ئاپتورى: پەرھات ئەمەت
خاتىرجەم ئادەملەر ھەمىشە بىكار چاغلىرىدا ئۆيدە ياكى ئىشخانىسدا بىكىنىپ ئولتۇرۇپ تورغا چىقىدۇ.ئۇلانىڭ قىلىدىغان ئاز- تولا ئەندشىلرىى بولسمۇ لىكىن غېىمى يوق،نېمشقا؟ چۈنكى مۇقىم مائاشى بار. ئىسسىق ئۆيى بار،ھېچقانداق قەرىزى يوق.مانا بۇلار ئۇلارغا يېتەرلىك ئۆزلىرىمۇ بۇھالىدىن رازى، شۇڭا ئۇنى بۇنى يېزىپ بىزلەگە <تەكلىپ-پىكىر > بېرەلەيدۇ. لىكىن كۆپ قىسىم ئادەملەر جان بېقىش ھەلەكچىلىكدە ئالدراش يۈرگەن،قولىدىكى ئازغىنا مەبلىغى بىلەن نېمە ئىش قىلسام بولار ؟ ئويلىنپلا يۈرگەن، يەنە ماڭا ئوخشاش بەزىلەرنىڭ ب مەبلەغمۇ يوق،خىزمەتتىنمۇ ئايرىلغان، بىرەر خىزمەت ئورۇنى تاپالماي ياكى بىرەر تېجارەت قىلاي دېسە بىلمەي تېڭىرىقاپ يۈرگەن، خۇددى ئابدۇكىرىم ئابلىز ئېتودىكى <سەن دېگەندە بالا بار،خوتۇن بار،ئۆي بار، مانا مەن يېتوسەن(一套三)بايتال!>دېگەندەك ئۈچ خىل كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئادەملەرمۇ نۇرغۇن. . ماڭا ئوخشاش ھورۇنلۇقتىن ئەمەس، بىكار تەلەپلىكتىن ئەمەس بەلكى چىقىش يولى ھەم مەبلىغى بولماسلىقتىن ئۆز-ئۆزىگە نېمش قىلسام بولار دەپ يۈرگەن ئادەملەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرى دائىملا تور بەتلەرگە مۇراجەت قىلمىز.
تورغا چىقىپ ئىزدەنگەنلىكىم مېنىڭ ئىلغارلىقم ،زامانىۋى تېخنكا تەدبىرنى بىلگەنلىكىمدىن ئەمەس،دولىسىغا كەتمەننى ئېلىپ يالاڭئاياغ ئېتىزغا غىڭىشىپ ناخشا ئېيتىپ ئەمگەك ئۈچۈن ئاتلانغان دېھقان ئاكامنىڭ روھى شۇ تاپتا مېنڭدىن ئۈستۈن.ئۇنىڭ ئېتىزى تېجارەت مەيدانى، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى،ھېچقانداق ۋاكالەتچلىك ھەققى كەتمەيدىغان، ئويلىنىش كەتمەيدىغان بىردىنبىر پۇل تېپىش سورۇنى.ئۇ ئىككى قولنىى بىلەككچە تۇرۇپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپلا بەرسە پۇل ئۇنىڭ ئالقىنغا ئۆزى كىرىدۇ. مانا بۇمۇ بىر خىل ئىگلىك بولسا كېرەك. ئەسىلىدە ئالىي مەكتەپتە <زامانىۋى يېزا ئىگلىك ،سۇ تۇپراق.>كەسىپلىرىدە ئوقۇغانلارنىڭ نە بىرمۇ ئېتىزى نەگە بىرە تۇياق كالسى بولسۇن؟ ھۆكۈمەت تۇرۇپ تۇر دەپ ئىشقا چىقارمسا ئۇلار ئاشۇ دېھقانلىرمىزدەك بۇغداي ئورۇپ ،قوناق ئاقلاپ،پادا بېقىش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشتىلا دېھقان ياكى چارۋۇچى بولسا بولمامدۇ؟ زامانىۋى تېخنكامىش تېخى.،،،،ئوقۇغان نەرسە ئەمەلىيەتتە يوق نەزەريلەر، مەىسلەن .سەن تۇرپاندا ياشىغان بولساڭ سېنىڭ ئۆگەنگىنىڭ ئامىرىكا يېزا ئىگلىكى بۇنداقلارنى دېھقانلار :كۆتەر قاسقىنىڭنى ،بۇرۇندىن ئۆزىمىز قىلۋاتقان ئوقەت بۇ! دەپ قولۇڭدىن يۇلۇپ ئالىدۇ. بۇنداق چالۋاقىسا بەرھەق! شۇ تاپتا نېمشقا خاتىرجەم ياشايدىغان دېھقان بولمىغاندىمەن، ئۆز ۋاقتىدا ئالىي مەكتەپكە بارىمەن دەپ قىلغان غەۋغالىرىمغا مىڭ توۋۋا دېدىم.
