باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1506 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ 70 يىللىق ئاداۋىتى
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 774
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە774دانە
ئۆسۈش: 2860 %
مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 16:52

ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ 70 يىللىق ئاداۋىتى

 
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ 70 يىللىق ئاداۋىتى

ئىراننىڭ دۇنيا ئەندىزىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رولى ۋە دۇنيا نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئاچقۇچى بولۇشتەك ئالاھىدە ئورنى سەۋەبىدىن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىرانغا سەل قارىشى مۇمكىن ئەمەس. رۇسىيەمۇ كۆپ قېتىم ئىرانغا قورال ئىشلىتىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىستراتېگىيە ۋە تارىخ ئۇرۇش بىلەن تەڭ بىرگە بولىدىغان قوشماق ئاكا-ئۇكىلار، پەقەت ئوخشىمايدىغىنى، تارىخ ئۇرۇشنى خاتىرىلەيدۇ، ئىستراتېگىيە بولسا تارىخ ئارقىلىق كىيىنكى ئۇرۇشنى پەرەز قىلىدۇ. 2007-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ئەندىزىسىدىكى مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلدى، بىر مەھەل ئاپاق-چاپاق بولۇپ كەتكەن بۇ ئىككى دۆلەت قانداق قىلىپ بىر-بىرىگە تەتۈر قارايدىغان بولۇپ قالدى؟ مەدەنىيەتنىڭ توقۇنۇشىمۇ ياكى نېفىت مەنپەئەتىمۇ؟ ئۇلارنى ئۇرۇشنىڭ ئوتىغا ئىتتىرىۋاتقان زادى نېمە؟
1979-يىلى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى. شۇ يىلى 11-ئايدا، رادىكال ئىران ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، نەچچە ئون ئامېرىكىلىقنى 444كۈن تۇتقۇن قىلدى.
1980-يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ئامېرىكا ئىرانغا كۈنسېرى قاتتىق سىياسەت قوللىنىشقا باشلىدى. بۇش ھۆكۈمىتى ئىراننى رەزىل ئوق بېشى قاتارىغا كىرگۈزدى شۇنداقلا ئىراننى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال ۋە دىنىي رادىكال ئىدىيەنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم مەنبە دەپ قارىدى  
ئۆزىنى دېموكراتىيەنىڭ قوغدىغۇچىسى دەۋالغان ئامېرىكا ئۇزۇن بىر مەزگىل پەھلەۋى پادىشاھلىقىنى قوللىغان ئىدى. ئىراننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئەكس ئەتكەن، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئىران ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۇرۇشتىن كېيىنلا دەرھاللا ئامېرىكىغا يېقىنلىشىدۇ؟ ئىزچىل ئۆزىنى دېموكراتىيەنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتىۋالغان ئامېرىكا يەنە نېمە ئۈچۈن مۇستەبىت پەھلەۋى پادىشاھلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت قوللايدۇ؟
ئىران قەدىمدە پارس دەپ ئاتالغان 5000 يىللىق تارىخ ۋە مەدەنىيەتتە ئىگە قەدىمىي دۆلەت. ياۋروپا ئاسىيا ئافرىقا ئۈچ قىتئەنىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدىن تارتىپ ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ تالاش-تارتىش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. قەيسەرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش قىسمى، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇنىڭ موڭغۇل ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ تۇپراقتا ئىز قالدۇرغان. يېقىنقى زاماندا، چار پادىشاھ بىلەن ئەنگلىيە پارسنى قاتتىق تالاشقان، ئىككى تەرەپ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ ئاران تەسلىكتە يېرىم فېئوداللىق يېرىم مۇستەملىكە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالغان. 20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، بۇ يەردە دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان زور نېفىتلىك بايقالدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى چار رۇسىيە مەزگىلىدە ئىگىلىۋالغان ئىران مۇستەملىكە رايونىدىن چېكىنىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئەنگلىيە بۇ يەردىكى نېفىتلىكىنى بىر مەھەل كونترول قىلىۋالغان ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ناتسىست گېرمانىيە نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە جاسۇسلارنى ئىرانغا ئەۋەتكەن ۋە شۇ چاغدىكى پەھلەۋى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش بىلەن، ئىران ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، كۈچلۈك دۆلەتلەر بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇننى قولدىن بېرىپ قويغۇسى كەلمىگەن.1941-يىلى 6-ئايدا، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىراننى يان تەرىپىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە تاشقى ياردەم قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم تۈگۈن دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە تەڭلا ئەسكەر چىقىرىپ، ئىراننىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىگىلىۋالدى. گىرمانىيەپەرەز پادىشاھ چوڭ پەھلەۋى ئامالسىز ھوقۇقىنى ئوغلى لىسا پەھلەۋىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، باشقا جايلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، پەھلەۋى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئەنگلىيەنى يالغۇز قويدى. پەھلەۋىنىڭ نەزىرىدە قول ئىلكىدە بار ئامېرىكىلا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرەلەيتتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىران ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ماددىي ئەشيا يۆتكىشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يول بولۇپ قالدى. ئامېرىكا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يول ۋە پورت ياساش باھانىسىدە ئىرانغا قۇرۇلۇش ئەترىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ پادىشاھلىك ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننىڭ شىمالىدا ئۆكتىچى ئەزەربەيجانلىقلار ۋە كوردلارنى مەخپىي قوللىدى شۇنداقلا ئىران كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەملەشتى. بۇلار پەھلەۋى ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان دۈشمەنلىشىشنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى. l 1943-يىلى 11-ئايدا تېھران يىغىنى مەزگىلىدە، سىتالىن، روزۋىلىت، چىرچىل ئەدەپ يۈزىسىدىن ياش پەھلەۋى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە روزۋىلىت ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن پەھلەۋى ئامېرىكىدىن ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولدى ھەم مالىيەنى باشقۇرۇشقا ئامېرىكىدىن مەسلىھەتچى تەكلىپ قىلدى.كىيىن، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراق ياردىمىدە، پەھلەۋى ئۆزى باش بولۇپ رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن شىمال ھۆكۈمىتىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنداقلا 1947-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنى كونترول قىلدى. دۇنيا مىقياسىدا سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇشى پارتلىغان ۋەزىيەتتە، ئىران پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپكە تۇردى، تاكى 1979-يىلى پەھلەۋى ھۆكۈمىتى گۇمران بولغۇچە، ئىران ئىزچىل ئاق ساراينىڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكىمۇ پەھلەۋىگە يۈز كىلەلەيدىغان ئىشلارنى قىلدى، ھەممىلا جايدا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىب قىلىدىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مەزگىل پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ مۇستەبىت پەھلەۋى پادىشاھلىقىنى قوللىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا بەرگەن ياردىمى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ كەينىدىنلا تۇردى. كۆپنى كۆرگەن كىشى بىر قاراپلا شۇ ۋاقىتتىكى بىر قانچە نۆۋەتلىك ئامېرىكا پىرزىدېنتىنىڭ نەزىرىدە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. 1950-يىلى، ئامېرىكا ئىران بىلەن رەسمىي ھەربىي ئىشلار كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىرانغا نەچچە يۈز ئوفىتسېر، مەشقاۋۇلدىن تەشكىللەنگەن زور ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، ئىراننى ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراق ۋە ھەربىي مەشىقى بىلەن تەمىنلىدى. 1979-يىلى، پەلەھۋى پادىشاھلىقى گۇمران بولۇش ئالدىدا، ئامېرىكا سىرتقا قورال-ياراق سېتىشتا ئىزچىل ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرىنى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم نۇقتا قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا پەھلەۋى پادىشاھلىقىغا شۇنچە كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتكىنىگە يارىشا پايدا ئېلىشى كېرەك ئەلۋەتتە. 1955-يىلى، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىغا چىقىپ مەزكىزىي شەرتنامە تەشكىلاتىنى پىلانلىدى. ئىران ئەينى ۋاقىتتىكى ئىراق، پاكىستان، تۈركىيە بىلەن بىللە بۇنىڭغا قوشۇلدى. بۇ شەرتنامە تەشكىلاتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا شەرتنامىسى تەشكىلاتى بىلەن قوشۇلۇپ ئامېرىكىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى، كوممۇنىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئۈچ چوڭ ھەربىي ئىتتىپاقىغا ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشىدىكى جەنۇب ئىستىكامىغا ئايلاندى. پادىشاھ پەھلەۋى ئۇزۇن مەزگىل ئامېرىكا بىلەن ھەمنەپەس بولدى، ئىككىلا تەرەپ ئويلىغىنىدەك ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئېرىشتى. ھالبۇكى ئىككىلا تەرەپ شۇنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىكى، بۇ خىل شەكلى ئۆزگەرگەن مۇناسىۋەت ئاخىرىدا توساتتىن گۇمران بولدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن پەھلەۋى پادىشاھلىقى تەڭلا بۇ ئاچچىق ساۋاقنى باشتىن كەچۈردى.تارىختا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى سەۋەبىدىن مالىمانچىلىق كېلىپ چىققان دۆلەتلەر ناھايىتى كۆپ، ئىقتىساد تازا گۈللىنىۋاتقاندا، خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ھاكىمىيەت ناھايىتى ئاز. ئىراننىڭ پەھلەۋى پادىشاھلىقى دەل مۇشۇنداق غەلىتە بىر مىسال، ئىراننىڭ بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشىدە ئامېرىكا يەنە قانداق رول ئوينىدى؟ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ھاكىمىيەتنىڭ گۇمران بولۇشى ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى، بارلىق كەسىپلەرنىڭ قىيىنچىلىقتا قىلىشىدىن كېلىپ چىققان خەلق ئاممىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما 1979-يىلى پەھلەۋى ھاكىمىيىتى ئىقتىساد تازا گۈللىنىۋاتقان ئەھۋالدا گۇمران بولدى، بۇ كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. 
