ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!تېمىغا قاراپلا بۇ قانداق ۋىروستۇ دەپ ئويلىغان بولىشىڭلار مۇمكىن،بۇ ۋىروسنىڭ ئادەتتىكى ۋىروسلاردىن پەرقى شۇكى:ئادەتتىكى كومپىيۇتېر ۋىروسلىرى كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرگە ھۇجۇم قىلالىشى،چوڭراق بولسا كومپىيۇتېرىڭىزنى كاردىن چىقىرالىشى مۇمكىن،لېكىن مەن دېمەكچى بولغان ۋىروس بولسا بىۋاستە ئىمانىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋىروس،ئۇنداقتا سىزمۇ ئىلگىرى كۆپ يۇلۇقۇپ باققان ۋە ئەڭ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە يوللىغان ۋىروسلارنىڭ بىرى بولغان «شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى»ھەققىدە تۇنۇشۇپ چىقايلى:
«شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى» سەپسەتىسى
ئىسلام دۇنياسىدا قاچانىكى بىر قىيىنچىلىق يۈز بەرسە، خەلق ئارىسىدا «شەيخ ئەھمەد ۋەسىيەتنامىسى» دېيلىدىغان بىر خەت تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئىسمى ۋە كىملىكى مەجھۇل بولغان بىرىنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تايىنىپ بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توقۇلما ھەدىس پەيدا قىلىنىشى، خەتنىڭ مەزمۇنىنى جەلىبكار قىلىدۇ – يۇ، ئاخىرقى ھېساپتا بۇ، مەزكۇر خەت / خەتلەرنىڭ خەتەرلىك بىر تەشۋىقاتنىڭ مىۋىسى ئىكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدە غەشلىق پەيدا قىلىشنى مەقسەد قىلغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، «spam» دېيلىدىغان كىمگە خىتاب قىلغانلىقى نامەلۇم خەتلەر ئىتېرنىت ئۇچۇرىنىڭ سۆيۈمسىز يۈزلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ(بۇنى تور قۇرۇپ باققانلار ئوبدان بىلىدۇ). توقۇلما ئادرېس ۋە كىملىك قولغا كەلتۈرۈش ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالغان بۇ تېخنىكىدا، بىر كونۇپكىغا بېسىش ئارقىلىق بۇرۇن تىزىملاپ قويغان مىڭلىغان كىشىگە بىر نەچچە سىكىنۇت ئىچىدىلا ماھىيتى مەجھۇل خەت ۋە ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكىلى بولىدۇ.
ئېلخەت ساندۇقىغا كىرىۋالغان بۇ خىل ۋىرۇسلارنى، مەنمۇ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىختىيارسىز ھالدا ئىنتېرنىت دۇنياسىنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىمەن. شۇنداقتىمۇ ئىسمى بىلەن دىققىتىمنى تارتقانلىرىنى ئوقۇپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە داۋاملىق ئەمەس، بەزىدە ئەۋەتىلگەن نامەلۇم تەشۋىقاتلاردىن بىرى بولغان بىر ۋىرۇس ھەققىدە توختالماقچىمەن؛
شەيخ ئەخمەد ھىكايىسى
ئىسمى: «شەيخ ئەخمەد» ۋەسىيەتنامىسى. شەيخ ئەخمەد دەپ ئاتالغان كىشى، بەزىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئەلەيھىسسالام) مەدىنىدىكى قەبرىستانلىقىغا قارايدىغان كىشى دەپ تۇنۇشتۇلسا، بەزىدە مەسچىتنىڭ خاتىپى سۈپىتىدە تونۇشتۇرىلىدۇ. ئۇنىڭ قاچان ياشىغانلىقى، تارىخى بىر كىملىكى بولۇپ – بولمىغانلىقى مەجھۇل. بىراق ئىسلام دۇنياسىدا قاچانىكى بىر قىيىنچىلىق ئوتتۇرىغا چىقسا، «شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى» دېيىلىدىغان بۇ ئاجايىپ خەت پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا تېخى ئىنتېرنىت ئۇچۇرلىشىش تېخنىكىسى مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خەت، «شىپىگراپ» تېخنىكىسى بىلەن كۆپەيتىلىپ مەخپى ھالدا تۆت تەرەپكە تارقىتىلغانىكەن. بۇلاردىن بىر نۇسخىنى، رەھمەتلىك ھامما ئاچامنىڭ ئەھمەدىيە كەشىك داستانى، مەۋلىدى شەرىف، ئەۋراد (ۋىردلەر) ۋە يۇنۇسنىڭ دىۋانىغا ئوخشاش كىتاب ۋە كىتاپچىلارنى ساقلىغان قارا ئۈزۈم ساندۇقىدا كۆرگەنلىكىم ئىسىمدە.
