查看完整版本: [-- مەشرەپباي كوچىسى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> مەشرەپباي كوچىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uygar 2011-11-28 23:48


ئەي كوچا
ئاتىلاردىن قالغان
ئەسلىمىلەر قانغا بويالغان
ئاي مۆككەن كوچا .

تاڭ سەھەرنى باشلاپ كەلگەن
قىزلىرىڭ گۈلگە ئوخشايدۇ ،
شەھەردىكى قۇرغاق دەريادا
يىگىتلىرىڭ جىمجىت ئاقىدۇ ...
قەلبىمىزدىكى ئازغۇن دوقمۇشتا
ۋاقىت سېنى ئۇنتۇپ كېتەرمۇ ؟!

مەشرەپباي كوچىسى
تالاي مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزگەن
تالاي قەھرىمانلارنى ئۆستۈرگەن كوچا .
بىز ئەسلىمىزدىن يىراقلاپ كەتتۇق
بىز قاراڭغۇدا تاشقا ئايلاندۇق ،
قەرىزدار بىز چوقۇم سېنىڭ ئالدىڭدا .

يۈرەكنىڭ قېتىدىن چىقتى مەرسىيە
شامالغا ئايلانغان بۇلبۇل نالىسى ،
دىلىمغا سانجىلار ئاچچىق بىر سۈكۈت
ئەي كوچا مۇڭلىنىپ ئەسلەيمەن سېنى !

مەشرەپباي كوچىسى
تاپالمىدىم بۈگۈن مەن سېنى !

مەنبە:ئىجادىيەت

kaska 2011-11-29 01:09
راسلا تاپالىمىغنڭز  توغرا ھاىزىر بۇ يەرنى <جاڭىسۇيولى> دەيدۇ،

urumqi 2011-11-29 01:20
نەدىكى كوچا بۇ ؟ ئەسلى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى بىر كوچىنىڭ نامىدەكلا قىلىدۇ ئىنكاسقا قارىسام .

bughra68 2011-11-29 03:32
بىرسىنى بىر نىمە دەپ بىرسىنى يەنە بر نىمە دەپ ............

sayram888 2011-11-29 07:13
مويسىپتلارنىڭ ،ئالىم،ئەدىپ ،سەنئەتچى،قىززىقچىلارنىڭ ماكانى بولغان غۇلجا شەھىرى مەشەرەپباي كوچىسى تەرەققىياتنىڭ شامىلىغا ئەگىشىپ ھازىرقى جىياڭسۇ يولىنىڭ ياسىلىشى بىلەن .................
ھازىرقى چوڭ يولنىڭ ئىسمى جىياڭسۇ يولى يەنى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ، تارانچىلارنىڭ ماكانى بولغان ئۈچ دەرۋاز مەھەللىسىنى ئىككىگە بۆلگەن يول ......

diyar156099019@ 2011-11-29 10:43
شۇندلك

asanat 2011-11-29 11:30
بۇ غۇلجدىكى بىر كۇچنىڭ نامى ئەسلى ئۇرنى ئۇچ دەرۋازا 8-كۇچدا بۇلۇپ بۇ كۇچا تارختىن بۇيان مەشرەپباي كۇچا دەپ ئاتلاتتى .يىقندا ئىچكىر ئۇلكىلەرنىڭ ياردەم بىرشى بىلەن بۇ كۇچدىكى ئاھالىلەرنى سىرتقا كۇچۇرۇپ يۇلنى ئازراقلا كىڭەيتىپ جاڭسۇ يۇلى دەپ نامنى قۇيۇپ بەردى.دەرتلىرىمنى سۇرىما مەندىن دىگەن ناخشنى ئەجەپ ئىتقىم كەلدى.

almiliq 2011-11-29 15:42
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىڭىزمۇ؟ قەلمىڭىزنىڭ ئىزلىرى زىيادە بولسۇن!  