ئەمەلىيەتتە، ئىراننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يۈزەكى گۈللىنىش پەردىسىنى ئاچىدىغان بولساق، پەھلەۋىنىڭ پەقەت ئىقتىسادنىڭ مەھسۇلات قىممىتىغىلا كۈچەپ، ئىجتىمائىي كىرزىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەل قارىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تارتىپ 70-يىللىرىغىچە، ئىراننىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادا 4-ئورۇنغا ئۆتتى، ئوتتۇرىچە مىللىي دارامەت ئەسلىدىكى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن بىر سەكرەپلا 2200 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستى، بۇنى ھازىرقى سېتىۋېلىش ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باراۋەر. پەھلەۋى نېفىت كىرىمىغا تايىنىپ مەملىكەت مىقياسىدا زاۋۇت كارخانىلارنى سېلىپ، شەھەر يېزىلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ھەرىكىتى قوزغىدى، ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا غەرب مائارىپ ئۇسۇلىنى قوللاندى، ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بېرىپ، ئۇلارنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىشكە شارائىت يارىتىپ بەردى. ئەينى ۋاقىتتا پەھلەۋى ئىران دۇنيادىكى بەشىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ دېگەن. مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇ دۆلەت كۈچىدىن ھالقىغان ئابرۇي قۇرۇلۇشلىرىنى تازا ئېلىپ باردى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى تولۇقلىدى، بۇنىڭغا بىر قىسىم ئەمەلدالارنىڭ پارخۇرلىقى قوشۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قورسىقى توق بولسىمۇ، لېكىن باي نامراتلارنىڭ پەرقىنىڭ كۈنسېرى چوڭىيىشى سەۋەبىدىن كۆڭلىدە تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا بولۇشقا باشلىدى. پەھلەۋى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىكى ۋە جامائەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە زىت ھالدا، پۈتۈنلەي غەرب قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىشى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئەڭ نارازىلىقى قوزغىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئىرانلىقلار پادىشاھ پەھلەۋىنى «ساندۇقتىن چىققان پادىشاھ» دەپ ئاتىدى. گەرچە يوشۇرۇن خەۋپ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ پەھلەۋى يەنىلا نېفىت ئېلىپ كەلگەن زور بايلىق ئالدىدا ئەس-ھوشىنى يوقۇتۇپ قويدى. 1977-يىلى، ئىراننىڭ شەھەر يېزىلىرىدا پادىشاھقا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئاممىۋىي ھەرىكەت پارتلىدى. پەھلەۋى ئامېرىكا مېنى يالغۇز قويمايدۇ دەپ ئويلىدى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كات ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇردى، بۇ پەھلەۋى پادىشاھلىقىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلىتىۋەتتى، كات ھۆكۈمىتى يەرشارى مىقياسىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنى تەرغىب قىلدى. ئاممىۋىي ھەرىكەتنىڭ تەسىرى كۈنسېرى زورايغاندا، ئامېرىكا پەھلەۋى قوللانغان باستۇرۇش تەدبىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىراننىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشغا قەتئىي قارشى تۇرغانلىقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنىلا ئارىسالدى بولۇپ قالدى.  
1979-يىلى 1-ئايدا، پەھلەۋى ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ داۋالاندى، 1-فېۋرالدا ئۇزۇن مەزگىل سىرتتا قېچىپ يۈرگەن شىئە مەزھىپىنىڭ داھىيسى ھۆمەينى ئىرانغا قايتىپ كەلدى، يىرىم ئايدىن كىيىن تەنتەنە ئىچىدە ھاكىمىيەت ۋە ھەربىي ئارمىيەنى ئۆتكۈزۈۋالدى. 1-ئاپرېل ھۆمەينى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، كۆپ قىسىم غەربلەشكەن سىياسەتلەرنى بىكار قىلدى، ئىپتىدائىي دىنىي ئەقىدىچىلىك تۈسىنى ئالغان نۇرغۇن تەدبىرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، ماھىيەتتىن قارىغاندا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى باشقا دۆلەتلەرگە تاڭىدىغان زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ بىتچىت بولۇشىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىراندا مەغلۇپ بولۇشىدا يەنە بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللارمۇ بار. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا مىقياسىدا كۈچ تالىشىۋاتقاندا، ئامېرىكا بىر مەھەل مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرۇۋالغان ئىدى، ئىران جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىن، زۇڭتۇڭ كاتنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتتە پادىشاھ پەھلەۋىنى يالغۇز قويغاچقا، يەنە كېلىپ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى نارازى قىلىپ قويغاچقا، ئىككى تەرەپ دۈشمەنلىشىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم سىياسونلىرى بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ۋىيتنام ئۇرۇشىدىن كىيىن دىپلوماتىيە سىياسىتىدا يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولۇشى دەپ ئەيىبلىدى.  
كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئانچە سىغىشالمايدۇ، ئەمما ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىران ئىراق ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئىراننىڭ دۈشمىنى بولغان ئىراقنىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىمىدى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھەتتا تىخ ئۇچىنى ئىراندىن يۆتكەپ ئىراققا قاراتتى، ئامېرىكا زادى نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟ 
  
