھلىلچى مۇنداق دەيدۇ: ناگاندا ئۇرۇش پارتىلاپ قالسا ئۇنىڭ تەسىرى پەقەت يەرلىك ئىستىراتىگىگىلا تەسىر قىلىپ قالماستىن بەلكى رايونلۇق ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىدىكى چوڭ داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېنىڭچە بۇ مەسىلىنى چوقۇم سوغۇققان ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.


شىياڭگاڭ سۇمرۇغ تورى سۇمرۇغ تېلىۋېزىيىسىدىن ئېلىندى.
  
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 774
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە774دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 21:19

2011- يىلىغا كەلگەندە " ئەرەب باھارى ئىنقىلابى" نىڭ نەتىجىسىدە ئەرەب مۇستەبىتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەخىتتىن قوغلاندى ، جۈملىدىن غەرب بىلەن ،  لىۋىيەنى 42 يىل سورىغان مۇستەبىت كازافىينىڭ، مۇناسىۋىتىمۇ يامانلىشىپ ، بىزگە مەلۇم بولغاندەك ، بىر مەھەل ئىلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە مۇستەبىت كازافىي ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ھوقۇق خەلققە ئۆتكەندەك قىلدى ، كازافىيمۇ لىۋىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
دۇنيا جامائەتچىلىكى " كېيىن قېتىملىقى كىم ؟ " دەپ سوئال قويۇشتى .  ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ نەزىرى بەلكىم سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشىرگە چۈشكەن بۇلىشى مۇمكىن . ئەمما ئۆتكەنكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتى كىشىلەرنىڭ دىققەت-نەزىرىنى تېزلا بۇرىۋەتتى ،ئىراندىن ئىبارەت بۇ " ئەرەب دۆلەتلىرى قالايمىقان بولغان چاغلاردا كەينىدە تورۇپ ئوغرىلىقچە كۈلگەن " چوڭ ئىسلام دۆلىتى بىردىنلا سەھنە مەركىزىگە تارتىپ چىقىرىلدى . گەرچە دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يامانلىشىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، بىز شۇنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىدۇقكى 2003- يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشىنىڭ باھانىسى دەل خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئاتالمىش "ئىراقنىڭ يادرو تۈرىگە ئالاقىدار دوكلاتىغا" تايانغان ، ئەمما 10 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ خەۋەر ئېلان قىلىش يېغىنىدا ، ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىلسا ئىراننىڭ مۇددىئاسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالغىلى بولمايلا قالماي يەنە ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئېغىر ئاقىۋەت ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا  يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئاقىۋەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىش كېرەك دېدى . بۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىر مەزگىل جىددىيلەشكەن نېرۋىسىنى بىر ئاز پەسەيىتكەندەك قىلدى ، چۈنكى 9- نويابىردىكى  خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتىنى كىشىلەر ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق باھانە سەۋەپكە ئېرىشتى دەپ قارىغان ئىدى ، بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يېغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما فىرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىغا ئىراننىڭ يادرو تۈرى بىزگە ئۇزۇن مەزگىللىك تەھدىت ، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە تېھرانغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك دېدى ، ئەمسە بۇ ئاتالمىش "ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىش"  زادى ھەربىي ۋاسىتە قوللىنىشنى ئۆز- ئىچىگە ئالامدۇ ؟ 21 ئۆكتەبىر ئوباما ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ دەپ بىلدۈردى ،  تاشقى دۇنيا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ئورنى تۆۋەنلىدى دەپ بەس-بەس بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقاندا ، نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئامېرىكىنىڭ پارىس قولتۇقىدا قايتىدىن ھەربىي قىسىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى . ئىگىلىنىشىچە ، ئامېرىكا ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۈرگەندىن كېيىن كۇۋەيتتە بىر ئۇزاق ۋاقىت تۇرىدىغان قورۇقلۇق قىسىمى تەسىس قىلىدىكەن ، ھەمدە پارىس قولتۇقى رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتىدىكەن ، بۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا ئەرەب ھەمكارلىق ھەيئىتىگە ئەزا 6 دۆلەت بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى پىلان قىلىۋېتىپتۇ ، يەنى بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھاۋادا ، دېڭىزدا چارلاش ئىلىپ بېرىش ۋە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ، ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىقى قاتارلىقلار ، شۇ ئارقىلىق ئۇ  يېپيېڭى پارىس قولتۇقى "بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى " نى قورۇپ چىقماقچى ئىكەن . بۇنىڭدىن بىز ئۇ گەرچە ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن بىلەن ئەمما ئوتتۇرا شەرقنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پۈتۈن ئوتتورا شەرقتىكى ئورونلاشتۇرۇلۇشى نەزەردە توتۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز ، ئىران بۇنىڭ بىر قىسىمى ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋۋەل كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىرانغا قاراپ تۇرۇش ، ئۇ ئىراقتىن ئەسكەر چىكىندۈرگەندىن كېيىن ، ئىراق ھاكىمىيىتى ئۆزگىرىپ ئىراننىڭ قول تىقىپ كىرىۋىلىشىدىن قورقىدۇ ، بولۇپمۇ سۈرىيە ، چۈنكى سۈرىيە بىۋاستە لىۋانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يەنى لىۋان ئاللا پارتىيىسى ، گازا رايونىدىكى خاماس قاتارلىق كۈچلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر بۇ رايۇندا ئۇ ئىراننىڭ قوللىشىنى ئۈزۈپ تاشلىسىا سۈرىيە مەسىلىسى بىر قەدەر ئاسان ھەل بولىدۇ ، ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئورگىنى ئامېرىكا پارلامېنتىغا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش توغرۇلۇق كۆپ خىل لايىھىسىنى سۇنغان ، ئەمەلىيەتتە ، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيىسى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ بەھرەيندىكى ئامېرىكا 5- فلوتىنىڭ قوماندانلىق شىتابى بازىسىنى 5 يىل ئىچىدە كېڭەيتىش پىلانىنى قىلغان ، ئۆز ۋاقتى كەلگەندە مەزكۇر بازىدىكى پاراخوتنىڭ سانى ھازىرقى 300 دىن 400 گە يېتىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىنى 120 كۈرەشچى ئايروپىلانى بىلەن 10 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنى  سىغدۇرالايدىغان ستراتېگىيىلىك تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن ، بۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانى F-22 ئاللىقاچان ئوتتورا شەرىققە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدى ، قاتار ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، بەھرەين ۋە كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە ۋەتەنپەرۋەر -3  تىن ئىبارەت باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش قالقان سىستېمىسنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى ، بۇلار ئامېرىكىنى بىزگە ئازراق شامال چىقسىلا ئوت يېقىشقا تەييار تۇرۇۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ . ئەمما ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا بۇنىڭغا ئىنتايىن سەۋىرچان پوزىتسىيىدە بولدى ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاساسلىق زېھنىنى يەنىلا ئىراننى جازالاشقا قاراتقان ، ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇھاكىمە قىلىش دائىرىسىدە يوق ئىكەن ، بىز ئۆتكەندە دېگەندەك ، تا ھازىرغىچە ، ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەييارلىقىنى قىلمىدى ، ئەمما ئوباما زۆرۈر تېپىلغاندا ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدۇ ، سايلامغا قارايمىز ، ئەگەر ئىقتىسادتا ھەقىقەتەن بىر چىقىش يولى بولمىسا ، بۇ يۈك بەك ئېغىر بولسا ، ئىران مەسىلىسى ئۇنىڭ تاللىشىنىڭ بىرى بۇلۇپ قىلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ، شۇڭا كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى يەنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بىلەت تاشلاشتىن بۇرۇنقى بىر مەزگىل ۋاقىت  ئىنتايىن خەتەرلىك مەزگىل بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، ھازىر ئامېرىكا ئىران بىلەن ئىسرائىليىگە بولغان نازارىتىنى كۈچەيتكەن ، ئامېرىكىنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى بولسا ئىسرائىلىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ روخسىتىسىز ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنى بۇ پاتقاققا سۆرەپ كىرىش ئىكەن ، بىزگە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا ئامېرىكىدىن ئالدىراش ، ئەمما ئۇ سۈرىيەدەك كىچىك دۆلەتنىڭ ئىنتايىن يەككە - يېگانە تۇرغان يادرو ئەسلىھەلىرىنى پاچاقلىۋەتكەن بىلەن ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بىر قېتىملىق ھاۋا ئورۇشى ئارقىلىق پاچاقلاپ تاشلىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلىپ قالسا 10 ياكى 20 مىنۇت قالماي ئىراننىڭ ئۆچ ئىلىشىغا ئۇچرايدۇ ، ئىسرائىلىيە يادرو قورالىغا ئىگە بولغىلى ئون نەچچە يىل بولدى ، ئىسرائىلىيىدىن قېچىپ چىققان ئاتوم ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، 100 گە يېقىن يادرو قورالىغا ئىگە بولغان ، ئۇنىڭ يادرو قورالى كىچىكلەشتۈرۈلگەن بۇلىشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن ، ئۇ جىددىي ئەھۋالدا ئالدى بىلەن يادرو قورالىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن ، چۈنكى ئىسرائىليە بىر كىچىك دۆلەت ، مەيلى ئۇنىڭ نوپۇسى جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى ئۇنىڭ زېمىنى جەھەتتىن  بولسۇن ۋە ياكى بايلىق مەنبىيى جەھەتتىن بولسۇن ئۇ بىر كىچىك دۆلەت ،ياشاش ئۈچۈن ، ئەگەر ئۇ ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتمىسە ئۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ  ، ئىسرائىلىيە بىر خىل ستراتېگىيىلىك تاللاش ئاستىدا ئىرانغا يەككە چىقىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ستراتېگىيىلىك مۇددىئاسى ئامېرىكىنى زورلاپ ئورۇشقا سۆرەپ كىرىش . بۇ خىل مۇمكىنچىلىك بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىليىنىڭ چوقۇم مۇشۇنداق ئويى بار . ئەمما ئىسرائىليىگە مەلۇم ، ئەگەر ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولسا ئۇ بۇنى ئىسرائىليىگە ئىشلىتەلمەيدۇ ، چۈنكى ئىسرائىليىگە ئىشلەتسە ئىسرائىلىيە بىر كىچىك دۆلەت ، ئۇ نۇرغۇن ئەرەبلەرنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەمدە ، بىزگە مەلۇم بولغاندەك ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر يادرو قورالى بىلەن ئۆچ ئىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت ، ئەگەر ئىران بۇنداق قىلىپ قالسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىران دۆلىتى مۇنقەرز بولىدۇ ، ئىرانلىقلارنىڭ نەسلى قورۇپ كېتىدۇ دېسەكمۇ مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىك بولمايدۇ .ئەمسە ئىسرائىليە نىمە ئۈچۈن ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن بۇنچىۋالا تىت-تىت بۇلۇپ كېتىدۇ ؟ ئۇ رايوننى  ئاشكارا ئويغىنىشقا چاقىرماقچى ، بۇنداق مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايلى دېمەكچى ،  ئىسرائىليە ئۈچۈن ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشمۇ تەس ، قىلماسلىقمۇ تەس ، چۈنكى ئۇ خەلقىگە ئەزەلدىن ئىران يوشۇرۇن يادرو قورالى ياساۋاتىدۇ ، ئىران ئىسرائىيىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى دەپ  تەشۋىق قىلىپ كەلدى ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى ئاسان ئىش ئەمەس . ئىران زوڭتۇڭىمۇ : ئىران ئىككى دانە ئاتوم قورالى ياساپ چىقىپ سىلەرنىڭ 20 مىڭ ئاتوم قورالىڭلار بىلەن بەسلىشىدىغان ئۇنداق ھاماقەتلىشىپ كەتمىدى ، سىلەر شۇنى ئېنىق بىلىسىلەر بىزگە ئاتوم قورالى كېرەك ئەمەس ، ئىران بىر ئاقىلانە دۆلەت ، ئىران ياسىماقچى بولغان قورالنى سىلەر ھەرگىز توسۇپ قالالمايسىلەر ، ئۇ بولسىمۇ ئېتىكا ئەخلاق ، ھەمدە ئاللاھقا  ۋە ئۇنىڭ قانۇنىغا بولغان ئەقىدىمىزدۇر دېدى . ئۇ يەنە ئىراننىڭ يادرو پىلانى تىنچلىقنى مەقسەت قىلىدۇ ، ئىران بۇ پىلانىدىن بىر قەدەممۇ كەينىگە چېكىنمەيدۇ دېدى . ئەمسە ئىرانلىقلار ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىدىن قورقمامدىغاندۇ ؟  ئىران ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ھەربىي بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يادرو قورالىغا ئىگە بۇلۇش نىيىتى راستلا يوقمىدۇ ؟ ھازىر ئىران ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ دېسەك بولىدۇ ، ئەمما ئۇ قورقۇپ ئىشتىنىغا سېيۋەتمىدى ، ئۇ بۇ خىل تەھدىتنىڭ بارغانچە رېئاللىققا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ، ھازىر ئۇ بۇرۇنقىدەك ئامېرىكا بىزگە ھۇجۇم قىلسا بۇ رايون تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ دېيەلمەيدۇ ، ھازىر ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى ، بۇرۇنقى ئامېرىكا تايانغان ، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى تۇرغان ئەرەب مۇستەبىتلەر بىر - بىرلەپ يوقىدى ، ئىران بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ مۇددىئاسىغا سەل قارىغانلىقىنى ، ئامېرىكىنىڭ ئىرادىسىگە سەل قارىغانلىقىنى ھېس قىلدى ، ئەمدى ئۇ ئەستايىدىل بولمىسا بولمايدۇ ، يادرو قورالى ياساشنىڭ ئىرانغا پايدىلىقمۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىنى  ياخشى ئويلانمىسا بولمايدۇ ، يادرو قورالىغا ئىگە بۇلۇش ئۇنى بىر ئاتوم كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلاندۇرامدۇ ياكى ئۇنىڭ دۆلىتىنى خارابىگە ئايلاندۇرامدۇ ؟ ھازىر ئىراننىڭ ئالدىغا  ئىنتايىن مۇھىم بىر تاللاش قويۇلدى . يۇقىردا تىلغا ئالغان سادام كازافىيلارنىڭ ئۆلۈمى ئۇلارنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولمىغانلىقتىن بولغانمۇ ، ئەلۋەتتە ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىرانغا بىرخىل ئاگاھلاندۇرۇشدۇر ، گەرچە ھازىر بىۋاستە ئىسپات بولىسىمۇ ، ئەمما ستراتېگىيىلىك مۇددىئاسىدىن ھۆكۈم قىلساق ئۇنىڭ يادرو قورالى ياساش پىلانى بار ، چۈنكى ئامېرىكىدەك بۇنداق كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بېسىمىغا قارىتا يادرو قورالىغا ئىگە بۇلۇش بىردىنبىر چىقىش يولىدۇر ، ئەمما ئۇلارنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولماسلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق لوگىكىلىق باغلىنىش يوق ، ئىران ئەگەر يادرو پىلانىدىن ۋاس كېچىپ ، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىسا ، دۇنيادىكى كۈچلۈكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشىسە ، ئۇنىڭغا خەجلىگەن پۇلنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلەتسە ، ئەكسىچە ئۇ تېخىمۇ بىخەتەرلىككە ، باشقىلارنىڭ تېخىمۇ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى مۇمكىن . ئەمدى ئىران يادرو پىلانىدا مۇشۇنچىلىك باسقۇچقا كەلدى ، ئەمدى بولغاندا ۋاس كەچسە ، ۋاي ئىسىت دېگۈدەك ئىش بولمامدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن ، ئىران تېخى بۇنىڭغا خېلى يىراق ، ھەقىقەتەن ياساپ چىقتى دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى سىناق قىلىش كېرەك ، سىناق قىلغاندىلا ئۇنىڭ مەسىلىسىنى بايقىغىلى بولىدۇ ، چۈنكى بۇ ئىشتا  بىر قەدەمدىلا مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ ، ئۇنىڭ يادرو سىناق قىلىپ پارتىلتىدىغان يېرى يوق ، ئەگەر ئۇ ئاتوم قورالىنى سىناق قىلىپ پارتلاتسا دەرھال غەربنىڭ يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ .
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
نەزەرسالسام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9669
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-01-07
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 22:14

 تېمىڭىز  ئۈچۈن كۆپ  تەشەككۈر  !
نەزەر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5623
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 1510 %
مۇنبەر پۇلى: 3148 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-09
ئاخىرقى: 2011-12-22
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 22:36

رەخمەت،،
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1098
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1098دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14714 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-08
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-05 13:23

زىمىن جەھەتتەئىران ئىراقتىن ئاز كەم ئۈچ باراۋەر چوڭ ،ھەم ئىراققا قارىغاندا خېلىلام كۈچلۇك شۇڭا ئىشلار ئۇنداق ئاسان بولماس .
بىز ئۈچۇن ئىران ۋەيران بولغاندىن ئامىركا ۋەيران بولغىنى ياخشى.
amallar niyatka baglik
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 64
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە64دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-01-06
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-07 17:59

ئىران بىلەن ئامىرىكا راستىنلا ئۇرىشامۇ؟ئۇرۇشسسا قايسسى يىڭەر؟
ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....