«ئۈچ كۈن كۈن تۇتۇلىدۇ!»
ۋەسىيەتنامىنىڭ كىلاسسىكلەشكەن بىر تېكىست شەكلى بار بولۇپ، بۇنىڭغا كۆرە شەيخ ئەھمەد، بىر جۈمە كۈنى كېچىسى نامازدىن كېيىن (يېڭى كەلگەن بىر خەتتە بولسا قۇرئان كەرىم ئوقۇغاندىن كېيىن) ئوخلايدۇ، چۈشىدە ھەرەم تەرىپىدىن «ئى شەيخ ئەھمەد!» دەپ چاقىرغان بىر نىدا ئىشىتىدۇ. «لەببەيك» دېگەن ھالدا مەزكۇر ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قارىغان شەيخ ئەھمەد، پەيغەمبىرىمىزنى كۆرىدۇ ۋە پەيغەمبىرىمىز شەيخ ئەھمەدكە بەزى خەۋەرلەرنى يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن تۈنۈگەن ئىنتېرنىت ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ۋەسىيەتنامىدا گۇيا پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:
«ھەي شەيخ ئەخمەد، مۇشۇ جۈمە كۈنى 600 ئادەم ۋاپات بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەننەتكەكىرەلمىدى. سەۋەبى ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقتىن، ئېتقادلىق مۇسۇلمانلار كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلمىغانلىقتىن، مۇسۇلمانلار پەرھىز قىلىنغان بەش ۋاق نامازنى ئوقۇمىغانلىقتىن بولدى. ئى شەيخ ئەخمەد! مۇشۇ ۋەھىمىنى بارلىق مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزگىن، ئۇلارمۇ بۇ خەتنى كۆپەيتىىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان دوستلىرىغا ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىشى كېرەك. بۇ خەتنى كۆپەيتىپ تارقاتقۇچى بەرىكەت تاپىدۇ، كىمدىكى بۇ خەتنى ئالسا تارقىتىشى كېرەك. باشقىلارغا تارقاتقۇسى كەلمىسە ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.» دەپتۇ. شەيخ ئەخمەد مۇنداق دېگەنمىش: «بۇ سۆزلىرىم يالغان بولسا، پەيغەمبىرىم شاپائەت قىلمىغاي! ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلىرىمز ئۆز ئېتقادىڭلاردا مەھكەم بولۇپ، قادىر ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار، گۇناھى كەبىرەڭلارغا تۆۋە قىلىپ ھەر دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇڭلار. بۇ خەتنى 20 پارچە كۆپەيتىپ مۇسۇلمانلارغا تارقىتىڭلار، شۇ چاغدا ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر» دېگەن. يەنە خەتنىڭ داۋامىدا مۇنداق بىر سەپسەتە يەر ئالغان: ن ئسىملىك بىركىشى مۇشۇ خەتنى تارقىتىش سەۋەبى بىلەن بىرىنچى كۈنىلا بەخىتلىك بولۇپ ئشلىرى يۈرۈشۈپ كەتكەن. ئەسلىدە ئشلىرى يۇرۈشمەيۋاتقان ئابدۇسالام ئسىملىك كىشى بۇ خەتنى ئالغان بولسىمۇ، تارقىتىشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قۇيۇش سەۋەبىدىن ئشلىرى يۈرۇشمەي قالغان، كېيىن خەتنى تارقىتش ئېسىگە كېلىپ شۇ ھامان تارقاتقانلىغى سەۋەبىدىن ئشلىرى 5 كۈندىن كېيىن يۈرۈشكەن. نامەلۇم بىر ئادەم بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كېرەك ئەمەس…دەپ ئۇ خەتنى يىرتىپ تاشلاش سەۋەبلىك 9 كۈندن كېيىن قەبزى روھ بولغان..سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلدىغنىم: بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى خەتنى تارقىتىشى كېرەك. خەتنى تارقاتقۇچىلار بىلەن ئاللا بىللىدۇر، پەيغەمبىىرىمىز شاپائەت قىلغۇسىدۇر.»
