查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە ۋىروس ۋە شەيخ ئەھمەد --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> ئۇيغۇرچە ۋىروس ۋە شەيخ ئەھمەد [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاھىربەگ 2011-12-01 20:03
سىزگىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن خەت كەلدىمۇ؟

ئەتىگەندە بىرى  سورىدى:
-سىزدە كۇپىيە ماشىنىسى بارمۇ ؟
- يوق  ئۇنى نىمە قىلاتتىڭىز؟
-بىر نەرسە بار ئىدى كۈپەيتىپ تارقاتمىسا گۇناﻫكار بولىدىكەن .
-نىمە ؟ قانداق گەپكەن ئۇ ئەكىلىڭا مەن بىر كۈرەي…..
ئۇ بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا ئۇزاتتى .
ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم . بۇ نەق <<«شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى» سەپسەتىسى>>نىڭ يىڭى ۋاريانتى ئىدى. …تۆۋەندە دوستلارنىڭ بۇ خىلدىكى شىر ىك ،خۇراپىي، باتىل ئىتىقاتلارغا ئۇچرىغاندا ياردىمى تىگەر دىگەن ئۈمىدە ئۇخەتنى تورغا يوللىدىم .

«سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن خەت»نىڭ مەزمۇنى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قىرىنداشلار: ﻫۆرمەتلىك ئاكا- ئىنى، ﻫەدە سىڭىللار مۇشۇ خەت سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مۇﻫەممەد ساﻫابى مەسجىدىنىڭ ئىمامى شەيخى ئەﻫمەدنىڭ سۆزلىرى. بۇ كىشى جۈمە كۈنى كىچىسى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن چۈشىدە پەيغەمبەرنى كۆرىدۇ، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا:<<ﻫەي شەيىخ ئەخمەت ، مۇشۇ جۈمە كۈنى 600 ئادەم ۋاپات بولدى، لىكىن ئۇلارنىڭ ﻫىچقايسىسى جەننەتكە كىرەلمىدى، سەۋەبى ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقتىن ، ئىقتىساتلىق مۇسۇلمانلار كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلمىغانلىقتىن ، مۇسۇلمانلارغا پەرىز قىلىنغان بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇمىغانلىقتىن بولدى>> (ئاللاﻫ سۇبﻬانئاللاﻫ) دەپتۇ. ﻫەي شەيىخ ئەخمەت ئارقىلىق مۇشۇ ۋەﻫىمىنى بارلىق مۇسۇلمان دوستلارغا يەتكۈز، ئۇلارمۇ بۇ خەتنى كۆپەيتىپ  ئۆز مۇسۇلمان دوستلىرىغا تارقىتىشى ، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىشى كېرەك.بۇ خەتنى كۆپەيتىپ تارقاتقۇچى رەﻫمەت تاپىدۇ. كىمدە كىم بۇ خەتنى ئالسا باشقىلارغا كۆپەيتىپ تارقىتىشى كىرەك، تارقاتقۇسى كەلمىگەنلەر ئاللاﻫنىڭ رەﻫمىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ، ئىنشائاللاﻫ كىمكى قەرىزدار بولسا، مۇشۇ خەتنى كۆپەيتىپ تارقاتسا ئاللاﻫ ئۇنىڭ قەرىزدىن قۇتۇلىشىغا يار يۆلەك بولغاي>> مەن شەيىخ ئىيتقان يۇقارقى سۆزلىرىم يالغان بولسا، پەيغەمبىرىمىز شاپائەت قىلمىغاي، ﻫۆرمەتلىك مۇسۇلمانلىرىمىز ئۆز ئىتىقادىڭلاردا مەﻫكەم بولۇپ، قادىر ئاللاﻫ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسالام كۆرسەتكەن يولدا مىڭىڭلار، گۇناﻫى كەبىرىڭلارغا توۋا قىلىپ، ﻫەر دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشىڭلار كىېرەك، بۇ خەتنى 20 پارچە كۆپەيتىپ مۇسۇلمانلارغا تارقىتىڭلار. شۇ چاغدا ئاللاﻫ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ رەﻫمىتىگە ئىرىشەلەيسىلەر. ن ئىسىملىك كىشى مۇشۇ خەتنى تارقىتىش سەۋەبى بىلەن بىرىنچى كۈنىلا بەخىتلىك بولۇپ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتكەن ، ئەسلى ئىشلىرى يۈرۈشمەيۋاتقان ئەبۇ سالام ئىسىملىك كىشى بۇ خەتنى ئالغان بولسىمۇ تارقىتىشنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويۇشى سەۋەبى بىلەن ئىشلىرى يۈرۈشمەي قالغان. كىيىن خەتنى تارقىتىش ئىسىگە كەلگەندىن كىيىن خەتنى تارقاتقانلىق سەۋەبىلىك ئىشلىرى بەش كۈندىن كىيىن يۈرۈشكەن، نامەلۇم بىر ئادەم بۇ تاپشۇرۋىلىپ ئوقۇپ كۆرگەندىن كىيىن ، كېرەك ئەمەس دەپ خەتنى يىرتىپ تاشلاش سەۋەبىدىن 9-كۈنى قەبزە روﻫ بولغان،،، سۈزۈمنىڭ ئاخىرىدا ﻫەر بىر مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىدىغىنىم ، بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى بۇ خەتنى تارقىتىشى كىرەك، شۇندىلا پەيغەمبىرىمىز شاپائەت قىلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! كەڭ مۇئمىن,مۇسۇلمان قېرىنداشلار مەن بۇ ئۇچۇرنى خىلى بۇرۇن چ چ دا كۆرگەن  ۋە قوللاش مەقسىتىدە بىرنەچچە سۆھبەتداشلىرىمغا ‹.