كىنو - بىر قول چىراق ، بىر مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادەت ، دىن ۋە تارىخىنى ھەم ياشاش مۇھىيتىنى ، ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشىنى كارتىنىلاپ بىردىغان پۇرسەت سىزمىسى .
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمىشىغا كىنو خۇددى مۇئەللىملەردەك يىتەكچىلىپ قىلىپ ، بىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادەپ ، تىل - مەدىنيەت ، دىن ، ياشاش مۇھىيتىمىزغا زور دەرىجدە تەسىر كۆرسەتتى .
مەسىلەن ئالايلۇق ، بىز ئۆزىمىزگە خاس بولمىغان باشقا مىللەتكە تەۋە كىيىم- كىچەك ، يۈرۈش - تۇرۇش ، سالام ساھەت ، ئەدەپ ئەخلاق ، قىزىقىش جەھەتتە باشقا مىللەتتىن پەرقىمىز قالمىدى . بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزبار ، ئۆز ئالدىمىزغا مەدىنىيتىمىز بار . شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە خەقنىڭكىنى يەپ ، خەقنىڭنى كۆرۈپ ، خەقنىڭكىنى دوراپ يۈرۋاتىمىز . .
دەسلاپتا دىيارىمىزدا قويۇلغان كىنولاردىن سەرگاندان فىلىمىنى كۆرۈپ ھەممە ياش باللارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلغۇسى كەپتىكەن ھەم ئوغۇرلۇقمۇ قىپتىكەن . جەمىيەتتە ئوغرى ئاۋۇپ كىتىشتەك مەسىللەر كۆپىيىپ كىتىپتىكەن . لاباكۇ ئىشتانلار مودا بولۇپ كىتىپىكەن . كىيىنچە شاڭگاڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ ، چاچنى بوراندەك قويۇپ ، چاچ بىلەن قۇلاقنى يىپىپ چىڭلوڭتو دەپ ئات قويۇپ ، ھەممىنى ئىشنى قىلىپ ، مۇشلاشچىلار ئاۋۇپ كىتىپتىكەن ، قارا گورۇھ بولۇپ ئىچكىرگە چىقىپ ھەممە ئەسكى ئىشنى قىلىپ ، يۈرۈپتىكەن . قىمار شاھى دىگەن كىنومۇ بىز ئۇيغۇر باللىرى ئۈچۈن بىر مۇئەللىم بولغان ئىكەن .
كىينچە ئۆلگۈر ھىندىستاننىڭ كىنولىرى جەمىيتىمىزنى بىر ئالدى ھەممە ئادەملەر شارۇلخانغا دۈم چۈشتى . شارۇلغاندەك ئىكراندا كۆرۈلدىغان ئادەملەرگە كۆيۈپ كۈل بولغان قىزلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . شارۇلخاننىڭ چاچ پوسىنىمۇ شۇنداق دەۋىر سۈردى . كىنولىرىنىڭ ناخشىلىرى ھەممە يەردە ياڭرىدى . تۈگىمەيدۇ گەپ ... كىيىنچە كورىيە تىتىقسىزلىرىنىڭ شەيتان كىنولىرى چوڭ - كىچىك ھەممىمىزنى زەھەرلىرى ياشلىرىمىز چاچ بوياپ ، يالغاندىن كۆزئەينەك تاقاپ ، ئەزەلدىن شارپىنى كۆرۈپ باقمىغانلارمۇ شارپا تاقاپ ، قىزلار بولسا چاچلىرىنى كىسىپ ، شۇلارنىڭ شەيتانە قىلىقىغا مەستانا بولۇپ يۈردى . چوڭلىرىمىز ئۆيلەرنى كورىيەچە قىلىپ ، كىيىملىرىمىزنى كورىيەچە قىلىپ ، كورىيەنىڭ پولەن ئەسكى تۈسكى كىيىملىرى جەمىيتىمىزنى قاپلىدى .