بۇ خەتنىڭ باشقا بىر نۇسخىسى مۇنداق:
«ئى شەيخ ئەھمەد! ئۆتكەن جۈمەدىن بۇ جۈمەگىچە 16 مىڭ كىشى ۋاپات بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر مۇسۇلمان چىقمىدى…»…«كەلگەنلەرنىڭ ئەمەل دەفتەرلىرىنى قارا ۋە سول قوللىرىدا كۆردۈم. ئى شەيخ ئەھمەد! … ئاۋۋال ئاتا – ئانىلىرىغا ئاسىيلىق قىلدى ۋە زاكاتلىرىنى بەرمىدى. ھاجى بولۇپ تۇرۇپ ھارام يېدى. ھەممە ئادەم ئۆز نەفسىدىن باشقىنى ئويلىمىدى. يۈزلىرىدە ھايا قالمىدى. دۇنيالىق بېرىلگەنلەر تارازىدا خىيانەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتتى. ئى شەيخ ئەھمەد!… ئۈممەتلىرىمگە خەۋەر بەرگىن. قىلغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلسۇن، ئىستىغفار تىلىسۇن.» بۇلاردىن كېيىن بىر كاھانەت جۈملىسى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيلىدۇ: «يېقىن زاماندا، 3 كۈن قوياش تۇتۇلىدۇ، 3 كۈندىن كېيىن قۇياش غەربتىن چىقىپ، شەرقتە كىرىپ كېتىدۇ. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيدۇ…». دېيىلگەندىن كېيىن خەت بىر تەھدىت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: ئى شەيخ ئەھمەد! ئۈممەتلىرىمگە خەۋەر بەرگىن، قۇدرەت قەلىمى بىلەن بۇ ۋەسىيەتنامىنى بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىغا، بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە، بىر ۋىلايەتتىن يەنە بىر ۋىلايەتكە ۋە بىر دۆلەتتىن باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتسە، قىيامەت كۈنى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولىدۇ. كىمكى ۋەسىيەتنامىنى ئىشىتىپ تۇرۇپ يازمىسا، بىر يېزىغا ياكى بىر باشقا رايونغا ئەۋەتمىسە، قارا يۈز بولىدۇ.»…
150 يىللىق بىر خەت
بۇ تېكىست مەلۇم بولىشىچە تەخمىنەن 150 يىلدىن بېرى ئىسلام دۇنياسىدا چۆگىلەپ يۈرىدۇ. ئەمدى مەسىلىنى بۇ ماۋزۇدا ياخشى مەلۇماتلىق بولغانلاردىن بىرىنىڭ پىكرىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق يۇرۇتۈش ۋاختى كەلدى. نادىر تارىخچىلىرىمىزدىن پروفېسسور، دوكتور ئەلى بىرىنجى، «تارىخ يولىدا – يېقىن ئۆتمۈشنىڭ سىياسىي ۋە فىكرىي ئەھۋالى» ناملىق كىتاۋىنىڭ (دەرگاھ نەشرىيات، ئىستانبۇل، 2001) 246- بېتىدە، ھەر دەۋردە چەكلەنگەن خەت – «ۋەسىيەتنامە» ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرمەكتە. ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا مەزكۇر تېكىست دەسپلىۋىدە 1896 (1314 يىلى) – يىلىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، دەرھال چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي خەلق ئارىسىدا رىغبەت كۆرگەن ۋە «خەلق ئىسلامى» نەزىرىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ئەسەرلەر ئارىسىغا كىرگەن. ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئارخىرلىرىدا ۋەسىيەتنامىنىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنىڭ مىسىردىمۇ بېسىلىپ تارقىتىلغانلىقى مەلۇم. خەت، 2- مەشرۇتىيەتتىن (ئوسمانىيە دۆلىتىدە) كېيىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقان كۆپ پارتىلىك ھايات تەجرىبىسىدە، سىياسىي مۇنازىرىلەرنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ قوللىنىلغان ۋە ئۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئىككى يازغۇچىسى ھۈسەين جاھىت يالچىن ۋە لۇتفىي فىكرىي بەي ئوتتۇرىسىدا كۆپ مۇناقىشىلەرگە سەۋەب بولغان. يازغۇچىسى نامەلۇم بۇ ئەسەر (خەت!)