ئاللاھ›رازىلىقى ئۈچۈن تارقاتقان، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش ئاددى ئىش ئەمەس لېكىن كىيىن تور ئارلاۋىتىپ قارىسام مەلۇم بىر ئىسلامى تو بەتتە(ئادرېسى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ) بۇنى «مەۋھۇم ئىمام ئەھمەد سەپسەتىسى» دەپ ئاتىغانلىقىنى كۆردۇم،بۇنى كۆرۈپ مەن  ئۆزۈم تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بۇ توغرىسىدا سورىسام ئۇلارنىڭمۇ بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەنلىكىنى ھەمدە بۇنداق سۆزلەرگە ئىشىنىشىنىڭ ئىمانغا نۇقسان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بۇنداق سۆزلەرگە ئىشەنمەي قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئىشىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى! ياخشىراق ئويلاپ باقساق بۇ قارىماققا كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش،دىنىمىزغا تۆھپە قوشۇش تەرىقىسىدە بولغاندەك قىلسىمۇ ئاخىردا بۇنى تارقىتىش ئارقىلىق ئىشلىرىنى يۇرۇشتۇرۇش ۋە بەخىتلىك بولۇشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە تىلغا ئىلىنغان ،بۇبىر خاتا سۆز خاتا ئىدىيە ئەمەسمۇ بۇغۇ بىر (ئويدۇرما)چۈش ئىكەن .راست دېگەندىمۇ بۇنى تارقىتىش بىلەنلا بەخىتلىك ئىشلىرى يۈرۇشىدىغان بولىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. مەن مۇنداق بىر مسال ئالاي:نۇرلۇق كىتاپ ‹قۇرئان›بىزھەممىمز بۇنىڭ راستلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمز ،ئەمدى مەن مۇشۇ،نۇرلۇق كىتاپ ‹قۇرئان›دىن برنەچچىنى سېتىۋېلىپ تارقىتىپ قويۇپلا ئەمدى مەن بەختلىك بولىمەن ئىشلىرىم يۇرۇشۇپ كېىتىدۇ دىسەم توغرا بولامدۇ؟ بۇنىڭلىق بىلەن مەن مەيلى ھەرقانچە ئەسكى ئادەم بولساممۇ ،بەخىتلىك بولۇپ ئىشلىرىم يۇرۇشۇپ كىتەمدۇ؟ئەجەبا مەن ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلمىساممۇ؟ياكى ‹قۇرئان›دامۇشۇنداق قىلىش توغرىسىدا كۆرسىتىلگەن ئايەت بارمۇ؟ (جاۋاپ :يوق) بەخىتلىك بولۇش ئەجەبا مۇشۇنداق ئاددىي ھەم ئاسانلا بىر ئىشمۇ؟ !!!
مەقسەت بەزى كىشىلەر بۇنى تىجارەتنى يۇرۇشتۇرۇشنىڭ قورالى ئىكەن دەپ ئويلاپ‹ئاللاھ›رازىلىغىنى ئۈچۈن دىمەي تىجارىتىمنىڭ يۇرۇشۇشى ئۇچۈن دەپ تۇمار ئىسىۋىلىپ:بۇ مىنى سىھېر دىن ساقلايدۇ دەپ ‹ئاللاھ›نى قويۇپ تۇمارغا چوقۇنغان كىشىلەرگە ئوخشاش  خاتالىشىپ كەتمەمدۇ؟
ھەقىقەت ئاشكارا بولدى سەپسەتە مەغلۇپ بولدى !
‹ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلايلى! ھەق باتىلنى يىڭىدۇ!›
‹نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر.›
مىھرىبان‹ئاللاھ› ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى نامىدا سەپسەتە تارقىتىپ دىينىمىزدا بۆلگۈنچىلك پەيدا قلىماقچى بولغانلارغا لەنەت! دىن دۈشمەنلىرىگە لەنەت!مۇناپىق خائىنلارغا لەنەت!ئاخىردا كەڭ مۈئمىن،مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ يۇقارقىدەك پاكىتسىز ئۇچۇرلانى كۆرگەندە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەي ‹ئاللاھ›نىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەقىل پاراسىتى،ۋەياردىمى بىلەن ،ئىشنىىڭ ماھىيتىنى ئىنىق چۈشىنىپ  ھەرتۇرلۈك قىلتاقلاردىن   ئوڭۇشلۇق ئۆتۇشكە تىرىشايلى!
ھەرئىشنىڭ ماھىيتىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىش كۆرەيلى پەيغەمبىرىمىز زامانىسىدىمۇ تەپ تارىتماي ئائىشە ئانىمىزغا تۆھمەت قىلغان ھەتتا بۇنىڭغا سويۇملۈك پەيغەمبىرىمزمۇ ئىشىنىپ كېتىشكە تاس قالغان ،كىيىن مىھرىبان ‹ئاللاھ›ئىشنىڭ ماھىتىنى ئاشكارا قىلغان ،ئائىشە ئانىمىزنىڭ پاكلىغى ئسپاتلىنىپ  يالغانچى رەسۋا بولغان،بۇ،سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىزنىڭ  ھايات ۋاقتىدابولغان ۋەقە ئىدى .


شەيخ ئەھمەد نامىدا تارقىتىلىدىغان ۋاراقچىلار پات پات پەيدا بولۇپ تۇرغىلىمۇ ئۇزۇن يىللار بولدى، بۇ ھەقتە ئىبنى باز (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن)، يۇسۇپ قەرەداۋى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالىملار بۇنداق ۋاراقچىلارغا ئالدىنىپ قالماسلىقنى، بۇنداق ئادەمنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقان.

