بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!
تۈركىيەنىڭ قىسىملىق فىلىملىرىنىڭ 80% ى ھەقىقەتەن مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىغا ماس كەلمەيدۇ دېسەك ھەرگىز ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بۇ يالغۇز مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس،بەلكى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئۈلىما ئۇستازلار، تەقۋا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئاغزىدىكى گەپ. ھەتتا مېنىڭ يولدىشىم ئىشلەيدىغان ئىدارىدىكى تۈركلەر ئىچىدە «تېلېۋىزور بار ئۆيدىن تېلېۋىزور يوق ئۆيگە كۆچۈش كىچىك ھىجرەت ھېسابلىنىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەنلەرمۇ بار. بۇ دېگەنلىك دىنىي ئېتىقادىمىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىسۇن دېسەك تېلېۋىزوردىن يىراق تۇرايلى دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. (چۈنكى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىن ئۈچۈن مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. تۈركىيەدىكى بەزى ئۈلىمالار خەلقىنى مۇشۇ ناچار فىلىملەرنىڭ زەھەرلىشىدىن توسۇش ئۈچۈن «كىچىك ھىجرەت» دېگەندەك سۈپەتلەشلەرنى قوللانغان بولۇشى مۇمكىن)
ئۆتكەن يىلى تۈركىيە دىيانەتنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى ئۈرۈمچى، قەشقەرگە بېرىپ قايتىپ كەلگەندە دېيىشكەن گەپلىرىنى ئاڭلىدۇق. بۇلار تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ ئۇيغۇر بازارلىرىدا كۆپلەپ سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قاپتۇ. ياخشى فىلىملەر كىرسىغۇ خوش بولغۇلۇق، ئەمما ناچار فىلىملەر (مەسىلەن: ئاشقى مەمنۇ، ئەزەل...قاتارلىقلار)نىڭ كىرىپ مەدىنىيەت بازارلىرىنى مەينەتلەشتۈرۈشى بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش دېگەندەك گەپ-سۆزلەر چىققانمىش.
ئاتاتۈرك ئەمەل تۇتقان زاماندا يەھۇدىيلارغا ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى بەك كۆپ بېرىپتىكەن. مۇشۇ سەۋەپتىن تۈركىيدە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلانغان يەھۇدىيلار كېيىنچە كاتتا بايلارغا ئايلىنىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى (مېدىيا)نى كونترول قىلىدىغان ھالەتكە ئۆتۈپتىكەن. ئاخبارات ۋاستىلىرى دېگەندە نوقۇل گېزىت ژورنال، خەۋەر دېگەننىلا كۆزدە تۇتساق خاتالىشىمىز. بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار كونترولللۇقىدىكى مېدىيا مۇشۇنداق مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىنى زەھەرلەيدىغان ناچار فىلىملەرنى ئىشلەپ بازارغا سالىدۇ. مەقسىتى، مۇسۇلماننىڭ كاللىسىنى يۇيۇش، ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇش.
90-يىللاردىن كېيىن ئويغىنىۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىنىڭ ئىسلامىي ئاخبارات ۋاستىلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ كۈچ چىقىرىشقا باشلىدى. بەك ئىسل رادىئو پروگراممىلىرى بار. يامان ئەمەس تېلېۋىزىيە فىلىملىرىمۇ ئاستا-ئاستا ئىشلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: «شەفقەت تەپە Şefkat Tepe» دەيدىغان بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلمى بار. بۇنىڭدا ئىمان ئېتىقادلىق ئەسكەرلەر بىلەن پ كاكا تېرورچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بايان قىلىنغان. (
http://esenlerdizi.com/kategori/yerli-diziler/Sefkat-Tepe)
يەنە «يامغۇردىن كېيىن yağmurdan sonra» ناملىق 38 قىسىملىق بىر تېلېىۋىزىيە فىلىمى بار. بۇنىڭدا ئىسلام دۈشمىنى بىر ئازغۇن تەرىقەتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھېيلە-مىكىر، زىيانكەشلىكىلىرى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوغلى، قىزى مۇسۇلمان بولۇپ قالسىمۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن قىلچە يانمايدىغان ۋەھشىيلىكى بايان قىلىنغان. مۇسۇلماننىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر فىلىم
(
http://www.kure.tv/dizi/575-yagmurdan-sonra/yagmurdan-sonra-1-bolum/1-Bolum/34084/).
بىزنىڭ ئۆيدە تېلېۋىزور يوق. بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن ئائىلىلەردە تېلېۋىزور يوق. چۈنكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ كۆرمەيمىز. ھەمدە كۆڭلىمىزنى قاتتىقلاشتۇرىۋېتىدۇ، نامازدا خۇشۇنى يۇق قىلىدۇ، قەلبىمىزدە مىكروپ پەيدا قىلىدۇ دەپ فىلىملەردىن يىراق تۇرىمىز. ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەدە «كۇرتلار ۋادىسى»نىڭ داڭقى چىققاندىن كېيىن يولدىشىم بۇ فىلىمنى توردىن كۆرۈشكە باشلىدى. بۇ فىلىمنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق تېما قىلىنغانلىقى ھەم سىياسىي ۋەزىيەتنى ئەينەن يۇرۇتۇپ بەرگەنلىكى، ئەمما، بۇ يەردە پۇلاتنىڭ ئانىسىنىڭ ياغلىق ئارتماسلىقى، مەماتىينىڭ بالىسىنىڭ نىكاھىسىز توغۇلۇشى قاتارلىقلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. بۇ يەردە مەن ئايالى بېشىنى ئوچۇق قويىدىغاىن ھېچبىر ئىمامنى كۆرۈپ باقمىدىم. تۈركىيەدە ئەخلاقلىق، تەقۋا مۇسۇلمانلار يەنىلا كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ فىلىملىرى كۆپ ئەمەس.
كۆڭلىنى پاكىزە تۇتۇشنى ئارزۇ قىلغان كىشىنىڭ ئىسلامىي ئەخلاققا يات فىلىملەرنى كۆرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.