، مەتبۇئات ھاياتىمىزدىمۇ داۋاملىق قاتتىق تەنقىدلەرگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى مۇنداق: ئەھمەد تەلئەت ئوناي (1931)، يۇسۇف زىيائەددىين ئەرسال (1956)، رەھمى ئاپاك (1957)، فاتىھ رىفقى ئاتاي (1966)، مەزكۇر تارىخلەردە بۇ خەت توغرىسىدا ماقالىلار يازغان. يېقىن تارىخىمىزدا بولسا، ھۈررىيەت گېزىتى يازغۇچىسى ئوقتاي ئەكشى، 1999 – يىلى 17 – ئاۋغۇست كۈنىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئەتىسى كۈنى كۆرگەن بىر شەيخ ئەھمەد ۋەسىيەتنامىسىدا، «يەر تەۋرەشتە 16 مىڭ كىشى ئۆلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ مۇسۇلمان يوق…» دېگەن جۈملىسىگە ھەقلىق ھالدا جان جەھلى بىلەن قارشى چىققان ئىدى. (قاراڭ، ھۆررىيەت گېزىتى، 29.09.1999 كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ!)
شەيخ ئەھمەد ئىنتېرنىتتە!
مەزكۇر خەتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە ئىككى قېتىم (1956- ۋە 1982- يىللىرىدا) بېسىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇش ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك. چۈنكى «ۋەسىيەتنامە»نىڭ تېكىستى، ئاساسىي شەكلىنى مۇھاپىزەت قىلغان بولسىمۇ، كۈندىلىك ھادىسىلەرگە قاراپ ئۆزگەرتىلمەكتە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدىن كۈندىلىك ھادىسىلەر ھەققىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن دىنى مەلۇماتى يوق دىيەرلىك دەرىجىدە ئاز ياكى پەقەت يوق، لېكىن قەلبى پاك مۇسۇلمانلار ئۈستىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئاخىرقى بەش – ئالتە يىلدىن بېرى بولسا، تارقىتىش ئۈچۈن ئىنتېرنىتتىن پايدىلىنىشقا باشلىغانلىقىمۇ بۇ خەتنىڭ كۈنىمىز زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر تەرەققىياتتۇر.
مەزكۇر خەتنىڭ كىم ياكى كىملەر تەرىپدىن قەلەمگە ئېلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش تەس؛ كەسكىن دەلىل بولمىسىمۇ خەتنىڭ ئىنگىلىز ياكى رۇس مۇخابىر جەمئىيەتلىرى ئەزالىرى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بولۇشى، كېيىنكى نەشىرلىرىدە بولسا، ۋەزىيەتكە مۇناسىپ مەزمۇنىنىڭ يېڭىلانغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.
بۇنچىۋالا ساپ بولۇشقا ھەققىمىز بارمۇ؟
شەيخ ئەھمەد ياسىن ۋەسىيەتنامىسىنىڭ 150 يىلدىن بېرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان بىر تېكىست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاق كۆڭۈل ئەمما جاھىل مۇسۇلمانلارغا قىلغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ تېكىست، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدىن كۈندىلىك ھادىسىلەر ھەققىدە بىر ئاگاھلاندۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە. ئىسمى ۋە كىملىكى نامەلۇم بىرىنىڭ كۆرگەن چۈشىگە ئاساسلىنىپ بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توقۇلما ھەدىس پەيدا قىلىنىشى، تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى سۈسلەپ، جەلىبكار قىلسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ خەتلەرنىڭ رەنگى مەجھۇل بىر تەشۋىقات ئەسىرى ئىكەنلىكى ۋە مەخسىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىنى بولغاش ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. بىر يېرىم ئەسىردىن بويان ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن «كۇتۇبى سىتتە» گە ئوخشاش ئىشەنچلىك ھەدىس مەجمۇئەلىرىدىن پايدىلىنىش ئورنىغا، توقۇلما ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ئېنىق بولغان تەشۋىقات خەتلىرىگە ئېتىۋار بېرىشلىرىمۇ، ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بېرى.