ئۇيغۇرچە ۋىروس ۋە شەيخ ئەھمەد



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!تېمىغا قاراپلا بۇ قانداق ۋىروستۇ دەپ ئويلىغان بولىشىڭلار مۇمكىن،بۇ ۋىروسنىڭ ئادەتتىكى ۋىروسلاردىن پەرقى شۇكى:ئادەتتىكى كومپىيۇتېر ۋىروسلىرى كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرگە ھۇجۇم قىلالىشى،چوڭراق بولسا كومپىيۇتېرىڭىزنى كاردىن چىقىرالىشى مۇمكىن،لېكىن مەن دېمەكچى بولغان ۋىروس بولسا بىۋاستە ئىمانىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋىروس،ئۇنداقتا سىزمۇ ئىلگىرى كۆپ يۇلۇقۇپ باققان ۋە ئەڭ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە كۆڭۈل سوۋغىسى سۈپىتىدە يوللىغان ۋىروسلارنىڭ بىرى بولغان «شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى»ھەققىدە تۇنۇشۇپ چىقايلى:

«شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى» سەپسەتىسى
  ئىسلام دۇنياسىدا قاچانىكى بىر قىيىنچىلىق يۈز بەرسە، خەلق ئارىسىدا «شەيخ ئەھمەد ۋەسىيەتنامىسى» دېيلىدىغان بىر خەت تارقىلىشقا باشلايدۇ. ئىسمى ۋە كىملىكى مەجھۇل بولغان بىرىنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تايىنىپ بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توقۇلما ھەدىس پەيدا قىلىنىشى، خەتنىڭ مەزمۇنىنى جەلىبكار قىلىدۇ – يۇ، ئاخىرقى ھېساپتا بۇ، مەزكۇر خەت / خەتلەرنىڭ خەتەرلىك بىر تەشۋىقاتنىڭ مىۋىسى ئىكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدە غەشلىق پەيدا قىلىشنى مەقسەد قىلغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، «spam» دېيلىدىغان كىمگە خىتاب قىلغانلىقى نامەلۇم خەتلەر ئىتېرنىت ئۇچۇرىنىڭ سۆيۈمسىز يۈزلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ(بۇنى تور قۇرۇپ باققانلار ئوبدان بىلىدۇ). توقۇلما ئادرېس ۋە كىملىك قولغا كەلتۈرۈش ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالغان بۇ تېخنىكىدا، بىر كونۇپكىغا بېسىش ئارقىلىق بۇرۇن تىزىملاپ قويغان مىڭلىغان كىشىگە بىر نەچچە سىكىنۇت ئىچىدىلا ماھىيتى مەجھۇل خەت ۋە ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكىلى بولىدۇ.

ئېلخەت ساندۇقىغا كىرىۋالغان بۇ خىل ۋىرۇسلارنى، مەنمۇ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىختىيارسىز ھالدا ئىنتېرنىت دۇنياسىنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىمەن. شۇنداقتىمۇ ئىسمى بىلەن دىققىتىمنى تارتقانلىرىنى ئوقۇپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە داۋاملىق ئەمەس، بەزىدە ئەۋەتىلگەن نامەلۇم تەشۋىقاتلاردىن بىرى بولغان بىر ۋىرۇس ھەققىدە توختالماقچىمەن؛

شەيخ ئەخمەد ھىكايىسى

ئىسمى: «شەيخ ئەخمەد» ۋەسىيەتنامىسى. شەيخ ئەخمەد دەپ ئاتالغان كىشى، بەزىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئەلەيھىسسالام) مەدىنىدىكى قەبرىستانلىقىغا قارايدىغان كىشى دەپ تۇنۇشتۇلسا، بەزىدە مەسچىتنىڭ خاتىپى سۈپىتىدە تونۇشتۇرىلىدۇ. ئۇنىڭ قاچان ياشىغانلىقى، تارىخى بىر كىملىكى بولۇپ – بولمىغانلىقى مەجھۇل. بىراق ئىسلام دۇنياسىدا قاچانىكى بىر قىيىنچىلىق ئوتتۇرىغا چىقسا، «شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى» دېيىلىدىغان  بۇ ئاجايىپ خەت پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يىللىرىدا تېخى ئىنتېرنىت ئۇچۇرلىشىش تېخنىكىسى مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خەت، «شىپىگراپ» تېخنىكىسى بىلەن كۆپەيتىلىپ مەخپى ھالدا تۆت تەرەپكە تارقىتىلغانىكەن. بۇلاردىن بىر نۇسخىنى، رەھمەتلىك ھامما ئاچامنىڭ ئەھمەدىيە كەشىك داستانى، مەۋلىدى شەرىف، ئەۋراد (ۋىردلەر) ۋە يۇنۇسنىڭ دىۋانىغا ئوخشاش كىتاب ۋە كىتاپچىلارنى ساقلىغان قارا ئۈزۈم ساندۇقىدا كۆرگەنلىكىم ئىسىمدە.

«ئۈچ كۈن كۈن تۇتۇلىدۇ!»

