باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1493 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈركىيە كىنولىرى ۋە باشقا دۆلەتنىڭ كىنولىرى ھەققىدە ( ئاپتاپ)
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3277
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 132
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە132دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-03 12:27

تۈركىيە كىنولىرى ۋە باشقا دۆلەتنىڭ كىنولىرى ھەققىدە ( ئاپتاپ)

كىنو - بىر  قول چىراق ، بىر مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادەت ، دىن ۋە تارىخىنى ھەم ياشاش مۇھىيتىنى ، ھاياتقا  بولغان  ئىنتىلىشىنى كارتىنىلاپ بىردىغان  پۇرسەت سىزمىسى .  
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمىشىغا كىنو خۇددى مۇئەللىملەردەك يىتەكچىلىپ قىلىپ ، بىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادەپ ، تىل - مەدىنيەت ، دىن ، ياشاش مۇھىيتىمىزغا زور دەرىجدە تەسىر كۆرسەتتى .  
مەسىلەن ئالايلۇق ،  بىز ئۆزىمىزگە خاس بولمىغان باشقا مىللەتكە تەۋە كىيىم- كىچەك ، يۈرۈش - تۇرۇش ، سالام ساھەت ، ئەدەپ ئەخلاق ، قىزىقىش جەھەتتە باشقا مىللەتتىن پەرقىمىز قالمىدى . بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزبار ، ئۆز ئالدىمىزغا مەدىنىيتىمىز بار . شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە خەقنىڭكىنى يەپ ، خەقنىڭنى كۆرۈپ ، خەقنىڭكىنى دوراپ يۈرۋاتىمىز . .  
دەسلاپتا دىيارىمىزدا قويۇلغان كىنولاردىن سەرگاندان فىلىمىنى كۆرۈپ ھەممە ياش باللارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلغۇسى كەپتىكەن ھەم ئوغۇرلۇقمۇ قىپتىكەن . جەمىيەتتە ئوغرى ئاۋۇپ كىتىشتەك مەسىللەر كۆپىيىپ كىتىپتىكەن . لاباكۇ ئىشتانلار مودا بولۇپ كىتىپىكەن .  كىيىنچە شاڭگاڭنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ ، چاچنى بوراندەك قويۇپ ، چاچ بىلەن قۇلاقنى يىپىپ چىڭلوڭتو دەپ ئات قويۇپ ، ھەممىنى ئىشنى قىلىپ ، مۇشلاشچىلار ئاۋۇپ كىتىپتىكەن ، قارا گورۇھ بولۇپ ئىچكىرگە چىقىپ ھەممە ئەسكى ئىشنى قىلىپ ، يۈرۈپتىكەن . قىمار شاھى دىگەن كىنومۇ بىز ئۇيغۇر باللىرى ئۈچۈن بىر مۇئەللىم بولغان ئىكەن .   
كىينچە ئۆلگۈر ھىندىستاننىڭ كىنولىرى جەمىيتىمىزنى بىر ئالدى ھەممە ئادەملەر شارۇلخانغا دۈم چۈشتى . شارۇلغاندەك ئىكراندا كۆرۈلدىغان ئادەملەرگە كۆيۈپ كۈل بولغان قىزلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . شارۇلخاننىڭ چاچ پوسىنىمۇ شۇنداق دەۋىر سۈردى . كىنولىرىنىڭ ناخشىلىرى ھەممە يەردە ياڭرىدى . تۈگىمەيدۇ گەپ ... كىيىنچە كورىيە تىتىقسىزلىرىنىڭ شەيتان كىنولىرى چوڭ -  كىچىك ھەممىمىزنى زەھەرلىرى ياشلىرىمىز چاچ بوياپ ، يالغاندىن كۆزئەينەك تاقاپ ، ئەزەلدىن شارپىنى كۆرۈپ باقمىغانلارمۇ شارپا تاقاپ ، قىزلار بولسا چاچلىرىنى كىسىپ ، شۇلارنىڭ شەيتانە قىلىقىغا مەستانا بولۇپ يۈردى . چوڭلىرىمىز ئۆيلەرنى كورىيەچە قىلىپ ، كىيىملىرىمىزنى كورىيەچە قىلىپ ، كورىيەنىڭ پولەن ئەسكى تۈسكى كىيىملىرى جەمىيتىمىزنى قاپلىدى .   
ئەمدى تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى چىقسا ، بۇ كىنولاردىن ئۈلگە ئىلىپ م كاستىيۇم بۇرۇلكىلارنى كىيىپ ، تۈركىيەنىڭ دەپ يەرگە سالدىغان گىلەملەرنى تامغا ئىسىپ ، تۈركىيە ئىقىملىرىغا قاراپ ئىقىشقا باشلىدۇق .  
توۋا بىزنىڭ مۇئەللىلىمىز زادى كىم ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدىنىيتىنى تەشۋىق قىلماي ، باشقا مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى تەشۋىق قىلىپ بىرۋاتىمىز بىكارغا .   
بىز كىنولارنىڭ مەزمۇنىنى مەسىلەن تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدا ئەرلىكنى ، مىللەتنى ، دىننى تەشەببۇس قىلدىكەن . ئەجىبا بىز شۇيەرلىرىنى كۆرمەي كەيگەن ئىشتىنىغا ، پايپىقىغا ، ماشىنىغا قارايدىكەنمىز . باشقا دۆلەتنىڭ كىنولىىرىدا ئۆزىدىكى ئاجىزلىقنى ، خۇمسىلىقنى تەشەببۇس قىلدىكەن .   
يەنە بىزدە ئىقتىساد تىپىپ شۇ دۆلەتلەرنى كۆرۈشتەك ئارزۇ ئارمان كەم . ئۇلار كىنوغا باشقا دۇنيا بىلەن چىقىدىغانلىقىنى ،بىزنىڭ  كەڭ كۆرۈرمەن قىرىنداشلىرىمىز بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ . ئۇلار ھەممىسى پەقەت جان بىقىش ئۈچۈن قىلدىغان ھەركەرلەتنى سىلەر بىلەن بىز پۇلغا سىتىۋىلىپ ، كۆرۈپ ئۆزىمىزنى ئەخمەق ئىتىۋاتامدۇق قانداق ...،  
بىز ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆرسەك نىرى تىتىمىدى ،ئۆزىمىزنىڭ  جەمىيىتتدە بولاۋاتقان ئىشلارنى خەق جاپا تارتىپ كىنو قىلىپ ئىشلەپ تارقاتسا ئۆزىمىزدىن ۋايساپ بىشىمىز قىتىپ نۇمۇس قىلىپ كىتىدىكەنمىز . سىز كۆرەۋاتقان چەتئەلنىڭ ئاشۇ كىنولىرىمۇ 100 نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى   ياخشىسى .بىزنىڭ نادىر كىنولىرىمىز بار قايتا - قايتا كۆرسىڭىز زىرىكمەيسىز .  يەنە مەبلەغ چىقىرىپ كىنو ئىشلىسە ، بىزنىڭ پۇلى يوق ، كىنو خۇمارى كىشىلىرىمىز ئەرزىننى ئىزدەپ ئۆزىنىڭ يولىنى توسۇپ يۈرىيدۇ ئەنە . ئاشۇ چەتئەل كىنولىرىنى سىز ئۆزىڭىز كۆرۈپ ، ئۆزىڭىزبىلەن كەتسە مەيلى بالىڭىز ئىزىپ قالسا ھەرگىزمۇ بالىڭىزدىن كۆرمەڭ ، شۇ سىزگە مۇئەللىم بولغا كىنولاردىن كۆرۈڭ .   تەۋسىيە باللىرىڭىز بىلەن چەتئەلنىڭ كىنولىرى كۆرگىڭىز كەپ قالسا تۈركىيەنىڭ كىنولىرى كۆرۈڭ بولمىسا دىيارىمىزنىڭ كىنولىرىدا شەك يوق . تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدا ئەركەلىك تەشەببۇس قىلىنىدۇ . مەزمۇنىغا دىققەت قىلغايسىز .   
سىزگە يارمىغىنى دەل ئۆزىڭىزگە ، ئۆزىڭىز يارمىغىنى !  
گەپ سەل تاققا تاققۇ بولۇپقالغان بولسا ئەپۇ قىلاسىلەر .   
 