ئىران يېڭى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، باشقىلارنىڭ ئويلىغىنىدەك سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلاشماي، «شەرقكە تايانماسلىق، غەربكىمۇ تايانماسلىق، پەقەت ئىسلامغا تايىنىش» سىياسىتىنى قوللاندى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنى ھەقىقىي شەيتان دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن غەربنىڭ تەسىرىنى تازىلاشقا باشلىدى.
  
1979-يىلى 4-نويابىر، ھۆمەينىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئىران ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئىشغال قىلىپ، ئەلچىخانىنىڭ 52 خىزمەتچىسىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئامېرىكىنى قېچىپ كەتكەن پەھلەۋى پادىشاھنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى. تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ ئامېرىكىدىكى 9مىليارد مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىنى توڭلاتتى، شۇنداقلا 1980-يىلى 4-ئايدا ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشتەك ۋەزىيىتى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ كات ھۆكۈمىتى ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ھەربىي زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئاخىرىدا ھەربىي تەرەپنىڭ پىكرى بويىچە، ئىرانغا زەربىدارلار ئەترىتى ئەۋەتىپ تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنى قۇتقۇزماقچى بولدى. ئەمما ئاقىۋەتتە بۇ ھەرىكەت مەغلۇپ بولۇپ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋالدى. بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئارقىدىنلا ئىرانغا قارىتىلغان قامال قىلىش ۋە بېسىمنى كۈچەيتتى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھەتتا ئىراقنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش قوزغىشىغا سۈكۈت قىلغان ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەپ ئالالمىدى، ئىران ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى، پادىشاھ پەھلەۋىنىڭ مىسىردا قازا قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاخىرىدا ئالجىرىيەنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن 1981-يىلى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بەردى، ئامېرىكىمۇ ئىراننىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىشنى بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قالدۇردى.  
ئامېرىكا ئىران بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا شەرقتە يەنە داۋاملىق كۆپ خىل كۈچلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ زورىيىشىغا يول قويمىدى. 1980-يىلى ئىران ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كىيىن، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىدە سەل ئۆزگىرىشلەر بولۇشقا باشلىدى، ئىران ھالىدىن كەتكەندە، پىرزىدېنت رېگان ھۆكۈمىتى ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق ئىران ھەربىي قىسمىغا بىر قىسىم ئامېرىكىدا ياسالغان قورال-ياراقلارنىڭ زاپچاسلىرىنى مەخپىي يەتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلدى بۇنىڭ بىلەن ئىران سەتچىلىكى يۈز بەردى. 1987-يىلىدىن كىيىن، ئىراق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان پەيتتە، ئامېرىكا يەنە دېڭىز ئارمىيەسىنى پارس قولتۇقىغا ئەۋەتىپ سادامنى ئاستىرتىن قوللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىران ھۆكۈمىتى ئىككىلا تەرەپتىن بېسىمغا ئۇچراپ، ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. 