ۋەسىيەتنامىنىڭ كىلاسسىكلەشكەن بىر تېكىست شەكلى بار بولۇپ، بۇنىڭغا كۆرە شەيخ ئەھمەد، بىر جۈمە كۈنى كېچىسى نامازدىن كېيىن (يېڭى كەلگەن بىر خەتتە بولسا قۇرئان كەرىم ئوقۇغاندىن كېيىن) ئوخلايدۇ، چۈشىدە ھەرەم تەرىپىدىن «ئى شەيخ ئەھمەد!» دەپ چاقىرغان بىر نىدا ئىشىتىدۇ. «لەببەيك» دېگەن ھالدا مەزكۇر ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە قارىغان شەيخ ئەھمەد، پەيغەمبىرىمىزنى كۆرىدۇ ۋە پەيغەمبىرىمىز شەيخ ئەھمەدكە بەزى خەۋەرلەرنى يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن تۈنۈگەن ئىنتېرنىت ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ۋەسىيەتنامىدا گۇيا پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن:
«ھەي شەيخ ئەخمەد، مۇشۇ جۈمە كۈنى 600 ئادەم ۋاپات بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەننەتكەكىرەلمىدى. سەۋەبى ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقتىن، ئېتقادلىق مۇسۇلمانلار كەمبەغەل مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلمىغانلىقتىن، مۇسۇلمانلار پەرھىز قىلىنغان بەش ۋاق نامازنى ئوقۇمىغانلىقتىن بولدى. ئى شەيخ ئەخمەد! مۇشۇ ۋەھىمىنى بارلىق مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزگىن، ئۇلارمۇ بۇ خەتنى كۆپەيتىىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان دوستلىرىغا ۋە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىشى كېرەك. بۇ خەتنى كۆپەيتىپ تارقاتقۇچى بەرىكەت تاپىدۇ، كىمدىكى بۇ خەتنى ئالسا تارقىتىشى كېرەك. باشقىلارغا تارقاتقۇسى كەلمىسە ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.» دەپتۇ. شەيخ ئەخمەد مۇنداق دېگەنمىش: «بۇ سۆزلىرىم يالغان بولسا، پەيغەمبىرىم شاپائەت قىلمىغاي! ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلىرىمز ئۆز ئېتقادىڭلاردا مەھكەم بولۇپ، قادىر ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار، گۇناھى كەبىرەڭلارغا تۆۋە قىلىپ ھەر دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇڭلار. بۇ خەتنى  20 پارچە كۆپەيتىپ مۇسۇلمانلارغا تارقىتىڭلار، شۇ چاغدا ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر» دېگەن. يەنە خەتنىڭ داۋامىدا مۇنداق بىر سەپسەتە يەر ئالغان: ن ئسىملىك بىركىشى مۇشۇ خەتنى تارقىتىش سەۋەبى بىلەن بىرىنچى كۈنىلا بەخىتلىك بولۇپ ئشلىرى يۈرۈشۈپ كەتكەن. ئەسلىدە ئشلىرى يۇرۈشمەيۋاتقان ئابدۇسالام ئسىملىك كىشى بۇ خەتنى ئالغان بولسىمۇ، تارقىتىشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قۇيۇش سەۋەبىدىن ئشلىرى يۈرۇشمەي قالغان، كېيىن خەتنى تارقىتش ئېسىگە كېلىپ شۇ ھامان تارقاتقانلىغى سەۋەبىدىن ئشلىرى 5 كۈندىن كېيىن يۈرۈشكەن. نامەلۇم بىر ئادەم بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كېرەك ئەمەس…دەپ ئۇ خەتنى يىرتىپ تاشلاش سەۋەبلىك 9 كۈندن كېيىن قەبزى روھ بولغان..سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلدىغنىم: بۇ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى خەتنى تارقىتىشى كېرەك. خەتنى تارقاتقۇچىلار بىلەن ئاللا بىللىدۇر، پەيغەمبىىرىمىز شاپائەت قىلغۇسىدۇر.»
بۇ خەتنىڭ باشقا بىر نۇسخىسى مۇنداق:
«ئى شەيخ ئەھمەد! ئۆتكەن جۈمەدىن بۇ جۈمەگىچە 16 مىڭ كىشى ۋاپات بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر مۇسۇلمان چىقمىدى…»…«كەلگەنلەرنىڭ ئەمەل دەفتەرلىرىنى قارا ۋە سول قوللىرىدا كۆردۈم. ئى شەيخ ئەھمەد! … ئاۋۋال ئاتا – ئانىلىرىغا ئاسىيلىق قىلدى ۋە زاكاتلىرىنى بەرمىدى. ھاجى بولۇپ تۇرۇپ ھارام يېدى. ھەممە ئادەم ئۆز نەفسىدىن باشقىنى ئويلىمىدى. يۈزلىرىدە ھايا قالمىدى. دۇنيالىق بېرىلگەنلەر تارازىدا خىيانەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتتى. ئى شەيخ ئەھمەد!… ئۈممەتلىرىمگە خەۋەر بەرگىن. قىلغان گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلسۇن، ئىستىغفار تىلىسۇن.» بۇلاردىن كېيىن بىر كاھانەت جۈملىسى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيلىدۇ: «يېقىن زاماندا، 3 كۈن قوياش تۇتۇلىدۇ، 3 كۈندىن كېيىن قۇياش غەربتىن چىقىپ، شەرقتە كىرىپ كېتىدۇ. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيدۇ…». دېيىلگەندىن كېيىن خەت بىر تەھدىت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: ئى شەيخ ئەھمەد! ئۈممەتلىرىمگە خەۋەر بەرگىن، قۇدرەت قەلىمى بىلەن بۇ ۋەسىيەتنامىنى بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىغا، بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە، بىر ۋىلايەتتىن يەنە بىر ۋىلايەتكە ۋە بىر دۆلەتتىن باشقا بىر دۆلەتكە ئەۋەتسە، قىيامەت كۈنى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولىدۇ. كىمكى ۋەسىيەتنامىنى ئىشىتىپ تۇرۇپ يازمىسا، بىر يېزىغا ياكى بىر باشقا رايونغا ئەۋەتمىسە، قارا يۈز بولىدۇ.»…

