شۇنداق بىر سۇئال سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ مۇشۇ تىمىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن،سوراشقا ئىجازەت بىرىڭىلار!
<بىز ئۆزىمىزگە خاس بولمىغان باشقا مىللەتكە تەۋە كىيىم- كىچەك ، يۈرۈش - تۇرۇش ، سالام ساھەت ، ئەدەپ ئەخلاق ، قىزىقىش جەھەتتە باشقا مىللەتتىن پەرقىمىز قالمىدى . بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزبار ، ئۆز ئالدىمىزغا مەدىنىيتىمىز بار . شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە خەقنىڭكىنى يەپ ، خەقنىڭنى كۆرۈپ ، خەقنىڭكىنى دوراپ يۈرۋاتىمىز .>
1.ئاشۇ مەدىنىيىتىمىزنى بىز ساقلاپ قالالىدۇقمۇ؟
2.شۇ قەدىمي كىيىم-كىچەكلىرىمىز ئۇچىمىزغا چىقىپ باقتىمۇ يوق،ئادەتتە دىمەيلا تۇرايلى،ما ھىيت-ئايەملەملەردە بولسىمۇ ئۇچىمىزغا چىقىپ باقتىما؟<كوررىيەنىڭ كىيم-كىچەكلىرىدىن ئازراق ئۆرنەك ئاپسىزيۇ،نىمىشقا ئۇلارنىڭ توي-تۆكۈن،بايراملىرىدا ئۆز مىللي كىيىم-كىچەكلىرىنى كىيىدىغىنىغا دىققەت قىلمىغانسىز؟ ئۇلاردا< چاچ بوياپ ، يالغاندىن كۆزئەينەك تاقاپ ، ئەزەلدىن شارپىنى كۆرۈپ باقمىغانلارمۇ شارپا تاقاپ ، قىزلار بولسا چاچلىرىنى كىسىپ ، شۇلارنىڭ شەيتانە قىلىقىغا مەستانا بولۇپ يۈردى > بۇغۇ مودا بوپتۇ،ئەمما ئۇلار ھىچ بولمىسا ئۆزلىرىنىڭ مىللي كىيم-كىچىكىنى بولسىمۇ خۇشاللىق كۈنلەردە كىيىشنى ئۇنۇتماپتۇ.بىزچۇ؟سىزچۇ؟
3.شارۇلخانغا ئاشىق بولۇپ ھىندىستاغا خەت يىزىپ،شارۇلخاننىڭ<مىنىڭ خوتۇنۇم بار>دىگەن خىتىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلىغان نادان قىزلىرىمىزنىڭ ھىكايسىنىمۇ ئانچە -مۇنچە ئاڭلىدۇق،نى-نى كىلىشكەن ئوغۇللىرىمىز،ئەخلاقى بىباھا يىگتلىرىمىز ،مەرد ئوغلانلىرىمىز يەنە شۇ قىزلرىمىز ئۈچۈن ئىچىنپ يۈرسە،كىنودا شاپاقچقىلىق قىلىپ بەرسە،شۇنداق ئارتىسلارغا غايىبانە ئاشىق بولۇپ يۈرگەن قىزلىرىمىز ئۆزلىردىن ئاشۇ <ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزگە يۈز كىلەلەيمىزمۇ؟> دەپ سوراپ باقتىمۇ؟يەنە تىخى ئۇلارنى بەزى بىر قىسىم ئەخلاقى بۇزۇق ئوغۇللار بىلەن سىلىشتۇرۇپ بىر تاياقتا ھەيدەپ<ۋىجدانلىق ئوغۇللار نەدە؟>دىگەن شۇئارنىمۇ تولاپ بولدى؟قېنى قىزلار سىلەر شۇنداق ئويلىيالىغانمۇ؟