ئەمدى تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى چىقسا ، بۇ كىنولاردىن ئۈلگە ئىلىپ م كاستىيۇم بۇرۇلكىلارنى كىيىپ ، تۈركىيەنىڭ دەپ يەرگە سالدىغان گىلەملەرنى تامغا ئىسىپ ، تۈركىيە ئىقىملىرىغا قاراپ ئىقىشقا باشلىدۇق .
توۋا بىزنىڭ مۇئەللىلىمىز زادى كىم ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدىنىيتىنى تەشۋىق قىلماي ، باشقا مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى تەشۋىق قىلىپ بىرۋاتىمىز بىكارغا .
بىز كىنولارنىڭ مەزمۇنىنى مەسىلەن تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدا ئەرلىكنى ، مىللەتنى ، دىننى تەشەببۇس قىلدىكەن . ئەجىبا بىز شۇيەرلىرىنى كۆرمەي كەيگەن ئىشتىنىغا ، پايپىقىغا ، ماشىنىغا قارايدىكەنمىز . باشقا دۆلەتنىڭ كىنولىىرىدا ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنى ، خۇمسىلىقنى تەشەببۇس قىلدىكەن .
يەنە بىزدە ئىقتىساد تىپىپ شۇ دۆلەتلەرنى كۆرۈشتەك ئارزۇ ئارمان كەم . ئۇلار كىنوغا باشقا دۇنيا بىلەن چىقىدىغانلىقىنى ،بىزنىڭ كەڭ كۆرۈرمەن قىرىنداشلىرىمىز بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ . ئۇلار ھەممىسى پەقەت جان بىقىش ئۈچۈن قىلدىغان ھەركەرلەتنى سىلەر بىلەن بىز پۇلغا سىتىۋىلىپ ، كۆرۈپ ئۆزىمىزنى ئەخمەق ئىتىۋاتامدۇق قانداق ...،
بىز ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆرسەك نىرى تىتىمىدى ،ئۆزىمىزنىڭ جەمىيىتتدە بولاۋاتقان ئىشلارنى خەق جاپا تارتىپ كىنو قىلىپ ئىشلەپ تارقاتسا ئۆزىمىزدىن ۋايساپ بىشىمىز قىتىپ نۇمۇس قىلىپ كىتىدىكەنمىز . سىز كۆرەۋاتقان چەتئەلنىڭ ئاشۇ كىنولىرىمۇ 100 نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ياخشىسى .بىزنىڭ نادىر كىنولىرىمىز بار قايتا - قايتا كۆرسىڭىز زىرىكمەيسىز . يەنە مەبلەغ چىقىرىپ كىنو ئىشلىسە ، بىزنىڭ پۇلى يوق ، كىنو خۇمارى كىشىلىرىمىز ئەرزىننى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ يولىنى توسۇپ يۈرىيدۇ ئەنە . ئاشۇ چەتئەل كىنولىرىنى سىز ئۆزىڭىز كۆرۈپ ، ئۆزىڭىزبىلەن كەتسە مەيلى بالىڭىز ئىزىپ قالسا ھەرگىزمۇ بالىڭىزدىن كۆرمەڭ ، شۇ سىزگە مۇئەللىم بولغا كىنولاردىن كۆرۈڭ . تەۋسىيە باللىرىڭىز بىلەن چەتئەلنىڭ كىنولىرى كۆرگىڭىز كەپ قالسا تۈركىيەنىڭ كىنولىرى كۆرۈڭ بولمىسا دىيارىمىزنىڭ كىنولىرىدا شەك يوق . تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدا ئەركەلىك تەشەببۇس قىلىنىدۇ . مەزمۇنىغا دىققەت قىلغايسىز .
سىزگە يارمىغىنى دەل ئۆزىڭىزگە ، ئۆزىڭىز يارمىغىنى !
گەپ سەل تاققا تاققۇ بولۇپقالغان بولسا ئەپۇ قىلاسىلەر .
مەنبەسى : ئۆز قەلىمىم ، ھىچقانداق رەتلەش يوق .