150 يىللىق بىر خەت

بۇ تېكىست مەلۇم بولىشىچە تەخمىنەن 150 يىلدىن بېرى ئىسلام دۇنياسىدا چۆگىلەپ يۈرىدۇ. ئەمدى مەسىلىنى بۇ ماۋزۇدا ياخشى مەلۇماتلىق بولغانلاردىن بىرىنىڭ پىكرىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق يۇرۇتۈش ۋاختى كەلدى. نادىر تارىخچىلىرىمىزدىن پروفېسسور، دوكتور ئەلى بىرىنجى، «تارىخ يولىدا – يېقىن ئۆتمۈشنىڭ سىياسىي ۋە فىكرىي ئەھۋالى» ناملىق كىتاۋىنىڭ (دەرگاھ نەشرىيات، ئىستانبۇل، 2001) 246- بېتىدە، ھەر دەۋردە چەكلەنگەن خەت – «ۋەسىيەتنامە» ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرمەكتە. ئۇنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا مەزكۇر تېكىست دەسپلىۋىدە 1896 (1314 يىلى) – يىلىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، دەرھال چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماي خەلق ئارىسىدا رىغبەت كۆرگەن ۋە «خەلق ئىسلامى» نەزىرىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ئەسەرلەر ئارىسىغا كىرگەن. ئوسمانىيە دۆلىتىنىڭ ئارخىرلىرىدا ۋەسىيەتنامىنىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنىڭ مىسىردىمۇ بېسىلىپ تارقىتىلغانلىقى مەلۇم. خەت، 2- مەشرۇتىيەتتىن (ئوسمانىيە دۆلىتىدە) كېيىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقان كۆپ پارتىلىك ھايات تەجرىبىسىدە، سىياسىي مۇنازىرىلەرنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ قوللىنىلغان ۋە ئۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئىككى يازغۇچىسى ھۈسەين جاھىت يالچىن ۋە لۇتفىي فىكرىي بەي ئوتتۇرىسىدا كۆپ مۇناقىشىلەرگە سەۋەب بولغان. يازغۇچىسى نامەلۇم بۇ ئەسەر (خەت!)، مەتبۇئات ھاياتىمىزدىمۇ داۋاملىق قاتتىق تەنقىدلەرگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى مۇنداق: ئەھمەد تەلئەت ئوناي (1931)، يۇسۇف زىيائەددىين ئەرسال (1956)، رەھمى ئاپاك (1957)، فاتىھ رىفقى ئاتاي (1966)، مەزكۇر تارىخلەردە بۇ خەت توغرىسىدا ماقالىلار يازغان. يېقىن تارىخىمىزدا بولسا، ھۈررىيەت گېزىتى يازغۇچىسى ئوقتاي ئەكشى، 1999 – يىلى 17 – ئاۋغۇست كۈنىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئەتىسى كۈنى كۆرگەن بىر شەيخ ئەھمەد ۋەسىيەتنامىسىدا، «يەر تەۋرەشتە 16 مىڭ كىشى ئۆلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ مۇسۇلمان يوق…» دېگەن جۈملىسىگە ھەقلىق ھالدا جان جەھلى بىلەن قارشى چىققان ئىدى. (قاراڭ، ھۆررىيەت گېزىتى،  29.09.1999 كۈنىدىكى سانىغا قاراڭ!)

شەيخ ئەھمەد ئىنتېرنىتتە!

مەزكۇر خەتنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە ئىككى قېتىم (1956- ۋە 1982- يىللىرىدا) بېسىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇش ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك. چۈنكى «ۋەسىيەتنامە»نىڭ تېكىستى، ئاساسىي شەكلىنى مۇھاپىزەت قىلغان بولسىمۇ، كۈندىلىك ھادىسىلەرگە قاراپ ئۆزگەرتىلمەكتە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدىن كۈندىلىك ھادىسىلەر ھەققىدە توختالغانلىقى ئۈچۈن دىنى مەلۇماتى يوق دىيەرلىك دەرىجىدە ئاز ياكى پەقەت يوق، لېكىن قەلبى پاك مۇسۇلمانلار ئۈستىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئاخىرقى بەش – ئالتە يىلدىن بېرى بولسا، تارقىتىش ئۈچۈن ئىنتېرنىتتىن پايدىلىنىشقا باشلىغانلىقىمۇ بۇ خەتنىڭ كۈنىمىز زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر تەرەققىياتتۇر.
مەزكۇر خەتنىڭ كىم ياكى كىملەر تەرىپدىن قەلەمگە ئېلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش تەس؛ كەسكىن دەلىل بولمىسىمۇ خەتنىڭ ئىنگىلىز ياكى رۇس مۇخابىر جەمئىيەتلىرى ئەزالىرى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بولۇشى، كېيىنكى نەشىرلىرىدە بولسا، ۋەزىيەتكە مۇناسىپ مەزمۇنىنىڭ يېڭىلانغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

بۇنچىۋالا ساپ بولۇشقا ھەققىمىز بارمۇ؟

شەيخ ئەھمەد ياسىن ۋەسىيەتنامىسىنىڭ 150 يىلدىن بېرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان بىر تېكىست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاق كۆڭۈل ئەمما جاھىل مۇسۇلمانلارغا قىلغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ تېكىست، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدىن كۈندىلىك ھادىسىلەر ھەققىدە بىر ئاگاھلاندۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە. ئىسمى ۋە كىملىكى نامەلۇم بىرىنىڭ كۆرگەن چۈشىگە ئاساسلىنىپ بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا توقۇلما ھەدىس پەيدا قىلىنىشى، تېكىستنىڭ مەزمۇنىنى سۈسلەپ، جەلىبكار قىلسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ خەتلەرنىڭ رەنگى مەجھۇل بىر تەشۋىقات ئەسىرى ئىكەنلىكى ۋە مەخسىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىنى بولغاش ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ. بىر يېرىم ئەسىردىن بويان ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن «كۇتۇبى سىتتە» گە ئوخشاش ئىشەنچلىك ھەدىس مەجمۇئەلىرىدىن پايدىلىنىش ئورنىغا، توقۇلما ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ئېنىق بولغان تەشۋىقات خەتلىرىگە ئېتىۋار بېرىشلىرىمۇ، ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەردىن بېرى.
خۇلاسە قىلپ ئېيتقاندا، كۆپەيتىلىپ، باشقىلارغا ئەۋەتىلىشى توغرىسىدا لەنەتلىك ھۆكۈملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇنىڭغا ئوخشاش تېكىستلەرگە ئەسلا ئېتىۋار بېرىلمەسلىكى لازىملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلەر كارۋىنىغا بىزمۇ قېتىلغان بولدۇق.