مەنبەسى : ئۆز قەلىمىم ، ھىچقانداق رەتلەش يوق .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4214
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1053 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-03
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-06 23:17

    يۇقارقى دېيىلىۋاتقان فىلىملەرنىڭ ئىچىدە كىنو يوق ھەممىسى قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرىكەنغۇ .بىزدە كىنو بىلەن قىسىملىقنىڭ پەرقى يوق ئەمما دۇنيادا بۇ ئىككىسى بەك ئېنىق ئايرىلغان .كىنو بىلەن قىسىملىقنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرىشى ئوخشىمايدۇ .كىنو نەچچە سائەت ئىچىدە پۈتۈن ۋەقەلىك تۈگەيدىغان بولغاشقا ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى تېز ھەركەتچان بولىدۇ .قىسىملىقتا بىر قەدەر كەڭرەڭ تۇرمۇش سەھنىسى يورۇتۇلغاشقا دېئالوگ كۆپ ۋەقەلىك بەك زىچ بولمايدۇ .كىنو لىنتىسى ئىنتايىن قىممەت پەقەت گېرمانىيەدىلا ئىشلىنىدۇ .بىر كىنونى ئىشلەشكە كەتكەن مەبلەغكە بەش ئالتە قىسىملىق تىلىۋىيە تىياتىرىنى ئىشلىۋەتكىلى بولىدۇ .چۈنكى قىسىملىقنى ئىشلەشكە ئۇنداق قىممەت لىنتا كەتمەيدۇ نورمال ئاپارات بولسا كۇپايە.كىنو بولسا كىنوخانىدا قويىلىدۇ كېيىن تېلىۋىزىيەگە بېرىلىدۇ .قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى بولسا پەقەت تېلىۋىزىيەدىلا قويىلىدۇ .....يىغىپ كەلسەك بۇ ئىككى ژانىر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق چوڭ شۇڭا قىسىملىق بىلەن كىنونى ئايرىش بەك مۇھىم .
   دىيارىمىزدا ئەۋىج ئالغان فىلىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ھېكايە فىلىم ياكى تېلىۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ تېخى كىنو بولۇشتىن بەك يىراقتا .تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيىسى بۇرۇن ئىشلىگەن ساھىپجامالنىڭ ئۆلىمى ،غېرىپ سەنەپ قاتارلىقلار بولسا كىنو ھېساپلىنىدۇ .بەلكىم مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكىتىن ئۇ سىتۇدىيەمۇ ھازىر كىنو ئىشلىمەي ئانچە مۇنچە تېلىۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەيدىغان  بولۇپ قالدى .