تور بەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزنىڭ ھەلەكچىلىكىدە، ھاجەتلىرىمىزگە نەپ ئىزدەپ كىرسەك، "ئاۋۋال ماۋۇ ئېلاننى چېكىۋتىڭ""بىزنى قوللاپ بېرىڭ"دېگەندەك ئۇچۇرلار پىشانمىزىدە ئەگىپ يۈردىكەن.ئون تېمنى ئوقۇسىڭىز ئارىدىن مەنپەئەت بېرىدىغان بىرسى چىقىشى تەس، مەن ئۇچۇر تورىنى دائىم ئاچىمەن.لىكىن ئۇنىڭدا گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ساغلاملىق بۇيۇملىرى تېجارىتى، ئائىلە ئىلىكىتر سايمانلىرى سېتىش ئۇچۇر ئېلانى كۆپ. ئىچكىرى زاۋۇتلاردىن ئەرزان باھادا ياستىپ دىيارىمىزدا باھا چاپلاپ ئېلىپ كېلنگەن بۇ مەھسۇلاتلارغا نېمە دەي، تېخى ۋاكالەتچى ھەققى ئۈچۈن پالانچى پۇل تاپشۇرۇش كېرەكمىش، خەق سېنىڭ مېلىڭىنى سېتىپ بەرسە يەنە ئۇنىڭدىن ۋاكالەت ھەققى ئالساڭ ئېشىپ قالغان مالنى يا قايتۇرۇپ ئالالمىساڭ بۇ قانداق ئوقەت؟سەن پايدا بەرمەي ھەممنى ئۆزەڭ ئالساڭ قاملىشامدۇ؟ئازىراق بولسمۇ ئىنساپ بولسۇن!
تور بەتلەردە بولۇپمۇ ئىگلىك تىكلەش ھەققىدە جانغا ئەزقاتقۇدەك بىرەر تور بەت يوق ئىكەن. خەنزۇچە تور بەتلەرگە كىرىسەم ئائىلىدە ئىگلىك تىكلەش ئۇسسۇللىرى زاۋۇت قۇرۇشقا كېتىدىغان ئۇسكۈنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسسۇلىغا قەدەر يېزىپتۇ.
بۇلارنى كۆرۇپ باشقىلارنىڭ يالغۇز ئىستمالچى ساتقۇچى ئەمەس ئىشلەپچىقىرىشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. جۇڭگۇنىڭ نېمشقا دۇنيانىڭ زاۋۇتى دېگەن نامى بارلىقنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇلار بىر نەرسىنى ئىشلەشكە،توختماستىن ياساشقا ئادەتلەنگەن.