ئەسكەرتىش:
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر ئىسلام تورىغا نېمىشقا قويدۇڭلار؟ دەپ سورىشىڭلاردىن بۇرۇن، مەن جاۋابىنى بېرەي:
مەزكۇر «شەيخ ئەخمەد ۋەسىيەتنامىسى» دېيىلىدىغان ئاجايىب خەت پوشتا ئادرىسى ئارقىلىق بىر نەچچە قېتىم ئادرېسىمغا كەلگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئىسلام تور بېتىنىڭ سۆز قالدۇرۇش دەفتىرىگىمۇ بىر نەچچە قېتىم يوللاندى. ھازىرغىچىلىك ئەۋەتىلگەن پېتى ئۆچۈرىۋەتىپ كەلدۇق. تەخمىنەن ئون كۈن بۇرۇن خەلقئارا ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىگىمۇ يوللاندى. ئۇنىڭدىن دەرھال ئۆچۈرىۋەتتۇق. بىراق مەزكۇر خەتنىڭ ئېلانىنى قىلغان بولماسلىق ئۈچۈن جاۋاب بەرمىدۇق… سۆز قالدۇرۇش دەفتىرىگە بىر  ئىككى كۈن ئىلگىرى يەنە ئەۋەتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا بىر جاۋاب بەرمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ، بەزى يەرلىرىنى تولۇقلاپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

يۇقىرىدىمۇ دېيىلگەندەك مەزكۇر خەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا ماس كەلمەيدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار. ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ توقۇلما ھەدىسلەردىن بىر پەرقى يوق. تارىختا دىن دۈشمەنلىرى ياكى دىن مۇداپىئەچىلىرى ياخشى ياكى يامان نىيەت بىلەن ھەدىس توقۇپ چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەتكۈزگەن ۋە سۆزلەتكۈزمەكتە. بۇ خەتنىڭمۇ شۇ توقۇلمىلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى بۇ سەپسەتە ۋە خۇراپاتنى، ئىنساننى مۇشرىك قىلىدىغان جۈملىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىنساننىڭ بەخىتلىك – بەخىتسىز بولۇشى، تىجارىتىنىڭ يۈرۈپ – يۈرۈمەسلىكى، ھەتتا ئۆلۈمىگە قەدەر جانابى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە باغلىق ئىشلار نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزىگە باغلىغان بۇ ئاجايىپ خەتنىڭ، تەككەن كىشىنى خۇراپات ۋە سەپسەتىنى ئۆزىدىن باشقا 20 كىشىگە يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلىشى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا بەخىتسىز …. بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ جاھىل مۇسۇلمانلارنىڭ بىلمەستىن شىرك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىغا مەجبۇر قىلماقتا. بۇنىڭ ئۆزىمۇ خەتنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنىپ، تارقىتىلغانلىقىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەققىدىمۇ ئۇنداق تەھدىت يوق!!! يەنە كېلىپ بۇ ئىشلار تەھدىت بىلەن بولىدىغان ئىشلار ئەمەس…
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماقالىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى مۇناسىپ كۆردق.
قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇنداق خەت ياكى تەھدىتلەر بىلەن ئۇچراشقان ۋاختىدا ئېتىۋار قىلماسلىقى، ھەر قانداق ئىشنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئېلىش ئارقىلىق بۇ خىل سەپسەتىلەردىن قورقماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز…
(بۇ ماقالە ئەھمەد تۇران ئالقاننىڭ، ئاكسىيون ژورنىلى، 21.02.2005 يىل، 533- سانىدا نەشىر قىلىنغان ماقالىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، بەزى ئېلاۋىلەرنى قېتىش ئارقىلىق ھازىرلاندى)

ﻫازىرلىغۇچى: ئا. قاراقاش… مەنبە: ئۇيغۇر ئسىلام تورى



جەڭچى 2011-12-01 20:18
ھەي توۋا  ،،،، نىمگە پايدىسى دەيمەن ،،ئۆزىنى گۇناكار قىلىپ .

بىگان 2011-12-01 20:19
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

nazli0998 2011-12-01 20:56
بۇ خەت كە 5 ~6 يىلدەك بوپ قالدىغۇ  دەيمەن .شۇ  چاغلاردا توردا ۋە يازمىچە ، كۆپەيتىىپ
ۋە ئاغزاكى  دىگەندەك  تارقىتىشلار  بوپ كەتكەنتى .  ......... توۋا! !!!!!!

ay-turk 2011-12-01 20:58
مۇشۇ خەت ھازىرمۇ ئىنتىرنىتتتا ھەقىقەتەنمۇ  ئىقىپ يۈرۋاتىدۇ ، چچ توپلىرىدا نەگىلا قارىسام بار، بىر قانچە قىتىم يوللىماسلىق توغۇرلق رەددىيەمۇ قايتۇردۇم ،  يانا بىر  دۇئا بار تىخى ئەرەپچىسى بىلەن قوشۇپ  يوللىنىدىغان ئەرەپچىسىنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇنداق خاتا  ، ئاستىدىكى ئۇيغۇرچىسىدا (كىم ئىشىنىپ تارقاتسا بايلىققا ئېرىشىدۇ، كىم ئىشەنمىسە بالا قازاغا يولۇقىدۇ ، بىرسى مانچە نۇسقا تارقىتىپ باي بولاپتۇ، بىر سى كۆيدۈرۋىتىپ ئۆيىگە ئوت كىتىپتۇ دەيدىغان)  يالغان ياۋىداقلار بار ،  يۇسۇف« قەرداۋىنىڭ پەتىۋائى مۇئاسىرە »ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنجى قىسمىدا  مۇشۇ شەيىخ ئەھمەتنىڭ چۈشى توغۇرلۇق خەتنىڭ ئاساسى بار يوقلۇقى ھەققىدە  سورالغان سۇئالغا ، يۈسۈف قەرداۋىنىڭ ، بۇ نىڭ بىر يالغان ياۋىداق ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ،دىنىمىزنىڭ مۇكەممەل بىر دىن ئىكەنلىكىنى بۇنداق  ئويدۇرمىلارغا  مۇھتاج ئەمەسلىكى ھەققىدە  ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈرگەن جاۋابى بار ئىدى .