ئىران ئىراق ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، 1990-يىلى 8-ئايدا، ئىراق ئەسكەر چىقىرىپ كۇۋەيتنى ئىشغال قىلىۋالدى شۇنداقلا كۇۋەيتنى قوشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ئىراقنىڭ شەرقتە ئىراننى گۇمران قىلىش پىلانى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، يەنە جەنۇب تەرەپتىن كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھۇجۇم قوزغاپ، يېڭى ئەرەب ئىمپېرىيەسىنى قۇرماقچى دەپ قارىدى، بۇ خىل پۈتكۈل پارس قولتۇقى نېفىت بەلبېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلان ئامېرىكىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئىلىپ كەلدى. 1991-يىلى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا، ئامېرىكىلىقلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاپ سادام ھاكىمىيىتىنى بىراقلا ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. 

سادامنى يوقاتقاندىن كىيىن، ئىران مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقتى، دۇنيا مىقياسىدا ئېنېرگىيە كەمچىل بولىۋاتقان ئەھۋالدا، ئىراننىڭ مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلەن مول نېفىت بايلىقىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بىلەن بولغان زىددىيىتى چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى. 
 
ئىران بىلەن ئىراق دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە تۇرۇقلۇق، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قارايدۇ؟ ھازىر سادام ئۆلتۈرۋىتىلدى، ئىرانمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولامدۇ-يوق؟ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئاداۋىتىگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدۇ؟
ئىستراتېگىيە ئەزەلدىن يۈزەكى نەرسە ئەمەس، ئىستراتېگىيەنى ئانالىز قىلىشنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى دەل ھادىسىسىدىن ماھىيەتنى كۆرۈش. ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئۇرۇش قوزغىشىدىكى باھانىسى تولىمۇ دەبدەبىلىك لېكىن بىر قىسىم تەھلىلچىلەر شۇ ۋاقىتتىلا بۇ ئۇرۇش ھەققانىيەت ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئەمەس بەلكى نېفىت ئۈچۈن شۇنداقلا دۇنياغا زومىگەرلىك قىلىش ئۈچۈن دەپ كۆرسەتكەن ئىدى، بۇ گەپ دەل جايىدا ئېيتىلغان. ئوتتۇرا شەرق ئىزچىل دۇنيادىكى قىزىق نۇقتا، ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك پىرزىدېنتلىرىنىڭ خەلقئارا ئىش تەرتىپىدە خېلى كۆپ قىسمى ئوتتۇرا شەرق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يىرىم ئەسىردىن بۇيان، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پارس قولتۇقى ئەتراپىدا ئىزچىل نۇرغۇن ھەربىي پاراخوتنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مول نېفىت بايلىقى ئۈچۈن. ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 100 مىليارد توننىغا يىتىدۇ، بۇ دۇنيا ئومۇمىي زاپىسىنىڭ %60 ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار، يەنى قىزىش تەننەرخى تۆۋەن، توشۇشقا قولايلىق. كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرابىستانغا ئوخشاش دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەردە نېفىت قاتلىمى پەقەت ئون نەچچە مېتىر كېلىدۇ، كىشىلەر بۇ يەرگە بولقا بىلەن بىر ئۇرسىلا، ئاستىدىن نېفىت چىقىدۇ دەپ باھا بەرگەن، بۇ جايلاردا بىر توننا نېفىت قىزىش ئۈچۈن ئاران 0.5 ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم نېفىتلىكى نەچچە مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا، ھەر بىر توننا نېفىتنى قىزىش ئۈچۈن 10ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق چىقىم سەرپ بولىدۇ. دېڭىز ئۈستىدىكى نېفىتلىكنىڭ ئىچىش تەننەرخى بولسا بىر توننىسى 20ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ.2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كىيىن، ئامېرىكا نېفىت قىزىشنى ئازايتىپ، ئىمپورتنى كۆپەيتتى، بۇ بىر قانچە يىلدا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 170مىليون توننا ئەتراپىدا كونتۇرۇل قىلىپ، يىلىغا 400مىليون توننا نېفىتنى ئىمپورت قىلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كىيىن، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقنىڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئافرىقىدىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى كۈچەيتتى. 