خۇلاسە قىلپ ئېيتقاندا، كۆپەيتىلىپ، باشقىلارغا ئەۋەتىلىشى توغرىسىدا لەنەتلىك ھۆكۈملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇنىڭغا ئوخشاش تېكىستلەرگە ئەسلا ئېتىۋار بېرىلمەسلىكى لازىملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلەر كارۋىنىغا بىزمۇ قېتىلغان بولدۇق.
ئەسكەرتىش:
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر ئىسلام تورىغا نېمىشقا قويدۇڭلار؟ دەپ سورىشىڭلاردىن بۇرۇن، مەن جاۋابىنى بېرەي:
مەزكۇر «شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى» دېيىلىدىغان ئاجايىب خەت پوشتا ئادرىسى ئارقىلىق بىر نەچچە قېتىم ئادرېسىمغا كەلگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئىسلام تور بېتىنىڭ سۆز قالدۇرۇش دەفتىرىگىمۇ بىر نەچچە قېتىم يوللاندى. ھازىرغىچىلىك ئەۋەتىلگەن پېتى ئۆچۈرىۋەتىپ كەلدۇق. تەخمىنەن ئون كۈن بۇرۇن خەلقئارا ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىگىمۇ يوللاندى. ئۇنىڭدىن دەرھال ئۆچۈرىۋەتتۇق. بىراق مەزكۇر خەتنىڭ ئېلانىنى قىلغان بولماسلىق ئۈچۈن جاۋاب بەرمىدۇق… سۆز قالدۇرۇش دەفتىرىگە بىر ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنە ئەۋەتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ، بەزى يەرلىرىنى تولۇقلاپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
يۇقىرىدىمۇ دېيىلگەندەك مەزكۇر خەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا ماس كەلمەيدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار. ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ توقۇلما ھەدىسلەردىن بىر پەرقى يوق. تارىختا دىن دۈشمەنلىرى ياكى دىن مۇداپىئەچىلىرى ياخشى ياكى يامان نىيەت بىلەن ھەدىس توقۇپ چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەتكۈزگەن ۋە سۆزلەتكۈزمەكتە. بۇ خەتنىڭمۇ شۇ توقۇلمىلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى بۇ سەپسەتە ۋە خۇراپاتنى، ئىنساننى مۇشرىك قىلىدىغان جۈملىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىنساننىڭ بەخىتلىك – بەخىتسىز بولۇشى، تىجارىتىنىڭ يۈرۈپ – يۈرۈمەسلىكى، ھەتتا ئۆلۈمىگە قەدەر جانابى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە باغلىق ئىشلار نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزىگە باغلىغان بۇ ئاجايىپ خەتنىڭ، تەككەن كىشىنى خۇراپات ۋە سەپسەتىنى ئۆزىدىن باشقا 20 كىشىگە يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا بەخىتسىز …. بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ جاھىل مۇسۇلمانلارنىڭ بىلمەستىن شىرك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىغا مەجبۇر قىلماقتا. بۇنىڭ ئۆزىمۇ خەتنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ، تارقىتىلغانلىقىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەققىدىمۇ ئۇنداق تەھدىت يوق!!! يەنە كېلىپ بۇ ئىشلار تەھدىت بىلەن بولىدىغان ئىشلار ئەمەس…
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى مۇناسىپ كۆردق.
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇنداق خەت ياكى تەھدىتلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋاختىدا ئېتىۋار قىلماسلىقى، ھەر قانداق ئىشنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئېلىش ئارقىلىق بۇ خىل سەپسەتىلەردىن قورقماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز…
(بۇ ماقالە ئەھمەد تۇران ئالقاننىڭ، ئاكسىيون ژورنىلى، 21.02.2005 يىل، 533- سانىدا نەشىر قىلىنغان ماقالىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، بەزى ئېلاۋىلەرنى قېتىش ئارقىلىق ھازىرلاندى)
ﻫازىرلىغۇچى: ئا. قاراقاش… مەنبە: ئۇيغۇر ئسىلام تورى