muslim. 2011-12-01 21:00
ۋاي مەنمۇ كۈرۈپ گۈناھكار بوپ قالماي دەپ، باشقا چۈنلەرگە يوللاپ بېقىپتىكەنمەن تېخى...
توۋا قىلدىم ئاللاھ گۇناھىمنى كەچۈرسۇن!

oylinish 2011-12-01 21:59

بۇنچىۋالا ساپ بولۇشقا ھەققىمىز بارمۇ؟

شەيخ ئەھمەد ياسىن ۋەسىيەتنامىسىنىڭ 150 يىلدىن بېرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان بىر تېكىست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاق كۆڭۈل ئەمما جاھىل مۇسۇلمانلارغا قىلغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ؛
بۇ يەردە ياسىن  دېگەن خەت خاتا قوشۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟  ئەھمەد ياسىن دېگەن پەلەستىنلىك قەھرىمانغۇ!

sutukbugra 2011-12-01 22:22
بۇ پۇتۇنلەي ئىسلام دىنىغا زىد پىتنە ئىغۋا خەۋەركەن  بەزى ئادەملەرگە بۇ خەتلەر ئۇچراپ قالسا قۇرقۇپ كىتىدىكەن بىرسى ھويلىسىدىن تېپىۋېلىپ قورقۇپ كىتىپ مىنىڭ ئالدىمغا كەلدى مەن يىرتىپ تاشىۋېتىڭ دىسەم بىر دەم تۇرپ قېلىپ ئان يېرتىۋەتتى  بۇ پەيدا بولغىلى 20 يىلدىن ئاشتى بەش ئالتى يىلدا  پات پات بىر ئۆزگۇرۇپ   يېڭى يېڭى چۈش كۆرۇپ چىقىدۇ. پەيغەمبىرىم مۇنداق دىگەن ( كەززەبۇل مۇنەجىجمۇۋنە سەدەقۇۋ)   مۇنەججىملەر راس گەپ قىلغاندەك كۆرۇنسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ گېپى يالغاندۇر،  ئىشەنمەڭلار

ئۆمەرئىلى 2011-12-01 23:39
راس چچ توپلىرىدا  بەك كوپيۇپ كەتتى بۇ ئەھۋاللار

كەرىمە 2011-12-02 13:08
ئەسكەرتكىنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت.  .................ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن

تەۋىپىق 2011-12-02 13:51
بۇرۇتقا خاپا بولسام،ساقال چىقتى »دىگەندەك بىرئىش ئەمدى تۇزەلدىمىكىن دىسە يەنەبىرئىش چىقىپلاتۇرىدىكەن دىسە»

بەگزات 2011-12-03 23:34
بۇنىڭغا مەنمۇ ئىشىنىپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ ! قارىغاندا ئاللاھ رىزالىقىنى ئويلايدىغانلار ئارىمىزدىمۇ ئاز ئەمەسكەن ، ئەجەب خۇش بولدۇم دېسە !! ئىشقىلىپ بىلىۋالدۇق ھە !

nida0998 2011-12-04 02:07
بۇ پىتنە قەشقەرگە 1995 -يىلى كەلگەن ،بىزمۇ تاس قالغان ئەگەشكىلى ،كىيىن بىلسەك بۇ پىتنە سەئۇدىدا 1979-يىلى تارقىلىپ ئەخمەت شەيخىممۇ تۇتۇلۇپ جازاغا تارتىلغان ئىكەن.

muzepper 2011-12-04 03:40
ھەي ئىسىت، مەنمۇ 20 پارچە تارقاتقان ئىدىم. ئاللاھ تەئەلا گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن. ئامىن.

تاھىربەگ 2011-12-04 12:45
مەنغۇ زادى كۆرۈپلا ئىشەنمىگەن

ohho~duqu 2011-12-10 20:57
ئېنىق ئىسىمدە 95-يىلى ماڭىمۇ مۇشۇنداق بىر ۋاراقچە كەلگەن ، ئۇ چاغلاردا مەن تېخى كىچىك ئىدىم ، ھازىر بۇ ۋاراقچە ئېنتىرنېتتا لەيلەپەپ يۈرۈيدۇ،بىلمەيدىغانلار گۇناھكار بولمىسۇن ئامىن

abdullajan 2011-12-17 19:14
يالغان خەت ، ساختا مۆجىزىلەر بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالداش--- ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە، ئىدىيە،  پىكىر جەھەتتە تولىمۇ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك... خۇسۇسەن دىيارىمىزدا،،،

albax 2012-01-03 23:51
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى nazli0998 نىڭ 2011-12-01 20:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بۇ خەت كە 5 ~6 يىلدەك بوپ قالدىغۇ  دەيمەن .شۇ  چاغلاردا توردا ۋە يازمىچە ، كۆپەيتىىپ
ۋە ئاغزاكى  دىگەندەك  تارقىتىشلار  بوپ كەتكەنتى .  ......... توۋا! !!!!!!

  1989 -يىللىرى ساۋاقداشلىرىم قولدا كۈچۈرۈپ ئاۋارە بۇلۇشاتتى .

tawut 2012-01-19 23:36
ھەممە يەردە شۇ گەپ .... توۋا... اللە ئىلىمىمىزنى زىيادە قىلسۇن ...