!adiyat 2011-11-29 16:09
بۇ  مىنىڭ  مەھەللەم  .. بىز  مەشرابباي  دەيمىز..  ئەگەر  ئۆزگەرتكەن بولساق ئاتۇش  يولى
  دىگەن  بولاتتۇق .چۈنلى  بۇ  مەلىدىكىلەرنىڭ  كۆپ  قىسمىنىڭ  تىگى  ئاتۇشلۇق.  تۆت -بەش  ئىشلەمچىنى  دەپ  جىياڭسۇ  يولى  دىگىلى بولمايدۇ.  بەلكىم  ئىچكىردىن  چىققان  ئىشلەمچىلەرنى  تاپالماي  قالمىسۇن  دەپ  شۇنداق 
 ئاتاۋاتقان  ئوخشايدۇ .. قانداقلا  بولمىسۇن  بۇ يۇرتتا  ئىشلار  ھامىنى  بىزنىڭ  ئىلكىمىزدە...بۇلارمۇ  بىلىدۇ  بۇنى  ..بىزمۇ  تىرىك  جان  ئەمەسمۇ..

zero903 2011-11-29 17:11
مەھەلىنىڭ ئىسمىنى باشقىلار قۇيۇپ قۇيغان پېتى ئاتاۋاتىمىز.............ھەيييييييييييييييييييييييييييي

zero903 2011-11-29 17:50
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى zero903 نىڭ 2011-11-29 17:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مەھەلىنىڭ ئىسمىنى باشقىلار قۇيۇپ قۇيغان پېتى ئاتاۋاتىمىز.............ھەيييييييييييييييييييييييييييي

مەن  مۇنداق دېمىگەن

uygar 2011-11-29 19:12
     بۇ كوچىنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغان ياش بالىلار بەك ئاز ...مەن ئىلگىرى بىر كىشىنىڭ ئاپتوبۇستا نەدە چۈشۈپ قالىسىز دېگەن بىلەتچىگە<< مەشرەپباي كوچىسىدا چۈشىمەن >>دېسە بىلەتچى قەيەر ئۇ دەپ ئۇ كىشى بىلەن تالىشىپ  ئاخىرى <<جاڭسۇ يولى دېمەمسىز! >>دەپ تۈزىتىش بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ بۇ شېئىرنى يازغان ئىدىم .

!adiyat 2011-11-30 14:53
شۇڭا مەن كۆپچىلىككە  دىمەكچى:  مەيلى  سىز  دىندار  بولۇڭ ،ياكى  زىيالى بولۇڭ،دۇنيا مۇرەككەپ..
ئەتراپ ھەر خىل ئۇسلۇبى  بار  ئوۋچىلار  بىلەن  تولوپ  كەتكەن.. قەۋمىمىز بەك ساددا.
شۇڭا  كىمنىڭ  دىپىنى  چىلىپ  كىم  ئۈچۈن خىزمەت  قىلىپ كىمنىڭ يۈرىگىگە خەنجەر  ئۇرۋاتىسىز؟
بەك ئاددىسى - ھەر ئىشنىڭ ئۆز زامانى ئۆز ماكانى  بولىدۇ..  ھازىرقى دەۋىر  بىز ئۈچۈن ئۇيغۇرنى ۋە  ئۇيغۇرمەنپەئەتىنى تەكىتلەيدىغان  دەۋىر..   بەك كەڭ قوساقلىق  ۋە ھەدىسە پەتىۋا چىقىرىپ مىللەتنىڭ روھىنى  يەرگە ئۇرۇشلار-پەقەت  قوقونچاقلىقتىن ۋە  ئاسىيلىقتىن  باشقا  نەرسە  ئەمەس..

رەسسام 2011-12-01 14:25
دۇڭ مەھەللە .ئالتە شۇئار مەھەللە ،تۇرەم مەھەللە ،قارادۇڭ مەھەللىسى،توت دۇكان،ئوچ دۇكان،ئايدۇڭ،سۇ دەرۋازا ،ئۇچدەرۋازا،،بايكۇل،ئىشەكچى مەھەللە،ناغىرچى مەھەللىسى ،،،،غۇلجىدىكى مەھەللىلەر تەرەقىيات شامىلى ئالدىدا نامى يۇقۇلوپ كىتىشى مۇمكىنمىدۇ؟

ئۈرۈمچى 2011-12-04 18:45
پۇشايمان مەھەللە.. شەرىق مەھەللىسى


查看完整版本: [-- مەشرەپباي كوچىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060508 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us