2006-يىلى ئوتتۇرا شەرقتىن پەقەت 100مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى كىشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا ناھايىتى ئېنىق پىلان بار. ئامېرىكا نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، بۇ ئۆزى نېفىت ئىشلىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشقا كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي نومۇرىنى تېزگىنلەش ئۈچۈن. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىت مەنبەسىنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئىككى توسالغۇسى دەل ئىران بىلەن ئىراق. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت زاپىسى 40مىليارد توننىغا يىتىدۇ، ئىراننىڭ زاپىسى بولسا 20مىليارد توننىغا يېقىنلىشىپ 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىراق بىلەن كۇۋەيتنىڭ زاپىسى 10مىليارد توننىدىن ئېشىپ، 3-ۋە4-ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت زاپىسى مول بۇ تۆت چوڭ دۆلەت ئىچىدە نوپۇس ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئىران 67مىليون نوپۇس ۋە 600مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بىلەن 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كۇۋەيتنىڭ گەرچە پۇلى بولسىمۇ، لېكىن نوپۇسى ۋە ئەسكىرى ئاز، يەنە كېلىپ سىياسەت جەھەتتىن ئۇزۇندىن بىرى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، نېفىت قىزىشتىمۇ ئاساسەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرىگە تايىنىدۇ، پەقەت ئىران بىلەن ئىراقلا ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلمىدى. 2001-يىلى، ئامېرىكىنىڭ نېفىت گۇرۇھى ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئالغان كىچىك بۇش تەختكە چىققاندىن كىيىن، ئىران بىلەن ئىراقنى يەرشارىدىكى ئۈچ رەزىل ئوق بېشىنىڭ بىرى دەپ قارىدى، بۇنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. ئەگەر ئىراننى ئامېرىكا كونترول قىلىۋالسا، دۇنيا نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ئاچقۇچى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئامېرىكا قايسى دۆلەتنى تىزگىنلىمەكچى بولسا، دەرھال نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىپ، نېفىت تۇرۇبىسىنى تاقاپ، باشقا دۆلەتلەرنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئاداۋىتى ھەرگىز رايون مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.    
مەنبە: قەشقەر كىنو تورى خەلىقارا خەۋەرلەر


( ئىراننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتىدىن خەۋەردار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇنبەرداشلار  بۇ تىمىدىكى ئىنكاسلارنىمۇ تولۇق ئوقۇغايسىلەر .)
[ بۇ يازمىنىئۆركەش 2011-12-04 22:49قايتا تەھرىرلىدى ]
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1013
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1013دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10598 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-08

ئەسلى بۇ دىمكۇراتىيە مەسىلسى بولماستىن ،،،ئىستىراتىگيە مەسىلسى ئىكەندە.  ئىراننىڭ مۇ  يادىرو قۇرال ياساشقا بولغان غايىسىدىن  ئەمدى ھەيران قالمىدىم.چۈنكى بۇنداق مۇيىم جاينى ساقلاش ئۈچۈن كۈچلۈك قۇرال بولشى كىرەكتە ئەلۋەتتە .
روسىيەنىڭ  سۈريە نى قاتتاق قوغدىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن.ناۋادا راسلا ئۇرۇش بوپ قالسا بۇ ئۇرۇشقا دۆلتىمىز  قاتنىشىپ قالارمۇ ؟ يەنە كىلىپ ھازىر سۈريە  ئۆزقىرىنداشلىرنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئەتراپىدىكى قىرىنداشلىرمۇ سۈريەنى يىتىم قالدۇرماقچى بولۋاتىدۇ. مۇشۇنداق پەيىتتە  ئۈنۈملۈك تەدبىر تۈزلۈپ بۇ مەسىلنى بىر تەرەپ قىلمىسا  بىر بالايى ئاپات يۈز بەرگۈدەككەندە ، ئاللاھ ئىگىمىز مۇسۇلمانلارنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن.       
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1269
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1269دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 12905 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 20:06

ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،  ئەھمىيەتلىك تېمىڭىز  ئۈچۈن كۆپ  تەشەككۈر  !
اللا
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 2003 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-01-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 01:43

بۇ مەسىللەرگە يەنە ئىسلام مەدىنيەت مەسىلسى قوشۇلوپ تىخمۇ شىددەتلىك بولوپ كەتتى دە. ئىرانلىقلارغا ئاللاھ توغرا يول ئاتا قىلسۇن. ئاللاھ تىخى ئىراننىڭ قولى ئارقىلىق ئاققان قانلارنىڭ قىساسىنى ئىلىپ بىرەمدۇ تىخى.بىلگۇچى ئاللاھ....
ئىراننى (ھازىرقى ھاكىميىيتى)گەرچە شىييە بولسىمۇ خىلى قوللايمەن ۋە خىلى ھاكىميەتلەرگە ئۇلگە بولغىدەك جىگەرلىك دەپ قارايمەن.كەسكىنلىكى ھەم باشقىلاردىن قۇرال سىتىۋالسىمۇ بىقىنماسلىقى خىلى ئۇلگىلىك ھەركەت.(ئەرەپ ھاكىميەتلىرىمۇ ئۇگەنسە دەيمەن).
بۇنداق دىسەم ئۆچ قىرىنداشلارنىڭ تىل توقماقلىرى تەييار،لىكىن تارىختىكى شىييەلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۆزىگە لىكىن ھازىر ياخشى(سۇنئىيلەرنىڭ ئوز مۇسۇلمانلارنى ئولتۇرگەن ئىلىرمۇ بارغۇ؟مۇستاپا كامالدەك،سەئۇدىينىڭ ئىراقنىڭ ئوسمانىيلارغا خائىنلىق قىلغىنىدەك مىساللارنى نىمە دىگۇلۇك.ئامال يوق تارىخ ئوتۇپ كەتتى،تارىخى ئۆچمەنلىك دىيىلسە مەن تۇمۇر خەلىپە بولوپمۇ خوجنىيازدىن قانلىق قىساس ئالغۇم بار لىكىن مىللىتىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن كەچۇرمىز،ئۇلارمۇ سۇئىي بولوپ سادىر قىلغان بولسا شۇ خاتالىقلارنى بەلكىم كەچۇرەر ئىدۇق.ئادىل مۇئامىلە قىلايلى ۋە ئوتۇپ كەتكەننى تەگىىمەي ھازىرقى مۇسۇلمانلار تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىرانغىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمەت ئۇتۇقلىرنى تىلەيلى.زەزىل كاپىز توۋبە قىلىسمۇ كەچۇرمىزغۇ؟ ئىراق تەۋبە قىلدىمۇ دەمسىلە؟ ئۇنى ئاللاھ بىلدۇ لىكىن نىجات خلى بولدىغان نىمكەن جۇمۇ.دادىللىق بىلەن يولۋاسنىڭ كۆتىگە تىپىۋاتىدۇ،باشقىلار سىلىيالماي ئاۋارە تۇرسا ).ھازىرقى ھاكىميەتكە قارشىلارنىڭ يوقاپ كىتىشى بۇ ھايران قالارلىق ئەمەس .قايسى ھاكىميەتتە يوقاپ كەتمىگەن؟(رەسۇلىمىزنىڭ خەلىپىلىك ھاكىميىتىدىن باشقا)بالڭىز ئاچچىقىڭىزنى بەك كەلتۇرسە ھەتتا سىزمۇ ئۇرسىزدە.
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ھەل& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7009
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 172
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە172دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 2003 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-11
ئاخىرقى: 2012-01-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 01:45