كار 2012-01-30 19:05
بۇندا   اساسسيز گەپلەرگە  ېشەنمەيلي

13899196193 2012-02-11 16:32
ئەسسالام مۇئەلەيكۇم. قىرىنداشلار   بۇ خەتلەرمەيلى، راس بولسۇن. مەيلى يالغان بولسۇن . ئىشقىلىپ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزگە ئازراق بولسىمۇ ماس كىلدىكەن . مۇسۇلمانلارنى قىرىڭلار، ئۇندا قىلىڭلەر، بۇندا قىلىڭلار، دەيدىغان گەپلەر يۇق تۇ مۇسۇلمانلارنى روزاتۇتۇتڭلار ،پەيغەمبەر يولىدا مىڭىڭلار ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار دەپتۇ .خەتنى تاقاتىپ ،بەخىتلىك بولۇپ كەتكەن ،ئىشلىرى يۇرۇشمىگەن كىشلەرنىڭ ئىشلىرى يۇرۇشكەن،قەرزى باركىشلەر تارقاتسا ئاللا قەرىزلىرىنى تولەشكە شاپائەت قىلغاي دىگەن. گەپلەرگەكەلسەك ئاللا تاللا قاندا قىلغىسى كەلسە شۇندا قىلىدۇ. ئاللا يولىدا كىم مەڭسا ئاللا ئەجىر بىرىدۇ . قۇرئاندا يانا ماندا گەپلەربار.  كىم قۇرئاننى يادقا ئالسا ئاللا جەننەت قىلىمەن يەنە 10 ئادەمنى تاللاپ جەننەتكە ئەكرەلەيدۇ دەيدىغان گەپلەربار . يەدقا ئىلىپلا قۇرئان سىرتىدىكى ئىشلارنى قىلسا ئاللا قۇرئان كەرىمدە قاندا بولىدىغانلىقىنى ئىنىق ئەسكەرتكەن.         خەتنىڭ قاندالىقىنى بۇ مەزمۇننى يوللىغان قىرىندىشىممۇ بېلمەيدۇ . ئاللا ھەممىنى بىلگۇچىدۇر .خەلقارادا ئولۇمالار يالغان دىگەن بولسا ئوزىمىزگە پايدىسى تىگىدىغان سوزلەرنى كاللىمىزغا كىرگۇزۋالساق بولىدۇ. بۇ خەتنى دىيارىمىزغا نىسبەتەن بۇنچىلا ھاقاراتلمەسلىك دەپ قارايمەن                                                          

مۇسىلىم 2012-02-19 14:00
12-قەۋەت(نىدا0998)
بۇ پىتنە قەشقەرگە 1995 -يىلى كەلگەن ،بىزمۇ تاس قالغان ئەگەشكىلى ،كىيىن بىلسەك بۇ پىتنە سەئۇدىدا 1979-يىلى تارقىلىپ ئەخمەت شەيخىممۇ تۇتۇلۇپ جازاغا تارتىلغان ئىكەن.

بۇ خەت مەن 1992-يىلى  قەشقەر10-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سنىپىمىزدىكى ئامانگۈل ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىمىزغا كەلگەن بولۇپ،شۇ چاغدا ئۇساۋاقدىشىمىز  شۇنداق قورقۇپ كەتكەن .ۋە كۈپەيتىپ باشقىلارغا تارقاتقان .
شۇ چاغدا ئۇ خەت سىنىپىمىزدا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

لۇتفى 2012-02-19 16:51
كىم قۇرئاننى يادقا ئالسا ئاللا جەننەت قىلىمەن يەنە 10 ئادەمنى تاللاپ جەننەتكە ئەكرەلەيدۇ

      قۇرئاننىڭ قايسى  يېرىدە  بار ، ئېنىق سۆزلەڭ ، ئەھلى كىتابلار  ئۆزلىرى ئېنىق بىلمىگەن نەرسە  ئۈستىدە دەتالاش  قىلىشقانلىقلىرى ئۈچۈن  ئېزىپ كەتكەن .

13899196193 2012-02-19 21:13
قىرىندىشىم مەن بۇنى شەمشىدىن ھاجى تەرپىدىن نەشىردىن چىققان كىتاپتا كۇرگەن،شەمشىدىن ھاجى سىزنىڭچە يالغان گەپلەرنى قىلامۇ،

لۇتفى 2012-02-19 23:16
   دېمەكچى  بولغىنىم  سىز  بۇنى قۇرئاندا بار  دەپسىز . شۇنىڭغا  قارىتا  دەيمەن .  ئەمەلىيەتتە بۇ گەپ بىر ھەدىستە بار . بىراق ئالىملارنىڭ ھۆكمىدە بۇ ھەدىسنىڭ ئىسپاتى يوق ، سابىت ئەمەس دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان .  شەمشىدىن ھاجى دېگىنىڭىز تۇڭگانمۇ ؟ مەن بىلمەيدىكەنمەن . بىراق ،خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق .
    سىزگە دېمەكچىمەنكى ، بۇنداق قارىسىغىلا  قۇرئاندا باركەن دېمەڭ ، بىلىپ بىلمەي ئۆزىڭىزگە گۇناھ يۈكلىۋالىسىز .

dalta 2012-02-20 17:29
مەن بۇنداق خەتنى 15 يىل بۇرۇن  بىر قىتىم كۈرەگەن.راسمۇ -يالغانمۇ  بىلەلمىگەنتىم

13579335420 2012-03-05 14:11
ئەسكەرتكىنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت.

رىشتە 2012-03-23 11:30
ئەسكەرتكىنىڭىزگە  كۆپ رەھمەت.  .................ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرچە ۋىروس ۋە شەيخ ئەھمەد --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.057310 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us