ئەي كوچا 
ئاتىلاردىن قالغان
ئەسلىمىلەر قانغا بويالغان 
ئاي مۆككەن كوچا .
تاڭ سەھەرنى باشلاپ كەلگەن 
قىزلىرىڭ گۈلگە ئوخشايدۇ ،
شەھەردىكى قۇرغاق دەريادا 
يىگىتلىرىڭ جىمجىت ئاقىدۇ ...
قەلبىمىزدىكى ئازغۇن دوقمۇشتا
ۋاقىت سېنى ئۇنتۇپ كېتەرمۇ ؟!
مەشرەپباي كوچىسى 
تالاي مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزگەن
تالاي قەھرىمانلارنى ئۆستۈرگەن كوچا .
بىز ئەسلىمىزدىن يىراقلاپ كەتتۇق 
بىز قاراڭغۇدا تاشقا ئايلاندۇق ،
قەرىزدار بىز چوقۇم سېنىڭ ئالدىڭدا .
يۈرەكنىڭ قېتىدىن چىقتى مەرسىيە 
شامالغا ئايلانغان بۇلبۇل نالىسى ،
دىلىمغا سانجىلار ئاچچىق بىر سۈكۈت 
ئەي كوچا مۇڭلىنىپ ئەسلەيمەن سېنى !
مەشرەپباي كوچىسى 
تاپالمىدىم بۈگۈن مەن سېنى !
مەنبە:ئىجادىيەت