سۇنئىيلەرنىڭ ئوز مۇسۇلمانلارنى ئولتۇرگەن ئىلىرمۇ بارغۇ؟مۇستاپا كامالدەك،سەئۇدىينىڭ ئىراقنىڭ ئوسمانىيلارغا خائىنلىق قىلغىنىدەك مىساللارنى نىمە دىگۇلۇك.ئامال يوق تارىخ ئوتۇپ كەتتى،تارىخى ئۆچمەنلىك دىيىلسە مەن تۇمۇر خەلىپە بولوپمۇ خوجنىيازدىن قانلىق قىساس ئالغۇم بار لىكىن مىللىتىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن كەچۇرمىز،ئۇلارمۇ سۇئىي بولوپ سادىر قىلغان بولسا شۇ خاتالىقلارنى بەلكىم كەچۇرەر ئىدۇق.ئادىل مۇئامىلە قىلايلى ۋە ئوتۇپ كەتكەننى تەگىىمەي ھازىرقى مۇسۇلمانلار تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىرانغىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمەت ئۇتۇقلىرنى تىلەيلى.زەزىل كاپىز توۋبە قىلىسمۇ كەچۇرمىزغۇ؟ ئىران تەۋبە قىلدىمۇ دەمسىلە؟ ئۇنى ئاللاھ بىلدۇ لىكىن نىجات خلى بولدىغان نىمكەن جۇمۇ.دادىللىق بىلەن يولۋاسنىڭ كۆتىگە تىپىۋاتىدۇ،باشقىلار سىلىيالماي ئاۋارە تۇرسا
پەقەت ئاللاھنى ھەقىيقى تونىسىلا بولدى ھەممە ئىللەت تۇزلىدۇ!
دوستلىشىش
ئۈرۈمچى
ئۈرۈمچىنىڭ زارى فەلەستىندىنمۇ بەتەر.....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9120
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-01
ئاخىرقى: 2011-12-13
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 16:04





ئىراندا  شىئە مۇسۇلمانلىرى  مۇشۇ يەھودى  ناسارادەو قارشى ئېلىنمايدۇ....شىئەلەر مەسچىتلىرى  يەھودىلارنىڭ نىيەسىدەك.چىركاۋچىلىك قۇغدالمايدۇ ئۇۇپ چىقىلىدۇ...
دوستلىشىش
ئۈرۈمچى
ئۈرۈمچىنىڭ زارى فەلەستىندىنمۇ بەتەر.....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9120
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-01
ئاخىرقى: 2011-12-13
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 16:05


ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغد ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 764
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە764دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7881 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-06
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 16:57

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ئۈرۈمچى نىڭ 2011-12-04 16:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
[attachment=13765]


ئىراندا  شىئە مۇسۇلمانلىرى  مۇشۇ يەھودى  ناسارادەو قارشى ئېلىنمايدۇ....شىئەلەر مەسچىتلىرى  يەھودىلارنىڭ نىيەسىدەك.چىركاۋچىلىك قۇغدالمايدۇ ئۇۇپ چىقىلىدۇ...



سۈنىلەر دىسەڭ  توغرا  بولامدىكىن  ..  پارىسلار  شىئە  مەزھىپىگە  تەۋە  ،،  ئەمىليەتتىمۇ  شىئە مەزھىپىنىڭ  ئەڭ  دەسلەپكى ئاساسچىسى  ، ھەزرىتى  ئەلىنى ئىلاھلاشتۇرغان  ، ئابدۇللا  ئىبنى زەبە ئىسىملىك  يەھودى   مۇناپىق  .
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغد ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 764
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە764دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7881 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-06
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 16:58

ئېران ئىسلام  دۇنياسىغا  ئەڭ  چوڭ  دۈشمەن .
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
دوستلىشىش
ئۈرۈمچى
ئۈرۈمچىنىڭ زارى فەلەستىندىنمۇ بەتەر.....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9120
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-01
ئاخىرقى: 2011-12-13
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-04 17:55

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى alpacino نىڭ 2011-12-04 16:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :



سۈنىلەر دىسەڭ  توغرا  بولامدىكىن  ..  پارىسلار  شىئە  مەزھىپىگە  تەۋە  ،،  ئەمىليەتتىمۇ  شىئە مەزھىپىنىڭ  ئەڭ  دەسلەپكى ئاساسچىسى  ، ھەزرىتى  ئەلىنى ئىلاھلاشتۇرغان  ، ئابدۇللا  ئىبنى زەبە ئىسىملىك  يەھودى   مۇناپىق  .



توغرا توغرا سۈنئىلەر  خاتا يېزىۋاپتىمەن......شىئە مۇناپىقلىرى