4.ئوغۇللاردىمۇ يوق ئەمەس تازا بار، بىر قىسىم ئەدەپ-ئەخلاقى بۇزۇلغان،ھايانى ئاتالمىش غەرەپ يىمەكلىرى بىلەن قوشۇپ يەۋەتكەن،غەرىپلەشكەن،<تەنناز> ،يەنە نىمە دەيتتى<في جۇ ليۇ> بىلەن زاماندىن قالمايۋاتقان قىزلارنى ماختاپ كۆتۈرۈپ، ئەسلي كەلگۈسى باللىرىمىزنىڭ ئانىسى بولمىش شۇنداق شەرم-ھايالىق،يۈزى تۆۋەن،ئەخلاقلىق قىزلىرىمىز نى مەتو،زاماندىن قالغان،سەھرالىق تومپاي دەپ چۈشۈرۈپ،تىخى ئۇلارغا غەرىپلەردىن دوراشنى مەدەنىيەت دەپ ساددا،پاك قەلىبلەرنى ئازغۇنلۇققا باشلاۋاتقان نامى<ئەركەك>لىرىمىز ئۆزىدىن<مەن قانداق ئەركەك؟مەن ھەقىقي ئۇيغۇر ئەركەك ئەۋلادىدىنمۇ؟>دەپ سوراپ باقتىمۇ؟
5.ئەڭ ياخشىسى ھەممە نەرسىنى ھىسيات بىلەن ئەمەس،ئەقىل بىلەن قوبۇل قىلغان ئەڭ ياخشى! ئۆزىمىزنىڭمۇ كىنولىرىمىزنىمۇ ئۇنچە پاكىز دەپ كەتكىلى بولمايدۇ(بىرقىسىم كىنولار كۆزدە تۇتۇلدى).شۇنداق ئەخلاقسىزلىق،ھەددىدىن ئاشقان كۆرىنىشلەر ئۇيغۇر كىنوچىلىقىمىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغاندا،قىنى قايسىمىز شۇلارنى<ئۇنداق ئەمەستى،مۇنداقتى>دەپپاقتۇق؟! پەقەت بىر نەچچە يازغۇچىلارنىڭ رەددىيە بىرىلگەن ئوبزورلىرى ژۇرنال ئۈستىدە ۋاراقسىزلىنىپ،توپا بىسىپ تۇرۇپ كەتتى خالاس.
6....
7....
سورىسام سۇئاللار كۆپ،ئەمدى ئۆزۈمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن ئىشنى دەپ بىرەي.بەلكىم كۆرگەنلەر راس مەتو،ساراڭ بوپتۇ دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن...
مەن مىلليچە كىيممىزگە تولىمۇ ئامراق ھەم ئۇنى كىيشىنى ئادەتلەندۈرمەكچى بولدۇم،مىلليچە تون سىتىۋىلىپ كىيىپمۇ باقتىم،ھەممە ئادەم مىاڭا ئادەم كۆرمىگەندەك قاراشتى،بۇنىڭغىمۇ كۆندۈم.ئەمما باشقا مىللەت خەقلىرى بىر نىمە دىمىسە ئۆزىمىزنىڭ خەقلىرى<ئۇسۇلچىمۇ سىلى؟><ئارتىس ئوخشايدۇ><بىرەر ئاشپۇزۇلدا ئىشلەمسىز؟><كاللىسى ئىلىشىپ قاپتۇ><كىيگىلى كىيىم تاپالمىغان ئوخشايدۇ><يۈزىمىزنى مۇشۇنداق خەقلەر تۆكىدۇ>.....دىسەم گەپ تولا...
لىكىن مەن كىيىۋاتىمەن،نىمە دىسە دىسۇن،مىللىتىمنىڭ كىيىمىنى تاشلىمايمەن. مىللي كىملىكمنى ھەرگىزمۇ بىر-ئككى پىتنە-ئىغۋا ئۈچۈن تاشلىمايمەن.ھىيت-ئايەملەردە،جۇمە كۈنلىرىدە بولسىمۇ كىيىۋاتىمەن. بۇمۇ ھىساپتا ئۆز كىملىكىمگە بولغان بىر كىشلىك ھۆرمەتتۇر.
ھەي...قاچانغىچە خەقنىڭ ئىغىزىغا قاراپ ياشايدىغاندىمىز؟!
[ بۇ يازمىنىبىگان 2011-12-04 18:33قايتا تەھرىرلىدى ]