بىز ئېلپ ساتارلارنىڭ ئەۋلادىمۇ ياكى بىزدە قەدىمدىن بىرەر نەرسە ئىشلەپچىقىرلمىغانمۇ دېسەك ئۇنداقمۇ ئەمەس. ئەجدادلار ياراتقان ماددى بۇيۇملارنى كۆرۇپ جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى ئادەملەرمۇ كارامەت دېيشىدۇ.لىكىن ھازىر ئىشلەپچىرىۋاتقان نەرسىلەرنى مەلۇم شىركەتلەرلا قىلىدۇ، تالغان يەپ ئولتۇرغان كۆپچلىك تىلۋوزۇرغا قاراپ ،،پاھ بىزنىڭ شىركەتلەر دەپ ماختنىپ تۇرىدۇ يۇ "ھە ما تېجارەتنى مەنمۇ قىلىپ باقاي، دەسلەپ ئۆيدە كىچكىرەك بىر زاۋۇت قۇراي،"،دەيدىغان ئەقىل يوقتە زادى، بىزدە تارىختىن بېرى دەللالىچىلىقمۇ مەلۇم ساھەدە تەرەققى قىلغان. شۇڭا ئۇنىڭ دۇپپىسنى بۇنىڭغا كىيدۇرۇپ ئارىدىن پايدا ئېلىشقا بىز بەك ئۇستا. قازاق قېرىنداشلار بىزنى "سارتلار"دەيدۇ بۇ سودىگەر دېگەن گەپ،قازاقچە ئاھاڭ بويىچە سودىگەر،ساتقۇچى،،دېگەن مەنلىلەردىن يەنە بىر نۇقتىدىن ھەرگىزمۇ ئىشلەپچىقارغۇچى ئەمەس دېگەن مەنا چىقىپ تۇرىدۇ. تەپەككۇرىمىزمۇ شۇندانىڭغا بەك ئادەتلەنگەن . قول چاپلاپ ئىككى ئارىدا دەللالىق قىلىپ كېلىشتۇرۇگۇچىلەرنى ھازىرقى زاماندا يوق دېگلى بولمايدۇ. ئۇنداقلارنى چىگرا رايون مىھمانخانىسدا كۆرۇش مۇمكىن. روسچە بىلدىغان بالىلار ئارىدىن خېلى پايدا ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇنداق قىلالمىغانلار خەقنىڭ مېلىنى ۋاكالەتچى بولۇپ ساتىدۇ. مەن ئورفىلەم،ئەنلى،يەنە ھەرخىل گىرىم بۇيۇملىرى ۋە ساغلاملق بۇيۇملىرىنىڭ سادىق ساتقۇچىسى بولۇپ ئەل ئارىىسدا تارقاتقۇچى بولۇپ پۇل تېپىۋاتقان قىز ئوغۇللىرىمىزنى دائىم كۆپلەپ ئۇچرتىمەن.ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلارنى سىزگە ماختاپ چۈشەندۇرگەندىكى ھالىتى،قىزغىنلىقىدىن ئۇلارنىڭ تېپىۋاتقنى ھالال ئەمگەك بولسمۇ لىكىن خەقنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلنىپ،يالغاننى ئاز تولا ئارلاشتۇرۇپ بىلجىرلاشنى شۇنچىلا تىز ئۆزلەشتۇرگەنلىكىگە ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم. قايسى بىر توردا "زاۋۇتى يوق مىللەت قانداق كۈنگە قالىدۇ؟"دېگەن ئىكەن. مەن قىسقلا جاۋاب بېرىپ باقاي: زاۋۇتى يوق مىللەت خەقنىڭ قوغدىغۇچىسى، تەشۋقاتچىسىغا، بەكىرەك قاتتىق گەپ بىلەن ئېيتساق سودا ساھەسدىكى غالچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
چۈنكى ئۈنىڭ تىلى ،ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ئوي خىيالى قولىدىكى خەقنىڭ مېلىنى سېتىپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.
ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە مال ساتقۇچىلرىمىزنى قىلۋاتقان تېجارىتىنى ئەيىپلمەكچى ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزنىڭمۇ ئىشلەپچىقارغۇچى،زاۋۇت قۇرغۇچى،ئاندىن ئۆز مەھسۇلاتلىرنىڭ تەشۋىقاتچىسى ساتقۇچسى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەسكەرتىشتىن ئىبارەت. ئۆزەمنىڭ قانداق قىلىشنى كېينچە سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي!
2011.11.30 كۈنى بىكارچىلقتا يېزلدى.